بىر ستۇدېنتنىڭ بىيجىڭغا بارغاندىن كىيىن ئويلىغانلىرى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم ، قانداق ئەھۋالىڭ ؟ مەندىن ئەھۋال سورىساڭ مەنمۇ ياخشى .
ئەسلى گەپكە كەلسەك، مەن پات ئارىدا ھېلىقى چوڭ سارايغا يىغىنغا بارىمەن «خەلىق چوڭ سارىيىنى دىمەكچى». بۇنىڭدىن بىر ئاز خۇشال بولدۇم ھەم پەخىرلەندىم .چۈنكى بۇ يىغىنغا پۇتۇن مەكتەپتىكى مىللەتتىن نەپەر ئوقۇغۇچى قاتنىشىدۇ . باشقا ئۆلكە شەھەرلەردىكى ئالى مەكتەپلەردىنمۇ ئوقۇغۇچىلار كىلىپ قاتنىشىدىكەن .
مەن يىقىندىن بىرى بەكلا بىسىم ھىس قىلىۋاتىمەن .ئىچكىرىدە ئوقۇغانلار دەرىسكە تويۇپلا كىتىدىكەن ،بىراق ئۈگۈنۈش قىلمايمۇ بولمايدۇ.بىز ھەقىقەتەن دۇنيانىڭ ئارقىسىدا قاپتۇق ،بىز ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ،مەۋجۇتلىقىمىزنى ساقلاش ئۈچۈن چوقۇم ياخشى ئۈگۈنىشىمىز كىرەك .
مەن سىللىگە بىز ئىشنى قىسقىچە سۆزلەپ بىرەي .بىز بۇيەرگە كەلگەندىن كىيىن بىر كۈنى بىر يۇرتلۇق تۆتىمىز كوچا ئاپتۇبۇسىغا چىقىپ قالدۇق .بۇ ئاپتۇبۇسنىڭ ئاخىرقى بىكىتى بىزنىڭ مەكتەپ بولغاچقا بىز بىردەم ئولتۇرغاچ ئۇيغۇرچە پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق ،شۇ ئارىدا بىلەت ساتقۇچى كىلىپ سىلەر قەيەردىن دەپ سورىدى .بىز شىنجاڭدىن دەپ جاۋاپ بەردۇق .ئۇ يەنە نىمىشقا خەنزۇچە سۆزلىمەيسىلەر دەيدۇ .بىز بۇ بىزنىڭ ئانا تىلىمىز ، بىز مەيلى قەيەرگە بارمايلى ئانا تىلىمىزدا سۆزلەيمىز دىدۇق . ئۇ يەنە باشقا مىللەتلەرمۇ خەنزۇچە سۆزلەيدۇ ،سىلەرمۇ بارا- بارا تەرەققى قىلىپ خەنزۇچە سۆزلەيدىغان بولىسىلەر دەيدۇ .بىز شۇتەرىقىدە ئۇنىڭ بىلەن تەگىشىپ قالدۇق .مەن ئويلىنىپ قالدىم ئەجەبا تەرەققىياتنىڭ نەتىجىسى ئۆز ئانا تىلىنى ئۇنتۇشمۇ ؟
بىر بىلەت ساتقۇچى شۇنداق ئويلىسا باشقىلار قانداق ئويلادىغاندۇ؟ ئالىملار باشقا ..........يەنە باشقىلار قانداق ئويلايدىغاندۇ ؟
مەن بىر كۈنى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋىرسىتىتىغا بىرىپ قالدىم ، شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مەكتەپنىڭ كۈتۈپخانىسىغا كىردىم .قەۋەتلىك كۈتۈپخانىنىڭ مەيلى قەيىرىگىلا قارىماڭ ساپلا ئادەم ،ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كىتاپنى بىشىغا قويىۋىلىپ ئۇخلاۋاتقانلارمۇ ،باش كۆتۈرمەي ئۈگۈنۈۋاتقانلارمۇ بار ئىكەن .بىراق بۇلارنىڭ ئارىسىدىن ماڭا تونۇش چىرايدىن بىرەرنى ئۇچرىتالمىدىم.بەلكىم ماڭا ئۇچرىمىغاندۇ.
شۇتاپتا ئىسىمگە ئابدۇقادىر داموللامنىڭ مۇنۇ سۆزى ئىسىمگە كىلىپ قالدى :« بىزنىڭ شۆھرەتلىك ئاجايىپ سەلتەنەتلىك دەۋرىمىز بولغان ، ئەمما ئۇلارنى دەستەك قىلىپ ئۆتىۋىرىشكە بولمايدۇ،ھەربىر ئەۋلات ئىلىم پەن ئۈگۈنۈشى ،تارىخ يارىتىپ تارىخقا ئۇلاپ مىڭىشى كىرەك ،ئەلۋەتتە بىزمۇ شۇنىڭ ئىچىدە » . ھازىرقى دۇنيا كىم كۈچلۈك بولسا شۇ ياشايدىغان دۇنيا . دارۋىننىڭ سۆزى بويىچە ئىيتقاندا ماسلىشالىغانلىرى ھايات قالىدۇ ، ماسلىشالمىغانلىرى ھالاك بولىدۇ.ھازىر ئۈگۈنۈش بىسىمى نۇرغۇن كىشىلەرنى كىشىلىك دۇنيانىڭ نۇرغۇن خۇشاللىقلىرىدىن مەھرۇم قويماقتا،ئەمما ئامال يوق ھازىر بەرداشلىق بەرمىسەك كىيىن قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان پۇشايمانغا قالىمىز .ھەرھالدا تىرىشايلى مىللەتنىڭ ئىلغار كىشىلىرى ھىساپلىنىدىغان سىتونىدىتلارنىڭ ھالى ئۇنداق خاراپ بولسا باشقىلاردىن سۆزئاچقىلى بولمايدۇ .بىر ئۆمۈر ئۈگۈنۈش دىگەن گەپ چىققىلى ئۇزۇن بولدى ، ئەمما بىز ئۇيغۇرلاردا يىل ئوقۇسا ۋاي خۇدايىم دەپ پىشانىسىگە شاپاللايدىغانلار نۇرغۇن ، بولۇپمۇ مىللەتنىڭ ئاساسى گەۋدىسى ئولتۇراقلاشقان جەنۇبى شىنجاڭدا شۇنداق . كىيىنچە پۇرسەت بولسا كىلىپ كورۇپ كەتسەڭ بولغۇدەك تەرەققىيات ، ھەقىقەتەن چوڭ پەرىقمۇ شۇنداق .
ھەممىمىز ئۆز رىئاللىقىمىزنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشايلى ، بەلكىم كۈنلىرىمىزمۇ بۇنداق ئۆتىۋەرمەس.
بەزىدە ئوقۇغۇچى دىگەنگە شۇنداق ھۆ قىلغۇم كىلىدۇ ،بىراق بىز نەچچە ھەسسە مەسئۇلىيەتنى يۈكلەپ يۈرىۋاتقان ئادەم بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ھەممە نەرسىگە مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇمىز بىلەن قارىشىمىز كىرەك .
شۇ تاپتا كۆز ئالدىمغا ئامرىكىنىڭ شىمالىدىكى دەسلەپتە يەرنىڭ ئىگىلىرى بولغان ، كىيىنچە ماشىنلاشقان زامانىۋى دىھقانچىلىق ھەم پۇلدار دىھقانچىلىق مەيدان خوجايىنلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشى بىلەن ئاۋۋال يەردىن ئايرىلغان ، ئاندىن ياللانما بولۇشقىمۇ ئىش تاپالماي تەمتىرەپ يۇرگەن ، ئەڭ ئاخىرىدا ھۆكۈمەتنىڭ قۇتقۇزۇش پۇلىغا تايىنىپ ياشاۋاتقان مايا مەدىنىيتىنىڭ ياراتقۇچىلىرى ھەم شۇ يەرنىڭ دەسلەپكى ئىگىسى بولغان ھىندىئانلار ئىسىمگە كىلىۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇلار دۇنيادىكى ئەڭ بىچارە مىللەت ، ئۇلار قۇتقۇزۇش پۇلىغا تايىنىپ كۈن كەچۈرىدۇ ،تۇرمۇش سەۋىيىسى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە ،ئۆز رىئاللىقىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئىزدەنمەيدۇ ،ئىزدەنسىمۇ ھەركەت قىلمايدۇ ،ھەركۈنى كوچا بويىغا يىغىلىپ پاراڭ سوقىدۇ ،ئۇخلايدۇ ياكى ئىنگىلىزلاردىن قاقشايدۇ.ئەمما ئۇلار بىلەن ھىچكىمنىڭ كارى بولمايدۇ .چۈنكى ھەممە ئادەم ۋاقىتقا قۇل بولۇپ ياشاۋاتقان بۇ جەمىيەتتە ، ئۇلارغا قاراشقا ئۇلار ھەققىدە ئويلاشقا ھىچكىمنىڭ چولىسى يوق .دۇنيادا قەدىرسىز قالغاننىڭ ئۆزى قىيامەت ئەمەسمۇ .
دوستۇم مانا بۇ مىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرگە كەلگەندىن كىيىن ئويلىغانلىرىم .مەن بۇيەردىن ئۇيەرگە بارغاندىن كىيىن ئۆزۈمنى تونۇتىمەن دەپ سىتىۋالغان بادام دوپپام بىلەن كانىۋاي كۆڭلىكىم ھىچنىمىنى ئىسپاتلىيالمايدىكەن . بىز ئۆزىمىزنى ئۇيغۇرلىقىمىزنى تونۇتىمىز دەيدىكەنمىز ،ئالدى بىلەن ئىلىم پەندە باشقىلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ئاندىن ئۇلار سەن كىم دىگەندە ئاندىن ئۇ كىيىملىرىمىزنى كىيىپ مەن ئۇيغۇر دىسەك ئاندىن توغرا بولىدىكەن .
خەيىر خۇداغا ئامانەت كىيىنچە يەنە كۆرۈشۈشكە نىسىپ قىلسۇن .
مەنبە : ستۇدېنتلار مۇنبىرى
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |