گېتلېر نىمە ئۈچۈن يەھۇدىلارغا ئۆچ ؟
يەھۇدىيلارنىڭ قانداق مىللەت ئىكەنلىكى ھەم ئۇلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شۇنچە قىرغىنچىلىققا ۋە خورلۇققا ئۇچراپ تۇرسىمۇ يەنىلا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشى زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟ يەھۇدىيلار زادى قانداق مىللەت ؟ يەھۇدىيلارنىڭ دۇنيادىكى تارىخ ئىزلىرى ھەم ئۇلارنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئەقىل - پاراسىتىنىڭ سىرى .... يەھۇديلارغا ئائىت ماتېرىياللارنى كۆرسەكلا جاۋاب تاپالايمىز . بۈگۈن بىز بۇ يەردە يەھۇدىيلارنى بىلىشتىن ئاۋۋال ` گىتلېرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا يەھۇدىيلارغا ئۆچمەنلىك قىلىشىنىڭ سىرلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتۈپ ، كېيىنچە يەھۇديلار ئۈستىدە توختالساقمۇ ئۈلگۈرىدىغاندەك قىلىمىز .
گىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشىنىڭ سەۋەبى ، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا تارىخشۇناسلارنىڭ تالاش - تارتىش قىلىدىغان تېمىسى بولۇپ كەلمەكتە .
بەزىلەر : گىتلېرنىڭ بوۋىسى يەھۇدىي بولۇشى مۈمكىن ، گىتلېرنىڭ دادىسى بوۋىسىنىڭ ئايال خىزمەتچىسىدىن تاپقان ھارامدىن بولغان بالىسى ، شۇنىڭ ئۈچۈن گىتلېر چارەك يەھۇدىي قان سېستىمىسىغا كىرىدۇ . گىتلېر ئۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن نەپرەتلەنگەچكە ، يەھۇدىيلارغا نەپرەتلەنگەن ~ دەپ قارايدۇ .
بەزىلەر : گىتلېر ئىلگىرى سېرىق چاچ قىزغا كۆيۈپ قالغان ، كېيىن ياش بىر يەھۇدىي بۇ قىزنى تارتىۋالغان ، گىتلېر شۇنىڭ ئۈچۈن يەھۇدىيلارغا نەپرەتلەنگەن ، دېيىشىدۇ .
يەنە بەزىلەر ، گىتلېرنىڭ ئىلگىرى يەھۇدىي پاھىشە ئايال بىلەن مۇناھىۋېتى بولغان ، گىتلېر ئۇ ئايالدىن جىنسىي كېسەل يۇقتۇرۇۋېلىپ ، بىر ئۆمۈر جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزەلمەيدىغان بولۇپ قالغان ، شۇڭا گىتلېر يەھۇدىيلارغا نەپرەتلىنىدۇ دەپ قارايدۇ .
يەنە بەزىلەر ، گىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭدا << پىسخىلوگىيىلىك غەيرىي نورمال ھالەت &t;&t; نىڭ ئېنىق بولمىغان خورلاش ۋە قىرغىن قىلىش ئىستىكى بولىدۇ ، دەپ قارايدۇ .
يەنە بەزىلەر ، گىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشى بىر << جىنسىي كۈندەشلىك &t;&t; تىن بولۇشى مۈمكىن دەپ قارايدۇ . چۈنكى << مېنىڭ كۈرەشلىرىم &t;&t; ناملىق كىتابىدا : << نەچچە مىڭلىغان قىزلارنى يىرگىنچلىك ئىچ مايماق يەھۇدىي شالغۇتلىرى ئازدۇرۇپ يۈرىدۇ &t;&t; دەپ يازغان . بۇ گىتلېرنىڭ بىر خىل << جىنسىي كۈندەشلىك &t;&t; پىسخىكىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ ، دەپ قارايدۇ .
بۇ توغرىلىق قاراشلار يۇقۇرقىلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ . لېكىن كۆپىنچىسىنى ئۆز سۆزىنى يورغىلاتقان قاراشلار دېگىلى بولمىسىمۇ ، لېكىن گۇمانلىق تەرەپلىرى بار . ئەگەر بىز گىتلېرنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىدىغان بولساق ، ئۇنىڭ يەھۇدىيلارنى ئۆچ كۆرۈشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى كۆرۈۋېلىشىمىز تەس ئەمەس . ئۇنداق بولسا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ ......
بىرىنچى ، دىنىي خاھىش ۋە ئىرىقچىلىق گىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى ئىدىيىسىنىڭ ئاساسى .
گىتلېر ۋېنادا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەندە ، نۇرغۇن دىنىي كىتابلارنى ئوقۇغان . ئۇ چېمبېرلىننىڭ : ئىسا يەھۇدىي ئەمەس ، يەھۇدىيلار ئىساغا ساتقىنلىق قىلغان يەھۇدىيلارنىڭ پۇشتى ، شۇڭلاشقا يەھۇدىيلار گۇناھكار مىللەت ، دېگەن سەپسەتىگە ئىشىنەتتى . پۈتۈن دۇنيا خاراكتېرلىك يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشنىڭ سەۋەبلىرىمۇ كۆپىنچە مۇشۇنىڭدىن كېلىپ چىققان .
گىتلېرنىڭ << مېنىڭ كۈرەشلىرىم &t;&t; ناملىق كىتابىدىن مۇنبەرگە يوللاشقا ۋەدە قىلغان ئىدىم ~ ئەمدى بۇ كىتابتىكى يەھۇدىيلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەم گىتلېرنىڭ يەھۇدىيلار ھەققىدە توختالغان مۇنۇ قۇرلىرىغا دىققەت قىلىڭ :
<< بارلىق مەدىنىيەتلەر ئاق تەنلىكلەردىن باشلانغان . &t;&t;
<< ئارىيانلار بولسا ئاق تەنلىكلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل ئىرق .&t;&t;
<< يەھۇدىيلار باشتىن - ئاخىر باشقا مىللەتلەرنىڭ بەدىنىدىكى پارازىت قۇرۇتلار .... ئۇلار زىيانلىق تاياقچە باكتىرىيىگە ئوخشاش كېڭەيمەكتە ، ئۇلار قەيەردە بولسا ، شۇ يەردە ئولتۇرۇشلۇق ئائىلىلەر ھامىنى بىر كۈنى نابۇت بولىدۇ . &t;&t; شۇنىڭ ئۈچۈن ، يەھۇدىيلار " جەزمەن يەر شارىدىن يوقىلىشى كېرەك " &t;&t; .
<< بارلىق ئورگانىك ھاياتلىقلارنىڭ ئەركىن رىقابىتىدە ئەلالىرى يېڭىپ ، ناچارلىرى شاللىنىپ كېتىدۇ ، ئاجىزلارنى كۈچلۈكلەر يەيدۇ ، بۇ تەبىئەت پىرىنسىپى ۋە پولاتتەك قانۇنىيەت ... &t;&t;
<< يەھۇدىيلار پەس مىللەت &t;&t;
..........
دېمەك ، گىتلېر << مېنىڭ كۈرەشلىرىم &t;&t; دېگەن كىتابىدا سۈرلۈك تۈس ئالغان " ياشاش ماكانى نەزىرىيىسى " ۋە " ئىرقىي ئەۋزەللىك نەزىرىيىسى " نى زور كۈچ بىلەن تەرغىپ قىلىپ ، " يەھۇدىيلارغا ، دېمىكىراتىيىگە ۋە ماركىسىزمغا بولغان قاتتىق ئۆچمەنلىكىنى ئاشكارىلىغان . دەل مۇشۇ كىتابنىڭ ئىدىيىۋى يېتەكچىلىكىدە ، گىرمانىيە ئۇرۇشپەرەسلىك ۋە يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلىش يولىغان ماڭغان .
گەپتىن گەپ چىقىپ قالدى بۇ يەردە ، ئۆتكەندە مۇنبەردىكىلەرگە گىتلېرنىڭ بۇ كىتاۋىنىڭ ئەينى ۋاقدىدىكى سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىپ بارغانلىقىنى دېگەن ئىدۇق . ئەمدى بۇ كىتابنى نېمە ئۈچۈن باشقىلار ئەكسىيەتچىل كىتاب دېيىشىدۇ؟ مۇشۇنىڭ جاۋابىمۇ مېنىڭچە ناھايىتى ئاددىي . تارىخچىلارنىڭ سىتاتىسكىسىغا ئاساسلانغاندا ، << مېنىڭ كۈرەشلىرىم &t;&t; دېگەن كىتاب - يىلىدىن - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانغا قەدەر ، ناتسىسىت گېرمانىيىسىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىۋالغان ، بۇ كىتابنىڭ ھەر بىر خېتى مىڭ ئادەمنىڭ ؛ ھەر بىر بابى مىليون مىڭ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان
شۇڭلاشقا ، يەھىۇدىيلار گىتلېرنىڭ بۇ كىتاۋىنى << ئەكسىيەتچىل كىتاب &t;&t; دەپ ئاتاشىدۇ . گىتلېرنىڭ زوڭتۇقلۇققا سايلىنىپ يەھۇدىيلارغا ئايرىم بەلگىلىمە چىقارغانلىقىنى ، ئۇلارنى ئەزگەنلىكىنى بىز گىتلېر ھەققىدىكى كىنو ۋەقەلىكلىرىدىمۇ كۆرگەن . بولۇپمۇ گىتلېرنى كۆرگەندە گىېرمانىيىكلەرنىڭ << خايل گىتلېر &t;&t; دەپ ، ئوڭ قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈشۈپ ~ توۋلاشلىرىغا مەن بەك قىزىقاتتىم ..... گىتلېر شۇنچە ھۆرمەتكە سازاۋەرمىدۇ ؟ ياكى ..؟ دەپ . دېمەك، مانا بىز بۇ يەردە گىتلېرنىڭ يەنە بىر قىسىم مەخپىيەتلىكلىرىنىمۇ بايقايمىز . بۇ كېيىنكى قېتىملىق مۇلاھىزىگە قالدۇرۇلۇپ تۇرسۇن ... (ئايچىۋەر) ئۆز گېپىمىزغا كېلەيلى .
ئىككىنچى ، ماركىسىزمغا قارشى تۇرۇش -- گىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشىدىكى سىياسىي سەۋەب .
ماركىسىزمنىڭ سىنىپىي كۈرەش نەزىرىيىسى ئىرىقچىلىقنى تەلتۆكۈس ئىنكار قىلىدۇ ، شۇڭلاشقا گىتلېر ماركىسىزمنى دەھشەتلىك بالايىئاپەت دەپ قارايدۇ . << مېنىڭ كۈرەشلىرىم &t;&t; ناملىق كىتابىدا ، گىتلېر : << يەھۇدىيلار ماركىسىزم تەلىماتىدىن پايدىلىنىپ ، " گىېرمانىيىنىڭ روھىي دۇنياسىنى زەھەرلىمەكتە " ؛ ئۇلار مىللەتنى سىنىپقا ئايرىۋەتتى ، ماركىسىزملىق سىياسىي پارتىيىلەرنى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن سىنىپىي كۈرەش بىلەن شۇغۇللاندى ، " مىللىي ئىگىلىككە بۇزغۇنچىلىق سالدى ھەم ھەمكارلىق ئۇيۇشمىلىرى ، بىلىم ساھەلىرىنى كونترول قىلىپ ، ئىنتېرناتسىئونالىزمنى ، تىنچلىقپەرەسلىكنى ، ئىنسانپەرۋەرلىكنى تەشۋىق قىلدى " شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئەگەر "ماركىسىزم تازىلانمىسا " ، گېرمانىيە قايتىدىن باش كۆتۈرەلمەيدۇ ~ دەپ قارىغان .
مېنىڭ كۈرەشلىرىم دە يەنە مۇنداقمۇ يېزىلغان : << يەھۇدىيلار كۈرىشىنىڭ ئاخىرقى نىشانى --- ئىقتىسادىي جەھەتتە دۇنيانى قۇل قىلىپلا قالماي ، سىياسىي جەھەتتىمۇ دۇنيانى قۇل قىلىشتىن ئىبارەت . يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ ماركىسىزملىق نەزەرىيىسىگە تايىنىپ دۇنيانى ، ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنى يەڭگەن ۋاقىتتا ، ئۇلارنىڭ خان تاجى ئىنسانىيەت ھالاكىتىنىڭ كرېستى بولىدۇ .... &t;&t;
قىزىق ئىش ، نېمىگە ئۆچ بولساڭ كۆزۈڭگە كۆرۈنىدىغىنىمۇ شۇ دېگەندەك ، گىتلېر ئىككى نەرسىگە ئۆچ بولغان . بىرى يەھۇدىي يەنە بىرى ، ماركىسىزم . ئەمىلىيەتتە بۇ ئىككىسى بىرلىشىپ قالغان . ماركىسمۇ يەھۇدىي بولۇپلا قالماي بەلكى ئۇنىڭ نۇرغۇن ئىنقىلابچىلىرىمۇ يەھۇدى . سوۋېت ئىتتىپاقى بولشېۋىكلار پارتىيىسى ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت قۇرغاندا ، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ رەھبەرلەر يەھۇدىي ئىدى . ...... ئىشقىلىپ خېلى نوپۇزلۇق ئورۇن ۋە كاتىۋاشلار ئىچىدە چوقۇم يەھۇدىي بار بولۇپ تۇرغانلىقى ئۈچۈنلا ~ گىتلېر << ماركىسىزمنى يوقۇتۇشتىن ئاۋۋال يەھۇدىيلارنى يوقۇتۇش كېرەك &t;&t; دېگەن .
ئۈچىنچى ، ئىگىلىكنى<< ئارىيانلاشتۇرۇش &t;&t; ۋە ھەربىيلەشتۈرۈش گىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشىنىڭ ئىقتىسادىي سەۋەبى بولغان .
XX ئەسىردىن بۇيان ، كاپىتالىستىك ئىگىلىكنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، يەھۇدىي سودىگەرلىرى كاپىتالىزمنىڭ ۋەكىلى بولۇپ قالدى . يەھۇدىيلار ياۋروپانىڭ ئاخبارات ، داۋالاش ، پۇل - مۇئامىلە ، قانۇن ۋە مائارىپ ساھەسىنى دېگۈدەك مونوپۇل قىلىۋالغانىدى . بۇنىڭ بىلەن شۇ ۋاقىتلاردا ناتسىست پارتىيىسىنى قوللايدىغان مونوپۇل بۇرژۇئازىيە يەھۇدىي سودىگەرلىرىگە ئىنتايىن نەپرەتلەنگەن ، تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئىگىلىمەكچى بولغان . گىتلېر ئۆزىنىڭ تەختكە چىقىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان بۇ ئوتتۇرا بۇرژۇازىيە سىنىپىنىڭ مەنپەئەتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن ، تەبىئىي ھالدا يەھۇدىيلارنى چەتكە قېقىش سىياسەتلىرىنى قوللانغان . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يەھۇدىيلارنىڭ مال - مۈلكىنى زور دەرىجىدە تالان - تاراج قىلىپ ، ئۆزىنىڭ پۈتۈن يەر شارىغا زومىگەر بولۇش ئۇرۇشى قىلىش قارا نىيىتى ئۈچۈن ئىقتىسادىي ئاساس سالماقچى بولغان .
گىتلېر << مېنىڭ كۈرەشلىرىم &t;&t; ناملىق كىتابىدا ، يەھۇدىيلارنىڭ "گۇناھى" نى مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن : << يەھۇدىيلار خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە كاپىتالىنى ئىگىلىۋالدى ،ئۇلار " قانخور يەھۇدىيلار" ۋە " سودا ئورۇنلىرىدىكى بۇلاڭچىلار" ، " يەھۇدىيلار گېرمان ئىمپېرىيىسىنى تەلتۆكۈس گۇمران قىلىشقا ئەڭ زور قۇتراتقۇلۇق قىلغۇچىلار. گېرمانىيىگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنى پەيدا قىلغۇچىلار ~ دەل دۇنيادىكى يەھۇدىيلار . &t;&t;
يۇقۇرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ، گىتلېر ئىقتىسادنى << ئارىيانلاشتۇرۇش &t;&t; ھەرىكىتىنى قوزغاپ ، يەھۇدىيلارنىڭ مال - مۈلكىنى زور دەرىجىدە تالان - تاراج قىلغان . گىرمانىيىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان روتسچلىد ، ۋېينماس مالىيە گۇرۇھىمۇ مال - مۈلكىمۇ تالان - تاراج قىلىنىشتىن ئىبارەت << ئارىيانلاشتۇرۇش &t;&t; نىڭ تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان . پەقەت - يىلى - ئايدىكى " خرۇستال كېچىسى" دە يەھۇدىيلار بىر مىليارد ماركتىن ئايرىلىپ قالغان . بۇ - يىللىق گېرمانىيە خام چوتىدىكى يىللىق مىللىي دارامەتنىڭ دىن بىرىگە توغرا كەلگەن .
ئۇنىڭدىن باشقا ، گىتلېر گېرمانىيىنىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك دۆلەتلەردىن ئىسپانىيە ، ۋېنگىرىيە ، ئاۋىسترىيە ، پولشا ۋە رومىنىيە قاتارلىقلارنىمۇ كونترول قىلىش ئۈچۈن ، ياۋروپا بىرلىككە كەلگەن يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇش فرونتىنى قۇرۇپ چىققان . بۇ ، گىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشىنىڭ خەلقئارالىق سەۋەبى . ئۇنىڭ قارىشىچە ، يەھۇدىيلار گېرمانلارنىڭ رىقابەتچىسى ، ياۋروپاغا ۋە پۈتۈن دۇنياغا زومىگەر بولۇش ئۈچۈن ، يەھۇدىيلارنى تەلتۆكۈس يوقۇتۇش كېرەك . شۇنىڭ بىلەن گىتلېر پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەدىنىيىتى تەرەققىياتىدىكى ئەڭ چوڭ بىر مەيدان تىراگىدىيىسىگە رېژىسسورلۇق قىلغان .
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |