ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
تاساددىپي ئۇرۇلغان تېلېفۇن


تاساددىپي ئۇرۇلغان تېلېفۇن


 

(ھىكايە)


 

شياۋ شىياۋ


 

ئەزىزگۈل ئەخمەت تەرجىمىسى


 

   بىركۈنى بىريەرگە ئالدىراش كېتىپ باراتتىم ،يانفۇنۇم جىددىي سايراپ كەتتى . ئۇنى دەرھال قۇلىقىمغا ياقتىم .قارشى تەرەپتىن بىر قىزچاقنىڭ :
   –دادا تېز قايتىپ كېلىڭ،مەن سىزنى بەكمۇ سېغىندىم ،–دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى .مەن :
   –مېنىڭ قىزىم يوق .تېلفوننى خاتا ئۇرۇپسىز –دەپلا تېلېفۇننى قويىۋەتتىم .كېيىنكى بىر قانچە كۈندە يەنە شۇ نومۇردىن توختىماي تېلفۇن كەلدى .بەزىدە تېلفۇننى ئېلىپلا ئېتىش كۇنۇپكىسىنى بېسىۋەتسەم ،بەزىدە ئۇ تېلفۇننى قەتئيلا قوبۇل قىلمىدىم .بىر كۈنى (يەنى شۇ نومۇردىن تېلفۇن كېلىشنىڭ ئاخىرقى كۈنى )يەنى تېلفۇن كەلدى . بۇ  كۈنكى پەرىق شۇكى ،مېنىڭ تېلفۇنۇمنى زادى ئالغىم كەلمىسىمۇ ،قارشى تەرەپ توختىماستىن تېلېفۇن بېرىۋەردى، ئاخىرى سەۋرىم تېشىپ تېلېفۇننى قۇبۇل قىلدىم .يەنىلا شۇ قىزچاقنىڭ جانسىزغىنە ئاۋازى :
   —دادا ،سىزنى تولىمۇ سېغىندىم ،ئانام تېلېفۇننى خاتا ئۇرمىدىڭىز دەيدۇ ،بۇ دەل سىزنىڭ تېلېفۇن نۇمىرىڭىز ئىكەن ،ئانام سىزنى خىزمىتى ئالدىراش دەيدۇ ،ئەگەر كېلەلمىسىڭىز ،تېلېفۇندا بولسىمۇ سۆيۈپ قويۇڭ بۇلامدۇ ؟–قىزچاقنىڭ ساددا تەلىپىنى رەت قىلغۇم كەلمىدى ،مەن تېلېفۇنۇمنىڭ مىكرافۇنىغا بىر قانچىنى سۆيۈپ قويۇۋېدىم قىزچاق ئۈزۈپ –ئۈزۈپ :
   –دادا مەن بەك خۇشال بۇلدۇم ،سىز ....بەك ....بەك ...،–دېدى –دە ،سۆزى ئۈزىلىپ قالدى ..كەينىدىنلا بىر ئايال بوشقىنا :
   –كەچۈرۈڭ ئەپەندى ،نەچچە كۈندىن بۇيان سىزنى كۆپ مالال قىلدىم ،بىچارە قىزىمنىڭ تەقدىرى تولىمۇ كاج كەلدى .ئۇ تۇغۇلۇشىدىنلا سۆڭەك راكىغا گىرىپدار بولغان ،ئۇنىڭ دادىسىمۇ يېقىندىلا قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلغانىدى. قىزىمنىڭ دادىسىنى كۆرگىسى كېلىپ قىلغان نالىسىگە چىدىيالماي ،يادىمغا كەلگەن بىر نومۇرنى توقۇپلا ئۇنىڭغا دەپ بەرگەنىدىم ،بايا سىز ئۇنىڭ تەلىپى بويىچە سۆيۈپ قويىۋېدىڭىز ،ئۇكۈلۈمسىرگىنىچە كۆز يۇمدى ...،–دېدى .بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۆز چاناقلىرىمغا تولغان ياش يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلىشكە باشلىدى ....
   بۇ كىشىلىك دۇنيادا  بىز ھايات قىسمەتلىرىنى ، سوغۇق قانلىقنى ئاستا –ئاستا ئۆگىنىمىز ...قاراڭ بۇ دۇنيا ناھايىتى چوڭ بولغان بىلەن كىچىككىنە بىر يۈرەكنىڭ ئىلتىجاسىنى سىغدۇرالماسلىقى مۇمكىن ؛ ئەمما ئائىلە ئىنتايىن  كىچىك بولغىنى بىلەن ئۇ قىزچاقنىڭ پۈتۈن دۇنياسىنى سىغدۇرالايدۇ .

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203