ئۇيغۇر قىزلىرىمىزغا سۇئال
بۈگۈن كىيىم - كېچەك مەدەنىيتى توغرىسىدا ھەم ئىسلام كىيىملىرى توغرىسىدا بىر ئەسەرنى كۆرۈپ قالدىم . ھەم بەزى خىياللارغا كىلىپ قالدىم . شۇنداقلا كاللامدا بىر قانچە سوئاللار پەيدا بولدى.
بۇرۇن قىز ئاياللىرىمىزنىڭ كىيىم- كېچىكى بولسا كەڭرى - ئازادە ، كىشىگە يېقىملىق تۇيغۇ بېرىدىغان كىيىم - كېچەكلەر ئىدى . قىزلىرىمىز ئۇزۇن چاچ قوياتتى . چاچلېرىنى شۇنداق چىرايلىق ئۆرىۋالاتتى ، دوپپىلارنى كىيىشەتتى. ئاندا - ساندا ئەتلەس كۆينەكلىرىنى كىيىپ خۇددى توزدەكلا بولۇپ كېتەتتى ، ئۆزلىرىنى شۇنداق يارىشىملىق جابدۇيتتى . ئۇلارغا قاراپ ئادەمنىڭ كۆڭلى كۆتۈرلۈپ قالاتتى . كىشلەر ، بۇلۇپمۇ ئەرلىرىمىز قىز-ئاياللىرىمىزغا ھۆرمەت نەزىرى بىلەن ، دوسلۇق نەزىرى بىلەن ، قېرىنداشلىق نەزىرى بىلەن قارايتتى . قىلچىمۇ يامان نىياتتە بولمايتتى . بۇزۇقچىلىق ، يامان نىيەت ئىنتايىن ئاز ئىدى . قىز- ئاياللىرىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم كېچەكلىرى ،ئىسلامىيەت يۇسۇنى بىلەن يۇغۇرۇلغان كىيىم كېچەكلەر ئۇنداق يامان نىيەت يامان ئىشلارنى تەبىئىيلا توساتتى . قىز-ئاياللىرىمىز بىلەن ئەرلىرىمىز ئوتتۇرسىدا شەرمى - ھايا ، ئەدەپ - ھۆرمەت با رئىدى . ھازىرچۇ ؟؟؟
غەرپ ئەللىرىگە قاراپ باقايلى:
ئۇلارنىڭ كىيىم - كېچىكى بولسا قىزلار ئاساسەن يالىڭاچ ، ئەرلەر بولسا بويۇنلېرىغىچە كىيىم كىيىدۇ .غەرپ ئەللىرىدە بۇزۇقچىلىق ئەۋجىگە چىققان . چىرايلىق دىسەك ئاتالمىش ھىسسىيات ئەركىنلىكى بار .ئەمىليەتتە بولسا قىز- يىگىتلەر ھايۋاندىن پەرىقلەنمەيدۇ. قىز-ئاياللىرى بولسا ئەمىلىيەتتە خارلىنىپ ئۆتىدۇ .ئەرلەردە قىز- ئاياللارنى قوغداش، ئاسىراش نەزىرىيەدە قەغەز ئۈستىدىلا مەۋجۇت. ئەمىليەتتە بولسا قىز- ئاياللار بىر ئۇيۇنچۇق ، خالىسا ئىزدەيدۇ ، كېرەك بولمىسا ئەسكى بۇيۇمدەك تاشلىۋېتىلىدۇ . كۆپ ساندىكى ئەرلەر بولسا قىزئاياللارغا يامان نىيەتتە قارىغىنى ئېنىق .مەيلى ئۇلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى بولسىمۇ شۇنداق يامان نىيەتتە بولىدۇ. ئاياللىرى سىرتتا نىمە ئىشلارنى قىلىشىدىن چاتىقى يوق . ئۆزلېرى كىمنى ياقتۇرسا ھايۋاندەك مۇناسىۋەتتە بولىدۇ . ئەرلەر قىز- ئاياللىرىنىڭ يېرىم يالىڭاچ كىيىنىشىنى سەنئەت بىلىدۇ ھەم ئۆزلىرىنى خوش قىلىدۇ . ئەمىليەتتە بۇ قىز- ئاياللار ئۈچۈن نىمە دىگەن خورلۇق ئىش ھە؟؟؟ مۇشۇ سەۋەپلىك ھازىر ئەرلەر ئاياللاردىن زېرىكىپ ، ئاياللار ئەرلەردىن زېرىكىپ ، قىزلار قىزلار بىلەن ، ئوغۇللار ئوغۇللار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىدىغان بولدى . بەزى دۆلەتلەردە ئۇنداقلار توي قىلدى . بۇنداق ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ سەۋەبى نەدە؟؟؟ بەلكى شۇلارنىڭ كىيىم - كېچەك مەدەنىيتى ، كىيىنىشىدە.
ئىسلام ئەللىرىگە قاراپ باقايلى :
تەرەققىي قىلغان ئىسلام ئەللىرىدە قىز - ئاياللار ئەرلەرگە ئوخشاشلا خىزمەت قىلىدۇ . ئەر-ئاياللار ئوتتۇرسىدا تەبئىيلا ياخشى نىيەتلىك ، مىھرى - مۇھەببەت ، ھايا ،ئەدەپ-ئەخلاق ئورنىتىلغان . سەۋەبى قىز- ئاياللىرىنىڭ كىينىشى . قانداق دىسىڭىز ، ئۇلار كەڭرى - ئازادە كىيىملەرنى كىيىدۇ . ئۇلارنىڭ تۈزۈمىدە قىز - ئاياللىرىنىڭ ئۆزلىرىنى پەرەنجە بىلەن يۆگۈۋېلىشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرغان . توي قىلغانلار بولسا چوقۇم شۇنداق قىلىشى كېرەك . توي قىلمىغان قىزلار بولسا ئىسلام كىيىملىرىنى كىيىپ يۈرۈيدۇ . ئۇزۇن كۆڭلەك ، ئىشتان كىيىدۇ ، ياغلىق ئارتىدۇ . ئۇلارنىڭ ھىچبىر ئالاھىدە يەرلىرى ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ قالمايدۇ. مۇشۇ سەۋەپلىك ئەرلىرىدە بولسا تەبئىيلا يامان نىيەت ، شەھۋانى تۇيغۇ بولمايدۇ. قىز- ئاياللىرىنى ھۆرمەتلەيدۇ ، ئۇلارنى قوغدايدۇ . قىز- ئاياللارنىڭ كىيىنىشى توغرىسىدىكى تۈزۈمى بولسا قىز-ئاياللارنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغقاندەك قىلسىمۇ ،ئەمىليەتتە بولسا قىز - ئاياللارغا شۇنداق كىيىم كېچەك ئىچىدە بولسا ئىنتايىن چوڭ ئەركىنلىك بېرىدۇ . ھېچبىر ئەر زاتى يامان نىيەتتە بولمايدۇ . ھەتتا تىكىلىپ قاراشتىنمۇ نۇمۇس قىلىدۇ . ئۇلار شۇ كىيىم - كېچىكى بىلەن شۇنداق ئەركىن يۈرۈيدۇ.
ئەمدى يەنە مىللىتىمىز قىزلېرىنىڭ كىيىم - كېچىكىگە قاراپ باقايلى :
قىزلار ، سىزنىڭ كىيىۋالغىنىڭىز قانداق كىيىم ؟ قايسى ئەللەرنىڭ كىيىم - كېچىكىگە ياتىدۇ . كىيگىنىڭىز چىپپىدە پادىچىلار كىيمى، كاسسىڭىزنى سوپۇندەك چىقىرىپ تازا سەمىرگەن قويدەك ئىغاڭلىتىپ يۈرۈشنى شەرەپ بىلىسىز . بەزىدە بىر غېرىشچە يوپكىلارنى كىيىپ ، چىرايلىق يوتىللىرىڭىزنى كۆز -كۆز قىلغىنىڭىز كۆز- كۆز قىلغان.ئۈستى تەرىپىڭىزگە كىيۋالغىنىڭىزچۇ؟ كۆكرەك قىسمىڭىز يېرىم ئوچۇقلا .مۈرۈڭىزدە بىرتال ئىنچىكە يىپ . نۇمۇس قىلماي كۆڭسىڭىزنى باشقىلارغا نامايەن قىلىشقا ئىنتىلسىز. قىزلىرىمىزغا قانچىلىك چىپ كېلدىغان كىيىم - كېچەك بولسا شۇنچە ياخشى. چۈنكى ئۈزىنى ھەم بەدىنىنى باشقىلارغا ، ئەرلەرگە نامايەن قىلىشقا ئىنتىلدۇ. ھەتتا توي قىلىپ بولغان قىز- ئاياللىرىمىزمۇ شۇنداق .
توي قىلىپ بولغان قىز- ئاياللىرىمىزغا سۇئال :
سىز كىم ئۈچۈن يەنە ئۆزىڭىزنى شۇنداق تۈزەشكە خۇشتار؟؟؟
قىز -ئاياللىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ شۇنداق كىيم كېچەكلەرنى كىيىپ تۇرۇپ يەنە ئەرلەردىن رەنجىيدۇ. قايسى بىر قىز يۇقارقىدەك كىيملەرنى كىيمەيدۇ ، كىيىپ باقمىغان . قىزلىرىمىز ئەرلەرنى ۋاپاسىز ، بۇزۇق ، ئەسكى بولۇپ كەتتى دەپ زارلىندۇ ، بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبى نەدە . قىزلار سىلەر شۇنداقكىيىنىۋالمىغان بولساڭلار ئەرلەر سىلەرگە يەۋىتىدىغاندەك قارىمىغان ، يامان نىيەتتە بولمىغان ، سىلەرگە ئەكسىچە ۋاپا قىلغان بولاتتى . سىلەر ئۆزلىرىمىزنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىنى، ئىسلام كىيىملىرىنى سۈيۈپ تۇرۇپ كىيگەن بولساڭلار ، سىلەرنى ھۆرمەتلىگەن، قىزلىرىمىزنى يولدىن چىقىرىشنىڭ ئورنىغا ئۇلارنى قوغدىغان بولاتتى . قىزلىرىمىز بۇنى چۇقۇم ھېس قىلىشى كېرەك .
قىزلىرىمىزغا سۇئال:
قىزلار سىلەر نىمىنى دەپ ، نىمە ئۈچۈن شۇنداق چاكىنا كىيىملەرنى، ئۆزىڭىزنى، ئۆز بەدىنىڭىزنى بازارغا سېلىش ، ئۆز بەدىنىڭىزنى قانچە بەك نامايان قىلدىغانكىيىملەرنى كىيىپ يۈرۈيسىز .نىمە مەقسەتتە؟
ئاللاھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىمان ، ئىنساپ، دىيانەت ئاتا قىلسۇن.
مەنبە : شىنجاڭ ياشلار گېزىتى
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |