ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
جۇڭگولۇقلاردا كەم بولىۋاتقىنى قانۇن ئەمەس، ئەخلاق


جۇڭگولۇقلاردا كەم بولىۋاتقىنى قانۇن ئەمەس، ئەخلاق


 

جۇڭگودىكى نۇرغۇن مەسىلىگە قارىتا كۆپلىگەن تەھلىلچى ھە دېسىلا گۇناھنى قانۇنچىلىققا ئارتىپ، ھەر قانداق ئىجتىمائىي مەسىلىنى تۈگىتىمىز دەيدىكەنمىز تۇزۇملىرىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتمەي بولمايدۇ، دەپلا قارايدۇ. خۇددى تۈزۈم ھەممىگە قادىردەك؛ تۈزۈم مۇكەممەللەشتۈرۈلسىلا جوڭگۇدا ((ئىناق جەمئىيەت)) ئۆزلىكىدىن پەيدا بولۇپ قالىدىغاندەك.
ئالايلۇق، قاتناش قائىدىسىنى بۇزغان ماشىنىلارنى كۈزىتىش ئۈچۈن يوللارغا خۇپىيانە سۈرەتكە ئېلىۋالىدىغان تېلكامىرا ئورنىتىپ باقتۇق. لېكىن قاتناش قائىدىسىنى بۇزىدىغانلارنى تۈگىتەلىدىقمۇ؟ نەدىكىنى، شوپۇرلار ماشىنىسىنى تېلكامىرا بار يەرگە كەلگەندە ياۋاش - يۇمشاقلىق بىلەن ئاستا ھەيدەپ، ئۇ يەردىن ئۆتىۋالغاندىن كېيىنلا ئۆزى بىلگەننى قىلىۋاتىدۇ. بۇنى دەپ ماڭدامدا بىر تېلېكامىرا ئورناتقۇلۇقمۇ ئەمدى؟
بىزدە كان بىخەتەرلىكىگە ئائىت قائىدە - نىزام يوقمۇ؟ نەدىكىنى؟ تازا بار. لېكىن شۇنچە مۇكەممەل قائىدە قانۇن - نىزاملار تۇرۇقلۇق يەنە نىمىشقا كان ئاپەتلىرى بارغانچە ئەدەپ كېتىدۇ؟ ھەتتا كان بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىدىغان تارماقلارمۇ سېتىلىپ كېتىۋاتسا. ئۇنداقتا، نازارەتچىلەرنىڭ ئۈستىگە يەنە نازارەتچىلەرنى قويۇپ باقسىچۇ؟ لېكىن شۇ نازارەتچىلەرنىڭ نازارەتچىلىرىمۇ سېتىلىپ كەتسە قانداق قىلغۇلۇق؟
نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىر گىرمانىيىلىك مۇھىت ئاسراش مۇتەخەسىسى بىلەن جۇڭگونىڭ مۇھىت مەسىلىسى ھەققىدە مۇڭدىشىپ قالدىم.
جۇڭگودا مۇھىت ياخشى قوغدالغان بولۇشى كېرەك، - دېدى ئۇ مۇتەخەسسىس، -چۈنكى دۆلىتىڭلاردا مۇھىت ئاسراشقا ئائىت قانۇن - نىزاملار بەكمۇ كۆپ ئىكەن.
قارىغاندا ئۇ، جۇڭگوغا ئۆز دۆلىتىنىڭ تەجىربىسى ئاساسىدا باھا بەرگەنىدى. مۇھىمى، گىرمانىيە پۇقرالىرى قانۇنغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاڭلىق رىئايە قىلارمىش. لېكىن ئېلىمىز جۇڭگونىڭ بۇ جەھەتتە باشقىچە بىر دۇنيا ئىكەنلىكىنى ئۇ گىرمان نەدىن بىلسۇن؟
جۇڭگودا ((قانۇن - نىزاملار كۆپەيگەنسىرى، ئوغرى - قاراقچىلارمۇ ئاۋۇپ بارىدۇ)) دەيدىغان گەپ بار. كىشىلەرنىڭ ئېڭىدىكى ئەخلاق مىزانى بۇزۇلغانىكەن، ئۇ چاغدا ئادەملەر قانۇندىن ھېيىقمايدىغان، جېنىنىڭ بارىچە قانۇندىن يوچۇق ئىزدەيدىغان بوپكېتىدۇ. قىسقىسى، ئەمىر - پەرمان قانچە چىڭىغانچە، ئۇنىڭغا بويۇنتاۋلىق قىلىدىغانلارمۇ شۇنچە كۆپىيىدۇ. بىر جەمئىيەتتە ئالا كۆڭۈللەر ئاشۇنداق كۈندىن -كۈنگە كۆپەيگىلى تۇرسا، ئاخىرقى ھېسابتا قانۇننىڭ نېمىگە كۈچى يەتسۇن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە قانۇن ئىجراچىللىرى قانۇننى ئاياغ ئاستى قىلىۋاتقان ئەلدە، قانۇننىڭ يەنە قانچىلىك رولى بولماقچى ئىدى؟
ھازىرقى نۇرغۇن ئوبزور - ماقالىدە قانۇن - تۇزۈمگە چوقۇنۇش ئېغىر بولىۋاتىدۇ. ئەجەبا، قانۇن - تۇزۇمنىڭ زادى قانچىلىك كارغا كېلىدىغانلىقى ھەققىدە كاللا قاتۇرۇپ باقساق يامان بولارمۇ؟
قانۇن ئەخلاقنىڭ شەكلىگە كىرگەن ئىپادىسىدۇر. شۇنى بىلىشىمىز لازىمكى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ دەسلىپىدە قانۇن يوق ئىدى. ئىنسانلار خۇدىنى بىلمەيۋاتقانلارنى تىزگىنلەش مەقسىتىدە بارا - بارا قانۇننى ياراتقان.
قانۇن ھەممىگە قادىر ئەمەس. ھەر قانداق قانۇندا ئۆزىگە چۇشلۇق يوچۇق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزدەك ((ئاقىل))جۇڭگولۇقلار يوچۇق تاپالمىغۇدەك قانۇن نەدە تۇرۇپتۇ دەيسىز چۈنكى بىز خەقنىڭ ((سېنىڭ سىياسىتىڭ بولسا، مېنىڭ تەدبرىم بار)) دەيدىغان ((جۇڭگوچە)) بويۇنتاۋلىقىمىز ئادەتلەشكەن. بۇ ھەم ئۆزىمىزدىكى ((قانۇن - تۈزۈمگە چوقۇنۇش)) قا قىلىنغان ئەڭ كۈچلۈك مەسخىرىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە قانۇننى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىجرا قىلىش ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ. مىسالەن، كۆرگەنلا يەرگە تۈكۈرىدىغالارنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئىلگىرى بېيجىڭنىڭ رەستە - رەستىللىرىگە كۆزىتىش ئەسۋابى ئورناتقانىدۇق. لېكىن كييىن ئۇنىڭ خىراجىتىگە چىقىش قىلىپ بولالماي توختىتىپ قويدۇق.
بىزنىڭ قانۇنغا چوقۇنىشىمىز غەرىبنىڭ تەسىرىدىن بولۇپمۇ، غەرىبنى بەكمۇ يۈزەكى چۈشەنگەنلىكىمىزدىن كەلگەن. ياۋرۇپا، ئامرىكا ئەللىرىدىكى قانۇن - تۈزۈملەرنىڭ شاراپىتىدىن، دەپ قاراشقىمۇ بولمايدۇ. دۇرۇس، قانۇن ئۇ، چەكلەش كۈچىگە ئىگە. لېكىن پەقەت قانۇنغا تايىنىپلا تەرتىپلىك جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىمەن دېيىش، بىر خام خىيال، خالاس.
ياۋرۇپا - ئامېرىكا ئەللىرىنىڭ ئېسىل جەمئىيەت تەرتىپى ۋە كاپىتالىزىمچە مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئۆزگىچە بىر ئۇل ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. ئۇ بولسىمۇ - خىرستىئان دىنى ئەخلاقىدۇر. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ قانۇنچىلىق مەدەنىيىتى دەل ئاشۇ ئۇل ئاساسىغا قۇرۇلغان. شۇڭا ئۇلاردىكى ئابروي - ئىناۋەت، مېھىر مۇھەبببەت ۋە پەرۋەردىگارغا بولغان ساداقەت ئىجدىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى قاتلىمىغىچە سىڭىپ كەتكەن. قىسقىسى، ئۇ ئەللەر، پۇقرالىرىنىڭ خىزمەتكە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى ۋە كارىخانىلارنىڭ لەۋزى ھالاللىقى، دەل ئۇلاردىكى پەرۋەردىگارغا بولغان ساداقەتنىڭ تۈرىتكىسىدە بارلىققا كەلگەن. ياۋروپا - ئامېرىكا ئەللىرىدە پەرۋەردىگارغا بولغان ئېتىقاد گەرچە ئىلگىركىدەك بەك كۈچلۈك بولمىسىمۇ، لېكىن نېمىلا دېگەن بىلەن خىرىستىئان دىنى ئەخلاق مەدىنىيتى ئۇلارغا نەچچە ئەسىر مابەينىدە ئاجايىپ كۈچلۈك تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ، پۈتكۈل جەمىئەتنىڭ تومۇر- تومۇرلىرىغىچە چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن.
بىز جوڭگۇلۇقلار تەڭرىنى تونۇمايمىز. چۈنكى بىز خاس پارلاق مەدىنىيىتى بار خەلق. چۈنكى بىزنىڭ ئاشۇ تەۋەررۈك مەدىنىيتىمىزدە قائىدە يوسۇن، ئابروي -ئىناۋەت ۋە ئەدەپ - ئەخلاق دېگەنلەر قەدىرلىنەتتى. لېكىن، "-ماي" دىن كېيىنكى كۇڭزىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرى سەۋەبلىك، ئاشۇ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنى خۇددى ئەخلەت تۆككەندەك تاشلىۋەتتۇق .بىر مىللەت ئۆزىنىڭ روھى تۈۋرىكى بولمىش مەدىنىيەت ئۇلىدىن ئايرىلىپ قالسا، ئۇ ئەلدىكى ئىجدىمائىي قۇسۇرلارنى پەقەت قانۇن ۋاستىسىگە تايىنىپلا تۈزەيمەن دېيىش مۈمكىن ئەمەس.
لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ قانۇن تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق دېگەنلىك ئەمەس. چۈنكى، مۇكەممەل قانۇن تۈزۈم جەمىئەت تەرتىپىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق. شۇغىنىسى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشى قانۇننىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى قوغداشتىن ئىبارەت ئەخلاق مىزانىغا سەل قارايدىغان ئەلدە قانۇنغا تايىنىش بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ. لېكىن بۇ دەۋاتقىنىمىز - ھەرگىزمۇ " ئادەم ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىلەن قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ھەققىدىكى بەس مۇنازىرە " كاتىگورىيىسىگە ياتىدىغان گەپلەردىن ئەمەس.
شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، بىزدە ھازىر ئومۇميۈزلۈك ساپا تۆۋەن، ئەخلاق پەزىلەت كەمچىل بولىۋاتىدۇ. كۇڭزى" مۇھاكىمە ۋە بايان" دا مۇنداق دەيدۇ: مەدىنىيىلىكنى تەرك ئەتكەن ئادەم بەدەۋيىلىشىپ كېتىدۇ؛ لېكىن زىيادە مەدەنىيلىىشپ كەتكەن ئادەممۇ بارا - بارا ئۆزىدىكى تەبىئيلىكنى يوقىتىپ ساختىلىشىپ كېتىدۇ.
ھازىرقى جۇڭگودا بەدەۋيىلىك مەدەنىيلىكنى بېسىپ كەتتى. دۇرۇس، بىز قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا مۇھتاج. ئەمما ئاۋامنىڭ ئەخلاقىي ساپاسى تۆۋەنلەپ كەتكەن، شۇنداقلا، قانۇننىڭ ھۆرمەت - ئىناۋىتىنى قىلىدىغانلار ئازىيىپ كەتكەن ئەلدە قانۇن - تۈزۈم ئېقى قەغەز، قارىسى سىياھ - قۇرۇق شەكىلگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
قانۇن - تۈزۈمنى تەشەببۇس قىلىش، قانداقتۇر ئۇنى ئۆلۈك ھالدا ئېزىپ ئىچۈرۈشتىن، ئۇ ھەقتە قۇرۇق سەپسەتە سېتىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. دېمەك قانۇن - تۈزۈمنى تەشەببۇس قىلىش بىرگەپ، ئۈنۈملۈك تەشەببۇس قىلىش باشقا گەپ. چۈنكى قانۇن ھەققىدىكى تەشەببۇسنى ئالدى بىلەن سەرخىل مەدەنىيەت ئارقىلىق تويۇندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
مۇنەۋۋەر مەدەنىيەتتىن ئىبارەت مەنىۋى بۇلاقتىن ئايرىلىپ قالغاندا گۈللىنىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. شۇڭا، مىللىي روھىمىزنى قايتا ئۇرغۇتۇشتا ئالدى بىلەن مىللىي مەدەنىيەتتىن ئىبارەت قىممەتلىك مەنىۋى تۈۋرۈككە مۇراجىئەت قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇ، نوقۇل قانۇن - تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە كۈچ چىقارغاندىن باشقا، بېرىلىپ مۇنازىرلىشىشكە ۋە چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان مۇھىم مەسلىدۇر.


 

مەنبە: شىنجاڭ مەدەنىيتى
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203