ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
قاسساپ

 


 

قاسساپ


 


      ئىشخانىدا كىسەل كورۇپ ئولتۇراتتىم ، بىرسى كىرىپلا بۇرنىنىڭ پۇتۇپ ، ماڭقا ئېقىپ قالغانلىغىنى ، بېشىنىڭمۇ ئازراق ئاغرىۋاتقانلىغىنى يەنە ئاز-تولا يوتەل بارلىغىنى، ئوزىنىڭ زۇكامداپ قالغانلىغىنى، ئازراق دورا ئېلىش ئۇچۇن كەلگەنلىگىنى ئېيتتى.
مەن ئۇنىڭ باش- ئايىغىغا تەپسىلى بىر قاراپ چىققاندىن كېيىن ، كىسەلگە دىئاگنوز قويۇش ۋە دورا بېرىشنىڭ دوختۇرنىڭ ئىشى ئىكەنلىگىنى ، بىمارنىڭ ئوزىنىڭ كىسەلنى پەرەز قىلىپ دورا يىيىشنىڭ قانچىلىك خەتەرلىك ئىش ئىكەنلىگىنى كۆپتۇرۇپ چۇشەندۇرۋەتكەندىن كېيىن خىزمىتىمنى باشلىدىم .


 

      ـــ ئىسمىڭىز ، يېشىڭىز ، كەسپىڭىز ؟
      ـــ ئىسمىم XXXX ، بۇ يىل ياش ، بىر دەم ئىككىلەنگەندىن كېيىن قوشۇپ قويدى، ـــ قاسساپچىلىق قىلىمەن .
      ـــ قاسساپ دەڭ، ئۇنداقتا تاپىدىغان پۇلىڭىزمۇ ئاز ئەمەسكەندە.
      ـــ ئىشقىلىپ يامان ئەمەس ، بىر قوي چىقارسام XX پۇل تاپىمەن. كۇنىگە نەچچە قوي بەزىدە - قوي چىقىرۋېتىمەن.
      ـــ ﻫەقىقەتەن جېق تاپىدىكەنسىز، قوي چىقىرىشقا جېق ﻫۇنەر كىتىدىغۇ دەيمەن .
      ـــ ئەلۋەتتە ، بۇرۇنقى چاغلاردىكىدەك قاسساپلىق قىلىدىغانلار ﻫازىر جان باقالمايدۇ ، چوقۇم ﻫۇنەر ئىشلىتىش كىرەك . ئاددىسى مۇشۇ بوغۇزلاشنى ئېلىپ ئېيتساق قاننى چىق ئاققۇزسىڭىز گوشى ئازلاپ كېتىدۇ، ئەگەر ئاققۇزمىسىڭىز قان گوشكە سېڭىپ كېتىدۇ دە كۆپ گوش چىقىدۇ .
      ـــ ﻫە، مۇنداق ئىشلارمۇ بار دەڭ
      بىردەم تۇرىۋالغاندىن كېيىن يەنە سوراشقا باشلىدىم.
      ـــ قويلارغا ئىچىڭىز ئاغرىمدۇ ؟ ئاڭلىسام بەزى قويلار يىغلايمىشقۇ ؟
      ـــ شۇنداق ، يىغلايدۇ ، تىزلىنىپ تۇرۇپ يىغلاپ كېتىدۇ ---- بىمار سوزلىگەنسىرى ﻫاياجانلىنىۋاتاتتى، ---- بىر قېتىم ناﻫايىتى سىمىز بىر ساغلىقنى بوغۇزلاشقا توغرا كەلدى ، ئاغامچىنى ئېلىپ ئۇنىڭ قېشىغا بارغىنىمدا يىغلاشقا باشلىدى ، كوزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار ئاقاتتى ، بوينىدىن باغلاپ ، قۇشخانىغا سورەپ ماڭغىنىمدا بولسا تىزلىنىپ تۇرۇپ ماڭا بىچارىلارچە قاراپ تۇردى. بىردىنلا ئىچىپ ئاغرىپ ئۇنى قويىۋەتتىم . شۇكۇنى گوش يەتمىدى، باشلىقتىن يەتكۇچە ئىزا - ئاﻫانەت ئاڭلىدىم . ئاچچىغىمدا يۇگۇرۇپ چىقىپ ئۇ قوينى بوغۇزلىدىم ، قوسقىدىن قوزا چىقتى . خۇدايا توۋا ، ئۇنىڭ قوسىغىدا قوزا باكەن ئەمەسمۇ ، مەن شۇنداق پۇشايمەن قىلدىم .
      ـــ بەك ئىچىنىشلىق بوپتۇ . بىچارە ئانا
      ـــ مەنمۇ ئوزەمدىن يىرگىنىپ كەتتىم . نىمە دەپ ئۇ ساغلىقنى بوغۇزلىغاندىمەن دەپ ئازاپلاندىم . كىيىن ئويلاپ كورسەم قاسساپلىق قىلغانلار كوڭلى يۇمشاقلىق قىلماسلىغى كىرەككەن .
      ئىچىمدە " ماۋۇ ساۋاتسىز قاسساپنىڭ پەلسەپەسدىن ئورگىلەي " دەپ مىېىغىمدا كۇلۇپ قويدۇم .
      ئۇنىڭ تۇمۇرىنى تۇتتۇم ، تىلىنى كۇزەتتىم ، تىمپۇراتۇرىسىنى ئولچىدىم ، قان بېسىمىنى تەكشۇردۇم ، ئاندىن چىرايىمغا جىددى تۇس بېرىپ :
      ـــ ئاۋال قاننى بىر تەكشۇرۇپ كورەپ ، بىر قانچە پارچە رەسىمگە ئالدۇرۇپ بېقىپ ئاندىن بىر نىمە دەيلى ---- دىدىم .
      بىمار مىنىڭ دىگىنىم بويىچە قان ، سۇيدۇك، چوڭ تەرەتنى تەكشۇرتتى ، X نۇر بىلەن رەسىمگە چۇشتى، يۇرەكنى تەكشۇرتتى ،Bچ ،C لارغىمۇ چۇشتى . ئىشقىلىپ دوختۇرخانىمىزدىكى بارلىق تەكشۇرۇش ﻫالقىلىرىدىن چالا قويماي ئوتەپ چىقتى . ئاخىرىدا بىر قۇچاق تەكشۇرۇش دوكلاتلىرىنى ئۇستىلىمگە قويدى .
      مەن ئۇ دوكلاتقا بىر ، بۇ دوكلاتقا بىر قاراپ قويۇپ قويۇپ ، ئاۋازىمنى تىتىرتىپ تۇرۇپ، ـــ قانداق قىلىمىز ئەمدى ، ياشكەنسىلە ، ئالدى بىلەن دورا بىلەن داۋالاپ باقايلى، ئاندىن ئەﻫۋالغا قاراپ بىر گەپ بولار  ـــ دەپ ئۇنىڭغا ئۇزۇن قىلىپ بىر "دورىلار تىزىملىكى" تۇزۇپ بەردىم . ئۇ بىمار مەن يېزىپ بەرگەن رىستىپنى قوش قوللاپ ئېلىپ رەخمەت ئىيتقاندىن كېيىن بىېرپ پۇل تولەپ ئۇ دورىلارنىڭ ﻫەممىسىنى ئېلىپ قايتىپ كەتتى . ئۇ دورىلار كىچىكرەك بىر دورىخانا ئىچىشقا تامامەن يىتەتتى .
      قولۇمنى يۇيىۋېتىپ ، يولەنچۇكلۇك خروم ئورۇندۇققا چوكتۇم. بۇ ئايلىق ۋەزىپىنى يەنە ئاشۇرۇپ ئورۇندىدىم. ئاي توشقاندا مۇكاپاتنى ئالسام .....
      ئىشتىن چۇشىدىغان چاغدا خىزمەتدىشىم سوراپ قالدى
      ـــ بۇگۇن نەچچە "قوي" بوغۇزلاپسەن ؟
      ـــ بىرنى ، بىراق خېلى "سېمىز " چىقتى .
      ـــ تازا چوڭ بايكەندە ؟
      ـــ ياق ، بىر ساۋاتسىز قاسساپكەن.
      ـــ نىمە كىسەل ؟
      ـــ ئادەتتىكى زۇكام .
      ـــ ........
      ـــ ........
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203