پاكىزلىق ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان كۈچ – قۇدرەت
ياپونىيىگە بارغاندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ ھېس قىلغىنىم : پاكىزكەن ئامېرىكىدىنمۇ پاكىزكەن
ياپونىيىنىڭ چوڭ شەھەرلىرىنىڭ ئاساسلىق يوللىرى پاكىز بولۇپلا قالماي يەنە كىچىك كوچا يوللىرىمۇ ئالاھىدە پاكىزكەن . ياپونىيىدىكى چېغىمدا بىر ياپونىيىلىك نەشىرىياتنىڭ خوجايىنى كەچلىك تاماقتىن كېيىن مىنى ئۆزىنىڭ نەشرىياتى ۋە كىتابخانىسىغا بىللە ئېلىپ باردى . توكيو ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئۇدۇلىدا بىر كىچىك كوچا بار بولۇپ ، بىز بارغان ۋاقىتتا كەچ سائەت بولغانىدى . شۇ ۋاقىتتىمۇ بۇ كوچا ناھايىتى پاكىز ۋە رەتلىك ئىدى . مىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى بۇ كىچىك كوچا جىمجىت ئىدى . بۇ كوچا يولى ناھايىتى تار بولۇپ ، ئاران بىر ماشىنا قاتنىيالايتى . بىراق بۇ كوچىدا قالايمىقان قويۇلغان نەرسىلەر پەقەتلا يوق ئىدى .
بىز يېزىغا بىرىپ ، شۇ جايدىكى ياپونچە مېھمانسارايغا ئورۇنلاشتۇق . بۇ مېھمانساراي دۆلىتىمىزدە تۆت يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي ئۆلچىمىگە توشاتتى . مېھمانساراينىڭ ئىشىكى ئالدىدا بىر كۆكتاتزارلىق بىلەن بىر ئېرىق بار ئىدى . ئېرىقتا ئىقىۋاتقان سۇمۇ ناھايىتى پاكىز ئىدى . يوللاردىكى قاتناش بەلگە سېستىمىسىمۇ ناھايىتى رەتلىك ئىدى . سىز ياپونىيىدە جۇڭگونىڭ رايونلار ئارىسىدىكى تەكشىسىزلىك <شەھەرلىرى ياۋرۇپادەك ، سەھرالىرى ئافرىقىدەك&t; نى ھېس قىلالمايدىكەنسىز .
ياپونىيىدىكى پاكىزلىق مۇتلەق ئوموميۈزلۈك ، پۈتۈن مەملىكەت خارەكتىرلىك پاكىزلىق بولۇپ ، بىزنىڭكىدەك مەركىزىي رايونلار ، كۆزنەك رايونلار پاكىزلىقى ئەمەس ئىكەن .
سىز ياپونىيىدە بىراۋنىڭ دەرەخ كىسىۋاتقانلىقىنى ئۇچرىتالمايسىز . ئۇلارنىڭ دۆلىتىدىكى دەرەخلەرنى قەتئى كىسىشكە بولمايدىكەن . مەن ياپونىيىدە بىكارچى يەرلەرنى ئۇچراتمىدىم . ھەممە يەر ئاسفالت يول ياكى ئوتلاق ، چىملىقلار ئىكەن . سىزنىڭ ياپونىيىدىكى چوڭ شەھەرلەردە ھېس قىلىدىغىنىڭىز ، ھاۋاسىدا چاڭ – توزان يوق ، ئۇلارنىڭ ھەتتا تام يۈزى بىلەن ئەينەكلىرىدىن تارتىپ ئىنتايىن پاكىزكەن . ماشىنىلىرى كۆپ بولسىمۇ بىراق ماشىنىنىڭ ئارقا تەرەپتىن چىقىۋاتقان گازنى ئۇچرىتالمايدىكەنسىز . قويۇق گاز چىقىرىپ كىتىۋاتقان ماشىنىلارنى تېخىمۇ ئۇچرىتالمايدىكەنسىز .
توكيودا تۇرغان كۈن ئىچىدە يوللاردا ماشىنىلارنىڭ توسۇلۇپ قالىدىغان ئىشلىرىنى ئۇچراتمىدىم . مەن بۇنىڭغا ھەيران قىلىپ ساياھەت يىتەكچىسىدىن سورىدىم ؟ ساياھەت يىتەكچىسى : ياپونىيىدە دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە ئادەتتىكى كىشىلەر ھەتتا خوجايىنلارمۇ شەخسىي ماشىنىنى ھەيدەپ ئىشقا بارمايدۇ . ھەممەيلەن پويىزغا ياكى يەر ئاستى مېتروغا ئولتۇرۇپ ئىشقا بارىدۇ . بۇ پويىز ۋە مېترولارنىڭ ۋاقت - قارايى ناھايىتى دەل بولغاچقا ھەممەيلەن شۇنىڭغا ئولتۇرىدۇ . ئادەتتە كوچىلاردا قاتنايدىغىنى تىجارەت ماشىنىلىرى ، دېدى .
ياپونىيىنىڭ ئاممىۋى قاتنىشى ئىنتايىن تەرەققى قىلغان بولۇپ ، ياپونىيىنىڭ – غول لىنيىسى – يىلى توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى مەزگىلىدە قۇرۇلغان بولۇپ بۈگۈنگىچە قاتنىشى ئىنتايىن راۋان بولۇپ كەلمەكتە . بۈگۈنكى كۈندە ياپونىيە پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان تۆمۈريول غول لىنيىسىنى بەرپا قىلىپ چىققان بولۇپ ، ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى بولماقتا . ئۇلارنىڭ تۆمۈريولى خۇددى تاشيول قاتنىشىدەك بولۇپ ، مېترو ۋە ئاممىۋى قاتناشلار بىلەن تۇتاشقان ، قاتناش ئالمىشىش قولايلىقكەن .
قاراڭ ، سىنگاپور شەخسىي ماشىنىلارنى چەكلىدى ، بىراق جۇڭگودا شەخسىي ماشىنىلارغا چەكلىمە يوق . كۆز ئالدىمىزدىكى كىچىككىنە GP نى دەپ جۇڭگونىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى قۇربان قىلدۇق .
مەن بىيجىڭدىن كەلگەن بىر توپ تولۇق – يىللىقنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار زىيارەت ئۆمىكىنى ئۇچراتتىم . ئۇلار ياپونىيىدە يەتتە كۈن تۇرۇپتۇ . مەن ئۇلاردىن قانداق ھېس قىلغانلىقىنى سورىدىم . ئۇلار : بىر قەدەر پاكىزكەن دەپ جاۋاب بەردى .
ئەجىبا ياپونىيىلىكلەر پەقەتلا بىر قەدەر پاكىزمۇ ؟ بۇ پاكىزلىقنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى شۇنداق ئاددىيمۇ ؟ بىز نىمىشقا مۇشۇنداق قىلالمايمىز ؟ چۈنكى بىزدە ئاممىۋى ئەخلاق قارىشى يوق . شۇڭا ئەخلەتلەرنى خالىغانچە تاشلايمىز . بىز نىمىشقا قالايمىقان تاشلايمىز ؟ چۈنكى كۆزىمىزگە مەينەتچىلىك سىغىدۇ . كۆزىمىزگە نىمىشقا مەينەتچىلىك سىغىدۇ ؟ چۈنكى بىزنىڭ روھىمىز مەينەتچىلىكنى سىغدۇرىدۇ .
بىر كىشى ئۈستەل ئۈستىدىكى توپا – توزانلارغا تاقەت قىلالىسا ، ئۇ ھالدا ئۇ خىزمەتلەرنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقىغىمۇ تاقەت قىلالايدۇ . پاكىزلىق بىلەن باي – كەمبەغەللىكنىڭ مۇقەررەر باغلىنىشى يوق . بۇنىڭ گۈزەللىك قوغلىشىش بىلەن مۇناسىۋىتى بار .
مەن سىزگە بىزنىڭ يېزىمىزدىكى بىر ئەمەلىي مىسالنى سۆزلەپ بىرەي : مەن كىچىك چاغلىرىمدا ، بۇنىڭدىن يىل بۇرۇن جۇڭگو ئىنتاين نامرات ئىدى . بىزنىڭ كەنتىمىزدە بىر نەچچە ئائىلىلىك باشقىلارغا سىلىشتۇرغاندا بىر قەدەر پاكىز ئىدى . بۇ ئائىلىلەر نىمىشقا پاكىز ؟ چۈنكى بۇ ئائىلىنىڭ ئايال خوجايىنلىرى پاكىزلىقنى سۆيەتتى . نەتىجىدە بىزنىڭ كەنتتە مۇشۇ بىر نەچچە ئائىلىدىن ياراملىقلار چىقتى . بالىلىرىنىڭ ھەممىسى ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتۈپ ، ئىختىساس ئىگىلىرى بولۇپ چىقتى .
بۇ ئائىلىنىڭ ئايال خوجايىنلىرى نىمە ئۈچۈن پاكىزلىقنى سۆيىدۇ ؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆزىگە مەينەتچىلىك سىغمايدۇ . شۇنداقلا ئۇلار مۇكەممەل بولمىغان ئىشلارنى قىلىشنىمۇ خالىمايدۇ . ئۇلار دائىم ئىشلارنى مۇكەممەل قىلىشنى ئويلايدۇ . ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئادىتى بالىلىرىغا ئېرسىيەت قالغان . ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئوخشاش ياشتىكى ، بىر كەنتتىكى بالىلارغا قارىغاندا مۇكەممەللىكنى قوغلىشىدىغان بولۇپ يىتىشىپ چىققان . ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياراملىق بولۇپ چىققان .
پاكىزلىق بىر خىل ئادەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ . خىروشىما ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ، پۈتۈن دۇنيا كىشىلىرى نەچچە ئون مىڭ ياپونىيىلىك مەيداندىن قايتقاندا تەنتەربىيە مەيدانىدا بىر تالمۇ كېرەكسىز قەغەز تاشلاپ قويۇلمىغانلىقىنى بايقىغان . ياپونىيىلىكلەر ھەقىقەتەن قورقۇنۇچلۇقمىكەن ؟
سىزگە يەنە بىر دوستۇمنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بىرەي : ئۇ ياپونىيە ئۈچ رومبا (SBSH) ئېغىر سانائەت گۇرۇھىدا خىزمەت قىلاتتى . چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى بىر باسما زاۋۇتى خوجايىنىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئۇنىڭغا بىر دانە بىسىپ كۆپەيتىش ماشىنىسى سېتىۋىلىپ ئەۋەتىپ بىرىپتۇ . كېيىن شۇ باسما زاۋۇتى خوجايىنىنى ياپونىيىدىكى باسما زاۋۇتىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىشقا تەكلىپ قىپتۇ . ئۇ خوجايىن باسما زاۋۇتىغا ئېكىسكورسىيە بىرىپ كىرىشتىن بۇرۇن شۇ زاۋۇت خوجايىنى ئۇنىڭغا ئايىغىنى سېلىۋىتىشنى ئېيتىپتۇ . بۇ خوجايىن زاۋۇتنى ئېكىسكورسيە قىلىپ قايتىپ چىققاندىن كېيىن ئاق رەڭلىك پايپىقىنىڭ يەنىلا ئاق پىتى تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ . بۇ باسما زاۋۇتى پۈتۈنلەي ئاپتوماتلاشقان بولۇپ ، زاۋۇتتا بىر نەچچىلا ئىشچى بار ئىكەن . بۇ زاۋۇتنىڭ مۇھىتى دۆلىتىمىزدىكى ئوخشاش تۈردىكى زاۋۇتلارنىڭ مۇھىتىغا سېلىشتۇرغاندا ئاسمان – زېمىن پەرقلەر بار ئىدى . بۇ خوجايىن دۆلىتىمىزگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بۇ ئىشنى ھەممە يەردە سۆزلەپ بىرىپتۇ . ئېھتىمال بۇ ئىش ئۇنىڭغا چوڭ تەسىر قىلغان بولۇشى مۇمكىن .
مەن توكيودىكى بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى زىيارەت قىلدىم . ئۇلارنىڭ مەكتىپىمۇ ئىنتايىن پاكىز ئىكەن . بىز مەكتەپكە كىرىپلا ئاياغ ئالماشتۇرىدىكەنمىز . ھەر بىر كىشىنىڭ بىردىن ئاياغ سالىدىغان ئىشكاپى بار ئىكەن . ئۈستىگە ئېكىسكۇرسىيە ئۆمىكىدىكى ھەر بىر ئەزانىڭ ئىسمى ئالدىن يېزىپ قويۇلىدىكەن .
ئۇ يەردىن قايتىپ چىققاندىن كېيىن ئويلاپ قالدىم : پاكىزلىق مۇشۇنداق ئاددىي ئىش تۇرۇپ بىز نىمىشقا قىلالمايمىز ؟ كېيىن چۈشەندىم : بىزنىڭ بالىلار باغچىلىرىمىز پاكىز بولمىغاندىن كىيىن ، باشلانغۇچ مەكتەپلىرىمىزمۇ پاكىز بولمايدۇ ؛ باشلانغۇچ مەكتەپلىرىمىز پاكىز بولمىغاندىن كېيىن ، ئوتتۇرا مەكتەپلىرىمىزمۇ پاكىز بولمايدۇ . ئوتتۇرا مەكتەپلىرىمىز پاكىز بولمىغاندىن كېيىن ، ئالىي مەكتەپلىرىمىزمۇ پاكىز بولمايدۇ . ئىسىمدە قىلىشىچە – يىلى مەن بىيجىڭدىكى بىر داڭلىق ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان . ئۇ چاغدا ئۆرلەپ ئوقۇش نىسپىتى تۆۋەن ئىدى . بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەر <ياش زىيالىيلار&t; ھېسابلىناتتۇق . بىراق ئەينى ۋاقىتتىكى ئوغۇللار ياتىقى مەينەت ھەم بەدبۇي ئىدى . مەن چۈشەندىم : بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەر جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن ، جەمئىيەتمۇ پاكىز بولمايدىكەن .
مەنبە : <ئايلىق فېليەتونلاردىن تاللانما&t; – يىللىق – سانى
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |