ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
موزدوزنىڭ ئوغلى ( ھەمدۇل ھەبىبۇللا تەرجىمىسى )

 


 

موزدوزنىڭ ئوغلى


 

  ( ھەمدۇل ھەبىبۇللا تەرجىمىسى )


 


جاھان ئەھلى ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ بۈيۈك زۇڭتۇڭ، دەپ تونۇيدىغان لىنكولىن ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغاندا، كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزالىرى غەمگە پاتتى، چۈنكى لىنكولىننىڭ ئاتىسى موزدوز ئىدى. ئەينى چاغدىكى كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك نامدار كىشىلەردىن بولغاپقا، ئۆزلىرىنى جەمىيەتنىڭ يۇقۇرى قاتلىمى، ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىمىز دەپ قارىشاتتى. شۇڭا ئۇلار جەمىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان موزدوز ئوغلىنىڭ ئۆزلىرىگە زۇڭتۇڭ بولىشىنى تازا خالاشمايتتى. مۇشۇنداق ئىدىينىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ ئاتالمىش ئالى نەسەبلىك كېڭەش پالاتا ئەزالىرى لىنكولىن كېڭەش پالاتاسىغا كېلىپ نۇتۇق سۆزلىگەندە، ئۇنى تازا بىر ئوسال قىلىشنى قارار قىلىشتى.
لىنكولىن كېڭەش پالاتاسىنىڭ مۇنبىرىگە چىققاندا، پوزىتسىيىسى تولىمۇ كۆرەڭ بىر پالاتا ئەزاسى ئورنىدىن تۇرۇپ لىنكولىنغا: « لىنكولىن ئەپەندى، سىزگە نۇتۇق سۆزلەشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنىڭ بىر موزدوز ئائىلىسىدىن چىققانلىقىڭىزنى يادىڭىزدا تۇتۇشنى ئەسكەرتىمەن» دىۋىدى، باشقا ئەزالار قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى. چۈنكى ئۇلار لىنكولىننى يېڭەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى مازاق قىلىۋالغانلىقىدىن چەكسىز شاتلىققا چۆمۈشكەنىدى. لىنكولىن ئۇلار كۈلۈشۈپ بولغىچە كۈتۈپ تۇرغاندىن كېيىن:
__ ماڭا ۋاكالەتەن ئاتامنى ئېسىڭىزدە تۇتقىنىڭىزغا كۆپتىن- كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن ئۇ ئاللىقاچان ئالەمدىن ئۆتتى، بىراق مەن سىزنىڭ ئەسكەرتمىڭىزنى مەڭگۈ يادىمدا ساقلايمەن، چۈنكى مەن ھەقىقەتەن بىر موزدوزنىڭ ئوغلى. بىراق شۇنىمۇ يادىمدا تۇتىمەنكى، مېنىڭ زۇڭتۇڭ بولمىقىم ئاتامنىڭ موزدوز بولغىنىدەك ئۇنداق ئاددى ۋە شەرەپلىك ئەمەس
بۇ گەپتىن كېيىن كېڭەش پالاتا ئەزالىرى سۈكۈتكە چۆمدى. لىنكولىن يەنە ھېلىقى كۆرەڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسىغا قاراپ مۇنداق دىدى:
__ بىلىشىمچە، ئاتام ئىلگىرى سىلەرنىڭ ئائىلىگىمۇ ئاياق تىكىپ بەرگەن، ئەگەر ئايىقىڭىز پۇتىڭىزغا تازا مۇۋاپىق كەلمىگەن بولسا، مەن ئۇنى دەرھال ئوڭشاپ بېرىشنى خالايمەن. گەرچە مەن ئۇستا موزدوزلاردىن بولمىساممۇ، كىچىكىمدىن ئاتامغا ئەگىشىپ يۈرۈپ ئاياق تىكىش، تۈزەش ۋە رىمونت قىلىش ھۈنىرىنى ئۆگىنىۋالغانمەن __ ئاندىن ئۇ بارلىق پالاتا ئەزالىرىغا قاراپ دىدى: __ بۇ گېپىم كېڭەش پالاتاسىدىكى ھەرقانداق بىر ئادەمگە ئورتاق. ئەگەر سىلەر كىيىۋالغان ئاياغنى راستىنلا مېنىڭ ئاتام تىككەن بولسا، شۇنداقلا ھازىر ئۇنى رېمونت قىلىش ياكى تۈزەش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلسا، مەن چوقۇم ئىمكانىيىتىمنىڭ بارىچە ياردەمدە بولىمەن. ئەمما ئېيتىپ قويۇشۇمغا تېگىشلىك نۇقتا شۇكى، مەن ھەزگىزمۇ ئاتامدەك بۈيۈك موزدوز ئەمەس، چۈنكى ئۇ ھۈنەرگە شۇنچىلىك ماھىركى، ئۇنىڭ ئورنىنى -بىر ئادەم ئالالمايدۇ
گەپ شۇ يەرگە كەلگەندە لىنكولىننىڭ كۆزىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى، ئۇنى مەسخىرە قىلىشقا تەييارلانغان كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بىردىلا لىنكولىن تەرەپكە ئۆتۈپ، ئۇنى ئالقىش سادالىرى بىلەن قارشى ئالدى. كېيىن لىنكولىن بۈيۈك موزدوز بولالمىدى، بىراق بۈيۈك زۇڭتۇڭ بولۇپ تارىخقا ئۆچمەس ئىز سالدى. ئۇنىڭ ئۇلۇغ تەرىپى شۇكى، ئۇ ئۆزىنىڭ موزدوزنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى مەڭگۈ يادىدىن چىقارمىدى.


 

 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203