ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئىسىلزادە بىلەن ھارامزادە


ئىسىلزادە بىلەن ھارامزادە


 

 ئىسىلزادە رىستۇراندا كويلۇق تاماق يەپ بۇلۇپ ، كۇتكۇچىگە كويلۇق پۇلدىن بىرنى بىرىپ ، ئاقسالىق بىلەن " قايتۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ " دەيدۇ .
 ھارامزادە رىستۇراندا كويلۇق تاماق يەپ بۇلۇپ ، زىرىكمەستىن باھا تالىشىپ كويغا چۇشۇرگەندىن كىيىن ، كۇتكۇچى ياندۇرغان كويلۇق پۇلغا قىڭغىر - سىڭغىر قىلىپ << چاي پۇلى &t;&t; دەپ يېزىپ ، ئۇستەلگە ھارامزادىلىك بىلەن تاشلاپ قويىدۇ .


 

 ئىسلزادە دوستى بىلەن ئاۋات بازاردا كىتىۋېتىپ ، دوستىغا توۋەن ئاۋازدا پىچىرلاپ تۇرۇپ " ئېھتىيات قىلايلى ، بۇ يەردە يانچۇقچىلار بەك كوپ " دەيدۇ .
 ھارامزادە دوستى بىلەن ئاۋات بازاردا كىتىۋېتىپ ، دوستىغا يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاپ تۇرۇپ "ئاداش، تىرىشايلى، يەنە كوي ئوغرىلىساقلا بۇگۇنكى ۋەزىپە تۇگەيدۇ " دەيدۇ .


 

 ئىسىلزادە ئىش كۇنلىرى X بىلەن ئىشقا بېرىپ كىلىدۇ ، دەم ئېلىش كۇنلىرى چېنىقىش ئويىگە بىرىپ پۇل تولەپ بەدەن چىنىقتۇرىدۇ .
 ھارامزادە ئىش كۇنلىرى X نىڭ كەينىدىن يۇگرەپ ئىشقا بېرىپ كىلىدۇ ، دەم ئىلىش كۇنلىرىدە بولسا ئويىدە چۇشكىچە ئۇخلايدۇ .


 

 ئىسىلزادە سودا سارايدىن نەرسە كىرەك سېتىۋېلىپ ، پۇل تولەيدىغان چاغدا ، پورتمالىدىن ئىناۋەتلىك كارتىسىنى چىقىرىپ ئاقسالىق بىلەن پۇل ئالغۇچىغا " قېنى كارتىنى سىرىڭ " دەيدۇ .
 ھارامزادە سودا سارايدىن نەرسە كىرەك سېتىۋېلىپ ، پۇل تولەيدىغان چاغدا ، پورتمالىدىن بىر قانچە ئامانەت كارتىسىنى چىقىرىپ ، پۇل ئالغۇچىغا ھىجىيىپ تۇرۇپ " قاراپ باقسىڭىز ، قايسىسىدا پۇل باركىن؟ " دەيدۇ .


 

 ئىسىلزادە بايرام كەلگەندە گۇل دۇكىنىدىن چىرايلىق گۇللەرنى سېتىۋېلىپ ، ئىسىل باغاقچىغا ئىسىل سوزلەرنى مارجاندەك يىزىپ ، سويگۇنىگە سوۋغا قىلىدۇ .
 ھارامزادە بايرام كەلگەندە ئارچا دەرىخنىڭ شىخىدىن بىر تال سۇندۇرۋېلىپ ، رەڭلىك لىنتىلارغا كوڭلىگە كەلگەن سوزلەرنى قىڭغىر - سىڭغىر قىلىپ يېزىپ، سويگۇنىگە سوۋغا قىلىدۇ .


 

 ئىسىلزادە كەچلىرى سويگۇنىنى ئويىگە ئاپىرىپ قويغاندا ، قىزنىڭ ئويىنىڭ ئالدىدا " سويۇملۇكۇم ، .ئەمدى كىرىپ ئۇخلاڭ ، ياخشى چۇش كورۇڭ خەيىرلىك كەچ " دەيدۇ ھەم كوزلىرى بىلەن سويگۇنىنى ئۇزىتىپ قويىدۇ . قىزنىڭ ئويگە كىرىپ بولغانلىغىنى مولچەرلەپ بۇلغاندىن كىيىن قول تېلىفونىنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا تىلفون قىلىپ قايتا خوشلىشىدۇ .
 ھارامزادە كەچلىرى سويگۇنىنى ئويىگە ئاپىرىپ قويغاندا ، قىزنىڭ ئويىنىڭ ئالدىدا " خوتۇن ئەمدى كىرىپ ئۇخلاڭلا ، ئەتە ئتتىگەن كىلىپ سىلىنى ئوزەم ئويغۇتۇپ تەرەتكە ئاچىقاي " دەيدۇ . بىر ئىككى سائەتتىن كىيىن ، سويگۇنىنىڭ ئۇخلاپ بولغانلىغىنى مولچەرلەپ بۇلغاندىن كىيىن قول تېلىفونىنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا تىلفون قىلىپ " كەچۇرگىن خوتۇن ، بايام خوش دىيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، خوش " دەپ تېلىفوننى قويىۋېتىدۇ .


 

 ئىسىلزادە ئوقۇش توغرىلىق گەپ بۇلغاندا " مەن يىل ئوقۇپتىمەن ، باشلانغۇچتا يىل ، ئوتتۇرا مەكتەپتە يىل ، ئالى مەكتەپتە يىل ئوقۇپتىمەن " دەيدۇ .
 ھارامزادە ئوقۇش توغرىلىق گەپ بۇلغاندا " مەن يىل ئوقۇپتىمەن ، باشلانغۇچتا يىل ، ئوتتۇرا مەكتەپتە يىل ئوقۇپتىمەن " دەيدۇ .


 

 ئىسىلزادە ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى توغرىلىق گەپ بۇلغاندا " مىنىڭ نۇمۇرۇم - تۇركۇمنىڭكىدىن نەچچە نۇمۇر يۇقىرى ئىدى " دەيدۇ .
 ھارامزادە ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى توغرىلىق گەپ بۇلغاندا " مىنىڭ نۇمۇرۇم ئاخىرقى تۇركۇمنىڭكىدىن نەچچە نۇمۇر توۋەن ئىدى " دەيدۇ .


 

 ئىسىلزادە " بەزىدە سىنىڭ ئەڭ يىقىن دوستۇڭ سىنىڭ ئەڭ چوڭ دۇشمىنىڭ بۇلۇپ قالىدۇ " دەيدۇ .
 ھارامزادە " دوستۇم ئۇچۇن پىچاق يىيىشكە رازىمەن ، سويگۇنۇم ئۇچۇن دوستۇمغا پىچاق تىقىساممۇ مەيلى " دەيدۇ .


 

 ئىسىلزادە كەچلىرى ئويىدە يالغۇز ئولتۇرۇپ ئامرىكىنىڭ كىنولىرىنى كورەتتى ، تىلىۋېزورنىڭ ئاۋازىنى ئىنتايىن پەس ئېچىپ قويسىمۇ ، ساپادا بەخۇدەك ئولتۇرالماي ، پات - پات دەرىزىدىن بىشىنى چىقىرىپ ، قوشنىلارغا دەخلى قىلىپ قويغاندىمەنمەنمۇ دەپ قاراپ قوياتتى .
 ھارامزادە كەچلىرى ئويىدە يالغۇز ئولتۇرۇپ شىياڭگاڭنىڭ كىنولىرىنى كورەتتى ، تىلىۋېزورنىڭ ئاۋازىنى بولىشىغا ئىچىپ قويۇپ ، ساپادا ھوزۇرلىنىپ ئولتۇراتتى ، تېخى پات - پات دەرىزىدىن بىشىنى چىقىرىپ " ئادەمنى ئۇخلىغىلى قويمىغان قايسى ھارامزادە ئۇ ؟ " دەپ توۋلاپ قوياتتى .


 

 ئىسىلزادە پات - پات پوزۇر كىيىنىپ ، ئالى قەھۋەخانىلاردا كىلاسسىك مۇزىكىلارنى ئاڭلىغاچ ، قەھۋەنىڭ پەيزىنى سۇرەتتى .
 ھارامزادە پات پات يېرىم يالىڭاچ بولىۋېلىپ ، دەرەخ سايىسىدا پىۋا ئىچكەچ كورت ئوينايتتى .


 

 ئىسىلزادە كوچىلاردا چىرايلىق قىزلارنى ئۇچرىتىپ قالسا ، چاندۇرماستىن كوزلىرىنىڭ قۇيرىقىدا قاراپ قوياتتى ، باشقىلار بايقاپ قالسا بويۇنلىرىغىچە قىزىرىپ " چىرايلىققا بىر قاراش پەرزغۇ " دەپ ئوزىنى ئاقلايتتى .
 ھارامزادە كوچىلاردا چىرايلىق قىزلارنى ئۇچرىتىپ قالسا يېنىمدا ئادەم بارمۇ يوق دىمەي بوينى قاتلىشىپ كەتسىمۇ قىز كوزىدىن يۇتكۇچە قارايتتى ، ئاندىن يولغا چىرت قىلىپ بىرنى تۇكۇرۋەتكەندىن كىيىن " كاساپەت ئەجەپ چىرايلىقكىنا " دەپ قوياتتى .


 

 ئىسىلزادە دائىم كاستىيوم - بۇرۇلكا كىيىپ قېتىپ يۇرەتتى، يازكۇنلىرىمۇ گالاستۇك تاقاپ يۇرەتتى .
 ھارامزادە لاتا خەي بىلەن كاستىيوم كىيەتتى ، بەزىدە كالتە يەڭ مايكا بىلەن گالاستۇك تاقاپ قوياتتى .


 

 ئىسىلزادە چەتئەللىكلەرنىڭ ياردىمىگە ئىرىشىپ قالغاندا ، ئولچەملىك لوندون تەلەپپۇزىدا " han ou Ver uh" دەيتتى .
 ھارامزادە چەتئەللىكلەرنىڭ ياردىمىگە ئىرىشىپ قالغاندا ، ئولچەملىك جەنۇپ تەلەپپۇزىدا " سەنكىمۇ ۋوي بۇدۇر ساچ " دەيتتى .


 

 ئىسىلزادە بۇ قۇرلارنى ئوقۇپ بۇلۇپ ، بېشىنى لىڭشىتىپ ، مېيىغىدا كۇلگىنىچە " ئىشقىلىپ بولىدىكەن " دىدى .
 ھارامزادە بۇ قۇرلارنى ئوقۇپ بۇلۇپ ، ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ " ئاناڭنى ، ئادەمنى شۇنداقمۇ كەلتۇرگەن بارمۇ ؟" دەپ توۋلاپ كەتتى .


 

 - سىزچۇ ؟


 

 
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203