ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
كەچۈرۈڭلار ، شىنجاڭلىقلار

 


 

كەچۈرۈڭلار ، شىنجاڭلىقلار


 

ئاپتورى : خەي شۆشىن


 

ئەزىزان تەرجىمىسى


 

 


 

  كەچۈر، رەھمەت ساڭا
  شىنجاڭنىڭ نېفىتى يۆتكەپ كېتىلدى ؛
  شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گازى يۆتكەپ كېتىلدى ؛
  شىنجاڭنىڭ پاختىسى يۆتكەپ كېتىلدى ؛
  شىنجاڭنىڭ كالىي تۇزى يۆتكەپ كېتىلدى ؛
  شىنجاڭنىڭ ئالتۇنى يۆتكەپ كېتىلدى ؛
  شىنجاڭنىڭ خوتەن قاشتېشى يۆتكەپ كېتىلدى ...


 

..........


 

  ئەمما ئاتوم بومبىسى شىنجاڭغا ئېلىپ كېلىندى


 

..........


 

  شىنجاڭ ، بىرمىليون ئالتە يۈزمىڭ كۋادرات كلومېتىر زېمىن ، ئون توققۇز مىليون ھەر مىللەت خەلقى ، ئەۋلاتمۇ ئەۋلات ئەشۇ مۇنبەت تۇپراقتا ياشاپ كېلىۋاتىمىز . بىز ناھايىتى ئىپتىخارلىنىمىز ، باشقا سەۋەب يوق ، پەقەت ۋە پەقەت چۈنكى بىز شىنجاڭلىق


 

  بۇ بىر پۈتۈن دۆلەتنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئىگىلىگەن كەڭ زېمىندا نېمىلەر يوشۇرۇلغان ؟ نېمىلەر بولۇپ ئۆتكەن ؟ بۇ يەردە قىرىق يەتتە مىللەتنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى بار ، ياكى تېرىقچىلىق ياكى چارۋىچىلىق ياكى سودىگەرچىلىك ۋە ياكى كانچىلىق قىلىپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ . مىڭ يىللاپ داۋاملاشقان قانلىق تارىخ ، ئاللىبۇرۇن كارىز سۇلىرىدا پاكىز يۇيىۋېتىلگەن ؛ ئېرانىڭ شاھىدى بولغان تۈمەن ھېكايەتلەرگە تەڭرىتېغىدىكى قار لەيلىسىنىڭ يېنىك سېھىرلىك پۇرىقى سىڭگەن ...
شىنجاڭلىقلار ، مەيلى قايسى مىللەت قايسى دىندا بولسۇن ، ئىزچىل ئۆز يۇرتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە كەلگۈسىگە چەكسىز ئىنتىلىپ كەلگەن .


 

  غەربنى ئېچىش ،نەچچە يىللار ئالدىدىكى  بىزلەرنى ھاياجانغا سالغان شوئار . شۇ چاغلاردا ، ھەتتا تەكلىماكان جەزىرىلىرىنىڭ يېنىدىكى قاقاس تاغلارغىمۇ ئاپئاق قورام تاشلاردىن مۇنداق خەتلەر تىزىلغان ئىدى : غەربنى ئېچىش ، شىنجاڭ نۇقتىلىق ، بايىنغولۇن ئۈلگىلىك


 

  بىزلەرگە مۇنداق دېگەن : ئەلمىساقتىن كۆرۈلمىگەن تەرەققىيات كەلگۈسىمىز پات ئارىدا بىزگە كېلىدۇ .
  بىزلەرگە مۇنداق دېگەن : ۋاقىتلىق زىيان ۋە قىيىنچىلىققا چوقۇم چىدىشىمىز ۋە يېڭىشىمىز كېرەك ، چۈنكى ئاخىرقى غەلىبە چوقۇم بىزگە مەنسۇپ
  بىزلەرگە مۇنداق دېگەن : كان بايلىقلىرى يەردە كۆمۈلۈپ ياتسا ھامان پۇلغا ئايلىنالمايدۇ .
  بىزلەرگە مۇنداق دېگەن : چوڭ تىپتىكى ئۇل مۇئەسسە قورۇلۇشى شىنجاڭلىقلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ
  بىزلەرگە مۇنداق دېگەن : ئۇزۇن-ئۇزۇن تۇرۇبا نېفىت ۋە تەبىئىي گازنى دېڭىز بويىغا ئېلىپ بارىدۇ ، ۋە يەنە شۇ ئۇزۇن-ئۇزۇن تۇرۇبا بىزلەرگە سىقىم-سىقىم كىرىم ئېلىپ كېلىدۇ ...


 

  بىزگە شۇنداق دېگەن ...


 

  شىنجاڭ دېگەن زادى قانداق جاي ؟ تارام-تارام ئاققان قار مۇز ئېرىمىلىرى چارۋىچىلىق رايونلىرىغا ئېقىپ بېرىپ كۆزيەتكۈسىز يايلاق ياسايدۇ ، يايلاقلاردا توپ-توپ سەمرىگەن قوي كالا ...
شىنجاڭ ، مانا مۇشۇنداق جاي ، بوستانلىق دېھقانچىلىقى ، ھەرگىز ئىقلىمغا قاراپ قالمايمىز ، كەلكۈن كەلسىمۇ قەھەت بولسىمۇ ئوخشاشلا مول ھوسۇل ئالاتتۇق .  شىنجاڭدا ئاچارچىلىق بولۇپ باقمىغان ، ئاشۇ ئۈچ يىل دۆلەت مىقياسىدىكى چوڭ ئاچارچىلىقتىمۇ ، ئىچكىرىدىن كەلگەن كىشىلەر پويېزنىڭ تېگىدىكى تۆمۈرگە ئېسىلىپ تۇرۇپ شىنجاڭغا كېلىشكە ، يۇرتسىز كەلگۈندى دەپ ئاتىلىشقا رازى ئىدىكى پىيادە بولسىمۇ شىنجاڭغا كىرىپ كېلەتتى . چۈنكى ، بۇيەردە سۇ بار ، ئاش-نان بار ئىدى بۇ يەردە ، ئۈمىد بار ئىدى ...


 

  بىز ئۆزىمىزنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلاتتۇق .


 

  لېكىن ، توساتتىن بىر كۈنى ، كىشىلەر مۇنداق دېيىشتى : ئۇلار بىزگە ياردەم قىلغىلى كېلىدىكەن ، بىز تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئىگە بولغۇدەكمىز
  ئۇ چاغلاردا ، بىز ئۇلارغا تەشەككۇر ھېسسىياتىدا بولدۇق ، بىز خۇددى ئۇزۇنغا سوزۇلغان تىنچلىقتىن خوشلىشىپ قايتىدىن جانلانغاندەك ، تەرەققىياتقا يولغا چىققاندەك بولدۇق .
چۈنكى بىز ئىشەنگەن ، بۇيەردە تېخىمۇ زور ئۈمىد بار ئىدى ...


 

.........


 

  ھەش- پەش دېگۈچە سەككىز يىل ئۆتۈپ كەتتى ...


 

  ئۆتمۈشتە بىزگە شۇ «گۈزەل » پىلانلارنى تۈزۈپ بەرگەن كىشىلەر ، سىلەر ھازىر قەيەردە ؟


 

  سىلەر بۇيەرگە كېلىپ قاراپ بېقىڭلار «غەربنى ئېچىش » ، زادى قانداق بولدى ؟


 

  بايلىق ، نۇرغۇن ستېراتىگىيىلىك كان بايلىقلىرى شىنجاڭدىن دېڭىز بويى رايونلىرىغا قاراپ ئېقىپ كەتتى . بوپتۇ ، بۇنىمۇ ھېسابلىمايلى . لېكىن بىز شۇنىڭ بەدىلىگە نېمىگە ئېرىشتۇق ؟ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىما ؟  ياق ياق ، شىنجاڭدا كان ئېچىۋاتقانلارغا قاراپ بېقىڭ ، ھەممىسى ئىچكىرىدىن كەلگەن چوڭ شىركەتلەر ئەمەسمۇ ؟ بىز شىنجاڭلىق بالىلار قاچان مۇشۇنداق ياخشى خىزمەت ئورۇنلىرىغا ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ باقتۇق ؟ شىئەن نېفىت ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن شىنجاڭلىق بالىلار ، شىنجاڭدىكى نېفىت ئورۇنلىرىغا كىرىپ خىزمەت قىلىشى ئاسمانغا چىققاندىنمۇ تەس . چۈنكى بۇ خىل مائاشى يۇقىرى ياخشى خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسى ئاشۇ شىركەتلەر ئۆزى ئېلىپ كەلگەن ئىچكىرىلىك خىزمەتچىلەر بىلەن تولغان .  ئىشەنمىسىڭىز خالىغانچە بىرەر نېفىت كارخانىسىغا بېرىپ قاراپ بېقىڭ ، ھەممىلا يېرىدىن بېيجىڭ شېۋىسى ، شەرقىي شىمال شېۋىسى ، شەندۇڭ شېۋىسى ئاڭلىنىپ تۇرغان ، پەقەت مۇشۇ شىنجاڭلىقلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلانمايدۇ ... ئۇنداقتا ، بىز شىنجاڭلىقلارنىڭ پەرزەنتلىرى نېفىت ئورۇنلىرىدا خىزمەتكە ئورۇنلىشالامدۇ ؟ ئورۇنلىشالايدۇ ئەلۋەتتە . قانداق يەرگە ؟ ماي قاچىلاش پونكىتىغا خەقنىڭ ماشىنىسىغا ماي قاچىلاپ بېرىدىغان خىزمەتكە
  يۇقارقىلار يانداش كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدىما ؟ ياق ياق ، نېفىت تۇرۇبىسىنى باۋجى شەھرىدە ئىشلەپ چىقىرىدۇ .
  يۇقىرى تۇرمۇش سەۋىيەسى ئېلىپ كەلدىما ؟ ياق ياق ...
  شاڭخەيدە بىر لېتىر گازنىڭ قانچە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز ؟ بىر يۈەن ئىككى مو . شىنجاڭدىچۇ ؟ بىر يۈەن ئىككى مو بەش پۇڭ
  شىنجاڭلىقلارنىڭ تۇرمۇش ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ قانچىلىكلىكىنى بىلەمسىز ؟ بىر ئوتتۇز يىللىق خىزمەت تارىخىغا ئىگە ئوتتۇرا مەكتەپ ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىسىنىڭ مائاشى ئاران يۈەن ئەتراپىدا ، بۇ تېخى -يىلقى مائاش ئۆستۈرۈشتىن كېيىنكىسى
  ئۇنداقتا ئادەتتىكى ئىشچى ، دېھقان ، يېزا كادىرلىرىچۇ ؟ ئۇلار قانداق تۇرمۇش كەچۈرەر ؟
بىز ئۈن-تىنسىز ھالدا ناھايىتى زور تەڭپۇڭسىز تەتۈر پەرققە بەرداشلىق بېرىپ كېلىۋاتىمىز ...
بىز ئۈن-تىنسىز ھالدا ئىزچىل شەرقنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېمىگەن مانتىغا پۇل تۆلەپ كېلىۋاتىمىز ...


 

  ئۈرۈمچى ، ئىككى مىليون نوپۇسقا ئىگە چوڭ شەھەر . لېكىن مۇشۇ كاتتا شەھەردە مۇنداق بىر داۋاملىق پۇقرالارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ كېلىۋاتقان مەسىلە بار : ماشىنا توسۇش قىيىن . قەھرىتان قىشتىكى نۆلدىن تۆۋەن نەچچە ئون گرادۇسلۇق سوغاقتا ، ئىشتىن چۈشۈش ئىشقا چىقىش ۋاقتىدىكى قاتناش يۇقىرى پەللىسى چېغىدا ، سىز كوچىدىن ماشىنا توسۇپ يولىڭىزغا راۋان بولالىشىڭىز ناتايىن . ئۇنداقتا تاكسىلارنىڭ ھەممىسى نەگە كەتتى ؟ خالىغان تاكسى شوپۇرىنى تېپىپ سوراپ بېقىڭ . ئوندىن سورىسىڭىز توققۇزى مۇنداق جاۋاب بېرىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن : نەگە بولاتتى ؟ ماي سېتىۋېلىشقا ئۆچرەت تۇرغىلى كەتتى


 

  ئۈرۈمچىنىڭ ماشىنىلىرى سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز ئىشلىتىدۇ ، شىنجاڭ دېگەن نېفىت-گاز بازىسى تۇرسا ، ئۈرۈمچىدە قانداق بولۇپ  سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز كام بولۇپ قالىدۇ ؟
نېفىت كارخانىلىرى بىزگە مۇنداق دەيدۇ : شىنجاڭلىق قېرىنداشلار ، يەنە بىر مەزگىل چىدىۋېتىڭلار ...
  شىنجاڭنىڭ نېفىتى  ۋە گازى ئالدى بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشى كېرەك ، بىز قانداقمۇ ئۇلارغا يەتكۈزۈپ بەرمەي ئۆزىمىز ئىشلىتىۋالالايمىز ؟
  بېيجىڭنىڭ تاكسىلىرى يۇقىرى سەرپىياتلىق «ئېلانتا » غا ئالماشقان چاغلاردا ، شاڭخەينىڭ گاز ئوچاقلىرىدىن يېشىل نۇر كۆتۈرۈلگەن چاغلاردا ، سىلەر ئويلاپ باققانمۇ ، شۇ نېفىت شۇ گازنىڭ مەنبەسى بولغان شىنجاڭدا ، مۇشۇ قەھرىتان سوغۇقتا كىشىلەر تالادا توڭلاۋاتىدۇ ؛ شىنجاڭنىڭ شوپۇرلىرى ناھايىتى زور سەۋر بىلەن كۆز يەتكۈسىز تىزىلىپ كەتكەن ئۆچرەتتە گاز ساقلىماقتا مۇشۇ شوپۇرلارمۇ ئۆيدىن خەۋەر ئېلىشى ، توي قىلىپ ئۆي ئېلىشى ، بالا تېپىپ ئۇلارنى ياخشى ئوقۇتۇشى كېرەك ، بۇنىڭ ھەممىسىگە يەنە خىزمەت قىلىش كېرەك ماشىنا ھەيدەش كېرەك ، شۇ ماشىنىغا يەنە ماي كېرەك گاز كېرەك ئەمەسمۇ ؟لېكىن ئۇلارنىڭ خىزمەت قىلىدىغان ۋاقتىنىڭ كۆپ قىسمى ئۆچرەتتە ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ .


 

  شىنجاڭلىقلار ، ھەي شىنجاڭلىقلار ، ئىچكىرىلىكلەر تەرىپىدىن  ياۋايى دەپ قارالغان شىنجاڭلىقلار ...
مانا مۇشۇنداق ئۈن-تىنسىز مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىگە چىداپ كەلمەكتە ...
سىز ئۆزىڭىزنى شىنجاڭلىقلارنىڭ ئورىنىغا قويۇپ ئويلاپ بېقىڭ : ئەگەر بېيجىڭنىڭ كېرا ئاپتوموبېللىرى كەچكىچە ئۆچرەتتە تۇرۇپ ماي قاچىلىيالمىسا ؛ ئەگەر سەندۇڭنىڭ دېھقانلىرى شىنجاڭ دېھقانلىرىدەك پارچە-پارچە مۇنبەت يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالسا ... ئۇلار مۇشۇنداق چىدىيالامتى ؟


 

  ئالدىنقى كۈنلەردە ، ئاتوم بومبىسىنى ھاۋادىن ياپونىيىگە تاشلىغان ھېلىقى ئامېرىكىلىق ئەسكەر ۋاپات بولدى . بۇ قايتا بىر قېتىم بىزنىڭ نەزىرىمىزنى ئاتوم بومبىسى ۋە يادرو رادىئاتسىيەسى ئېلىپ كەلگەن ئوقۇبەتلەرگە ئاغدۇردى ...
  ئاتوم بومبىسى ۋە ئۇنىڭغا ئائىت شۇنچە كۆپ مۇلاھىزىلەرنىڭ ئارىسىدا سىز زادى ئويلاپ باققانمۇ ؟ ئاشۇ يىراقتىكى لوپنۇر كۆلىدە ، بىر چاغ ئوچۇق-ئاشكارا ئاتوم بومبىسى پارتىلىتىلغان . ئاشۇ گۈزەل تارىم ۋادىسىدا ، نۇرغۇن قېتىملاپ يەر-ئاستى ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بېرىلغان ...
خەۋەر پروگراممىسىنىڭ ئىچىدە ، شىنجاڭدا كۆتۈرۈلگەن قۇم-توپا قارا بورانلارنى كۆرگىنىڭىزدە چوقۇم « شىنجاڭ دېگەن مۇشۇنداق قاقاس بىر يەر » دەپ ئويلايسىز ... لېكىن كىملەر ئويلاپ باقتىكىن ؟ لوپنۇر كۆلى تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈپ كەلگەن جان ئالغۇچى بوران ئەۋلاتمۇ ئەۋلات شۇ ئەتراپلاردا ماكانلىشىپ كەلگەن بىگۇناھ خەلققە زادى نېمىلەرنى ئۇچۇرۇپ ئەكىلىدۇ ؟ 


 

  قېرىنداشلىرىمىز بىر-بىرلەپ كۆز يۇمدى ۋە يۇمماقتا ، سەۋەبىنى سورىسىڭىز ئۆپكە راكى بولمىسا ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرى راكى ... شىنجاڭ دېگەن دۇنيا بويىچە داڭلىق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش رايونىتىغۇ ؟ مۇشۇ مۇنبەت تۇپراقتا ياشاپ كەڭ قىرلاردا يېڭى ھاۋادىن نەپەسلىنىپ ياشاپ كېلىۋاتقان شىنجاڭلىقلاردا نېمىشقا تۇيۇقسىز مۇشۇنچە كۆپ راك كېسىلى چىقىدۇ ؟ نېمىشقا كورلا ھازىر دۆلىتىمىز بويىچە راك كېسىلى ئېغىر ئاپەت رايونى بولۇپ قالىدۇ ؟


 

  خۇ رەئىس ئەيدىس كېسەللىرى بىلەن كۆرۈشتى ؛ ۋېن زوڭلى خېنەندىكى ئەيدىس كېسىلى كەنتىگە باردى دېگەن خەۋەرلەر تېلېۋىزوردا نەچچە كۈندە بىررەت ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ . بۇ دېگەن زاماننىڭ ئىلگىرىلىشى ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلققە بولغان غەمخانلىقى . لېكىن نېمىشقا بايىنغولۇنغا ئوخشاش ئۇزۇن مۇددەت ئاتوم رادىئاتسىيەسى سەۋەبىدىن ئېغىر راك رايونىغا ئايلىنىپ قالغان زېمىن ، نېمىشقا ئەزەلدىن بىرەر قېتىم خەۋەر قىلىنىپ باقمىدى ؟ نېمىشقا ئەزەلدىن بىرەر كىشى دەس تۇرۇپ چىقىپ مۇشۇ مەسىلىگە يۈز تۇرانە جاۋاب بېرىپ باقمىدى ؟


 

  بىر قېتىملىق ئاتوم سىنىقى ، جۇڭگو خەلقى شۇندىن ئېتىبارەن ئورنىدىن تۇردى ، شۇندىن كېيىن قەغەز يولۋاستىن قورقمايدىغان بولدۇق . لېكىن يەنە مىڭلىغان ساددا ۋە بىگۇناھ شىنجاڭ خەلقى يىقىلدى ، ئازابلىنارلىقى شۇكى ، ئۇلارنىڭ ئۆزىمۇ بۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئىكەنلىكىنى بىلمىدى ، باشقىلارنى دېمەيلا قويايلى ...


 

  شىنجاڭ ، دۆلىتىمىز خەرىتىسىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى . شىنجاڭ خەلقى ، بىر مىليارت ئۈچ يۈزمىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ بىر قىسىمى . بىز ۋەتەننىڭ قۇدرەت تېپىشىغا تەقەززا ، بىز ئاكا-ئۇكا ئۆلكىلەردىكى قېرىنداشلارنىڭ باي بولۇشىغا تىلەكداش . لېكىن بىزمۇ ئادەمغۇ ؟ بىزنىڭمۇ ئۆزىمىزگە چۇشلۇق تەلىپىمىز بار ، شىنجاڭ ۋە شىنجاڭلىقلار ، ئادىل ۋە تەڭپۇڭ تەرەققىيات بوشلۇقى ۋە پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەكمۇ  يوق ؟ مۇشۇ تۇپراقتا بىزلەرگە تەۋەررۇك بولۇپ كېلىۋاتقان چەكسىز دۇنيادىن ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىشىمىز كېرەكمۇ يوق ؟ پۈتۈن ۋەتەندىكى بارلىق خەلققە ئوخشاش ،بىز بىر گۈزەل ئەتىگە مۇھتاج . ئاشۇ بايلىقلار ئېچىلىپ تۈگىگەن قۇرىغان ۋاقىتتىمۇ ، كەلگۈسىمىزگە قالدۇرغۇدەك ئۈمىدكە مۇھتاج


 

  دوستلار ، مەيلى سىز دۆلىتىمىزنىڭ قايسى يېرىدە بولۇڭ ، مۇشۇ تىنچلىق يىللىرىدىكى قۇياش نۇرى ئاستىدا ئەركىن نەپەسلىنىپ يۈرگەن چاغلىرىڭىزدا ، ئاشۇ يىراقتىكى شىنجاڭدا دۆلەتنىڭ مۇداپىئە ۋە تىنچىلىقى ئۈچۈن جان ئالغۇچ ئاتوم رادېئاتسىيەسى ئاستىدا ياشاۋاتقان خەلقنى ئويلاپ قويۇڭ .
دوستلار ، مەيلى قەيەردە بولۇڭلار ، مۇشۇ كۈنسايىن تەرەققىي قىلىۋاتقان يۇقىرى سۈرئەتلىك قاتناش ۋە ئاسايىشلىق تۇرمۇشتىن بەھرىمان بولۇۋاتقاندا ، ئاشۇ باشقىلارنىڭ ئالدىن بېيىشى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز ئازابقا چىداپ ياشاپ كېلىۋاتقان شىنجاڭلىقلارنى ئويلاپ قويۇڭ .


 

  بۇرۇنقى ئىددىيىڭىزدە بار بولغان شىنجاڭلىقلارنى مەنسىتمەيدىغان ، ياراتمايدىغان خۇلقىڭىزنى يۇغۇشتۇرۇڭ ؛ شىنجاڭدىن بار بايلىقنى تېپىپ بولۇپ يەنە نومۇسسسىزلارچە ئاتقان پولىرىڭىزنى يۇغۇشتۇرۇڭ . ۋە ئاخىرىدا بىر قېتىم بولسىمۇ : شىنجاڭلىقلار ، سىلەرگە رەھمەت ، دەڭ


 

  بىزنىڭ سىزگە تەلىپىمىز  يۇقىرى ئەمەس ، ئون توققۇز مىليون شىنجاڭلىق ، ھازىرقى ئەھۋال ۋە پۈتۈن ئورۇنلاشتۇرۇلۇشنى ئۆزگەرتەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ، بىز يەنىلا ئۇزۇن مەزگىل شەرقنىڭ تەرەققىيات تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن قۇربان بېرىشكە   مەجبۇر بولغان ئەھۋال ئاستىدا ، بىز پەقەت باشقىلارنىڭ تېگىشلىك ھۆرمىتىمىزنى قىلىشىغا مۇھتاج .


 

 قېنى بىر قېتىم چىن يۈرىكىڭىزدىن مۇنداق دەپ قويۇڭ :
 شىنجاڭلىقلار ، كەچۈرۈڭلار ، رەھمەت سىلەرگە
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203