ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئون خىل ئالاھىدەجۇڭگۇلۇق

 


 

 ئون خىل ئالاھىدەجۇڭگۇلۇق


 

   ئەڭ بىشى قاتىدىغان جۇڭگۇلۇق خىيانەتچى ئىمەلدارنىڭ ئايالى .ئۇ بايلىقنىڭ چىنىپ قىلىشىدىن قورقۇپ پۇلنى تۇتاملاپ خەجلىيەلمەيدۇ ؛ رەھبەرلىكنىڭ يولدىشىنى ئىزلەپ سۆزلىشىشىدىن بەك قورقىدۇ ،بۇلۇپمۇ ئىنتىزام تەكشۇرۇش ، تەپتىشتىكىلەردىن ؛ئەگەر يولدىشى تۇيۇقسىزلا  بىر نەچچە كۇن ئۆيگە قايتمىسا ئۇ ئىلىشىپ قىلىشى مۇمكىن . ئۇنىڭ ئارزۇسى شۇكى ، پۇلنى ئىلىپ ھىچىكىم بىلمەيدىغان يىراق بىر يەرگە كىتىپ ھەممىنى باشتىن باشلاش .
   ئەڭ ئەخمەق جۇڭگۇلۇق پۇتبۇل مەستانىسى .جۇڭگۇنىڭ پۇتبۇل مەستانىلىرىنىڭ ئەخماقلىقىدىن ئۇنىڭغا ئەمدى ئىچ ئاغىرتقان ئادەمنىڭ ئۇزىمۇ ئەخمەققە ئايلىنىپ قالىدۇ . پۇلنىمۇ خەجلەپ ، ياشنىمۇ ئىقىتىپ ، ۋاقىتنمۇ سەرىپ قىلغان بولسىمۇ   بۇ ئوتتۇز يىلدىن بىرى جۇڭگۇ پۇتبۇلچىلىقىدا ئازىراقمۇ ئىلگىرلەش بولمىدى .
   ئەڭ پۇلدار جۇڭگۇلۇق كىچىك بالا. دىسەم ھىچىكىم ئىشەنمەيدۇ ، جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ئەڭ پۇلدىرى بالىلار . ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىللىرىنىڭ نەزىرىدە ئوڭايلىقچە ئون سومنى خەجلىۋىتىش خۇددى بىر  خاتالىق ئۆتكۇزۇپ قويغاندەك  بىلىنىدۇ ، بىراق بىر پارچە ئون سوملۇق پۇلنى بالىنىڭ ئالدىغا قويساق ئۇلار نەزەر - كۆزىنىمۇ سىلىپ قويمايدۇ .
   ئەڭ چۇشكۇنلەشكەن جۇڭگۇلۇق يازغۇچى.يىگىرمە يىل بۇرۇن ئەگەر ئامەت كىلىپ يازغۇچى دىگەن قالپاق كىيىلىپ قالسا بۇ باشقا گەپ ، ئۇ ئادەم پايدا ـئاتاقتىن تەڭ بەھرىمەن بولاتتى . بىراق ھازىر كىمكى مەن يازغۇچى دىسە ، ئۇسەل غەيرەتلىكىرەك بولشى كىرەك .ھازىرقى يازغۇچى ئاپتۇر ياكى يىزىقچى دىگەنگە ئوخشاش ، خەت سىتىپ جان باقىدۇ .
   ئەڭ بەھۇزۇر جۇڭگۇلۇق كالۋا . ھازىر پەقەت كالۋالا ھەقىقى بەھۇزۇر تۇرمۇش كۆچۇرەلەيدۇ .ئۇلارنىڭ ھايات نىشانى ناھايىتى ئاددى ، ئىنتىلىشى بولسا تىخىمۇ ئاز ، پەقەت قورسىقى تويسا ، توڭلاپ قالمىسىلا تۇرمۇشى گۇزەل بولغان بۇلىدۇ.
   ئەڭ تىتىقسىز جۇڭگۇلۇق كۇڭۇل ئىچىش خەۋەرلىرى مۇخبىرلىرى .بۇرۇن گېزىتنى قاتتىق باشقۇرغاچقا  ،شەخىسلەر ئۆزنى كۆرسىتىدىغان سۇرۇن يوق ئىدى .گېزتلەردىكى ئىسلاھات ئاۋال كۇڭۇل ئىچىش سەھپىلىرىدىن باشلىنىپ ، بىر تۇركۇم تىتىقسىز كۇڭۇل ئىچىش خەۋەرلىرى مۇخبىرلىرىنى يىتىشتۇرۇپ چىقتى .بەزىلەر كۇڭۇل ئىچىش خەۋەرلىرى مۇخبىرىنى شەھەرلىكلەرنىڭ ئىشتىھاسىنى قاندۇرىدىغان ئاشپەز دىيىشىدۇ ، سىز نىمىنى خالىسىڭىز ئۇ سىز ئۇچۇن شۇنى قىلىدۇ .
   ئەڭ كۆرەڭ جۇڭگۇلۇق پۇلدار . پۇلدىن ، ئايالدىن ، جەميەتتىكى ئورنىدىن غىمى يوق . پۇلدارلانىڭ ئۆتمۇشىنىڭ قانچىلىك رەزىل بۇلىشىدىن قەتئى نەزەر ، بۇگۇنكى كۆرەڭلىكىگە زەرىچە  تەسىرى يوق .ھازىرقى پۇلدارلارنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى ئويلاپ باقمىغان تاسادىبى ئىشلار ، يەنى تۇيۇقسىزلا بايلىقنى تاپشۇرۇش تۇزۇمىنى  يولغا قۇيۇش ، بىرەر قىتىم «خىنىم » نى ھەمىرالىققا چاقرغانلىق باھانىسىدا قاتتىق چارە كۆرۇلۇپ مال -بىساتىدىن ئايرىلىپ ۋەيران  بۇلۇش ، بۇلار پۇلدارلارغا نىسىبەتەن جاننى ئالغانغا باراۋەر .
   ئەڭ ئازاپلانغان جۇڭگۇلۇق ئوتتۇز ياشقا كىرىپمۇ ئەرگە تىگەلمىگەن قىز. ھازىر پەقەت نىكاھ مەسىلىسىلا ئۇلارنىڭ بىشنى ئاغرتىپ قالماستىن ،  يەنە ياشاش تەھدىتىگىمۇ دۇچ كەلمەكتە ،چۇنكى ئۇلاردىن ياش قىزلار ئۇلارنىڭ رىسىقىنى تارتىۋىلىۋاتىدۇ .ئاياللار ئۇزىنىڭ قىرىغانلىقىدەك رىئاللىقنى ئاسانلىقچە قۇبۇل قىلمايدۇ ، ياكى ناھايتى تەستە ھەم ناھايتىمۇ ئازاپىق ھالدا بۇ رىئاللىقنى قۇبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ .
   ئەڭ بىچارە جۇڭگۇلۇق دىھقان . ئەمىليەتتە يىزلاردىكى دىھقانلارنىڭ ئەقلىي قابىليىتى شەھەرلىكلەردىن قىلچىمۇ قىلىشمايدۇ ،نۇرغۇن ئىشلاردىكى زىرەكلىكى ئادەمنى قايىل قىلماي قويمايدۇ .بىراق ئۇلار يىللىق مۇئاشى پەقەت يۇز نەچچە يۇەن بولغان كەنىت باشلىقلىق ئەمىلىنى تالشىش يولىدا توختىماي كۇرەش قىلىدۇ . جۇڭگۇ دىھقانلىرى تۇغۇلىشىدىنلا ئالاھىدە  بىر خىل سالاھىيەتكە  ئىگە ،  بۇ سالاھىيەتتىن قۇتۇلۇش ئۇچۇن ئۇلار ھەتتا بىر ئۆمۇر كۇچەشكىمۇ  رازى .
   ئەڭ نەس باسقان جۇڭگۇلۇق پايچەك ئوينىغۇچى . بىر ئىقتىسادشۇناس « جۇڭگۇ چوڭ پايچەكلەرنىڭ ئالتۇن كانى ، كىچىك پايچەكلەرنىڭ قەۋىرستانلىقى» دەپ ئىيتقان .بۇ گەپ سەل ئىشىپ كەتكەندەك قىلسىمۇ ، جۇڭگۇنىڭ پاي چەك بازىرى ھەقىقەتەن بىر قىمار سۇرۇنىغا ئوخشاپ كىتىدۇ ، بىر توپ نامىراتلار بىر نەچچە باي بىلەن دوغا تىكىشسە كىمنىڭ ئۇتۇپ كىمنىڭ ئۇتتۇرىدىغىنىنى دىيىش كىتەمدۇ ؟


 

ئاپتۇرى :يى مېڭ               جۇڭخۇا فېلىيەتنلار  تورى
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203