ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ دائىم مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىنىڭ تۈرلۈك سەۋەبى
.ئېنىق بولغان نىشانى يوق.
.نىشان مەقسىتىنى خاتىرىلەپ كۆنمىگەن.
.بىرەر ئىش قىلىشتىكى مەقسەت-مۇددىئاسى ئېنىق ئەمەس.
.دائىم نىشانىنى ئۆزگەرتىپ يۈرۈيدۇ.
.ئارزۇ-ئارمانى بەك كۆپ .
.مەركەزلىك مۇددىئا ياكى نىشانى يوق.
. ئۆزىنىڭ نىشانىغا يىتىشگە مەلۇم چەكلىمە قويمايدۇ(مەن پالانى ۋاقىتتىن پالانى ۋاقىتقىچە مۇنۇ ئىشلارنى قىلىمەن دەيدىغان ئورۇنلاشتۇرۇشى يوق).
.ئۆزىگە مەسئۇل بولۇش ئېڭى شەكىللەنمىگەن ياكى ئۆزىگە مەسئۇل بولۇشنى خالىمايدۇ.
.ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى كەمچىل.
.مىجەز_خاراكتېرى بېكىنمە.
.ئۆز كەيپىياتىنى كونترول قىلالمايدۇ.
. تىرىشىپ خىزمەت قىلىشنى خالىمايدۇ.
.خاتا دوست تۇتىۋالىدۇ(تۇتۇۋالغان دوستلىرىنىڭ تايىنى يوق).
. نەتىجە قازانغانلاردىن ئۆگەنمەيدۇ.
.ۋاقىت كۆز- قارىشى تۆۋەن .
. بىرەر ئىش قىلىشتىكى ئۇسۇلى ياكى تەدبىرى مۇۋاپىق ئەمەس.
. بىرەر ئىشنى قىلىشتا .شۇ ئىشقا پۈتۈن زېھنىنى بېرەلمەيدۇ. شۇ ئىشنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملاش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشمايدۇ.
.ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى يوق دىيەرلىك،ياكى ئۆزىگە ئىشەنمەيدۇ.
.ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئىجتىھاتىنى مەلۇم بىر مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرمەيدۇ.ھېلى ئۇ ئىشنى قىلىپ باقىدۇ،ھېلى بۇ ئىشنى قىلىپ باقىدۇ،ئەمما ھېچقايسىسىنى باشقا ئەپچىقالمايدۇ.
.ئۇتۇق قازانغانلارنى كۆرەلمەيدۇ،ئۇلارنى ئۈلگە تۇتۇشنى خالىمايدۇ.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |