ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئەگەر بېل گايتىس جۇڭگولۇق بولسا


ئەگەر بېل گايتىس جۇڭگولۇق بولسا


 

  بىز پەرەز قىلىپ باقايلى : ئەگەر بېل گايتىس جۇڭگولۇق بولسا سانسىزلىغان ئۇنۋان،ناملارغا ئېرىشىدۇ.مەسلەن؛جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىسىنىڭ ئاكادىمىكى،ئالاھىدە تۆھپە ياراتقان مۇتەخەسسىس،ھۆكۈمەت ياردىمىدىن بەھرىمان بولىدىغان .ئىختىساس ئىگىسى،مەملىكەتلىك كارخانىچى،ئون مۇنەۋۋەر ياشنىڭ بىرى،يېڭى ئۇزۇن سەپەر بايراقدارى،مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى ....بۇندىن باشقا بېل گايتىس خۇاشىيا ئونۋېرستىتىنىڭ مېھمان پىراففىسورى،شىنجۇ ئىنىستوتىنىڭ پەخرى دوكتورى، مەملىكەتلىك نامراتلارنى يۆلەشتىكى ئىلغار شەخىس،<<سودا ئۇرۇشى&t;&t; ژۇرنىلىنىڭ مەسلىھەتچىسى،جۇڭخۇا مەملىكەتلىك كومپيوتېر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،ھەتتا كېچىكىپ توي قىلىپ،كېچىكىپ توي قىلىش نەمۇنىچىسى قاتارلىق نام-ئەمەللەرگىمۇ ئېرىشىدۇ.مىكروسوفت شېركىتى بولسا <<گۈلزارلىق ئىدارە&t;&t;،<<ئىشەنچىلىك كارخانا&t;&t;،<<مەملىكەتلىك مەشھۇر ماركا&t;&t;،<<پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئىلغار ئورۇن&t;&t;،<<ئىلغار ئىشچىلار ئۇيۇشما تەشكىلاتى&t;&t;قاتارلىق شەرەپلەرگە نائىل بولىدۇ.
    يولداش بېل گايتىس دۆلەت ئۈچۈن شۇنچە كۆپ پۇل تاپقانلىقى شۇنداقلا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسلىسىنى ھەل قىلغانلىقى ئۈچۈن،دۆلەت دەرىجىلىك ئالاھىدە قوغدىلىدىغان خادىملار قاتارىغا كىرگۈزىلىدۇ.ئۇ ھېچ بولمىغاندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ياكى سىياسى كېڭەشنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ،مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك تەمىناتتىن بەھرىمان بولىدۇ.ھەم مۇشۇ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ھەر قانداق ئىشنى توسالغۇسىز بېجىرەلىگەن بولاتتى.
    ئامېرىكىلىقلار نېمانچە دۆت،كىچىككىنە سەۋەنلىك بىلەن بېل گايتىسنى ئەيىبلەپ،تۇزىنى يەپ تۇزلىقىنى چاقتىغۇ،ئەگەر جۇڭگودا بولسا مىكروسوفت مىللى سانائەتنىڭ پەخرى شۇنداقلا ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ تۆھپە،ئوبراز قۇرلىشى بولغان بولاتتى.جۇڭگولۇقلار ئىشلارنى يەڭ ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىشقا ئامراق-يۇ،<<دوسلارنى يىغلىتىپ دۈشمىنىنى كۈلدۈرىدىغان&t;&t;ئىشلارنى قىلالمايدۇ،كىممۇ مىكروسوفىتقا يۈرەكلىك بېرىپ بېل گايتىسنى ئاۋارە قىلالايدۇ.ئەگەر كىمكى شۇنداق قىلسا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەشەددى دۈشمىنىگە ئايلىنىدۇ.ئالاقىدار ئورۇنلار مىكروسوفىتنىڭ مەڭگۈ گۈللىنىشىنى خالايدۇ.بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىز مىكروسوفىتقا بېرىپ،نەق مەيداندا ئىش بېجىرىپ،ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قېلىپ بەرگەن بولاتتى.مەسلەن؛سىياسەت جەھەتتە ئېتىبار بېرىش،مەبلەغ جەھەتتە قوللاش،جامائەت پىكرىنى توپلاپ تەشۋىقات قىلىش،سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش،باج جەھەتتە ئازايتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىقلار........
    بېل گايتىس ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ.ئۇ پارتىيە ياكى دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھقا ئەزا بولۇپ كۇن بويى ئالدىراشچىلىقتا تۈرلۈك يىغىنلارنى ئاچقان بولاتتى.بېل گايتىس زامانىمىزنىڭ قەھرىمانىغا ئايلىنىدۇ.جەمئىيەتتە يولداش<<بېل گايتىستىن ئۈگۈنۈش&t;&t;پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ،ئالاقىدار تارماقلار<<يولداش بېل گايتىسنىڭ ئىلغار ئىش-.ئىزلىرىنى دوكلات قىلىش &t;&t;پائالىيىتى تەشكىللەيدۇ،بېل گايتىس بولسا پۈتۈن مەملىكەتنى ئايلىنىپ دوكلات بېرىدۇ.بېل گايتىس ئالاقىدار رەھبەرلەر شىركەتتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلسا ، ئۇلارغا ھەمراھ بولۇشى ھەر جايدىن كەلگەن ئېكسكۇرسىيىچىلەرنى،مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش ۋە ھەر تۈرلۈك ئېچىلىش مۇراسىملىرىغا قاتنىشىشى كېرەك .
    بېل گايتىس چوقۇم جەمئىيەتكە جاۋاپ قايتۇرىدۇ.مەسلەن؛ئۈمىد قۇرۇلۇشىغا پۇل ئىئانە قىلىپ ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇش؛مەلۇم ئالىي مەكتەپكە<<بېل گايتىس تەنتەربىيە سارىيى&t;&t;سېلىپ بېرىش؛<<بېل گايتىس ئەدەبىيات مۇكاپاتى&t;&t;تەسىس قىلىش؛<<مىكروسوفت لوڭقىسى&t;&t;مەملىكەتلىك ئېپىزوت،ئېيتىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۇش قاتارلىقلار.
    بىزنىڭ مەتبۇئاتلىرىمىزدا ئۈزلۈكسىز<<مىكروسوفت نىمىشقا شۇنچە تەرەققى قىلالىدى&t;&t;سەرلەۋھىلىك تەھرىر ئىلاۋىسى ئېلان قىلسا؛تېلېۋىزىيە ئېكرانىدا بولسا بېل گايتىس كىچىكىدىن باشلاپ ئىلىم-پەننى سۆيىدىغان،يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەتلىكىنى مەزمۇن قىلغان <<ئۆسمۈر بېل گايتىس&t;&t; قا ئوخشاش كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى كۆرسىتىلىدۇ؛ئىقتىساسشۇناسلار بولسا <<مىكروسوفت ھادىسىسى&t;&t;مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ.مەسلەن؛<<مىكروسوفت ۋە to&t;&t;،<<مىكروسوفىتنىڭ پۈتۈن مەملىكەتكە بولغان باشلامچىلىق رولى ھەققىدە&t;&t;قاتارلىقلارنى،جەمئىيەتشۇناسلار بولسا <<جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ بازار ئىگىلىكىگە بولغان تەسىرى ھەققىدە مۇھاكىمە&t;&t;دېگەن ئەسەرنى يازغان؛پېشقەدەم ئەدىپلەر ئالدىراش<<بېل گايتىس تەرجىمىھالى&t;&t;نى يازغان ھەم<<بەش بىر&t;&t;قۇرۇلۇشىغا نامزات تاللاشقا قاتناشقان،بېل گايتىسنىڭ ئاتا-ئانىسى بولسا نەشرىيات سودىگەرلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە<<بىز بېل گايتىسنى مۇنداق تەربىيىلىگەن&t;&t; ناملىق كىتابنى يازغان بولاتتى.
    جۇڭگولۇقلار نىمىشقا ئىشلارنى كۆپتۈرۈۋېتىشكە ئامراقتۇر.بېل گايتىس تېخى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن كېلىشمەي تۇرۇپلا شۇيەردىكى باشقا شىركەتلەرنى قوشۇۋېلىشى،بىرلىشىشكە زورلاپ ئېلېكترون ئۇچۇر-ئالاقە،خىمىيە-سانائىتى،ماشىنىسازلىق،يېمەك-ئىچمەك،قاتناش-ترانسىپورت كەسىپلىرىنى ئۆزئىچىگە ئالغان گۇرۇھلىشىش يولىغا قاراپ ماڭىدۇ،ئاقىۋەتتە ھەممە ساھەگە قول تىقىپ ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ.مىكروسوفت شېركىتى پۈتۈن زېھنىنى رەھبەرلەرنىڭ تەكشۈرۈشىگە،باشقا ئورۇنلارنىڭ ئېكىسكۇرسىيە قىلىشىغا،ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىگە سەرپ قىلغانلىقىدىن،قايسى ۋاقتى بىلەن يېڭى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپ سودىنى يۈرۈشتۈرەلەيدۇ دەيسىز؟ غايەت زور كۈتىۋېلىش چىقىمىنى قانداقمۇ كۆتۈرەلىسۇن؟ مىكروسوفت خەقنىڭ نەزىرىدىكى لوق گۆشكە ئايلىنىپ نامرات رايونلارغا،ئاپەت رايونىغا،ئىئانىگە پۇل چىقىم قىلىدۇ.رەھبەرلەرنىڭ ھاۋالىسى بىلەن مىكروسوفىتقا بىكار تەلەپ،نان قىپىلار يىغىلىپ،ئاستا-ئاستا رىقابەت كۈچىنى يوقىتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ۋەيران بولۇش يولىغا قاراپ ماڭىدۇ............
    مەن بېل گايتىسنىڭ ئاخىرقى تەقدىرىدىن بەكمۇ قايغۇرىمەن.جەمئىيەت بېل گايتىسقا شۇنچە كۆپ شان-شەرەپلەرنى بەردى.ئۇ ئۆزگىرىپ يۈرىكى يوغىناپ ھەرقانداق ئىشنى يۈرەكلىك قىلىدىغان بولىدۇ.مەسلەن؛ئۇ تەدبىر بەلگىلەشتە خاتالىشىشى،ناچار سۈپەتسىز مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشى، ساختا باج تالونى ياساپ،باج ئوغۇرلاپ،باج يوشۇرۇش،خىيانەتچىلىككە بېرىلىش ،پارا ئېلىش پارا بېرىش،ئاشنا تۇتۇپ تۇرمە ساقچىسى تەسىس قىلىش،بۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىقى قىلىش،مەبلەغنى سىرتقا يۆتكەپ ساختا پاسپورت سېتىشى مۇمكىن.
    شۇڭا مەن جۇڭگودىن بېل گايتىسقا ئوخشاش ئادەمنىڭ چىقىشى ياكى چىقماسلىقىنى ئۈمىد قىلىشنى بىلمەيمەن.ئەلۋەتتە،ئەگەر جۇڭگودىن بىل گايتىستەك ئادەم چىقسا ،مېنىڭ يۇقىرىقى قاراشلىرىم پۈتۈنلەي خاتا بولىشى مۇمكىن.


 

مەنبە : رۇسلان مۇنبىرى

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203