قىزلارغا ئىپپەت مۇھىممۇ ياكى دىپلوممۇ؟
ئادەم كىشىلىك تۇرمۇشتا خىلمۇ -خىل ئازاپ ئوقۇبەت ، مۇشكىلاتلارغا ،جاپا -مۇشەققەتلەرگە، مەقسەتلىك ئېزىقتۇرۇشلارغا ئۇچراپ تۇيۇق يوللارغا كىرىپ قالىدۇ. پەيلاسوپلار : تۇرمۇشتىكى كۆڭۈلسىزلىك ئاندا -ساندا قايغۇ ھەسرەتنىڭ شېرىك بولىشى چېنىقىش، پىشىپ -يېتىلىش، ھاياتنى چۈشىنىش، مەسىلىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىتىشتە ناھايىتى چوڭ رول ئوينايدۇ. قارماققا ئۇلار بىر ئادەمنىڭ خۇشاللىقىنى بۇزىدىغان ئامىللاردەك تۇيۇلسىمۇ، مەڭگۈلۈك خۇشاللىققا ئېرىشىشتە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ دەپ قارايدۇ. بىر ئادەمنىڭ ھايات سەپىرىدە قىيىن مەسىلىلەرگە يولۇقۇپ تۇرۇشى قانداقتۇر شۇ ئادەمنىڭ بىتەلەيلىكىدىن ئەمەس ، بەلكى چوڭ مەسىلىنى كىچىكلىتىش ،كىچىك مەسىلىنى تۈگىتىش ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك -ئاجىزلىقىنى سىنايدىغان سىناقتىن ئىبارەت . قىزلار ئۇچۇن ئېيتقاندا ئۆزىنىڭ قىزلىق قەدىر قىممىتىنى ، غورورىنى، ئار -نومۇسىغا تاقىلىدىغان مەسىلىلەرگە يولۇققاندا ناھايىتى سوغۇققان بولۇپ ، ئۆزى ئاتا -ئانىسى يۇز كېلەلىگۈدەك بىر تەرەپ قىلىش -قىلالماسلىق شۇ قىزنىڭ قىزلىق ئېڭىغا ، ئىپپەت قارىشىغا باغلىق. خېلى يېقىن ئارىلىشىدىغان بىر قىزدىن ئاڭلىشىمچە ، ئۇنىڭ بىر دوستى توي قىلىپ بىر ئايغا قالمايلا ئاجرىشىپ كەتكەن .ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، دوستى كىچىكىدىن تارتىپ ناھايىتى ياخشى ئۇقۇغان ،ئالى مەكتەپنىمۇ ئەلا ئۇقۇغان .ئۇ قىز تىرىشچان بولۇپ ناھايىتى ئەدەپ -ئەخلاقلىق ئىكەن .ئۇنىڭ كەينىدىن نۇرغۇن يىگىتلەر شاپاشلاپمۇ كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمەي ،مېھرىنى ئۈزۈشكە مەجبۇر بولۇشۇپتۇ. بەزى ياش ئوقۇتقۇچىلارمۇ بۇ قىزغا بەكلا ھەۋەسلىنىدىكەن. ئۇقۇش پۈتتۈرىدىغانغا يېقىن ئۇ قىز ئاغرىپ قاپتۇ، ئۇ ئاغرىق تۇرۇپمۇ ئىمتىھانغا تۇلۇق قاتنىشىپتۇ. ئۇ ئىمتىھاندىن ئىلگىرىكىدەكلا يۇقىرى نومۇر ئالالمىغان بولسىمۇ ، ئوتتۇراھال نومۇرغا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىپ يۈرگەن كۈنلەردە ، دەرس بەرگەن ئوقۇتقۇچى ئىشخانىغا چاقىرتىپ ئۆزى بەرگەن دەرستىن ئۆتەلمىگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. قىز بۇنى ئاڭلاپ ئەزەلدىن ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن ئەمەسمەن ، خېلى ياخشى بەرگەن ،ئەگەر سالامەتلىكىم ياخشى بولغان بولسا ئىمتىھاندىن نومۇردىن چۈشمەيتىم، ماڭا چاقچاق قىلمايۋاتقانسىز دەپتۇ ئوقۇتقۇچىسىدىن. ئوقۇتقۇچىسى مەن سىزنىڭ قانداق ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمەن ، ئەمما سىز بۇ قېتىم سالامەتلىكىڭىز ياخشى بولماي قېلىپ ئۆتەلمىدىڭىز، سىزمۇ بىلىسىز . ھەممە پەندىن لاياقەتلىك بولمىسا دىپلوم بېرىلمەيدۇ دەپتۇ. قىز مەن ئاتا -ئانامغا ،دوستلىرىمغا نىمە دەيمەن دەپ يىغلاپ كېتىپتۇ .مۇئەللىم قىزنىڭ ھالىغا ئېچىنغان قىياپەتتە :مەن بىر ئامال قىلىپ باقاي ،ئەتە سىزگە خەۋىرىنى بېرەي دەپتۇ .قىزچاق ئەتىسى دەككە -دۈككىدە كۈننى ئۆتكۈزۇپ كەچ قىپتۇ .مۇئەللىمنىڭ خەۋەرنى بەرمىگەنلىكىدىن تىت-تىت بولۇپ ، سائەت توققۇز بولاي دىگەندەك مۇئەللىم ئۇنى چاقىرتىپتۇ . ئۇ مۇئەللىمنى كۆرۈپلا قانداق بولدى دەپ سوراپتۇ .مۇئەللىم سىزنىڭ بۇ ئىشىمىزغا خېلى كۈچ كېتىدىكەن. فاكولتىت مۇدىرىغا تولا دەپ ئاران ماقۇلغا كەلتۈردۈم ، تېخى كافېدرا مەسئۇلى ۋە باشقا ئورۇنلارنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىم كېرەك دەپتۇ .ئىش دىگەننى بىكارغا قىلمايمىز ،مەن سىزگە ئاشىق بولغىلى خېلى بولدى .سىزدەك ئاشىقىمنىڭ ئىشىنى قىلىشقا ئەلۋەتتە كۈچ چىقىرىمەن ،بۇ ئىشنىڭ ھەل بولۇش بولماسلىقى سىزنىڭ ماڭا سۆيۈش پۇرسىتىنى بېرىش بەرمەسلىكىڭىزدە ،ئەگەر بۇ ئىش ئەتىدىن قالسا سىز دىپلوم ئالالمايسىز ، ئەستايىدىل ئويلىنىپ جاۋاپ بىرىڭ دەپتۇ .قىزچاق ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ ، ئاتا -ئانىسىنىڭ يۈزىنى كۆتۈرۈش ئۇچۇن ئوقۇتقۇچىنىڭ تەكلىپىنى قۇبۇل قىلىپتۇ .قىزچاق ئوقۇتقۇچىسى تەرىپىدىن خورلانغان بولسىمۇ دىپلومنى قولىغا ئاپتۇ .ئۇ قىز قىزلىق ئىپپىتىنىڭ بەدىلىگە ھېلىقى پەندىن لاياقەتلىك بولغاچقا ، ئۇقۇش پۈتتۈرىدىغان كۈنى ساۋاقداشلار بىلەن بىر قاتاردا دىپلوم ئاپتۇ _يۇ ، كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلۈپتۇ .ساۋاقداشلار نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەي قاپتۇ .ئۇ قىز ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ ئىككى ئاي بولغاندا سىنىپ مەسئۇلى ئۇ قىزغا مۇنداق خەت يېزىپتۇ :مەن سىزنى ئوقۇغۇچىلىرىم ئىچىدىكى ئەڭ تىرىشچان ،ئەخلاقلىق دەپ ئويلايمەن ،ئەخلاق -پەزىلىتىڭىز مىنى تولىمۇ قايىل قىلدى ،مەن سىزدىن پەخىرلىنىمەن ،دائىم سىزنى ئۈلگە قىلاتتىم ،ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ دىگەندەك ،سىزنىڭ بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ قىزلىق ئەنگۇشتىرىڭىزنى يوقاتقانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم .ئۇ ئوقۇتقۇچى ھاراق ئىچىپ مەس بولۇپ سىزنى قانداق قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى .شۇ چاغدا ئۇنى قانچىلىق ئۇرىۋەتكەنلىكىمنى بىلمەيمەن ، ناۋادا باشقىلار تۇتىۋالمىغان بولسا ئۆلتۈرۈپ قويۇشۇم مۇمكىن ئىدى. ئەينى چاغدا سىز ھەقىقى ئەھۋالنى نىمىشقا ماڭا دىمىدىڭىز ،بىر پەندىن ئۆتەلمىگەن تەقدىردىمۇ دىپلوم ئېلىشقا تەسىر يېتىدۇ دەپ باشقىلارنىڭ ئاياغ -ئاستى قىلىشىغا قاراپ تۇرغىنىڭىز نىمىسى ؟بىر قىز ئۇچۇن دىپلوم شۇنچە مۇھىممۇ ،ئىپپەتمۇ ؟ ئالى مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان بىر قىز ئۆزى يولۇققان مەسىلىنى ئىلمى بىر تەرەپ قىلالمىسا ئۇنىڭ تەربىيىسىز قىزلاردىن نىمە پەرقى ،مەن سىزدىن تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندىم ، بۇندىن كىيىن يەنە خاتالىق سادىر قىلىپ سالماڭ .ئەمما توي قىلىپ بىر ئايغا قالمايلا ئېرى ئۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىگە يېزىلغان سەرگۈزەشتىلىرىنى ئوغۇرلۇقچە ئۇقۇپ ئاجرىشىشنى تەلەپ قىپتۇ .قىزمۇ تارتىشمايلا ئاجرىشىپتۇ ، تونۇشۇمنىڭ ئېيتىشىچە ناۋادا ئۇ قىز ئاشۇ كۈندىلىك خاتىرىسىنى يازمىغان بولسا ئۇنداق ئاقىۋەت يۇز بەرمەيدىكەن . بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسىلە خاتىرە يېزىش يازماسلىقتا ئەمەس ،بەلكى ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىنى ئەسلەش ئارقىلىق كىيىنكى ياخشى يول ھازىرلاشتۇر .
بۈگۈنكى قىزلارنىڭ ساپاسى ئەتىكى ئانىلارنىڭ ساپاسىدۇر ، ئالى مەكتەپ مەزگىلى قىزلارنىڭ بېرىلىپ ئۆگىنىدىغان ، كەم تەرەپلىرىنى تولۇقلايدىغان ، كەسىپ ، تۇرمۇش يولىنى تاللاشقا يول ئاجرىتىدىغان ھالقىلىق مەزگىلدۇر . پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆگىنىۋاتقان قىز ستۇدېنتلار بىلەن بىرگە يەنە ئالى مەكتەپنى ئويۇن تاماشا قىلىپ كۇن ئۆتكۈزىشىدىغان دەرسكە شەكىل ئۇچۇن قاتنىشىدىغان ،قىزلىق ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۇردىغان قىزلارمۇ مەۋجۇت ،مانا مۇشۇنداق قىزلار نىڭ قىزلىق نۇمۇسى ھەقىقى مەنىدىكى تەربىيەنى كۈچەيتمەي بولمايدۇ .
قىزلىق نۇمۇس ئاددى تۇيۇلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا قىزلارنىڭ پاكلىقى ،غۇرۇرى ،ساداقىتى ،ۋاپادارلىقى ئەدەپ -ئەخلاق قارشى مۇجەسسەملەشكەن بولىدۇ .قىزلار نومۇسى بىلەن ھۆرمەتلىنىدۇ ،قىزلار ئوقۇشسىز ،دىپلومسىز قالماسلىقى كېرەك .ئىپپىتىنى ساقلىيالىغان قىز ھامان جەمئىيەتنىڭ شاللىۋىتىشىگە ئۇچرايدۇ .قىزلىق قىممىتىنى قانداقتۇر گۇۋاھنامە ئېلىش -ئالماسلىق بىلەن بەلگىلىمەستىن ، بەلكى ئاشۇ نەرسىلەرگە قانداق ئېرىشىشى ،ئۆز ئىپپىتىنى ساقلاش ، ھالال ياشاش ، ھالال تەر تۆكۈش ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ . قىزلىق نۇمۇس تۇيغۇسى كۈچلۈك قىز ھەقىقى پەزىلەتلىك قىز ھېسابلىنىدۇ .
مەنبە : پەن ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلى
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |