ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
خەنزۇتىلىنىڭ ئىنگلىز تىلىغا سۇنغان تەسلىمنامىسى

 


 

خەنزۇتىلىنىڭ ئىنگلىز تىلىغا سۇنغان تەسلىمنامىسى


 

ئىنتايىن ئۇلۇغ ، پۇتۇن جۇڭگۇغا ئومۇملاشقان ، ھەممىگە قابىل ، دانا ، سەركەردە ئىنگلىز تىلى يولداشقا :
      مەن يۇكسەك ھورمەت ھەم چەكسىز قايىللىق بىلەن بۇ تەسلىمنامىنى تاپشۇردۇم . نىمىشقا ؟ نىمىشقىلىقىنى سورىمىسلا بولدى ؟ مەن ئوزلىرىنىڭ ئالدىدا بىر مەغلۇبىيەتچى . مەندە شۇنداق تونۇش پەيدا بولدى . بەش مىڭ يىلدىن بىرى ئىزچىل ھالدا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئالاھىدە ئەتىۋارلاپ سويۇشىگە ئىرىشىپ كەلگەن مەن ئۆزۈمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنەتتىم . ھالا بۇگۇنگە كەلگەندە ، ئوزلىرىنىڭ چوڭى نوقۇتچىلىك كىچىكى كۇنجۇتچىلىك كېلىدىغان قامەتلىرى ئالدىدا ئوزلىرىنىڭ قالتىس ئۇلۇغ ھەم قۇدرەتلىك ئىكەنلىكلىرىگە چىن دىلىمدىن قايىل بولدۇم . مەن ئوزلىرىگە تەسلىم بولۇپ ئاجىز تىللاردىن بولۇشنى قارار قىلدىم ، ﻫەتتا دۇنيا تىللار ئائىلىسىدىن چىكىنىپ چىقىشقىمۇ زۇرۇر تەييارلىقلارنىمۇ قىلىپ قويدۇم .
      ھورمەتلىك ئىنگلىز تىلى جاناپلىرى ، مەن تەسلىم بۇلۇشنى قارار قىلىپ بولدۇم . چۇنكى مەندە ئوزلىرى بىلەن تىركەشكىدەك مادار قالمىدى . بۇرۇن بىر زامانلاردا ئەقىللىق ، ئەمگەكچان جۇڭخۇا مىللىتى ( نوقۇل خەنزۇلار ئەمەس ) يۇكسەك ئەقىل پاراسىتى بىلەن مىنى ئاپىرىدە قىلغان ، مىنىڭ گۇزەل قامىتىم بولغاچقا خەتتاتلار ئەقىلنى لال قىلغۇدەك ھوسنىخەتلارنى يېزىشقان ، مەندە چوڭقۇر مەنىلەر بولغاچقا ئەدىپلەر داستانلارنى يېزىشقان . مىنىڭ ئۇزۇن تارىخىم بولغاچقا جۇڭخۇا مىللىتى ئوزلىرىنىڭ گۈللىنىش تارىخىنى مەن بىلەن پۇتكەن . بۇلار مىنىڭ ئىپتىخارلىق بايلىغىم ئىدى . ئەپسۇس مەن قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئوزلىرى تەرىپىدىن ئۇزۇل - كىسىل مەغلۇپ بۇلۇشۇمنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن . مەن يېڭىلگەنگە تەن بىرىش ھىسياتى بىلەن ئوزلىرىگە تەسلىم بولۇپ ئاجىز تىللاردىن بولۇشنى چىن دىلىمدىن خالايمەن ، ئەگەر زۇرۇرىيىتى بولسا مۇستەملىكە تىل بولساممۇ ھەتتا دۇنيا تىللار ئائىلىسىدىن چىكىنىپ چىقساممۇ مەيلى ، مەن ھەممىگە رازى ، مەن ھەممە تەييارلىقلارنى كورۇپ قويدۇم .
      مەن مەغلۇپ بولدۇم . ھورمەتلىك ئىنگلىز تىلى جاناپلىرى ، گەرچە سىلى مەندىن كوپ كىچىك بولسىلىمۇ مىنى جاناپلىرى دەپ ئاتىدىم . ئەمدى مەغلۇبىيىتىمدىن قىسقىغىنا خۇلاسە چىقىرىۋالاي ، باشقا مەخسىدىم يوق ، پەقەت ئوزۇمنىڭ قانداقلارچە مەغلۇپ بولغانلىغىمنى سوزلىمەكچىمەن :
      بىز چىڭ سۇلالىسى زامانىدا تونۇشتۇق ، ئۇ چاغلاردا دولەت زاۋاللىققا يۇزلەنگەن بولغاچقا ، ئوزلىرىنىڭ بۇ تۇپراقتا ماكانلىشىپ ، جۇڭگۇلۇقلارنىڭ قۇبۇل قىلىشىغا ئىرىشىپ ، مىنىڭ ئورنۇمغا خىرىس قىلىشلىرى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. -ئەسىرنىڭ - يىللىرىدىن باشلاپ ئىككىمىزنىڭ ئورنىدا سەل - پەل ئوزگىرىش بۇلۇشقا باشلىدى . ئوزلىرى ھەرخىل << سىياسەت &t;&t; لەرنىڭ يول باشلىشى بىلەن ، ماڭا ئارقىمۇ ئارقا زەربە بىرىشكە باشلىدىلا ، مەندە نۇرغۇن جاراھەتلەرنى پەيدا قىلدىلا ....
      مانا ھازىرقى ئەﻫۋالغا قارىسىلا جوڭگۇنىڭ ھەرقانداق بىر ئىمتىھانى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا ، تۇلۇق ئوتتۇرا ، ئالى مەكتەپ ، ئاسپىرانتلىق، ماگىستىرلىق ئىمتىھانلىرى بولامدۇ ، ئەمەلدار تاللاش ، دەرىجە ئوستۇرۇش ، ئۇنۋان - سالاھىيەت ئېلىش ئىمتىھانلىرى بولامدۇ ، خىزمەتكە ئېلىش ، باﻫالىنىش ، سايلىنىش بولامدۇ ئىشقىلىپ ھەرقانداق بىر ئوتكەلدە ئوزلىرىنىڭ ئۇلۇغ سىھرى كۇچلىرىنى چوڭقۇر ھىس قىلغىلى بولىدۇ . باشقىچە قىلىپ ئېيتساق ، ئوقۇش ئارقىلىق ياخشىراق ياشاش مۇھىتىغا ئىرىشىشنى ئارزۇ قىلغان ھەربىر جۇڭگۇلۇق ئوزلىرىگە قايىل بولماي قالمايدۇ ، بولمىسا مىڭ قىلغان بىلەن بىكار .
ﻫورمەتلىك ئىنگلىز تىلى جاناپلىرى ، مىنىڭ قانچىلىك ئازاپلىنىۋاتقانلىغىمنى بىلەمدىلا ؟ مەن تېخى يېقىندىلا جۇڭگۇنىڭ ئوزلىرىنى قانچىلىك ياخشى كورىدىغانلىغىنى بىلىپ يەتتىم . جۇڭگۇ قەدىمى ئەدىبىياتى ئاسپىرانتلىققا قۇبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا ، كەسىپتە ئىنتايىن مۇنەۋۋەر بىر نەچچە ئوقۇغۇچى پەقەت ئىنگىلىز تىلى نەتىجسى سەللا توۋەن بۇلۇپ قالغاچقا ، ئومۇرلۇك ئارزۇسى رەت قىلىندى . مانا بۇ ئوزلىرىنىڭ ئاتالمىش سىھرى كۇچلىرى . مەن چۇشەنمىدىم ؟ جۇڭگۇ قەدىمى ئەدىبىياتى تەتقىقاتى ئوزلىرىگە زادى قامچىلىك ﻫاجىتى چۇشەر ؟
      ھازىر << مەدىنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۇرۇش &t;&t; ، << خەلقئارا بىلەن بىردەكلىشىش &t;&t; دىگەندەك شۇئارلار مىنى ئوزلىرىنىڭ ﻫەيۋىسىنىڭ سايىسىغا دەپنە قىلىۋەتتى . ﻫازىر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزلىرىنى ئۈگىنىشكە سەرپ قىلغان ۋاختى تەبىئى پەنلەردە ئۇچتىن بىر قىسىمدىن ، باشقا پەنلەردە يېرىمدىن ئېشىپ كەتتى . ئوقۇغۇچىلار شۇنداق قىزغىنلىق بىلەن ، شۇنداق شەرەپ بىلەن ئوزلىرىنى ئۇگىنىشكە باشلىدى . ئۇلار شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن مەكتەپنى << بىخەتەر &t;&t; پۇتتۇرەلەيدىغانلىغىنى ئوبدان بىلىدۇ . شۇنداق قىلىپ مەن ئالى مائارىپتىن سىقىپ چىقىرلىپ ، يىتىمسىراپ قالدىم . مەن ئوز يىرىمدە ئاشۇنداق زور خورلۇق ۋە ھاقارەتكە ئۇچرىدىم .
      مەن ھىچقانداق بىر تىلنىڭ يات بىر ئەلدە بۇنداق زور ئالقىش ۋە ھورمەتكە سازاۋەر بولغانلىغىنى ئاڭلىماپتىمەنكەن . چار پادىشا دەۋرىدە ، روسىيەدە ئاقسوڭەكلەر ئارىسىدا فىرانسۇز تىلىنى قوللىنىش ئەۋج ئاپتىكەن . ناپولىيون تاجاۋۇز قىلىپ موسكىۋاغىچە كىلىپ ، مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن ئوزىنىڭ رۇس تىلى تەرىپىدىن مەغلۇپ بولغانلىغىنى ئېيتقان ئىكەن .
      تارىخ ﻫامان تارىخ . جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ئوزلىرىنىڭ ئۈگەنگىسى كەلسە ھەم شۇ ئارقىلىق ياخشى ياشاش شارائىتىغا ئىرىشىش ئارمىنىنى مىنىڭ توسقۇم يوق ﻫەم ماجالىممۇ يوق . مەسخىرە كۇلكىلىرى بىلەن بۇ تەسلىمنامەمنى قۇبۇل قىلغايلا


 


توۋەنچىلىك بىلەن :    خەنزۇتىلى

 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203