بىر بوتۇلكا مېنرال سۇ
(ھېكايە)
ليۇ دوڭۋېي
زۇلپىيە ئابدۇۋەلى تەرجىمىسى
يەر تەۋرىگەن ئاشۇ دەقىقىدە ئۇ سىرتقا قېچىشنى ئويلىدى. بىراق بىر قانچە قەدەم ماڭا – ماڭمايلا يەر يەنە بىرقېتىم قاتتىق سىلكىنىپ، مەكتەپ ياتاق بىناسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، ئۇ ھوشىدىن كەتتى.
ئۇ ھوشىغا كەلگىنىدە ئۆزىنىڭ خارابىلىك ئاستىدا قالغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ بۇ يەردىن چىقىپ كېتىش ئۈچۈن ئالدىغا بىر ئاز ئۆمىلىگەن بولسىمۇ پۇتىنى مىدىرلىتالمىدى. توساتتىن ئۇنىڭ قولىغا بىرسىنىڭ پۇتى ئۇرۇلغاندەك بولدى. ئەجىبا ئۇ شياۋخۈيمىدۇ؟
شياۋخۈي سىنىپتا ئۇنىڭ پارتىدىشى بولۇپ، بەكمۇ تىرىشچان ئىدى. ئىككىيلەن ئىككى يىل بىر ياتاقتا ياتتى. شياۋخۈينىڭ ئەكسىچە، ئۇ ھۇرۇن ئىدى. ئەتىگەندە يوتقان – كۆرپىلىرىنى يىغمايتتى، ياتاقنىڭ تازىلىقى بىلەنمۇ كارى يوق ئىدى. شياۋخۈي بولسا ھەر كۈنى كەچتە تاكى چىراغ ئۆچكىچە سىنىپتا دەرس تەكرار قىلاتتى. شياۋخۇي ياتاققا قايتىپ كەلگەندە، ئۇ دائىم شياۋخۈينى قورقۇتۇپ كۆڭلىنى خۇش قىلاتتى. بىر قېتىم ئۇ يۈزىگە ۋەھىمىلىك بىر فىلىمدىكى ئالۋاستىنىڭ سۈرىتىنى سىزىپ چاپلاپ، سىنىپتىن ئەمدىلا قايتىپ كەلگەن شياۋخۈينى قورقۇتۇپ ھوشىدىن كەتكۈزۈۋەتكەنىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ شياۋخۈي ئۇنىڭغا گەپ قىلمىغانىدى.
— شياۋخۈي، بۇ سەنمۇ؟ – دېدى ئۇ.
— ھەئە، – دېدى شياۋخۈي،– ئۇنىڭ ئاۋازى تولا ۋارقىراپ پۈتۈپ كەتكەنىدى.
— تېز ئۆمىلەپ چىقىۋالغىن، – دېدى ئۇ.
— ئۆمىلىيەلمەيۋاتىمەن، پۇتۇمنى بىر نەرسە بېسىۋالغان ئوخشايدۇ، – دېدى شياۋخۈي.
—بۇ قانداق بولغىنى؟ – ئۇ ۋارقىرىغىنىچە شياۋخۈينىڭ پۇتىنى تارتىپ باقتى، ئەمما شياۋخۇينىڭ پۇتى ھېچ مىدىرلايدىغاندەك ئەمەس ئىدى.
—بىز باشقىلارنىڭ كېلىپ بىزنى قۇتۇلدۇرۇشىنى كۈتەيلى، – دېدى شياۋخۈي.
— بىراق... بۇ يەرگە قۇتقۇزۇش خادىملىرى قاچان كېلەر؟ – دېدى ئۇ، – ناۋادا ئۇلار بىر قانچە كۈنگىچە كەلمىسە بىز ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتەرمىزمۇ؟
— ئامال قانچە، – دېدى شياۋخۈي ئېغىر خۇرسىنىپ.
ئۈچ كېچە – كۈندۈز ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنى بارغانچە ئەنسىز خىياللار چىرماشقا باشلىدى. ئۇ شياۋخۈينى نوقۇدى:
— نېمىشقا گەپ قىلمايسەن؟
— بولدى، گەپ قىلما، گەپنى ئاز قىلساق كۈچىمىز تېجىلىدۇ، – دېدى شياۋخۈي.
— بىراق... مەن بولالمىدىم، ئۇسساپ ئۆلەي دېدىم، – دېدى ئۇ.
— ئالە، سۇ ئىچىۋال، – شياۋخۈي بىر بوتۇلكا مىنېرال سۇنى ئۇنىڭغا سۇندى.
ئۇ خۇشاللىقتىن سۇنى غۇرتۇلدىتىپ ئىچىشكە باشلىدى.
— جىق ئىچمە، ئازراق قويۇپ قوي، بۇ سۇ بىلەن بىز يەنە بىر قانچە كۈن بەرداشلىق بېرىشىمىز كېرەك، – دېدى شياۋخۈي.
ئۇ سۇنى ئىچىشتىن توختىدى، بوتۇلكىدىكى سۇ يېرىملاپ قالغانىدى.
— ماڭا يەنە بىر بوتۇلكا سۇ بەر، – دېدى ئۇ.
— تۈگىدى، بىرىمىزگە بىرلا بوتۇلكا سۇ قالدى، – دېدى شياۋخۈي.
ئۇ كۆزىنى يۇمغىنىچە خارابىلىكتە قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ تېزرەك كېلىشىنى كۈتۈشكە باشلىدى، بەك ئۇسساپ كەتكىنىدە بىر يۇتۇم سۇ ئىچتى، ھەمدە قالايمىقان خىياللارنى قىلماسلىققا تىرىشتى.
خارابىلىك تىمتاسلىققا چۆمگەن ئىدى. ئۇ قورقۇشقا باشلىدى، شياۋخۈينى نوقۇۋېدى، ئۇ ‹‹ھە›› دەپلا قويۇپ ئارتۇق گەپ قىلمىدى.
— بەرداشلىق بەر، بىز بۇ يەردىن قۇتۇلۇپ چىققاندىن كېيىن يەنە يېقىن دوستلاردىن بولايلى، – دېدى ئۇ شياۋخۈيگە.
ئۇ ئۇشتۇمتۇت سىرتتىن ئاللىكىملەرنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدى، قول چىرىغىنىڭ يورۇقىمۇ كۆرۈنۈشكە باشلىدى. كېيىن بىرسى ‹‹بۇ يەردە ئادەم باركەن›› دەپ ۋارقىرىدى، ئۇ بۇنى ئاڭلاپ خۇشاللىقىدىن يىغلىغىنىچە: ‹‹بۇ يەردە ئادەم بار›› دەپ ۋارقىرىدى.
— بىز سىلەرنى كۆردۇق، سەل چىداپ تۇرۇڭلار، بىز سىلەرنى چوقۇم قۇتقۇزۇپ چىقىمىز، – دېدى سىرتتىكىلەر.
ئۇ ئاخىرى خارابىلىكتىن قۇتۇلۇپ چىقتى. ئۇ نوسۇلكىدا يېتىپ كېتىۋېتىپ قۇتقۇزۇش خادىملىرىدىن سورىدى:
— ھازىر قايسى چاغ بولدى؟
— سېنىڭ خارابىلىك ئىچىدە سائەتنى ئۆتكۈزۈشۈڭ ھەقىقەتەن بىر مۆجىزە، – دېدى ئۇلار. قۇياش نۇرىنى توسۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ يۈزىگە بىر قەۋەت رەخت يېپىلغانىدى.
— يېنىمدىكى ساۋاقدىشىمچۇ؟
— ئۆلۈپ كېتىپتۇ.
شياۋخۈينىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ كۆڭلى ناھايىتى پەرىشان بولدى. گەرچە ئۇلار تولا ئۇرۇشۇپ قالغان بولسىمۇ، بىراق بۇ قېتىم خارابىلىكتە بىللە ياشىغان، قىيىنچىلىقىنى بىللە يەڭگەن ھەم شياۋخۈي بىلەن ياخشى دوستلاردىن بولىمىز، مەڭگۈ ئۇرۇشمايمىز دەپ ۋەدىلەشكەنىدى، ئەمما ئۇ مەڭگۈگە كۆز يۇمۇپتۇ. ئۇ يىغلىدى، شياۋخۈي ئۈچۈن، كەلگۈسى دوستلۇقى ئۈچۈن يىغلىدى. ئۇ قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا سېلىنىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى. دوختۇرلارنىڭ ئەستايىدىل داۋالىشى بىلەن سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلدى. كېسەل كارىۋىتىدا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، مۇخبىرنىڭ ئەڭ كۆپ سورىغىنى: ‹‹قانداق كۈچ بىلەن خارابىلىكتە سائەت بەرداشلىق بەردىڭىز؟›› دېگەن سوئال بولدى.
— سۇ، بىر بوتۇلكا مىنېرال سۇ، – دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.
— مۇخبىر ئۇنىڭ جاۋابىدىن رازى بولمىغاندەك قىلاتتى:
— نېمىشقا يېنىڭىزدىكى ھېلىقى ساۋاقدىشىڭىز ھايات قالمىدى؟
— نېمىشقا؟ – دەپ ياندۇرۇپ سورىدى ئۇ.
— ئەجىبا، سىز سۈيىڭىزنى ئۇنىڭغا بەرمىدىڭىزمۇ؟ – دەپ سورىدى مۇخبىر.
— ياق، سۇنى ئۇ ماڭا بەرگەن، بىرىمىزدە بىر بوتۇلكا مىنېرال سۇ بار ئىدى، – دېدى ئۇ.
مۇخبىر ئۇنىڭغا نەق مەيداندىن پەقەت بىرلا مىنېرال سۇ بوتۇلكىسى تېپىلغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ يۈرىكى قاتتىق سېلىپ كەتتى...
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |