دۇنيا ئەر دەپ يىغلايدۇ
(نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇن)
زېمىغا تۇنجى بولۇپ ئاپرىدە قىلىنغان ئىنسان- ئادەمئاتا، يەنى ئەر بولدى. ياراتقۇچىنىڭ ئۇنى زاتى ئىنساننىڭ بىردىنبىر ئاتا يىلتىزى قىلىپ ئەزگۈ، كامىل سۈپەتلەر ئاساسىدا يارىتىشىدا ۋە ھەتتا پۈتكۈل پەرىشتىلەرنىمۇ ئۇنىڭغا سەجدە قىلدۇرىشىدا، زېمىننى مەنپەتلىك يوسۇندا پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالقىنىغا تۇتقۇزىشىدا كارامەت ھېكمەت مۇجەسسەم. دېمەككى، ئەر ياراتقۇچىنىڭ ئۈمۈد، ئىشەنچ تىمسالىغا ئايلاندى، ئادەمئاتا- ئەر ئەڭ كامىل ئىنسان سۈپىتىدە ۋۇجۇدقا كەلدى. ئۇنىڭغا چەكسىز ئىمان- ئىستەك بېرىلدى، شۇنداقلا شىللىسىگە يەنە يىتەرلىك دەرىجىدە قەرز-پەرىزلەر يۈكلەندى( بېرىشى يوق ئېلىشنىڭ ئەسلا مەۋجۈت ئەمەسلىكىنى يارالمىش ئەپسانىلىرىدىن تولۇقى بىلەن كۆرۈڭ).
بىز دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر ئەل قوۋىمنىڭ يارالمىش ئەپسانىللىرىنى ۋاراقلاپ باقىدىغان بولساق، زېمىنغا تۇنجى ئاپرىدە قىلىنغان ئىنساننىڭ ئايال ئەمەس، بەلكى ئەر ئىكەنلىكىنى بايقاپ يېتىمىز. يەنىمۇ ئىلگىرلەپ قەھرىمانلىق ئىپوس- رىۋايەتلىرىنى كۆزەتسەك زۇلمەت خوجىللىرى، قاراڭغۇلۇق، دوزاق، ئازاپ مۇھەككەللىرى، يالماۋۇز، دىۋە، ئەجداھا...لارنى يوقۇتۇپ ئىنساننى شاد بەختىيار، تىنىچ- ئەمىنلىككە ئېرىشتۈرگۈچى باھادىر- پالۋانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنىڭ ئەر، ئەركەك ئىكەنلىكى كۆزگە چېلىقىدۇ. يەنىمۇ ئىنچىكە ۋە رىئاللىق نۇقتىسىدىن كۆزىتەيلى، ئىنسانىيەتنى زالالەت، گۇمراھلىق، ئازغۇنلۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا ھېسابسىز بەدەل-قۇربانلىقنى تۆلىسىمۇ ۋايسىماي چىن ھەقىقەتنى تەرغىپ- تەلىم قىلغان پەيغەمبەرلەرنىڭ كىم، قايسىسى ئايال ئىكەن؟ دۇنيا تارىخىغا ، پەن تارىخىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان شاھ، ئالىم ، قەھرىمان، پۇخرانىڭ قانچىلىكى ئەر، قانچىلىكى ئايال؟ بىزنىڭ سېلىستۇرمىمىز ئاياللارنى چۆكۈرۈش، پەس كۆرۈشنى مەخسەت قىلمايدۇ. شۈھبىسىزكى ھەر بىر مۇۋاپىقىيەت قازانغان ئەرنىڭ كەينىدە ئۇنى يۆلەپ تۇرغان پازىل ئايالدىن بىرسى ھەتتا بىر نەچچىسى بولىدۇ. ئايال ئەرنىڭ ۋىجدان- ئىمانىنىڭ يېرىمى. بىز يۇقارقى سېلىشتۇرمىلاردىن دەۋىرلەر ئارا كىشىلەرنىڭ ئەرلەرگە ببولغان پوزىتسىيسى، ئەرلەردىن كۈتىدىغان ئۈمۈد- ئارزۇسى، ئەرلەرگە قويىدىغان تەلەپ ئۆلچەملىرىنى مۇئەييەن دەرىجىدە ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز. چۈنكى، رىۋايەتنىڭ يىلتىزى، ئەپسانىنىڭ مەنبەسى بار. ئەگەردە تۇتقىلى، كۆرگىلى بولىدىغان شەيئىلەرنىلا بىردىنبىر مەۋجۇتلۇق،
رىۋايەتنى ئاساسى يوق ، ئىشەنچسىز ئويدۇرما گەپلەر دۆۋىسى دەپ قارايدىغانلارنىڭ نۇقتىنەزىرى بويىچە ئېلىپ ئېيىتقاندىمۇ، رىۋايەت ھېچ بولمىغاندا شۇ دەۋر كىشىللىرىنىڭ غايىۋى خىيالى، ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بىز ئاشۇ غايىۋى خىيال، ساماۋى ئىستەكلەرنىڭ يىلتىزىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ ئەر، ئىنسان ھەققىدىكى بەزىبىر ئويلىرىمىزغا جاۋاب ئىزدەيمىز. ئەر قانداق بولىشى كېرەك؟ ئەرنىڭ ئائىلىدىكى ئورنى، رولى، ۋەزىپىسى نېمە؟ ئەرنىڭ ئايال ئالدىدىكى ئورنى قانداق بولىشى كېرەك؟ ئەرنىڭ پەرزەنت ئالدىدىكى ئىناۋەت- نوپۇزى قانداق تىكلىندۇ؟ بىر ئەل- قوۋىم ئۈچۈن قانداق ئەرلەر يۆلەك- تېرەك بولالايدۇ؟ ئەرلەر ئۆزتېنى ۋە روھىيتى ئالدىدا قانداق قىياپەت- ھالەتنى ساقلىشى كېرەك؟ بىر ئائىلىنىڭ مۇستەھكەم، بىر ئايالنىڭ شاد، پەرزەنتلەرنىڭ خاتىرجەم- بەختىيار بولىش ئۈچۈن بىر ئەر ئۆزىدە قانداق ساپا- خىسلەتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك؟ ئەرلەر قانداق ئىشلاردىن قەتئى ساقلانمىقى زۆرۈردۇر؟ نېمە ئۈچۈن؟
يۇقارقى سۇئال- مەسلىلەرگە يالغۇز يارالمىش ئەپسانىللىرى ياكى رىۋايەت چۆچەكلەر جاۋاب بەرمەيدۇ ھەم بىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمىزمۇ ئالدىنقىلارنىڭ خىيالى -تەسەۋۋۇرىنى ساماۋى ئىستەك قاتارىدا تەلقىنلەپ تاشلاپ قويۇشلا ئەمەس. مەيلى قايسى زامان، قايسى ماكان كىشىللىرىنىڭ قانداق ئوي، قانداق پىلان- تەسەۋۋۇرلىرىنىڭ بولىشىدىن قەتئىنەزەر ، ئۇ ئىنساننىڭ تەقدىرى ۋە مەۋجۈتلىقىغا بېرىپلا تاقىلىدىكەن، ئۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە مەڭگۈ ئورتاقتۇر. شۇنداقلا پەن ئۈستىدىكى ھەر بىر ئىزدىنىش تۈپ نېگىزىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، ئىنساننىڭ تەقدىرى ئۈستىدىكى ئىزدىنىشتۇر. ئىنساننىڭ ئۆتمۈشى بۈگۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، ئەتىگە ئۇل سالىدۇ. ئەرگەر بىر تەتقىقات ياكى ئىزدىنىش يالغۇز ئۆتمۈشنىڭ قاراڭغۇ جاڭگاللىرىغىلا قامىلىپ قېلىپ بۈگۈننىڭ ھالى- بارىنى ئۇنتۇلۇپ قالسا، ئۇ يەنە بىر ئاچچىق، ئېچىنارلىق تارىخنى يارىتىدۇ. بۈگۈننىڭ ئالىمى ئۆتمۈشنىڭ جەسىدىنى تەتقىق قىلىپلا ئۇنىڭدىكى روھ- مەنىنى بۈگۈنگە ئۇلىيالمىسا ۋە ئۇنى بۈگۈننىڭ ئىجتىمائى قاباھىتىنى داۋالاش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالمىسا، ئەتىكى ئالىم بەلكى ئۇنى تەتقىق قىلارغا سۆڭەكمۇ تاپالماسلىقى مۇمكىن . بىزنىڭ باشتىكى ئەپسانە رىۋايەت قىسسىلىرىنى، ۋە ئۇنىڭدىكى ئەرلەر ھەققىدىكى بايانلارنى شىپى كەلتۈرۈشىمىزمۇ دەل بۈگۈن، بۈگۈننىڭ ئەر، ئەركەكلىرى ئۈتىدىكى مۇلاھىزە ئۈچۈندۇر.
خوش يارالمىش ئەپسانىللىرى ۋە رىۋايەت چۆچەكلەر ئۆز دەۋرىدىكى ئەرلەر، قەھرىمانلار ئۈچۈن يېتەلىك مەدىھيە خاتىرلىرىنى قالدۇرۇپتۇ. تارىخى بەتلەردە لەنەت تامغىللىرى بىلەن تامغىلانغان كىشىلەرنىڭ پاسىق - ئىپلاسلىقلىرى، ئاجىزلىقلىرىغا بېغىشلانغان ئەسەر خاتىرە بىزگە كۆپ ئۇچرىمايدۇ. بار دېگەندىمۇ ياخشىلىق ، گۈزەللىك، ۋاپادارلىق، ئادالەت ھامان رەزگى كۈچلەرنىڭ غوجىسى بوپكەلدى. ئەمما بۈگۈنچۇ؟
مەن يېقىنقى يىگىرمە يىل مابەينىدىكى ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ ئومۇمى ئۇدار- ئاھاڭىنى قىسقىچە تەكشۈرۈپ - ۋاراقلاپ كۆردۈم. تارىخ- يازما مەنبەلەر بىزگە ئەرلەرنىڭ شۆھرىتىنى تەنتەنە قىلىپ كەپتۇ. بىز بۈگۈن ئەرلەرنىڭ ئاجىز، زەيپانىلىقىنى تۆكمە-تۆكمە قىپتىمىز؛ ئۆتمۈش ئۆز باتۇرلىرىدىن غۇرۇرلىنىپتۇ، بىز ئەرلىرىمىزنىڭ بىچارە ھالىدىن نومۇسلىنىپتىمىز؛ ئۆتمۈش ئەرلىرىنىڭ ئاياللار، پەرزەنت، ئائىلە، جەمىيەت ئالدىدىكى سۈر ھەيۋىسىدىن جاھان تىترىگەن دەپتۇ غالىپلىق بىلەن.بىز خوتۇن كىشىگىمۇ ئىككى ئېغىز گەپنىمۇ قاملاشتۇرۇپ قىلالماي تىزلىرى دىر-دىر تىترەيدىغان، يولۇنلىرى سىرقىرايدىغان، پاتىڭى سوغۇق تەرلەيدىغان ئەرلىرىمىز بىلەن جىمجىت تۇرۇپتىمىز؛ رىۋايەت -چۆچەكلەردىكى ئەرلىرىمىز قوغلاپ يۈرۈپ خوتۇن ئاپتۇ؛ خوتۇنلىرى ئەرلىرىنىڭ ئالدىدا شەرتسىز رازىلىق بىلەن شەكسىز ئىتائەتتە تۇرۇپتۇ؛ بىزنىڭ ئەسەرلىرىمىزدىكى ئەرلەر خوتۇننىمۇ يالۋۇرۇپ ئاپتۇ، ئىتائىتىگە ئالالماي خوتۇندىن، زاماندىن زارلاپ- قاخشاپ تۇرۇپتۇ. خوتۇنلىرى ئېرىگە قانائەت قىلماي سىرىتلاردىن كۆڭۈل خوشلىقى ئىزدەپ كوچا- كويلارغا پاتماي دىغراپ يۈرۈپتۇ. ....ئۆتمۈش ھايا، ئەخلاق نۇرىنى قۇر- قۇرلارغا سىڭدۈرۈپ ، پاكىز ھاياتبەخىش تەلقىنلىرىنى شىۋىرلاپ تۇرۇپتۇ. بىز ئەسەرلىرىمىزدىن بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان ھاياسىز شەھۋەتنىڭ كۆڭۈلنى ئاينىتىدىغان سېسىق ئىس- بۇسلىرىنى كۆرمەكتىمىز. سەزمەكتىمىز. ئەلۋەتتە، بىز بۇ ئەسەرلەردە ئەكىس ئەتكەن ئىدىيە، خاھىشنى تۇرمۇشىمىزنىڭ ، رىئاللىقىمىزنىڭ ئىنكاسى دېمەي ئامالىمىز يوق......
ئۆتمۈش شۇنداق پارلاقمۇ ؟ ئۆتمۈش راستىنلا شۇ قەدەر كىرسىز -داغسىزمۇ ؟ ئۆتمۈشتىكى ئەرلىرىمىز ، قىزلىرىمىز ، ئائىلىلىرىمىز راستىنلا شۇ قەدەر كەم -كۈتسىز كامالەت جۈملسىدىنمۇ ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس . ئۆتمۈشىنىڭ قاباھەت - زالالتىمۇ يېتەرلىك .ھەتتا بەزى يەرلىرى بۈگۈندىن ئېشىپ چۈشكۈدەك رەزىل ، رەزگى ، زۇلۇم -ستەملىرى كىشنىڭ يۈرىكىنى تىتىرەتكۈدەك دەھشەت -قەبىھ . ئەمما ئاشۇ قەبىھ رەزىل ، بەتئەخلاقلىق ئىچىدىن بىزگە كىشنىڭ ئەقىلىنى زوققا ئورايدىغان شەرەپ ساھىبلىرى يېتىپ كېلەلىدى . ئاقىلىنىڭ ئىشى ئۆز ئىش - ئەمەلىنى كامىللىققا تەققاسلاش ۋە قابىللىققا يېتەكلەش ،ھەرگىزمۇ غاپىللىققا سېلشتۇرۇپ ئۆزىچە كىبىرلىنىپ پاسىقللىققا يېقىنلىشش ئەمەس .شۇ جۈملىدىن بىزمۇ زامانىمىز زالالەتلىرىنى ئۆتمۈشىنىڭ كىر- يۇندىلىرىغا سېلشتۇرمايىمىز ، بەلكى ئۆتمۈشىنىڭ نۇرانە ئەينىكى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئەيبىناق ھالىمىزنى كۆرىمىز ، رۇسلايىمىز ، تۇرمۇشتىن تېخىمۇ تاكامۇللۇق ئىزدەيىمىز .
ئېتىراپ قىلمساق زادى بولمايدىغان ئاچچىق رېئاللىق شۇكى ، جەمئىيتىمىزدىكى ئىجىتمائىې ۋابالارنىڭ كۈچيىشگە ئەگىشىپ بىز ئەرلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى رولى ، ئورنى ، ۋەزىپىسى ، مەجبۇرىيتى ھەققىدە جىددى ئويلانمساق بولمايدىغان يەرگە يەتتى . ئاشۇ جاھان تىتىرەتكەن باھادىر ئەرلەرنىڭ پۇشتى ئەۋلادلىرى بۈگۈن نېمشقا ئەڭ ئادەتتىكى ئىشلاردىمۇ تىرناق تاتىلاپ ، دىرىلىدەپ تىتىرەيدۇ ؟ مەسلىلەر ئالدىدا بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالىدۇ ، كۆزىنى يۇمۇۋالىدۇ ؟ ئەرلەر نېمشقا ئاجىزلاپ كېتىدۇ ؟ ئەرلىك روھ نېمشقا زەيپانىلىشدۇ ؟
بىز تۆۋەندە ئەر ۋە ئەرلىك روھ ھەققىدە مەلۇم سېلشتۇرما تەھلىللىرىمىزگە مەنبە بولغان -بولىدىغان بىر ھېكايىنىڭ ئىدىيە لىنيىسىنى بويلاپ مېڭىپ باقىمىز . تۇرسۇن مەھمۇت " يولۋاس ئۆلتۈرگەن ئەزىمەت " نىڭ يۈرىكىدىن " كىر يۇيۇۋاتقان ئەر " نىڭ تۇرقىغىچە بولغان جەريانغا بەدىئى نۇقىتدا تۇرۇپ تەسۋىرى سۈرەتلەش ئېلىپ بېرىپتۇ . بىز ئاشۇ تەسۋىرىې سۈرەتىنى تەنقىدىې نەزەردە كۆزەتسەك ۋە جەريانلارنىڭ ئىدىيۋى ، ئىجىتمائىې ئۆزگىرىشلىرىگە ئەقلىې ، ئىلمىې نۇقىتىدىن باھا يۈرگۈزسەك ، بەلكىم ئەرلەردىكى جەڭگىۋار جۇشىنىڭ بوشىشى ، ئەقىل - ھوشىنىڭ ئاجىزلىشىشى ، سۈرىنىڭ يوقشى ، كۈچىنىڭ سۇنۇشىنى مۇئەييەن دەرىجىدە چۈشنىىپ يېتەلىشمىز مۇمكىن .
ئەر قانداق سۇندى ؟
مىللىې ، ئىرقىې ، دىنىې پەرقسىز ھالدا ھەر قانداق بىر ئەر ئۆزىدە بېجىرىم تەن ، ساغلام ئەقىل ، كەسكىن ئەقىدە ساپاسىغا ئىگە بولۇشتىن سىرت ، مۇنداق ئەڭ ئەقەللىې مەجبۇرىيەتلەرنى پەرز سۈپتىدە ئۆز ئۈستىگە ئېلشى كېرەك بولىدۇ ؛ . خوتۇن ئېلش ، خوتۇنغا ئىگە بولۇش ، يەنى خوتۇننىڭ جېنىغىمۇ ،مېلغىمۇ ، گېلغىمۇ ، دىلى - دىنغىمۇ ، ئىپپەت - ھاياسىغىمۇ ئىگە بولۇش ؛ . پەرزەنىتىلىرىنى لاياقەتلىك ، ساپالىق تەربىيلەش ، ئۇنى تېپىپ جاھانغا تۆرەلدۈرۈپ قويۇپلا تەربىيەتسىز تاشلىۋەتمەستىن ،ئۇنىڭغا مۇقەددەس ئەمەل -نىزاملارغا ، ئەجدادلارنىڭ ئۈگۈتىگە قانداق ئەمەل قىلشىنى ئۆگىنىش ھەمدە جاھاننىڭ تۈرلۈك -تۈمەن زۇقۇم -ستەمىگە ئەقىل بابىدا سەگەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلالايدىغان دۇرۇس ئەۋلاد قىلىپ يېتىلدۈرۈش ؛.ئۆز ئائىلسىنى ياخشى قامداش ، ئائىلە ئەزالىرىنى بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرۈش . ئۇلارنىڭ تىلىنى تۇتۇلدۇرماي ، دىلىنى خورلۇق ، كەمستىشكە يولۇقتۇرماي ئوبدان مۇھاپىزەت قىلىش ،ئۇلارنى تاغىدەك يۆلىكى ، توغراقىتەك تىرىكى باردەك خاتىرجەم ، شاد قىلىش ؛ . ئۆز قوۋمىنىڭ مەنپەئەت ۋە پايدا -زىيىنى ئۈچۈن باش قاتۇرۇش ، ئەل - قوۋمىغا كەلگەن ھەر قاندا ق شەكلىدىكى قىينچلىق ، ئارازلىق ئۈچۈن مەيدە كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان ،ئاۋامىنىڭ تەقدىرى ئېغىر ھالغا چۈشكەندە قۇيرۇقىنى قىسۋالمايدىغان ، بېىشنى ئىچىگە تىقىۋالمايدىغان ، كۆزىنى يۇمۇۋالمايدىغان بولۇش ؛ . ئەجدادلىرىنىڭ نەسەب -شەجەرىسنى ، شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى ئۇزۇپ قويماي داۋاملاشتۇرۇلايدىغان بولۇش ، ئۇنىڭ ئاجىز تەرەپلىرىنى تولۇقلاپ ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ ئەۋلادلار ئۈچۈن ھاياتىې كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ساغلام ئەنئەنە قالدۇرۇش .
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |