قىزىقارلىق دېئالوگلار
شىركەت باش لېدىرى ياش كاتىپىغا تېلفون قىلدى:
- سىزنى بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىپ بىرنەچچە كۈن ئوينىتىپ كىلەي. تەييارلىق قىلىپ قويۇڭ.
كاتىپ قىز يولدىشىغا تېلفون قىلدى:
- باش لېدىر بىلەن بېيجىڭغا بىرنەچچە كۈنلۈك يىغىنغا بارىدىغان بولۇپ قالدىم. ئۆزىڭىزنى ئوبدان كۈتەرسىز.
يولدىشى دەرھال ئاشنىسىغا تېلفون قىلدى:
- ئايالىم بىرنەچچە كۈنلۈك كاماندورۇپكىغا چىقىدىكەن.بىزمۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ سىرىتقا چىقىپ بىرنەچچە كۈن ئويناپ كىلەيلى.
ئاشنىسى ئۆزى ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى قىلىۋاتقان ئۆيدىكى ئوقۇغۇچىسىغا تېلفون قىلدى:
- مەن ساقسىز بولۇپ قالدىم، بىرنەچچە كۈن دەرىس توختاتساق دەيمەن. سەن ئوبدان ئارام ئېلىۋالغىن.
ئوقۇغۇچى بالا بوۋىسىغا(چوڭ دادىسىغا) تېلفون قىلدى:
- بوۋا، مۇئەللىمنىڭ مىجەزى يوق ئىكەن. بىرنەچچە كۈن دەرىس ئۆتمەيدىغان بولدى. ئۆيدە زېرىكىپ كىتىدىكەنمەن. سەن كىلىپ ماڭا ھەمراھ بولساڭ...
بوۋىسى دەرھال تېلىفون تۇرۇپكىسىنى ئېلىپ كاتىپ قىزغا تېلفون قىلدى:
- مەن نەۋرەمگە بىرنەچچە كۈن ھەمراھ بولۇپ ئۇنى ئوينىتىدىغان بولۇپ قالدىم. بېيجىڭغا كېيىنچە بارايلى.
كاتىپ قىز يولدىشىغا تېلفون قىلدى:
- بۇ بىرنەچچە كۈندە باش لېدىرنىڭ مۇھىم ئىشى بار ئىكەن. بېيجىڭغا يىغىنغا بارمايدىغان بولدۇق.
يولدىشى ئاشنىسىغا تېلفون قىلدى:
_ ئايالىمنىڭ كوماندىروپقا چىقىدىغان ئىشى ئەمەلدىن قاپتۇ. بىزمۇ سىرىتقا چىقىپ ئوينىيالمايدىغان بولدۇق.
ئاشنىسى ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئۆيىگە تېلفون قىلدى:
- ئويلاپ باقسام ھەممىدىن سېنىڭ دەرىسىڭ مۇھىم ئىكەن. مېنىڭ كېسىلىم ھىچ گەپ ئەمەس.ئۇنىڭ ئۈستىگە سەللىمازا ساقىيىپ قالدىم. شۇڭا ساڭا داۋاملىق دەرىس ئۆتىۋېرەي.
ئوقۇغۇچى بالا بوۋىسىغا تېلفون قىلدى:
- بوۋا،مۇئەللىم داۋاملىق دەرىس تەكرارلاپ بېرىدىغان بولدى. سەن كەلمىسەڭمۇ بولىدۇ.
بوۋىسى تېلىفون تۇرۇپكىنى ئېلىپ كاتىپ قىزغا تېلفون قىلدى:
- ئەھۋالدا يەنە ئۆزگىرىش بولدى. مەن يەنىلا سىزنى بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىپ ئوينىتىپ كىلەي...
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |