ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
شىنجاڭغا كادىر بولغىلى بارىمىز

 
شىنجاڭغا كادىر بولغىلى بارىمىز
 
 بۇ ھەقىقى بولغان ئىش بولىشىمۇ مۇمكىن ياكى ئېقىپ يۈرگەن مىش - مىش گەپتۇ . لېكىن شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ........


 

ئىچكىرىدىكى ئۆلكىسىنىڭ ناھىيىسى بازىرىدىكى لىيۇ خانىم ئېرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن مۇقىم خىزمىتى بولمىغاچقا ، بىر مەزگىل ئۇيان قاتراپ بۇيان قاتراپ ھېچ خىزمەت تاپالمىدى . بۇنداق خەت تۇنۇمايدىغان ئايالغا نەدە خىزمەت دەيسىز ... چىرايى ۋە كېلىشكەن پىگورىسىغا تاينىپ بىر قانچەيلەننى جەلىپ قىلىپ ئۇلار بىلەن ئىش - پەش تارتىشىپ يۈرىيدىغان ئايال ئىدى . لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىدىن پەقەت رازى بولمايتتى ...
مەلۇم بىر كۈنى ناھىيە بازىرىدىكى مېھمانخانىسنىڭ ئالدىدا ئۇ بىر قاملاشقان ئەر بىلەن سۇقۇلۇشۇپ كەتتى . ئەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىدى ھەم كەچۈرۈم سوراش يۈزىسىدىن لىيۇ خانىمنى تاماققا تەكلىپ قىلدى ..
ئەسلىدە بۇ ئەرنىڭ فامىلسى ۋاڭ بۇلۇپ ، شۇ ئۆلكە تەۋەسىدىن شىنجاڭغا ياردەمگە بارىدىغان كادىرلارنى باشلاپ ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇپ شىنجاڭغا قاراپ ماڭغان ئىدى . بۈگۈن ئاخشام ئۇلار مېھمانخانىدا يېتىپ ئەتە يەنە يولغا چىقاتتى ....ۋاڭ ئەپەندىم لىيۇ خانىم بىلەن بىردەمدىلا چىقىشىپ كەتتى . ئۇلار تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن لىيۇ خانىمنى باشلاپ ئۆز ياتقىغا ئېلىپ كەلدى ....كىچىچە پۇخادىن چىقىپ بىرلكتە يېتىپ قالدى ...
ئەتىسى ئەتىگەن ۋاڭ ئەپەندىم ئورندىن تۇرۇپ چاي ئىچىۋاتقان چاغدا لىيۇ خانىم ئەركىلەپ ئۇنىڭغا يالۋۇردى...
_ شىنجاڭغا كادىر بولغىلى مەنمۇ بارايچۇ ؟
ۋاڭ ئەپەندىم بىر ھازا تۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن ، ، يولدا ۋە شىنجاڭغا بارغاندىن كىيىنمۇ ئۆزىگە ئوبدان مۇلازىمەت قىلىدىغان بۇ ئايالنى ئېلۋىلىشنى لايىق تاپتى ....شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بازارغا چىقىپ ئالى مەكتەپنىڭ تۇلۇق كۇرس دىپلۇمىدىن بىرنى سېتىۋالدى ..
شۇنداق قىلىپ لىيۇ خانىم شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە بارىدىغان كادىرلار ئارىسىدىكى << يۇقۇرى سەۋىيلىك خادىم &t;&t; بۇلۇپ قالدى . نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ئۇلار شىنجاڭغا كەلدى . رەھبەرلەر ئۇلارنى قىزغىن كۈتىۋالدى . نەچچە كۈن يەپ ئىچكۈزۈپ ، ياخشى دەم ئالدۇرۇپ ھەر قايسى ئورۇنلارغا بۆلدى . لىيۇ خانىم ۋاڭ ئەپەندىنىڭ شاپائىتىدە ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىنىڭ پارتىكوم شۇجىسى بۇلۇپ ، ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا تەقسىم قىلىندى ..
مەخسوس تەخسىم قىلىنغان ماشىنا ، ھەشەمەتلىك بىر يۈرۈش ئۆي ، قول ئاستىدىكىلەرنى خوشامىتى ئۇنى خۇددى جەننەتكە كېلىپ قالغاندەك خۇشال قىلۋەتتى ...
لىيۇ خانىم ئىچكىرىدىكى ۋاقتىدا تارتقان جاپا مۇشەققەتلېرىنى ئويلاپ ،ئىچىدە بۇرۇنراق شىنجاڭغا كادىر بولۇپ كەلمىگەنلىكىدىن تۇلىمۇ ئۈكۈندى . ھەمدە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ، ئۇرۇق – تۇققانلىرىدىن بىر نەچچىسىنى يۆتكەپ ئەكەلدى . يېنىنى توملىدى ... مۇشۇ تەرىقىدە يىل ئۆتۈپ كەتتى ....
ئوتنى پاختا ئارىسىدا ساقلىغىلى بولمىغاندەك ئۇنىڭ بۇ باياشات تۇرمۇشىدىن ئاخرى چاتاق چىقتى .
ئەسلىدە ئىش مۇنداق بولغان ئىدى .
دوختۇرخانىنىڭ دائىمى ئىشلارغا مەسئۇل بىر ئويغۇر دوختۇرخانا باشلىقى بۇلۇپ ، بىر قىسىم ھۆججەت ۋە دورا سېتىۋىلىش چىقىملېرى تالۇنى ، خىراجەت ، دوكلات دىگەندەك ماتىرىياللارنى لىيۇ سېكىرتارغا تەستىقلاتقىلى كىرەتتى ...ئۇ ھەر قېتىم كىرگەندە لىيۇ خانىم ئۇنى دوكلات مەزمۇنىنى ئېغىزچە ئوقاتتى ئاندىن ماتىرىيالنى قۇلىغا ئېلىپ << تەپسىلى بىر قېتىم كۆرۈپ چىققاندىن كىيىن &t;&t; چاتاق يوقكەن سىز ئۆزىڭىز ئىمزا قۇيىۋىرىڭ دەپ دوختۇرخانا باشلىقىغا تۇتقۇزۇپ قۇياتتى ... دوختۇرخانا باشلىقى ئۇنىڭ ھەتتا ئۆز ئىمزاسىنىمۇ تۈزۈك يازالايمايدىغانلىقىنى نەدىن بىلسۇن . شۇجى ماڭا چوڭ ھۇقۇق بەردى دەپ خۇشال بولغىنىچە ئۇنىڭغا تېخىمۇ خۇشامەت قىلىپ ، بولاق پۇللارنى ، ئىسىل بۇيۇملارنى چاندۇرماي لىيۇ خانىمغا سوۋغا قىلاتتى ...
دوختۇرخانا باشلىقى پارتىيە مەكتىۋىدە ئوقۇيدىغان بولۇپ قېلىپ ، مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ تۇرىدىغان بولدى . مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى ھەر قېتىم ئىمزا قويدۇرغىلى كىرگەندە لىيۇ خانمنىڭ قىلغان ئىشىدىن بەكمۇ ھەيران بۇلاتتى ... بىرمۇ ھۆججەتكە ئىمزا قويمىسا ، ھەر قېتىم دوكلات ئەكىرگەندە ئاۋال ئوقۇتىدۇ . بىرەر مەسىلە بارمۇ قانداق ؟ مۇشۇنداق خىيالدا ئۇنىڭ قۇرسىقىغا " جىن " كىرگۈزدى .
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاخشىمى بىر دوكلاتنى راۋۇرۇس قاتۇرۇپ يېزىپ ئەتىسى لىيۇ شۇجىگە ئەكىردى. لىيۇ شۇجى دوكلاتنى ئوقۇشقا بويرىدى . ئۇ دورا سېتىۋىلىش توغرىسىدىكى دوكلات دەپ چاندۇرماي ئوقىدى . لىيۇ خانم ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن ئادىتى بۇيىچە دان – دان يىزىلىغان بۇ چىرايلىق خەنزۇچە دوكلاتنى قۇلىغا ئېلىپ بىر ھازا قارىۋەتكەندىن كىيىن ، ناھايىتى ياخشى بوپتۇ . ئۆزىڭىز ئمزا قۇيۇپ شۇ بۇيىچە ئىشلەڭ دەپ قۇلىغا تۇتقۇزۇپ قويدى .
مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى ئاخىرى ئۇنىڭ سىرىنى بىلدى . ئەسلىدە مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى ئەكىرگەن دوكلاتتا مۇنداق جۈملىلەر بار ئىدى ..
لىيۇ شۇجى سىز ساۋاتىسز ،،،، سىز پارىخور ئىكەنسىز . سىز ئالدامچى ئىكەنسىز شۇنداق تۇرۇپ يەنە بۇيەرگە قانداق كەلدىڭىز ؟
شۇنىڭ بىلەن مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى لىيۇ خانمنى پاش قىلىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا خەت يازدى .. يۇقىرىدىن تەكشۈرۈش ئارقلىق بۇنىڭ راستىلىقى ئىسپاتلاندى ...
لېكىن ۋاڭ ئەپەندىنىڭ قولى بىلەن بۇ ئىش چىرايلىقچە بىر تەرەپ قىلىندى . لىيۇ خانمنىڭ شىنجاڭغا ياردەم ۋەزىپىسى توشۇپ ، نۇرغۇن پۇل بىلەن ئۆز يۇرتىغا قايتتى ...
 


 

مەنبە ؛ شەبنەم تورى

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203