ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
چايخانا زىيارىتىدىن تور قويمىچىلىرىغىچە

 
چايخانا زىيارىتىدىن تور قويمىچىلىرىغىچە


 

نىياز قاھار
(ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى
)


 

   ئالدامچىلىق ۋە قويمىچىلىق قاچاندىن بېرى پەيدا بولغانلىقى نامەلۇم . بەلكىم ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەنلىكىنىڭ مەھسۇلى بولسا كېرەك . ئالدامچىلىق ۋە قويمىچىلىق ھازىر ھەر قانداق ئەل ۋە جەمئىيەتتە مەۋجۇت ، پەقەت ئۇنىڭ ئاز كۆپلىكى ۋە زىيىنىنىڭ يوقىرى تۆۋەنلىكى بىلەن كىشىلەرنىڭ كۆزىگە چېلىقىدۇ . كىشىلەر مەدىنىيلەشكەنسېرى ئالدامچى ۋە قويمىچىلارنىڭمۇ ئىشلىتىدىغان ۋاستىلىرى ،ھىلە-نەيرەڭلىرى شۇنچە خىلمۇ- خىللىشىپ بارىدۇ . بەزىدە ھەر قانچە ھۇشيار تۇرغان ئادەممۇ ئالدامچى- قويمىچىلارنىڭ ھىلە نەيرەڭلىرىگە تەسلىم بولىدىغان ھەم بەزىدە ئۆمۈرلۈك ھەسرەت نادامەتتە قالىدىغان پەيتلىرى بولىدۇ . ئالدامچى-قويمىچىلارنىڭ تۈپكى ئالاھىدىكى شۇكى ئۇلار ئىنتايىن ئەقىللىق كېلىدۇ، ئەمما نىيىتى پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ نەپسانىيەتچىلىك ھەم ئاچكۆزلۈك. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاچكۆزلىكى ۋە نەپسانىيەتچىلىكىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ھەرخىل شارائىتتا ھەرخىل ئۇسۇل ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سالىدۇ. مەلۇم بولغىنىدەك ، ھازىرقى تور دۇنياسىدىمۇ بىر تۈركۈم ئالدامچى ۋە قويمىچىلار پەيدا بولۇپ ، تۈرلۈك- تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئالدامچىلىقىنى بازار تاپتۇرىۋاتىدۇ . گەرچە ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدە يۇقىرى تېخنىكا ۋە سەۋىيە بىلەن باشقىلارنىڭ كۆزلىرىنى باغلاپ ياكى مەنپەئەتكە قىزىقتۇرۇپ ئالدامچىلىق قىلىدىغان ئەھۋاللار بولمىسىمۇ، ئەمما سۆزدىكى ناتىقلىقى ، پىسخكىسىنى ئىگەللەش ... قاتارلىق ئەڭ ئاز دەسمايە بىلەن ئالدامچىلىق قىلىدىغان ، نۆۋىتى كەلگەندە ئەڭ رەزىل ۋاستىلەرنىمۇ قوللىنىشتىن يانمايدىغان «ئەقىللىق تور قويمىچىلىرى » مەيدانغا كەلدى . بۇلار بىر مەزگىل ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرىدە قىسقىغىنە ۋاقىتلاردا مول-ھوسۇل ئېلىۋالغان بولسىمۇ ، بىر قىسىملىرىنىڭ قۇيرۇقى كۆرۈنۈپ قالغاندىن كېيىن ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدە ئۇر - ئۇرغا قالغان چاشقاندەك كۈنگە قالدى، ئەمما يەنە بىر قىسىملىرىنىڭ ئوشۇقى ھېلىمۇ ئالچا بولۇپ ساددا ،ئاق كۆڭۈل ، ھېسسىياتچان تور ئابۇنتلىرىنى روھى ھەم ماددىي زىيانلارغا ئۇچراتماقتا . ھەتتاكى بىر قىسىملارنىڭ ئائىلىسىنىڭ بۇزىلىشىغىمۇ سەۋەبچى بولماقتا . مۇخبىرنىڭ ئىگەللەشلىرىگە قارىغاندا ، بۇ تور ئالدامچىلىرى ئاساسەن بىر قەدەر ئاۋات، ئادەم سانى كۆپرەك ئۇيغۇرچە چايخانىلارنى تونۇشۇشنىڭ بېشى قىلىپ قارماق سالىدىغانلىقى ئايان بولدى . مۇخبىر مۇشۇ سەۋەبلىك نەق مەيداندا تور زىيارىتى ئېلىپ باردى ھەم بىر قىسىم ئۇيغۇرچە چايخانىلاردا تور ئابۇنتلىرىنىڭ پىكرىنى ئالدى. گەرچە مۇخبىرنىڭ زىيارىتى بىر قىسىم چايخانا باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ غەرەزلىك ھالدا قايتا-قايتا توسقۇنلۇق قىلىشى بىلەن كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمىگەن بولسىمۇ ، ئەمما چايخانىدىكى خېلى كۆپ قىسىمدىكى تور ئابۇنتلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ، ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى سۆزلەپ بەردى .


 

ئۇلار مانا مۇشۇنداق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان


 

  سۆھبەت جەريانىدا بىر تور ئابۇنتى مۇخبىرغا ئۇچۇر يوللاپ ئايرىم پاراڭلىشىشنى ئۆتۈندى. . ئۇ مۇخبىردىن ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىسمىنى، ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى مۇتلەق ئاشكارىلىماسلىقنى، ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلەپ باشقا تور ئابۇنتلىرىنىڭ ئىبرەت ئېلىشىنى ، ئورۇنسىز ئىقتىسادىي ۋە روھى زىيانغا ئۇچرىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى . ....
- مېنىڭ كومپيوتېر بىلەن تونۇشقىنىمغا ئۇزاق بولمىدى، تور دۇنياسى بىلەن كىرىشكىلىمۇ تېخىمۇ ئۇزاق بولمىدى . دەپ باشلىدى ئۇ سۆزىنى . مەن تورغا كىرىپ چىققاندىن بۇيان ئۇيغۇرچە چايخانىلارغا كىرىشنى ئۆگىنىۋالدىم ھەم دائىم چايخانىلارنىڭ مېھمىنى بولۇپ تۇردۇم . مەن مەلۇم چايخانىدا داۋاملىق تورغا چىقىدىغان XX بىلەن چايخانىدا تونۇشۇپ ۋە كېيىن كوت كوت ()دا پاراڭلىشىش جەريانىدا خېلىلا چىقىشىپ قالدىم .شۇ تەرىقىدە پاراڭلىشىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ مىنى ئىزدەپ مېنىڭ يۇرتۇمغا كەلدى ،گەرچە مەن بالىنىڭ ئانىسى ،يىللىق ئائىلەم بولسىمۇ ھېچقانچە ئويلىمايلا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئىستىگىدە ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشتىم، بىز بىرگە تاماق يىدۇق ،ئۇنىڭغا ياتىدىغان ياتاق ئېلىپ بەردىم ،ئۇنى ياتىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇيۇپ قايتماقچى بولغۇنۇمدا ، ئۇ مىنىڭ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە تىكىلىپ باشقىچە نەزەر بىلەن قارىدى ،مەن نىمە قىلارىمنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدىم........... بولىدىغان ئىش بولۇپ بولغان ئىدى ،مەن ئۆيگە قايتاي دىسەممۇ ئۇنىڭ شېرىن- شېكەر سۆزلىرى ،قاملاشقان قامىتى ،سېھرى كۈچىگە ئەسىر بۇلۇپ قايتمىدىم ،شۇ تەرىقىدە بىر مەزگىل ئاشىق مەشۇقتەك ئۆتتۇق ،بىلىپ بىلمەي ئائىلەم ۋە پەرزەنتلىرىم ،تۇرمۇشۇم توغرىسىدا سۆزلەپ بەردىم ،ئۇمۇ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەت تاپالماي يۈرۈۋاتقانلىقىنى ،ئائىلىسىنىڭ قىيىنچىلىقىنى دىدى،مەن ئۇنىڭغا «بىر قۇر كىيىم كېچەك ئېلىپ بېرىپ قولىغا خىراجەت قىلىڭ» دەپ نەچچە يۈز سوم پۇلنى تۇتقۇزۇپ يولغا سېلىپ قويدۇم ،لېكىن كېيىن ئۇنىڭ بىر توپ قىزلار ۋە مەندىنمۇ ياشتا چوڭ چوكانلار بىلەنمۇ ئارلىشىدىغانلىغىنى ،ئۇلارنىڭ بەرگەن پۇل مېلىغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىغىنى ،بۇنداق «ھەدەش ،سىڭىللىرىنىڭ»ئۈزلۈكسىز كۈپۈيۈۋاتقانلىغىنى بىلىپ ئۆزەمنى ئۇنىڭدىن تارتىپ مۇناسىۋىتىمىزنى ئۈزۈشنى تەلەپ قىلدىم ،ھەم مىنى ئىزدىمەسلىگىنى تەلەپ قىلدىم ،لېكىن ئۇ ماڭا مىنى كىم كۆرۈپ قالدىڭ ؟ مىنىڭ ياشلىقىمنى نابۇت قىلدىڭ ،مىنى ئازدۇردۇڭ ،مىنى باقىسەن ،مىنىڭ بارلىق تۇرمۇش ،خىراجەت چىقىمىمنى كۆتۈرىسەن ،بولمىسا ئېرىڭگە دەيمەن ،ئىدارەڭگە بېرىپ يۈزۈڭنى تۆكىمەن ،پۇل بەرمىسەڭ ئىدارەڭگە كىرىپ باشلىقىڭنى ئىزدەيمەن ،خىزمەتداشلىرىڭ ئالدىدا ھەممە ئىشنى دەيمەن ......دەپ ماڭا ئارامچىلىق بەرمىدى ،چىرايلىق ،سەت گەپلەر ئۇنىڭغا كارمۇ قىلمىدى ،ئۇنىڭ ئاتا -ئانىسىنى ئىزدەپ ئۇلاردىن ياردەم سورۇدۇم ،ئۇلار بىز بالىغا نەسىھەت قىلايلى دىدى ،ھەدىسى ۋە ھەدىسىنىڭ يولدىشىنى ئىزدىدىم ...لېكىن ئۈنۈمى بولمىدى ،ئاخىرى ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ ئارامخۇدا بولىدىغان ئىشلا بولسا مەيلى دەپ ئۇنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇنىڭ ئاچىسى ،قېيىن ئاكىسى بار جايدا ئۇنىڭغا يۈەن نەق پۇل بەردىم ، ئۇ پۇلنى ئېلىپ قايتا ئىزدىمەسلىككە ماقۇل بولدى .
   ئارىدىن بىر ئاي ئۆتمەستە ئۇ ماڭا يەنە تېلېفۇن قىلىشقا باشلىدى . سىلىقمۇ ،قوپالمۇ گەپ قىلدىم . لېكىن ئۇنىڭ نەپسى تېخىمۇ يوغىناپ يۈەن پۇل بەر دىدى ،مەن ئايلىق مائاشقا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ئادەم تۇرسام ،ھېلىمۇ ئېرىمدىن يۇشۇرۇن قەرز ئېلىپ يۈەننى بەرگەن ،بۇ قەرزنى قانداق تۆلەشكە باش قېتىپ تۇرغاندا مەن قانداق قىلىمەن ،ئاخىرى مەندە پۇل يوق ،دىسەم ئېرىمنىڭ تېلېفۇن نومۇرىنى نەدىن بىلىۋالغان ،«ئېرىڭگە تېلېفۇن ئۇرۇپ ھەممە ئىشىڭنى دەيمەن ،بالىلىرىڭ ۋە ئېرىڭنىڭ ئالدىدا ،خىزمەتداشلىرىڭ ،ئورۇق تۇققانلىرىڭ ئالدىدا قانداق ياشايسەنكىن »دەپ توختىماي تەھدىت سالدى ،ئۆيگە تېلېفۇن ئۇرۇپ يولدىشىمنى سەت گەپلەر بىلەن ھاقارەتلىدى ،بۇ ناتونۇش ئەردىن كەلگەن ھاقارەتلىك گەپلەرگە چىدىمىغان يولدىشىم مىنى قىستىدى ، مەن راست گەپ قىلىشتىن قورقۇپ «مەنمۇ بىلمەيمەن ،بۇ نىمە ئىشكىن »دىدىم ،لېكىن بۇ خىل تېلېفۇن كۆپەيگەنچە كېچە- كۈندۈز دەككە دۈككىدە،تېلېفۇن جىرىڭشىسا يۈرۈگۈم پارتلاپ كىتىدىغاندەكلا بوپ قالدىم ،ھازىر ئۇ مەن تۇرىدىغان شەھەرگە كېلىپ مۇشۇ جايدا سايىدەك ئەتراپىمدا ئەگىپلا يۈرۈيدۇ ،كۈندە نەچچە رەت تېلېفۇن ئۇرىدۇ ،قاتتىقراق گەپ قىلسام «ساقچىغا مەلۇم قىلساڭ ئۆز ۋاقتىدا ھەممە ئىشىمىزنى تېلفۇنۇمدا سىنغا ئېلىۋالغان ،ھازىر دېسكىغا قاچىلاپ قويدۇم ،ئېرىڭگە ئەۋەتىپ بىرىمەن ،سىنىڭ دىگەن گەپلىرىڭنى ئاشكارلايمەن .......»دىدى ،ئۆلۈۋېلىشنى ئويلىسام بالىلىرىمغا چىدىمىدىم ،يىل پاك ئەقىدەم بىلەن پاك ئۆتكەن ئايال ئىدىم ....
مۇخبىرنىڭ تور زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر تور ئابۇنتى مۇنداق دېدى :
- مېنىڭ بىر دوستۇممۇ مۇشۇنداق تور ئالدامچىسىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتى .ئۇ تېخى توي قىلىپ بىر يىلغا يەتمىگەن ئىچىدە كومپيوتېر ۋە تور بىلەن تونۇشۇپ چىققان . كىيىن ئۇ مەلۇم بىر چايخانىدا XX ئىسىملىك بىرى بىلەن ياخشى سىرداشلاردىن بولۇپ قالغان . كىيىن ئۇلار كوت-كوت( )دا خېلى چىقىشىپ قالغان . كىيىن دوستۇم قارشى تەرەپنىڭ سەمىمىيلىكى ۋە تەلىپى بىلەن ئۆزىنىڭ رەسمىنى ئەۋەتكەن ، نەچچە كۈن ئۆتۈپلا قارشى تەرەپ ئۇنىڭغا ئۇچۇر يوللاپ پۇل بېرىشنى ، بولمىسا توردا شەرمەندە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بۇنىڭدىن ھاڭ تاڭ قالغان دوستۇم نىمە بولغىنىنى زادى بىلەلمەپتۇ . قارشى تەرەپ بولسا ئۇنىڭ رەسمىنى كېسىپ ۋە كىرىشتۈرۈپ سېرىق رەسىمگە ئايلاندۇرۇپ، ھەر قايسى تور بەتلىرىگە يوللايدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت ساپتۇ . دوستۇم قارشى تەرەپنىڭ رەزىللىكىدىن قاتتىق نەپرەتلىنىپ ئۇنىڭ تەلىپىنى قەتئىي رەت قىپتۇ . قارشى تەرەپ بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۇنىڭ كىرىشتۈرۈلمە رەسىملىرىنى بىر قىسىم تور بەتلىرىگە يوللاپ قويۇپتۇ. دوستۇمنىڭ يولدىشى بۇ رەسىملەرنى تاساددىپىي كۆرۈپ قېلىپ دوستۇمدىن نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى سوراپتۇ . دوستۇم بارلىق ئەھۋالنى ئەينەن دەپ بەرگەن بولسىمۇ يولدىشى ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىپتۇ. بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۇلار ئاجرىشىپ كەتتى . كېيىن ئەتراپىدىكى سۆز چۆچەكلەرگە چىدىمىغان دوستۇم ئاخىر زەھەر ئىچىپ بۇ دۇنيادىن خوشلاشتى .....
  زىيارىتىم داۋامىدا يەنە بىر قانچە تور ئابۇنتلىرى ئاۋازلىق ياكى تېلېفۇن ئارقىلىق مۇخبىرغا ئۆزلىرىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى بايان قىلدى ....
  بىر تور ئابۇنتى ئۆزىنىڭ نەچچە يىل ئىلگىرى مەلۇم چايخانىدا شۇ چايخانىنىڭ باشقۇرغۇچىسى XXبىلەن خېلى يېقىن سىرداشلاردىن بولۇپ قالغانلىقىنى ، ئاچا- ئىنىدەك ئۆتۈشۈپ خېلى ياخشى مۇناسىۋەت ساقلىغانلىقىنى ، كېيىن بۇ باشقۇرغۇچىنىڭ دىيىشىچە ،ئۆزىنىڭ ئىچكىرىدىكى مەلۇم بىر شىنجاڭ كوماندىسىدا پۇتبول ئويناش جەريانىدا پۇتىنى يارلاندۇرۋالغانلىقىنى ، يېنىدا پۇل قالمىغانلىقى ، قىيىن ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ پۇل سېلىپ بېرىشنى ، كېيىن بۇ پۇللارنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى دەپ ھال ئېيتىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ گېپىگە چىن پۈتكەن دەسلىپىدە يۈن سېلىپ بېرىپتۇ ، XX پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن يەنە يۈەن سېلىپ بەرسە سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرۇۋاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن يۈەن سېلىپ بېرىپتۇ. كېيىن XX تۇيۇقسىزلا غايىپ بولۇپتۇ . كىيىن مەزكۇر ئاتالمىش چايخانا باشقۇرغۇچىسىنىڭ باشقىلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، ئاندىن باشقىلارنى ئالدايدىغان ئالدامچى ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ . يەنە بىر ئىككى -يىل ئۆتكەندىن كېيىن توردا چەتئەلدە خىزمەت قىلىۋاتقان بىرسى بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ، ئاخىر بۇلار ئۆز ئارا مۇناسىۋەت تورىنى سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق يىراقتىن تونۇشىدىغان تونۇشلاردىن چىقىپ قاپتۇ. نىڭ بىر دوستىمۇ چەتئەلدە خىزمەت قىلىۋاتقان كىشىنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدىغانلىقىنى ھەم ئۇنىڭ ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىنى دەپتۇ . بىر مەزگىلدىن كېيىن چەتئەلدىكى كىشى دىن جىددىي پۇل لازىم بولۇپ قالغانلىقىنى ، مۇمكىن بولسا مىڭ يۈەن پۇلنى ۋەتەندىكى ئىنىسىغا بېرىپ تۇرۇشنى ، پات ئارىدا قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ . دەسلەپتە ئىككىلىنىپ قاپتۇ، ئەمما دوستىنىڭ سۈلھى-سالاسى بىلەن مىڭ يۈەننى بېرىپتۇ . كېيىن چەتئەلدە خىزمەت قىلىدىغان توردىكى دوست بىر نەچچە قېتىم پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىمەن دەپ ئۆزلىكىدىن غايىپ بوپتۇ. بۇ ئىشنى ئاڭلىغان نىڭ يولدىشى قاتتىق خاپا بولۇپ ئائىلىدە قاتتىق ماجرا چىقىپتۇ. كېيىن بۇ ئىش بېسىپ قاپتۇ......
  يەنە بىر تور ئابۇنتىمۇ يۇقۇرىدىكى ئاتالمىش چايخانا باشقۇرغۇچىسىنىڭ قىلتىقىغا دەسسىگەن بولۇپ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ يەنە مەلۇم چايخانا باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ كاپالىتى بىلەن مىڭ يۈەن ئارىيەتكە بېرىپ كېيىن قايتۇرۇپ ئەكىلىشكە ئامال قىلالمىغان . تېلېفۇن ئۇرۇپ پۇلنى قايتۇرۇشنى ئېيتقاندا « تېنىمنىڭ بىر يېرى مىڭ يۈەنگە يارىسا كېسىپ ئېلىۋال» دېگەن . ئائىلىسى بىلەن مىڭ تەسلىكتە ئالاقە ئورناتقان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىغان . مەزكۇر ئاتالمىش چايخانا باشقۇرغۇچىنىڭ قىلتىقىغا دەسسىگەن تور ئابۇنتلىرى خېلى كۆپ بولۇپ ،مۇتلەق كۆپ قىسىملىرى ئالدىنىپ كەتكەن پۇللىرىنى قايتۇرىۋالالمىغان ، پەقەت ناھايىتى ئاز قىسىملىرى قانۇن ۋاستىسى ھەم قاتتىق ۋاسىتىلەر بىلەنلا قايتۇرۇپ ئالالىغان .
مۇخبىرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن ھەم تور بىكەت مەسئۇللىرىدىن ئىگەللىشىچە، بۇنداق ئالدامچىلاردىن بىر نەچچىسى بار بولۇپ ، بەزىلىرى دەسلەپتە چايخانىلاردا باشقۇرغۇچى بولىۋالغان ، ئەپتى بەشىرىسى ئاشكارلانغاندىن كېيىن چايخانىلاردىن قوغلاندى قىلىنغان ، بەزىلىرى ئۆزىنى نىقاپلاپ ئۆز ئالدىغا چايخانا قۇرۇپ ئالدامچىلىق قىلىشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋالغان . بىر قىسىملارنىڭ ئەزەلدىن مەۋجۇت بولمىغان شىركەت نامىنى سېتىپ تۇرۇپ قىلغان ئالدامچىلىقى بىلەن بىر قېتىمدا قولغا كىرگۈزۈۋالغان سوممىسى مىڭ يۈەنگە يەتكەن . مۇشۇ سەۋەپ بىلەن سوتقا چىقىش دەرىجىسىگە يەتكەن . مۇخبىر بۇ يەردە پەقەت زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ بىر نەچچىسىنى تىپىك مىسال سۈپىتىدىلا ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ۋە يوللانمىلېرىدىن پايدىلاندى . ئالدانغۇچىلار ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئاياللار ۋە خانىم قىزلار بولۇپ ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە قانچىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار بار ، بۇنىڭغا بىر نىمە دىمەك تەس .


 

توردىكى ئالدامچىلارنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى


 

  توردىكى ئالدامچىلار ئاساسەن چايخانا ، كوت كوت()، مۇنبەر ۋە باشقا توردىكى ئۇچۇرلىشىش ۋاستىلىرى بىلەن نىشان ئىزدەيدۇ . نىشانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئائىلە ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى ، تۇرمۇش سەۋىيىسى يۇقىرى ئاياللار ۋە خانىم- قىزلار . توردىكى ئالدامچىلار مەيلى چايخانا ياكى كوت كوت() بولسۇن ، ئۆزلىرىنى ناھايىتى سىلىق سىپايە، سەمىمىي كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ . توختىماي ئۇچۇر يولاپ ئەھۋال سورايدۇ ، ئۆزىنى بىلىملىك ياكى قابىلىيەتلىك كۆرسىتىپ قارشى تەرەپكە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ھالەتتە بولىدۇ . قارشى تەرەپنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىۋالغاندىن كېيىن تۇيۇقسىزلا ئۆزىنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى ياكى تاساددىپىي ۋەقە بولۇپ ئىقتىسادىي جەھەتتە قىينىلىپ قالغانلىقىنى ئېيتىدۇ . بەزىلىرى بولسا مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تۇرمۇشتا مەغلۇپ بولغان ئاياللارغا ھېسداشلىق قىلىش ، ھەتتا مۇھەببەت ئىزھار قىلىش دەرىجىسىگە بېرىپ ئۇلارنى تەسىرلەندۈرىدۇ . ئاندىن رەسمىي ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىپپىتىگە تېگىدۇ ياكى بولمىسا پۇل ئۈندۈرۈۋالىدۇ .
  يەنە بىر قىسىملىرى بولسا ھېچقاچان بولۇپ باقمىغان شىركەت ۋە ئورۇننى ئويدۇرۇپ چىقىپ  ،ئۆزىنى شۇ ئورۇن ۋە شىركەتنىڭ مەسئۇلى ياكى مۇھىم خادىمى دەپ پەدازلايدۇ . ئاندىن شىركەتنىڭ قىيىنچىلىقى ياكى مەبلىغىنى كۆپتۈرۈپ سۆزلەيدۇ . ئاندىن كېيىن مەبلەغ كەملىكى ياكى تاساددىپىي زىياننى كۆتۈرۈپ چىقىپ قارشى تەرەپتىن يوقىرى سوممىلىق مەبلەغ ياكى قەرز سورايدۇ . پەقەت مەبلەغ ۋە قەرز بىلەنلا شىركەت قايتىدىن كۆتۈرلۈپ چىقىپ كېتىدىغانلىقىغا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئالغان قەرزنى قايتۇرۇپ بولىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرىدۇ .يەنە بەزىلىرى بولسا ئاز سوممىدا قەرز ئېلىپ ۋاقتىدا قايتۇرىدۇ ۋە مۇتلەق ئىشەنچىسىگە ئېرىشىدۇ ، ئارىلىقتا بىر مەزگىل ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ يوقىرى سوممىلىق قەرز پۇل سورايدۇ.
  بەزى ئالدامچىلار بولسا دەسلىپىدە قارشى تەرەپنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ بولغاندىن كېيىن ، قارشى تەرەپنىڭ تۇرمۇشى توغۇرلۇق تەپسىلى مەلۇماتقا ئىگە بولىدۇ . شۇنداقلا تۇرمۇش مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغان ئىشلارنىمۇ ھەرخىل ئاماللار بىلەن سوراپ بىلىۋالىدۇ ، ئاندىن سۈرەت ۋە ئۈننى ساقلىۋېلىپ قارشى تەرەپكە رەسمىي ھالدا ئەپتى بەشىرىسىنى ئاشكارىلايدۇ . تور ئالدامچىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن باشقا يەنە تۈرلۈك ئۇسۇل ۋاستىلىرى بولۇپ ، يۇقۇرىدىكىلېرى پەقەت مۇخبىرنىڭ ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشىدىن چىقارغان بىر قانچە تەرەپ خالاس .


 

خاتىمە


 

  بىر تور ئابۇنتى مۇنداق دەيدۇ :« بىزلەر ئاياللاردىن ئىپپەت نومۇسىنى سېتىپ پۇل تاپقانلارنىڭ بارلىغىنى ئاڭلىغان ،لېكىن ھازىرقى دەۋرىمىزدە ، بولۇپمۇ بىز مىللەتتىن ئۆزىنىڭ تېنىنى سېتىپ پۇل تاپقان ياكى ئاياللاردىن پەيشەنبىلىك تىلەپ جان بېقىۋاتقانلارنى ئەزەلدىن ئاڭلىمىغان ، ئەپسۇس ،تولىمۇ ئەپسۇس ،بىزنىڭ بىر قىسىم ئەركەكلىرىمىز مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالسا بۇنى نىمە دەيمىز مېنىڭچە ئەگەر مۇشۇنداق ئىشقا يولۇققانلار ئاڭ ئاۋال قانۇنغا مۇراجەت قىلسۇن»
 دەرۋەقە ، ئالدامچىلىق قىلىش ،باشقىلار نىڭ ئىززەت ئابرويىغا تېگىش ئىجتىمائىي ئەخلاققا ،جەمئىيەت تەرتىۋىگە خىلاپ قىلمىش بولسىمۇ ، «XX»غا ئوخشاش باشقىلارنىڭ ئاجىزلىقىنى ،مەخپىيىتىنى ،سىرىنى ئاشكارىلايمەن دەپ ھەر خىل ۋاستىلار بىلەن قارشى تەرەپكە بېسىم پەيدا قىلىپ، ئۇلارنى ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ئىشلارنى قىلىشقا ،ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا پۇل مال بېرىشكە قىستايدىغان قىلمىشلار جىنايى ئىشلار قانۇنىدا قاقتى سوقتى قىلىش جىنايىتى دەپ بېكىتىلگەن .ئەگەر قورقۇپ ۋە ئەنسىرەپ پاش قىلىشقا پېتىنمىسا ئۇلار يەنە داۋاملىق قانۇننىڭ سىرتىدا تۇرىۋېرىدۇ ،شۇنداقلا خورىكى تېخىمۇ يوغىناپ ، باشقىلارنى تېخىمۇ تۈگىمەس قاقتى سوقتى قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئالدانغۇچىلار روھى ۋە جىسمانى ،ئىقتىسادى جەھەتتىن زور زىيانلارغا ئۇچراپ مۆلچەرلىگۈسىز ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ .
 مۇخبىرنىڭ ئاخىرىدا بېرىدىغان ئەسكەرتىشى شۇكى ، تور مەلۇم نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا كۆپ تەرەپلىمە جەھەتتىن بىزگە نۇرغۇن قۇلايلىق ھەم پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بىر زامانىۋى تېخنىكا ۋاستىسى بولسىمۇ ، يەنە مەلۇم نۇقتىدىن ئۇ بىر مەۋھۇم دۇنيا . بۇ مەۋھۇم دۇنيادا خىلمۇ -خىل مىجەز، نىيەت -مەقسەتلەردىكى ئادەملەر كىرىپ چىقىپ تۇرىدۇ . بۇ جەھەتتە تور ئابۇنتلىرى ھەر ۋاقىت ھۇشيار بولىشىنى ،ئورۇنسىز زىيان ۋە كۆڭۈلسىزلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك . يەنە بىر تەرەپتىن تور بىكەتنىڭ قۇرغۇچىلىرى ، شۇنداقلا مەسئۇللىرى ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەرنىڭ تېخىمۇ ساغلام ، سۈپەتلىك راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ، يوقۇرقىدەك تور مىتىلىرى ھەم ئالدامچىلىرىغا ئىمكانىيەتنىڭ يار بېرىشىچە پۇرسەت ۋە شارائىت يارىتىپ بەرمەسلىكى ، چايخانا ۋە باشقا سەھىپىلىرىنى نازارەت قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەك .
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203