« يامان بولىدۇ » لاردىن تۇغۇلغان ئويلار
ئەركىن سابىر
بىزنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزدە ئاتا - بوۋىلىرىمىزدىن مىراس قالغان نۇرغۇن ئاددى ھېكمەتلىرىمىز بار ، بۇ ھېكمەتلەر قانۇن - تۈزۈملەر تېخى مۇكەممەللەشمىگەن ئەينى دەۋرلەردە پەرزەنتلەرنى ئەخلاقىي پەزىلەتكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت پەرزەنت تەربىيىسىدە ئاكتىپ رول ئويناپلا قالماي ، يەنە ئىبرەتلىك ساۋاقلارنىمۇ بەرگەن . لېكىن يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىرمۇنچە ھېكمەتلەر يوقالدى ، ئۇنتۇلدى ، يەنە بىر قىسىملىرى ئۇنتۇلۇش گىردابىۋا بېرىپ قېلىۋاتىدۇ . شۇڭا مەن بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ ، بۇ ھېكمەتلەرنى قەلەمگە ئېلىپ يازما ھالەتتە ساقلاپ قېلىشنى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارىدىم . مېنىڭ بۇ ماقالەمدە تىلغا ئالغانلىرىم ئاساسەن بىزدىكى « يامان بولىدۇ » لار بولۇپ ، بۇلار ئاشۇ ئاددى ھېكمەتلەرنىڭ بىر تەركىبى قىسمىدۇر .
« يامان بولىدۇ » لار قارىماققا دىنىي تۈسنى ئالغاندەك كۆرۈنىدۇ ، ئەمىلىيەتتە بۇ « يامان بولىدۇ » لاردا كىشىلىك تۇرمۇش جەريانىدىكى نۇرغۇن تەجرىبە - ساۋاقلا يەكۈنلىنىپ ، بىر قىسىم تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىلمىي كۆز قاراشلار شەرھلەنگەن . مەن بۇ شەرھلەرنى كىچىك چاغدىكى مومامنىڭ تەنبىھلىرى ۋە كېيىنكى چاغلاردىكى چوڭلارنىڭ ئۈگۈت - تەربىيىلىرىنى ئاساس قىلغان ئاددى ۋە قىزىقارلىق ھىكايىلەر ئارقىلىق بەدىئى يوسۇندا بايان قىلدىم . لېكىن مېنىڭ ئىزدىنىشلىرىمنىڭ تازا تولۇق بولۇپ كېتىشى ناتايىن ، ھەرقايسى يۇرت ، مەھەللە كىشىلىرىنىڭ بىر قىسىم «يامان بولىدۇ » لار ھەققىدىكى شەرھى تەبىرلىرى ئوخشىماسلىقى مۈمكىن ، شۇڭا ئاتا - ئانىلار ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ كەم - كۈتە يەرلىرىنى ئۆزلىرى بىلىدىغان ياكى ئاڭلىغان مەزمۇندا تولۇقلاپ پايدىلىنىشىنى سورايمەن .
. مومامنىڭ تەنبىھى
كىچىك چاغلىرىمدا تولاراق موماملارنىڭ مەھەللىسىگە قېچىپ بېرىۋالاتتىم . سەۋەبى ، ئۇ مەھەللىدە بىللە ئوينايدىغان بالىلار جىق ئىدى . بىر كۈنى كەچلىكى مومام چاقىرىپ :
- مەن سېنى مەشنىڭ كۈلىنى تۆكىۋەت دېسەم تېخى تۆكمەپسەنغۇ ؟ - دەپ سورىدى .
مەن مومامنىڭ قاپىقىغا قاراپ قويۇپ ، تىرنىقىمنى تاتىلىغىنىمچە :
- ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، - دېدىم .
- سەن زادى ئويۇنغا تويمايسەن - دەپ خاپا بولدى مومام .
- خاپا بولما موما ، مەن ھازىرلا تۆكىۋېتەي ، - دېدىم شۇئان .
- بولمايدۇ ئەمدى - مومام قولىنى سىلكىدى گېپىمنى يىرىپ ، - نامازشامدىن كېيىن كۈل تۆكسە يامان بولىدۇ
مومامنىڭ ئاشۇ «يامان بولىدۇ » دەيدىغان گېپى ھەر قېتىم مېنى قورقۇنچقا سالاتتى ، چۈنكى مەن « يامان بولىدۇ » نى ئۆلۈم - يېتىم ، يىغا - زارە ھالىتىدە كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەتتىم . ھازىر بىلسەم نامازشامدىن كېيىن كۈل تۆكۈش ئۇنداق ئىش بولماي ، ئوت ئاپىتى يۈز بېرىدۇ دېگەندىن بىشارەت ئىكەن . كۈندۈزى كۈل ئارىسىدىكى چوغدىن چاۋا - چاتقالغا تۇتاشقان ئوتنى ھەركىم كۆرىدۇ ھەمدە ۋاقتىدا ئۆچۈرىۋېتىدۇ ، ئەمما كېچىدە ھەممە ئادەم ئۇيقۇغا كەتكەچكە ، ئوت ئۇلغۇيۇپ يانغىنغا ئايلىنىدۇ . شۇڭا « نامازشامدىن كېيىن كۈل تۆكسە يامان بولىدۇ » نىڭ يامان يېرى شۇ ئىكەن .
. ئاكامنىڭ قورقۇنچى
ياز كىرىش بىلەنلا مەھەللىمىز چىرايلىق بولۇپ كېتەتتى ، بولۇپمۇ مەھەللىمىزدىكى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان غول ئېرىقنىڭ بويىدىكى دەرەخلەر بۆلەكچىلا باراقسانلىشىپ ، ئەتراپقا قويۇق سايە تاشلايتتى . بىراق بىز يەنىلا ئويۇن قېپى بولغاچقا ، بۇ گۈزەل مەنزىرىدىن ھوزۇرلىنىشنى ئانچە بىلمەيتتۇق ، ئەتىگەندىن - كەچكىچە شۇ دەرەخلەرگە يامىشىپ ئويناشتىن باشقا ئىشىمىز يوق ئىدى . بىر كۈنى ئاكام دەرەختىن پەسكە سېيرىلىپ چۈشتىدە ، ئېرىق بويىدا تۇرۇپلا سۇغا سىيگىلى تۇردى . مومام بىر چەتتە ئويۇنىمىزغا قىزىقىپ قاراپ ئولتۇراتتى . ئۇ ئاكامنىڭ سۇغا سىيۋاتقىنىنى كۆرۈپ ، دىڭگاھلاپ كەلگىنىچە ئاكامنىڭ كاسسىسىغا ھاسا بىلەن نەچچىنى سالدى .
- ھۇي بەغەرەز ، سۇغا سىيسە يامان بولىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن ؟ - دەپ ۋارقىرىدى ئاندىن .
ئاكام ھۆڭرەك ئېتىپ يىغلاپ كەتتى ، ئۇ تاياق يىگەنلىكتىن ئەمەس ، « يامان بولىدۇ » دېگەن گەپنى « ھازىرلا دەھشەتلىك ئىش يۈز بېرىدۇ » دېگەندەك مەنىدە چۈشەنگەنلىكتىن قورقۇپ يىغلىغان ئىدى .
- ئەمدى مەن قانداق قىلىمەن ، موما ؟ - دېدى ئاكام يىغلاپ تۇرۇپ .
- بۇنىڭدىن كېيىن سۇغا سىيمىسەڭلا ھېچ ئىش بولمايدۇ ، - دېدى مومام ، كېيىن چۈشەنسەك ئاتا- بوۋىلىرىمىزدىن تارتىپ ئېرىق - ئۆستەڭ ۋە كۆللەرنىڭ سۈيىنى ئىچىپ كەلگەچكە ، ئەمەلىيەتتە « سۇغا سىيسەڭ يامان بولىدۇ » دېگەننىڭ مەنىسى ئەل - ئاۋام ئىچىدىغان سۇنى بۇلغايسەن دېگەندىن ئىبارەت ئىكەن .
. نان ھېكمىتى
- ناننى بۇنداق ئۇۋۇتۇپ چاچساڭلار يامان بولىدۇ ، - دېدى مومام بىر كۈنى ھەممىمىزنى يىغىپ .
- نېمىشقا يامان بولىدۇ ، موما ؟ - سورىدۇق بىز .
- نان ئۇۋاقلىرىنى دەسسىۋالغانلار قارىغۇ بولىدۇ ، ئۇۋۇتۇپ چاچقانلارمۇ كور بولىدۇ ، - دەپ بىزگە بىرمۇنچە تەربىيە قىلدى مومام . ئۇ چاغلاردا ئويۇنغا بەك بېرىلىپ كەتكەچكە ، ئويۇن ۋاقتىدا تاماق يېيىشتىن قېچىپ ، يانچۇقلىرىمىزغا نان سېلىۋېلىپ شۇ ناننى غاجىلايدىغان خۇينى چقىرىۋالغانىدۇق .
- ناننى داستىخاندا ئولتۇرۇپ پاكىز يەيدىغان ، كەلسە - كەلمەس يەردە ئۇۋۇتۇپ چاچسا يامان بولىدۇ بالىلىرىم ، بۇنى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار ، - دېدى مومام ئاخىرىدا . مومام شۇ چاغدا دىلىمىزغا ئاشلىقنى قەدىرلەش ، بۇزۇپ - چېچىپ ئىسراپ قىلماسلىق توغرىسىدا ئىلىم سالغان ئىكەن . ئايھاي ، مومام رەھمەتلىك بۇنداق ھېكمەتلەرنى قەيەردىن ئاڭلىغان بولغىيتتىكىن ؟
. سەن نېمە ؟
- موما ، موما ، - دېدىم بىر كۈنى خۇددى چوڭ ئىشنى خەۋەر قىلماقچىدەك مومامنىڭ ئېتىكىگە يېپىشىپ .
- ھە ، نېمە ؟ - سورىدى مومام ئېڭىشىپ .
- ئاۋۇ ساتتار ماڭقىنى بىز بىلەن ئوينىمايسەن دېسەم ، ئۇ يىغلاپ ئۆيىگە كەتتى .
- نېمىشقا ئۇنداق دەيسەن ؟ - مومام بىردىنلا قاپىقىنى تۈردى ، - ئۇ ماڭقا بولسا سەن نېمە ؟
- مەن ... مەن ، - دۇدۇقلىدىم جاۋاپ بېرەلمەي .
- خەقنىڭ يامان گېپىنى قىلما ھەم ئۇنداق كەمسىتمە ، يامان بولىدۇ ، - دەپ مومام ماڭا تەنبىھ بەردى .
- نېمىشقا يامان بولىدۇ ، موما ؟ - سورىدىم مەن .
- خەقنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگەن بولىسەن ، ئاندىن ئۇرۇشىسىلەر ، ئاتا - ئانىلار ئارىغا كىرىدۇ ، مەھەللىدە ئىناقسىزلىق ، نىزا پەيدا بولىدۇ ، كېيىن سېنى « ئەسكى بالا ئىكەن » دەپ ھېچكىم ئارىغا ئالمايدۇ ، يالغۇز قالىسەن ، يالغۇز قالغان بالىنى جىنلار ئازدۇرۇپ دەشت - چۆللەرگە ئېلىپ كېتىدۇ .
- ئۇنداق دىمىگىنە موما ، مەن قورقۇدىكەنمەن .
- قورققان بولساڭ ، ئەمدى خەقنى ئۇنداق دېمە بولامدۇ ، - دېدى مومام بېشىمنى سىلاپ .
مومامنىڭ « يامان بولىدۇ » سىنىڭ مەنىسىنى بەزىدە شۇ يەردىلا چۈشەندۈرۈپ تەربىيە قىلىدىغان چاغلىرىمۇ بولاتتى . ھازىر ئويلىسام مومىلىرىمىز شۇ دەۋرنىڭ ئالىملىرى ئىكەن .
. زاۋال ۋاقتىدا يىغلىسا
بىر كۈنى مومامنىڭ قوشنىسى زىۋەر ھەدەم ئۆيگە كىرىپ ، مومامغا نېمىلەرنىدۇر دەپ يىغلاپ كەتتى . مومام زىۋەر ھەدەمنىڭ گەپلىرىنى زەن قويۇپ ئاڭلىدى - يۇ ، ئەمما ئارقىدىن :
- زاۋال ۋاقتى بولۇپ قالدى ، زاۋال ۋاقتىدا يىغلىسىڭىز يامان بولىدۇ ، بىر كىمنىڭ ئۆلۈمىنى تىلىگەن بولىسىز ، - دېدى . زىۋەر ھەدەم دەرھال يىغىدىن توختاپ ، كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى . مومام ئۇنىڭغا يەنە بىرمۇنچە گەپلەرنى قىلدى . مەن ئۇلارنىڭ دېيىشكەن گەپلىرىنى چۈشەنمەيتتىم . ئەمما بايىقى « زاۋال ۋاقتىدا يىغلىسا يامان بولىدۇ ، بىر كىمنىڭ ئۆلۈمىنى تىلىگەن بولىسىز » دېگەن گەپتىن تېنىم شۈركىنىپ كەتتى . كىرسىن لامپا يېقىلغان ئۆينىڭ قاراڭغۇ بۇلۇڭلىرىدىن قانداقتۇر بىر مەخلۇقلار كۆزلىرىنى پال - پال قىلىپ قاراۋاتقاندەك بىلىنەتتى . يەنە بۈگۈن كىمدۇر ئۆلۈپ قالىدىغاندەك تويغۇ كاللامغا كىرىۋالدى . شۇ قورقۇنچتا كېچىچە مومامنىڭ بوينىنى مەھكەم قۇچاقلاپ ياتتىم . لېكىن ئەجەپلىنىدىغان يېرىم « زۇۋال ۋاقتىدا يىغلىسىڭىز يامان بولىدۇ » دېگەن گەپنىڭ مەنىسىنى ھازىرغىچە يېشەلمىدىم . بەلكىم ئۇ : كەچ بولۇپ مەھەللە جىمجىتلىققا چۆمگەندە يىغلىغان يىغا ھەممە ئادەمنى ئەنسىزچىلىككى سېلىپ قويىدۇ دېگەن مەنىدە ئېيتىلغاندۇ ياكى كەچتە يىغلىسىڭىز ، ئەتىسى قاپاقلىرىڭىز ئىششىغان ھالەتتە قوپىسىز ، ھەممە ئادەم چىرايىڭىزغا قارايدۇ ، نىمە بولغانلىقىنى سوراپ خىجىل قىلىدۇ دېگەن مەنىدە ئېيتىلغاندۇ . ئىشقىلىپ بۇ « يامان بولىدۇ » نىڭمۇ شۇنداقراق بىر مەنىسى باردۇر دەيمەن .
. كەچتە تىرناق ئالسا
كەچلىك تاماق ۋاقتىدا مومامنىڭ تەنبىھلىرى يەنە باشلاندى :
- قارىغىنا قوللىرىڭغا ، - دېدى مومام خاپا بولغاندەك ، - ئاشۇ مەينەت قوللىرىڭ بىلەن قانداقمۇ تاماق يايسەن ؟ تىرناقلىرىڭمۇ ئۆسۈپ بىر غېرىچ بولاي دەپتۇ
- قايچىنى تاپالمىدىم ، - دېدىم مەن باھانە كۆرسىتىپ .
- دەرىزە تەكچىسىدە تۇرمامدۇ ، ئويۇنغا قىزىقىپ ياخشىراق قارىمىغانسە شۇ ، - دېدى مومام .
مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ قايچىنى ئېلىپ كەلدىم .
- نېمە قىلىسەم ئەمدى ؟ - سورىدى مومام ، - بۇ كەچتە تىرناق ئالساڭ يامان بولىدۇ . يۈگۈر ، قولۇڭنى پاكىز يۇيۇپ تامىقىڭنى يە ، تىرنىقىڭنى ئەتە كۈندۈزى ئال
مەن مومامنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدىم . ئەمما كەچتە تىرناق ئالسا نېمىشقا يامان بولىدىغانلىقىنى بىلەلمىدىم . ئەسلىدە ئۇ كەملەردە ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنلاردا ئۆيدە جىن چىراق ياقىدىغان بولغاچقا ، ئۇنداق غۇۋا يورۇقتا تىرناق ئالسا بايقىماي قولىنى كېسىۋالىدىغان ۋە ئېلىنغان تىرناقلار چاچراپ كەتسە تاپالمايدىغان ئىشلار بولاتتىكەن . شۇڭا ئاتا - ئانىلىرىمىز « كەچتە تىرناق ئالسا يامان بولىدۇ » دېگەن ھېكمەت ئارقىلىق كەچتە تىرناق ئېلىشقا چەك قويغانكەن .
. ئەڭ توغرىسى
بىر كۈنى كەچتە مومامغا :
- موما ، بېشىمىزنى بۇياققا قىلىپ ياتايلىچۇ ، - دېدىم كۈن چىقىشنى شەرەت قىلىپ .
- نېمىشقا شۇنداق دەيسەن ؟ -- سورىدى مومام .
- دەرىزىدىن چۈشكەن يورۇقنى كۆرۈپ ياتاي دېگەن ...
ئۇنداق ياتساق پۇتىمىز قىبلىگە قاراپ قالىدۇ ، پۇتنى قىبلىگە قارىتىپ ياتسا يامان بولىدۇ ، - دەپ چۈشەندۈردى مومام . شۇ چاغدا مومام بۇنىڭ مەنىسىنى دىنىي تۈستە چۈشەندۈرگەن ئىدى ۋە باشنى شىمالغا ، پۇتنى جەنۇپقا قارىتپ ياتسا ئەڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى . ئەمەلىيەتتە ، ئۇنىڭ مەلۇم ئىلمىي قىممىتى بارلىقىمۇ ئىلىم - پەندە شەرھلەندى . تىببى ئىلىمدا پۇتنى جەنۇپقا قارىتىپ ياتقاندا جەنۇبىي قۇتۇپ ماگنىت مەيدانىنىڭ تارتىش كۈچى بىلەن بەدەندە قان ئايلىنىش راۋانلىشىپ ، ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى . ھازىر ، دىنىي تۈس ئالغان بەزى « يامان بولىدۇ » لارنىڭ يەنە ئىلمىي ئاساسى بارلىقىمۇ شۇ چاغلاردا مومىلىرىمىز بىلەر بولغىيمىتتى ؟ دەپ ئويلاپمۇ قالىمەن .
. كېچىدە نەرسە يېسە ۋە تاماق ۋاقتىدا گەپ قىلسا
- موما . ھەي موما ، ئۇخلاۋاتامسەن ؟ ھە دېمەيسەنغۇ ؟ - دەپ مومامنى كېچىدە چاقىردىم مەن .
- ئوھۇش ، سەن بالىنى - دەپ غودۇڭشىدى مومام ئۇيقۇلۇقتا ، - ھە ، نېمە گېپىڭ بار ئىدى بۇ كېچىدە ئادەمنى ئويغىتىپ ، تالاغا چىقامتىڭ - يە ؟ - دەپ سورىدى ئارقىدىن .
- قورسىقىم ئېچىپ ئۇخلىيالمايۋاتىمەن ، بىر نەرسە يەي دېگەن .
- بولمايدۇ ، كېچىدە بىر نەرسە يېسە يامان بولىدۇ ، - دېدى مومام .
مومام شۇنداق دېگەندىن كېيىن ، مەنمۇ قايتا ئۈنۈمنى چىقارمىدىم . ئەتىسى ناشتا ۋاقتىدا مومامدىن :
- كېچىدە نەرسە يېسە قانداق يامان بولىدۇ ؟ - دېپ سورىدىم .
- تاماق ۋاقتىدا گەپ قىلما يامان بولىدۇ ، - دېدى مومام يەنە .
ئارىدىن خېلى بىر پەس ئۆتۈپ مومام ئىشىك ئالدىغا چىقىپ ئېرىق بويىدا ئارام ئېلىپ ئولتۇردى . مەنمۇ ئويۇنغا چاپتىم .
- توختا ، بېرى كەل ، - دەپ چاقىردى مومام ، - ئېسىڭدە چىڭ ساقلا ، كېچىدە نەرسە ( تاماق ) يېسە قانداق يامان بولىدىغانلىقىنى دەپ بېرەي : ئۇنداق چاغدا نەرسە يېسەڭ ئۇۋاق ياكى چېچىندىلىرى ياتىدىغان يەرگە چېچىلىدۇ ، كۆرمەي دەسسەپ سالىسەن ؛ ئۇنىڭدىن يەۋاتقان تاماققا ئۆمۈچۈك ياكى چىۋىن چۈشۈپ قالغان بولسا كېچىدە كۆرمەي يەپ سالىسەن ؛ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كېچىدە يېگەن تاماق ئاسان سىڭمەيدۇ ، ئەتىسى سېسىق كېكىرىپ قالىسەن ...
مومام جىقلا گەپ قىلدى ، ئەمما ئۇنىڭ گەپلىرىنىڭ ھەممىسىنىلا ئىلمىي ئاساسى بار گەپلەر ئىدى ، مەن بۇنى كېيىن ھېس قىلدىم . ھازىر ئىلىم - پەن ساھەسىدىكىلەر بەدەن ئەزالىرنىڭ يېرىم كېچىگىچە يىمەكلىكلەردىن ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش ، يېرىم كېچىدىن كېيىن كېرەكسىز تەركىپلەرنى چىقىرىۋېتىش ھەركىتىدە بولىدىغانلىقىنى ، شۇڭا كېچىدە يىمەكلىك يېسە بەدەن ئەزالىرىنىڭ ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىۋېتىپ ، يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدىغانلىقىنى ۋە كېرەكسىز تەركىپلەرنى چىقىرۋېتىكە تەسىر يەتكۈزۈپ ، بەدەندە زەھەرلىك ماددىلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى قەيت قىلىۋاتىدۇ . قەدىمكىلەرنىڭ « كېسەللىك ئېغىزدىن كىرىدۇ » دېگىنى دەل مۇشۇنداق ئىلمىي بولمىغان ئوزۇقلىنىشقا قارىتىلغان بولىشىمۇ مۈمكىن ، شۇڭا « كېچىدە نەرسە ( تاماق ) يېسە يامان بولىدۇ » دېيىش بۇ خىل ھالەتنى چەكلەشنى مەقسەت قىلسا كېرەك .
مومام گېپىنى داۋاملاشتۇراتتى :
- تاماق ۋاقتىدا گەپ قىلسا ئېغىزدىكى تاماق ھەر تەرەپكە چاچرايدۇ ، باشقىلارنىڭ قاچىسىدىكى تاماقنى بۇلغايدۇ ؛ ئۇنىڭدىن باشقا يەۋاتقان تاماق گالغا تۇرۇپ قالىدۇ ، بۇ بەك خەتەرلىك . شۇڭا كېچىدە نەرسە يېيىشتىن ، كۈندۈزى تاماق ۋاقتىدا گەپ قىلىشتىن ساقلان بالام ، ئۇقتۇڭمۇ ؟ - دېدى مومام ئاخىرىدا .
- ئۇقتۇم ، - دېدىم مەن .
. ئادەمنى ئاتلىسا
- بالىلار ، ھەي بالىلار ، باققا بېرىپ كېلەمدۇق ؟ - دەپ بىر كۈنى مىرزات بىزنى قىزىقتۇردى ، - ئاۋۇ سەيدۇللانىڭ ئۈرۈكى پىشاي دەپتۇ .
- مەن بارمايمەن ، مومام خاپا بولىدۇ ، - دېدىم مەن ئۆزۈمنى چەتكە ئېلىپ .
- ئەخمەق ، موماڭغا ئۈرۈك ئەكىلىپ بەرسەڭ موماڭ خوش بولىدۇ .
- ساپسېرىق پىشقان ئۈرۈكلەر دېگىنە ...
بالىلار شۇنداق دەپ مېنى قىزىقتۇرۇپ ماڭدى . باغدىن قايتىپ كەلسەم ، مومام راستىنلا خاپا بولغان ئىكەن .
- نەگە باردىڭ ؟ - دەپ سورىدى مومام قاپىقىنى تۈرۈپ ، - مەن سېنى يىراققا كەتمەي ئوينا دېگەنتىمغۇ ، ناياتىندىن بېرى ئىزدىمىگەن يېرىم قالمىدى
-- ساڭا ئۈرۈك ئەكىلىپ بېرىمەن دەپ باققا بارغان ، - دېدىم مەن مومامنىڭ ئاچچىقىدىن قورقۇپ ئارانلا .
- ئاكاڭ ئاغرىپ يېتىپ قاپتۇ ، يۈر ، بېرىپ كۆرۈپ كېلەيلى .
مومام دوپپامدىكى ئۈرۈككە قاراپمۇ قويماي مېنىڭ ئېلىپ ماڭدى . ئۆيگە بارساق ئاكام راستىنلا ياتقان ئىكەن ، ئاپام بېشىدا يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ .
- ئاخشام تاماق يەۋاتقاندا ئاغىينىلىرى ئوينايمىز دەپ چاقىرىپ كىرىپتىكەن ، شۇلار يەۋاتقان تامىقىغا بەك قاراپ كەتكەن ئىدى ، ئېچى كىرگەن چېغى ، كېچىدىن بۇيان ياندۇرۇپ چىقتى ، - دېدى ئاپام . مومام تۇرۇپ كېتىپ :
- يۈگۈر ، سەن بېرىپ ئاۋۇ زىبىرنىساخاننى چاقىرىپ كەل ، ئاكاڭنى ئاشلاپ قويسۇن ، - دەپ مېنى بۇيرىدى مومام . مەن ئاكامنىڭ نېرى يېنىدا ئولتۇراتتىم ، ئىتتىكلا ئورنۇمدىن تۇردۇم - دە ، ئاكامنى ئاتلاپ بۇ ياققا ئۆتتۈم .
- ھۇ ، ئەدەپسىز - دېدى مومام پاچىقىمغا بىرنەچچىنى ئۇرغاندىن كېيىن ، - ياتقان ئادەمنى ئاتلىسا يامان بولىدۇ دەپ ساڭا نەچچە ئۈگەتتىم ، قۇلىقىڭدا نېمىشقا تۇتمايسەن ؟
- ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، موما ...
- ئەمدى يەنە ئادەمنى ئاتلىساڭ ، پۇتلىرىڭ قۇرۇپ كېتىدۇ ، ئۇقتۇڭمۇ ؟
- ئۇقتۇم موما ...
مەن يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتىم . ئەقلىمنى تاپقان چاغلاردا بىلدىمكى ، ئادەمنى ئۇلۇغلاش ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ چوڭقۇر ئەقىدىسى ئىكەن ، شۇڭا ئادەمنى ئاتلىسا ، ئادەمگە ئارقىسىنى قىلىپ ئولتۇرسا ، چوڭلارنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتسە ، ئادەمگە قاراپ تۈكۈرسە ، سىيسە ، ئەسنىسە ئەدەپسىزلىك دەپ قارىلىدىكەن . ئەمما بۇنداق ئەدەپسىزلىكلەرنىڭ يەنە « يامان بولىدۇ » غا ياتىدىغان مەنىلىرىمۇ بار ئىكەن . مەن بۇ ھىكايەمدە ئادەمنى ئاتلىسا قانداق يامان بولىدىغانلىقى ھەققىدىلا توختىلىمەن ، قالغان مەزمۇنلارنى چوڭلارنىڭ ئايرىم تەنبىھلىرى ئارقىلىپ چۈشەندۈرەي .
ئادەمنى ئاتلىسا يامان بولىدىغانلىقى قانداقتۇر بىرچوڭ بالايىئاپەتتىن بىشارەت بولماي ، ئاددىيلا بىر مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، يەنى ئادەمنى ئاتلاپ ئۆتكىچە ئۇنىڭغا پۇتلىشىپ ئۈستىگە يىقىلىسەن ياكى ئۇنىڭ بىرەر يېرىنى دەسسىۋالىسەن ، بولۇپمۇ ئاغرىق ئادەمنىڭ ئۈستىگە يىقىلساڭ ياكى بىرەر يېرىنى دەسسىۋالساڭ ئۇنىڭ ئازابىنى تېخىمۇ ئاشۇرۋېتىسەن دېگەندىن ئىبارەتتۇر . ئەمما كۆپىنچە ئاتا - ئانىلار بالىلىرىغا تەربىيە قىلغاندا بۇنى چۈشەندۈرمەيدۇ ، پەقەت « يامان بولىدۇ » دېگەن تومتاقلا گەپ بىلەن قورقۇتىدۇ ، خالاس .
. ئادەمگە ئارقىسىنى قىلىپ ئولتۇرسا ۋە ئۇھ تارتسا
چوڭ ئاكامنى ئۆيلىمەكچى بولغاندا مەن خېلىلا ئەستىلىك بولۇپ قالغان ئىدىم . بۇ كۈز مەزگىلى ئىدى ، دەرەخلەردىن ئالتۇن رەڭ يوپۇرماقلار يەرگە چاچقۇ بولۇپ تۆكۈلۈپ تۇراتتى . مېھمانلار كېلىشتىن ئىلگىرى ھويلىمىزغا كىگىزلەر سېلىندى ، مومام كىگىزنىڭ تۆر تەرىپىگە ئۆتۈپ ئولتۇردى ، يۈگۈر - يېتىمگە مېڭىۋاتقانلارمۇ بىردەم ئارام ئېلىش ئۈچۈن كىگىزنىڭ چەتلىرىدىن ئورۇن ئېلىشتى . بىر چاغدا تاغامنىڭ قىزى ئايەتبۈۋى ھەدەم « ئۇھ ، مەنمۇ بىردەم ئارام ئالايچۇ » دەپ بېرىپ ، دۈمبىسىنى ئولتۇرغانلار تەرەپكە قىلىپ ، پۇتلىرىنى كىگىزنىڭ سىرتىغا سوزۇپ ئولتۇردى .
- ھەي ئەدەپسىز - دەپ ۋارقىرىدى مومام شۇئانلا ، - بۇ قانداق ئولتۇرۇش ئەمدى ، ئادەمگە ئارقىسىنى قىلىپ ئولتۇرسا يامان بولىدۇ دېگەننى ئاڭلىمىغانما سەن ؟
- خاپا بولما موما ، - دېدى ئايەتبۈۋى ھەدەم قىزىرىپ ، ئۇ ئورنىدىن ئىتتىكلا تۇرۇپ كەتتى . مومامنىڭ دېيىشىچە ، مەيلى ئۆزىدىن چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن ، ئادەمگە ئارقىسىنى قىلىپ ئولتۇرسا يامان بولىدىكەن . بۇنىڭ مەنىسى ئېھتىمال ئادەمگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ دېگەنلىك بولسا كېرەك .
- يەنە ئېسىڭلاردا بولسۇن ، - دېدى مومام ھەممەيلەنگە ، - كىچىكلەر چوڭلارنىڭ ئالدىدا « ئۇھ » تارتسىمۇ يامان بولىدۇ . چوڭلارنىڭ ئالدىدا « ئۇھ » تارتىش « سىلەرنىڭ ئىشىڭلارنى قىلىپ ھېرىپ كەتتىم » دەپ مىننەت قىلغانلىق بولىدۇ . چوڭلار كۆڭلىگە ئالىدۇ ، مىننەت قىلغۇچى چوڭلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشىدۇ ، چوڭلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشكەنلەرنىڭ بەخت - تەلىيى ئوڭ بولمايدۇ ...
چوڭ - كىچىك ھەممەيلەن مومامنىڭ ئاغزىغا قاراپ شۈككىدى تۇراتتۇق . بەزى تۇققانلار ئۆزلىرىدىن شۇنداق ئەيىپلەر ئۆتكەن چېغى قىزىرىپ كېتىشتى . بولۇپمۇ ئايەتبۈۋى ھەدەم مومامنىڭ ئالدىدا « ئۇھ » دەپ سالغىنى ۋە خەقكە ئارقىسىنى قىلىپ ئولتۇرغىنى ئۈچۈن ھەممىسىدىن بەك قىزىرىپ كەتتى .
. چوڭلارنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتسە
مەھەللىمىزدە ئاپپاق ساقاللىق بوۋايلار بولىدىغان ، ياز كۈنلىرى ئۇلار قايسىدۇر بىرىنىڭ ئىشىك ئالدىدىكى ئۈژمە ياكى قارىياغاچ تۈۋىگە جەم بولۇپ سايىدىغاچ پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشاتتى . بىرلىرىنىڭ قولىدا قوتاز قويرۇقىدىن ئىشلەنگەن چىۋىن قورۇغۇچ ، بىرلىرىنىڭ قولىدا تال - چىۋىقتىن ئېتىلگەن شوپۇڭ . گەپلىرى سىلىق ، مۇلايىم ، خۇددى مەڭگۈ ئۆلمەي مۇشۇ مەھەللىدە زىننەت قوشىدىغاندەك ئادەمنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرەتتى .
بىر كۈنى سەيدۇل ئۇلارنىڭ ئالدىدىن يۈگۈرۈپ ئۆتۈپتۇ ، بۇنى كۆرگەن ھەسەن تاغا ئۇنىڭ پاچىقىغا ھاسا بىلەن نەچچىنى ساپتۇ . ھەسەن تاغا بۇ ياققا كېلىۋاتقان ئىكەن .
- ھۇ بەدبەخ ، داداڭ ساڭا چوڭلارنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتسەڭ يامان بولىدۇ دېگەننى ئۈگەتمىگەنما ؟ - دەپ ۋارقىراپتۇ ئارقىدىن .
مەن سەيدۇل دەپ بەرگەن گەپنى دادامغا ئېيتىۋىدىم دادام شۇئانلا :
- بوۋايلارنىڭلا ئەمەس ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتسە يامان بولىدۇ ، - دېدى .
- قانداق يامان بولىدۇ ؟ - سورىدىم مەن يەنە .
- ئۇنداق قىلىق ئادەملەرنى كۆزگە ئىلمىغانلىق بولىدۇ ، ئۇنداقلار قارغىش ئالىدۇ . قارغىش ئالغانلارنىڭ پۇتى قۇرۇپ كېتىدۇ ، كۆزى ئەما بولۇپ قالىدۇ ياكى قولى ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ ، ئىشقىلىپ بىرەر پىشكەللىككە ئۇچرايدۇ . شۇڭا بالام ئېسىڭدە بولسۇن ، سەن ھەتتا ئۆزۈڭدىن كىچىكلەرنىڭ ئالدىدىنمۇ توغرا ئۆتمە . چۈنكى كىچىكلەرمۇ ئادەم ، ئۇلارمۇ كۆڭلىگە ئالىدۇ ، - دەپ چۈشەندۈردى . ھازىر شۇ ئىشنى ئەسلىسەم ، مۇشۇ كۈنلەردە بۇنى بىلىدىغانلار زادى قانچىلىكتۇ ؟ دەپ ئويلاپ قالىمەن .
. ئادەمگە قاراپ تۈكۈرسە
قار قېلىن ياققان بىر قىشتا ئۆگزىلەرنىڭ قارلىرىنى تولا ئېرىغداپ ھېرىپلا قالدۇق ، سۇغۇقمۇ خېلىلا كۈچلۈك ئىدى . ئاپام بىز ئۆگزىگە ياماشقان ھامان مەشلەرگە ئوتنى جىقلا قالىۋېتەتتى ، بىز تۇرخۇندىن چىققان ئىستا قوللىرىمىزنى ئىسسىتاتتۇق . بىر كۈنى تۇرۇپلا دادامنىڭ دېگەن بىر گېپى ئېسىمگە كېلىپ قالدى . دادام بىزگە : « بۇ سوغۇقلار سوغۇقمۇ ، بىز كىچىك چاغلاردا تۈكۈرگەن تۈكۈرۈك يەرگە مۇز بولۇپ تورۇككىدە چۈشەتتى » دەپ بەرگەن ئىدى . مېنىڭ شۇ چاغدا سوغۇقنىڭ كۈچىنى سىناپ باققۇم كەلدى ۋە ئارقا - ئارقىدىن بىرنەچچىنى تۈكۈردۈم . ئالدىمدا قاراپ تۇرغان ئاكام بۇ قىلىقىمدىن ئاچچىقلاپ مېنى ئۇرۇپ كەتتى . كەچتە دادام ئاكام ئىككىمىزنىڭ جېدىلىنى سورىغاندا ئۇ :
- ماڭاقاراپ تۈكۈرگەن ئىدى ، شۇڭا ئۇردۇم - دېدى .
- تۈكۈرگەنگە نېمە بولاتتى ؟ - دېدىم مەن . دادام شۇئان مېنىڭكىنى خاتاغا چىقىرىپ :
- ئادەمگە قاراپ تۈكۈرسە ( ۋە يەنە سىيسە ) يامان بولىدۇ ، - دېدى . ئادەم ئادەمنىڭ قاياشى ، ئادەملەر بىر - بىرىنى يىقىلسا يۆلەيدۇ ، شۇڭا ئادەملەرنىڭ ئالدىدا ئادەملەر ئۇلۇغ ھېساپلىنىدۇ . ئادەملەرنى ئۇلۇغ دەپ تۇرۇپ ، يەنە ئۇنىڭغا قاراپ تۈكۈرسە . سىيسە قانداق بولىدۇ ؟
دادام يەنە بىرمۇنچە ئىشلارنى چۈشەندۈردى ، دادامنىڭ چۈشەندۈرىشى ماڭا چوڭقۇر تەربىيە بولدى . شۇنىڭدىن تارتىپ مەن ئادەملەرنى ھۆرمەت قىلىشنى ئۈگىنىۋالدىم .
. ئادەمگە قاراپ كېرىلسە ، ئادەمگە قاراپ ئەسنىسە
ئەتىياز كۈنلىرى نېمىشقىكىن ، ئادەم ئېزىلىپلا تۇرىدۇ . بەدەنمۇ ھېلىدىن ھېلىغا كىرىشىدۇ . شۇنداق چاغدا تازا بىر كېرىلىۋالسا ئادەم ھوزۇرلىنىپ قالىدۇ .
بىر كۈنى بىزنىڭ ئىشىك ئالدىمىزدىكى ئورۇندۇقتا ئاپتاپقا قاقلىنىپ ئولتۇرغان قوشنىمىز ياقۇپ ئاكامغا قاراپ كېرىلىۋىدىم ، ياقۇپ ئاكام خاپا بولۇپ سۆزلەپلا كەتتى .
- ئادەمگە قاراپ كېرىلسە يامان بولىدۇ دەيدىغان گەپ بار ، سەنزە چوڭ بولغانچە تازىمۇ بىر گومۇش بوپسەن - دېدى ئۇ .
ياقۇپ ئاكامنىڭ گېپى ماڭا قوپال تەگسىمۇ ، ئۇنىڭغا قاراپ كېرىلگەن گۇناھىم ئۆزۈمدە بولغاچقا لام - جىم دېيەلمىدىم . چوڭلارنىڭ دېيىشىچە ئادەم ئادەمگە قاراپ كېرىلسە قوقىقى چاچرايمىشكەن . بىر ئادەمنىڭ قوقىقى يەنە بىر ئادەمگە چاچرىسا بەدەنلىرىنى بوشاشتۇرۇپ ، لاسسىدە قىلىپ قويارمىشكەن ، ئېغىرراق بولغاندا ئادەم بىر قىزىپ بىر تىترەپ يېتىپ قالارمىشكەن . بۇنىڭ راست - يالغانلىقىنى مېدىتسىنا ئىلمى ئارقىلىق ئىسپاتلاپ كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ . ئەمما « ئادەمگە قاراپ ئەسنىسە يامان بولىدۇ » نىڭ ئىلمى ئاساسىغا قاراپ ، « ئادەمگە قاراپ كېرىلسە يامان بولىدۇ » غا بېرىلگەن تەبىرنىڭ توغرىلىقىغا ئىشىنىپمۇ قالىمەن . ھازىر تىببى ئىلىم ساھەسىدە « ئەڭ تېز يۇقىدىغان كېسەللىك - ئەسنەك » دەپ كۆرسىتىلدى . ئادەم ئادەمگە قاراپ ئەسنىسە ئۇ شۇئانلا قارشى تەرەپكە يۇقىدىكەن . مەن بۇنى ئەمىلىيەتتە كۈزەتتىم ، توغرا چىقتى .
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |