ئەتىكى نىكاھ تىزىملاش
سۇڭ يۇڭ بىلەن مىڭ چىيەن ئەتتىگەندىلا شەھەرلىك نىكاھ تىزىملاش ئورنىغا كەلدى. پۇكەينىڭ ئىچىدە بىر ئەر، بىر ئايال ئىككى خىزمەتچى بولۇپ، ھەر ئىككەيلەننىڭ تاتىراڭغۇ چىرايىدىن توختىماستىن تەر ئېقىپ تۇراتتى .
سۇڭ يۇڭ ـــ بىز تىزىملاتماقچىدۇق
ئەر خىزمەتچى بېشىنى كوتۇرمەيلا سورىدى، ـــ نەچچە پۇللىغىنى ؟
سۇڭ يۇڭ بىلەن مىڭ چىيەن ھىچنىمىنى چۇشىنەلمەي گاڭگىراپ قالدى. ئەر خىزمەتچى پۇكەي ئەينىكىگە چاپلانغان بىر پارچە قەغەزنى كورسەتتى، قەغەزگە مۇنۇلار يېزىلغانىدى.
-مىڭ كوي ( بىر يىللىق)
-بەش يۇز كوي ( ئۇچ يىللىق )
-يۇز كوي ( بەش يىللىق )
-ئەللىك كوي ( ئون يىللىق)
-ھەقسىز ( يىگىرمە يىللىق)
-يۇز كوي مۇكاپات ( ئوتتۇز يىللىق )
مىڭ چىيەن ئەجەپلەنگەن ھالدا سورىدى ـــ بۇ قانداق گەپ ئەمدى؟
ئايال خىزمەتچى يۇزىدىكى تەرلەرنى سۇرتكەچ چۇشەندۇردى، ـــ سىلەرمۇ كوردۇڭلار، بۇ يەرگە كېلىدىغانلار ئىنتايىن كۆپ. ھازىرقى كىشىلەر توي قىلىشقا قانچىلىك ئامراق بولسا، ئاجرىشىشقا ئۇنىڭدىن بەكراق ئامراق بولۇپ كەتتى، توي قىلىپلا ئاجرىشىدۇ، ئاجرىشىپلا يەنە توي قىلىدۇ. سىلەردىن يۇشۇرمايمىز، بىز بۇ يەردە ھاياتىمىزغا تەۋەككۇل قىلغان ھالدا ئىشلەۋاتىمىز، بۇ يەردە ئوچىرەتتە تۇرۇپ بولالماي ھېرىپ قان تۇكۇرىدىغانلار، جىدەللىشىپ قان تۆكىدىغانلار دائىم چىقىپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئوزىمىزنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسراش ئۇچۇن مۇشۇنداق بەلگىلىمە چىقاردۇق. نىكاھ ۋاقتى قانچە قىسقا بولسا تىزىملاش ھەققى شۇنچە يۇقىرى، ئەگەر يىلغىچە ئاجراشمىسىڭىز تىزىملاش ھەققى ئېلىنمايدۇ، ئەگەر يىلغىچە ئاجراشمىسىڭىز تىزىملاش ھەققى ئېلىنمىغاننىڭ ئۇستىگە بىز يەنە كوي بىلەن مۇكاپاتلايمىز. قېنى سىلەر قانچە يىلدىن كېيىن ئاجراشماقچى ؟
سۇڭ يۇڭ ـــ مەن قانچە يىل دىسەم شۇنچە يىل بولامدۇ، قاچان ئاجرىشىدىغان ئىشنىڭ بولىشىغا كىممۇ بىر نىمە دىيەلىسۇن؟
ئەر خىزمەتچى ـــ مۇنداق گەپ، بىز ئارتۇق بولسا قايتۇرۇش، كام بولسا تولۇقلاپ ئېلىش، خىلاپلىق قىلسا جەرىمانە قويۇش پىرىنسىپى بويىچە ئىش قىلىمىز. ئەمدى چۇشەندىڭىزمۇ؟
سۇڭ يۇڭ بىلەن مىڭ چىيەن تەڭلا ـــ چۇشەندۇق، چۇشەندۇق ـــ دىيىشتى . پۇكەي ئىچىدىكى ئىككى خىزمەتچىمۇ تەڭلا ـــ ياخشى، ئۇنداقتا مەسلىﻬەتلىشىپ بىر قارارغا كېلىڭلار ـــ دىيىشتى.
سۇڭ يۇڭ بىلەن مىڭ چىيەن بىر ئاز مەسلىھەت قىلىشقاندىن كېيىن، يىللىق تىزىملىتىدىغانغا كېلىشتى . ئەر خىزمەتچى ياندىكى بىر ئىشكىنى كورسىتىپ تۇرۇپ، ـــ بىر قارارغا كەلگەن بولساڭلار، بېرىپ قەسەم قىلىپ كېلىڭلار -- دىدى.
سۇڭ يۇڭ بىلەن مىڭ چىيەن پۇكەيدىن ئايرىلىپ ، ھېلىقى ئىشكنى ئېچىپ ئىچىگە كىردى. ئويدە بىر قېرى موماي ئالدىغا بىر ئۇستەلنى قويۇپ سۇرلۇك ﻫالەتتە ئولتۇراتتى.
موماي ئۇ ئىككەيلەننى كورۇپ ھىجىيىپ قويدى ھەم خىرىلداپ تۇرۇپ، ـــ ھەممىمىز قەسەم قىلىشنىڭ ھىچقانداق پايدىسى يوقلىغىنى ئېنىق بېلىمىز، شۇنداقتىمۇ قىلىپ قويايلى. تەكشۇرۇشلەرگە ئاساسلانغاندا قەسەم قىلىشقان ئەر-خوتۇنلارنىڭ نىكاھ مەزگىلى قەسەم قىلىشمىغانلارنىڭكىگە قارىغاندا بەش - ئالتە ئاي ئۇزۇن بولىدىكەن . ئەمدى سىلەر مىنىڭ سوئاللىرىمغا راستچىللىق بىلەن جاۋاپ بىرىڭلار، ـــ دىدى ھەم سوئال سوراشنى باشلىدى.
موماي: ئىسمىڭلار ؟
سۇڭ يۇڭ بىلەن مىڭ چىيەن ئوز ئىسىملىرىنى دىيىشتى .
موماي: سىلەر ئوز رازىلىقڭلار بىلەن توي قىلماقچىمۇ ؟
سۇڭ يۇڭ بىلەن مىڭ چىيەن جاۋاپ بەرمەكچى بولغانىدى ، موماي قول ئىشارىتى بىلەن توساپ قويدى، ـــ بۇ يەردە ئۇچ خىل جاۋاپ بار، بىرىنى تاللىساڭلارلا بولىدۇ.
شۇنداق، B ياق، C بىر نىمە دىيەلمەيمەن
سۇڭ يۇڭ بىلەن مىڭ چىيەن ئوخشاشلا C جاۋاپنى تاللىدى.
موماي: ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئائىلىدىكى ئورنى تەڭ-باراۋەر بولىدۇ، سىلەر قىلالامسىلەر؟
قىلالايمىز، B قىلالمايمىز، C ئەھۋالغا قاراپ بىر نىمە دەيمىز
سۇڭ يۇڭ بىلەن مىڭ چىيەن ئوخشاشلا C جاۋاپنى تاللىدى.
موماي: ئەر-خوتۇنلار ئوز-ئارا كويۇنىشى، بىر-بىرىنىڭ ﻫالىدىن خەۋەر ئېلىشى كىرەك؟ سىلەر قىلالامسىلەر؟
قىلالايمىز، B قىلالمايمىز، C ۋاختى كەلگەندە بىر گەپ بولسۇن
سۇڭ يۇڭ بىلەن مىڭ چىيەن ئوخشاشلا C جاۋاپنى تاللىدى.
موماي:سىلەر باشتىن ئاياق ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر تاپالامسىلەر؟
قىلالايمىز، B قىلالمايمىز، C پۇل بەرسە قىلالايمىز، بەرمىسە قىلالمايمىز
سۇڭ يۇڭ بىلەن مىڭ چىيەن ئوخشاشلا C جاۋاپنى تاللىدى.
موماي: ئەر-خوتۇنلارنىڭ بىر-بىرىگە سادىق بولىشى كىرەك، سىلەر قىلالامسىلەر؟
قىلالايمىز، B قىلالمايمىز، C ئۇقمايمەن
سۇڭ يۇڭ بىلەن مىڭ چىيەن ئوخشاشلا C جاۋاپنى تاللىدى.
موماي: سىلەر تەڭرىگە ئىشىنەمسىلەر ؟
ئىشىنىمىز، B ئىشەنمەيمىز، C ئۇقمايمەن
سۇڭ يۇڭ بىلەن مىڭ چىيەن ئوخشاشلا جاۋاپنى تاللىدى.
موماي: ياخشى، ئەمدى قەسەم قىلايلى، مەن بىر جۇملە دەيمەن، سىلەر ئەگىشىپ دەڭلار
ـــ تەڭرى گۇۋا بولسۇنكى، بىز ئىككىمىز ئوز رازىلىقىمىزنىڭ بار-يوقلىقىغا بىر نىمە دىيەلمىگەن ئەھۋالدا ئەر-خوتۇن بولماقچى بولدۇق. بىز ئەر-خوتۇننىڭ ئائىلىدىكى ئورنىغا ئەھۋالغا قاراپ بىر نىمە دەيمىز. ئەر-خوتۇن ئوز-ئارا كويۇنۇپ ، بىر-بىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ ئوتەمدۇ ئوتمەمدۇ؟ ۋاقتى كەلگەندە بىر گەپ بولىدۇ ، ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى پۇل بەرسە ھالىدىن خەۋەر تاپىمىز، پۇل بەرمىسە خەۋەر تاپمايمىز. بىز قارشى تەرەپكە سادىق بولىدىغان بولمايدىغانلىقىمىزنى بىلمەيمىز، يەنى قارشى تەرەپكە سادىق بولماسلىق ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز. نىكاھىمىز بەش يىللىق بولغاي، ئامىن
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |