ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
سۆيگۈ پروگراممىسى

سۆيگۈ پروگراممىسى

مەلۇم بىر كۈنى چىرايىنىڭ ئوڭ- سولى ئۆچكەن بىر خېرىدار، ئىنسانىيەتنىڭ تەرتىپىنى قاچىلايدىغان بىر يۇمشاق دېتاللار شېركىتىگە كىرىپ كەلدى. ئۇ ئېنژىنېردىن ئۆزىنىڭ ئازاپلىرىنى چىقىرىپ تاشلاشقا ياردەم قىلىشنى ئۆتۈندى. چۈنكى ئۇ يىقىندىن بېرى باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا، ئۇنىڭ سېستىيمىسى ھەمىشە قېتىۋېلىپ، كىشىلەرگە زېركىشلىك تۇيغۇ بېرىدىغان بولۇپ قالغاچقا، يىقىن-يورۇقلىرى نىمە سەۋەپتىنكىن ئۇنىڭدىن قاچىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.
يۇمشاق دېتاللار ئىنژىنېرى ئۇنىڭ شىكايەتلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ ئۇنىڭ ئادەملىك ماشىنىسىنى قوزغىتىپ، ئۇنىڭ روھىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈشكە باشلىدى. ئارىدىن بىرنەچچە سىكونت ئۆتكەندىن كىيىن ئىنژېنىر ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرگەن ھالدا، بىرەر چوڭ كاشىلا يوقلۇغىنى، پەقەت «كۆڭۈل خاتىرلىگۈچى»ئەسۋابىدىنLV X (سۆيگۈ ) پروگراممىسىنىڭ يوقىلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتى. شۇنىڭدىن كىيىن  ئىنژېنېر ئۇنىڭ قەلبىگە (سۆيگۈ ) پروگراممىسىنى قاچىلاشقا سەۋىر چانلىق بىلەن يىتەكچىلىك قىلدى.
-        ئالدى بىلەن قەلبىڭىزنى ئېچىڭ، سىز ھازىر  قەلبىڭىزدىمۇ؟-دىدى ئىنژېنېر.
-        شۇنداق ، مەن ھازىر ئۆز قەلبىمگە كىردىم. بىراق تېخى بىر نەچچە ھۆججەت ئەمدىلەتتىن  قوزغېلىۋېتىپتۇ، ئۇلار قوزغىلىۋاتقاندا مەن سأيگۈ پروگراممىسى(LV X)نى قاچىلىسام بولامدۇ؟- دەپ سورىدى خېرىدار.
-        ئۇلار قايسى ھۆججەتلەر ئىكەن؟ - دەپ سورىدى ئىنژېنېر
-        تۇرۇپ تۇرۇڭ، ھە ئۇلار مەن ئىلگىرى قاچىلىۋالغان «ئۆچ- ئاداۋەت ھۆججىتى»«ئۆتكەن كۈنلىرىگە قايغۇرۇش ھۆججىتى »«ئۆزىنى كەمسىتىش ھۆججىتى »ۋە«ھەسەت قىلىش ھۆججىتى » قاتارلىقلار ئىكەن.، ئۇلار قوزغېلىۋېتىپتۇ.- دىدى خېرىدار. جاۋابەن
-        قاچىلىسىڭىز بولىدۇ، بىراق سىز دەرھال مەشغۇلات سېستىيمىڭىزدىن «ئۆتكەن كۈنلىرىگە قايغۇرۇش ھۆججىتى »نى ئۆچۈرۋېتىڭ ، شۇنداق قىلسىڭىز (LV X)  پروگراممىسى توسالغۇسىز ھالدا ئاپتۇماتىك قاچىلىنىدۇ. شۇنداقلا سىزنىڭ ئىچكىي ساقلىغۇچىڭىزدا مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدۇ. باشقا پروگراممىلارنىڭ قوزغىلىشىغا توسقۇن بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن يەنە  (LV X)  پروگراممىسى قاچىلىنىش جەريانىدا ئۆزىدىكى «ئىشەنچ» دەپ ئاتىلىدىغان ھۆججەتنى سىزنىڭ سېستىيمىڭىزدىكى«ئۆزىنى كەمسىتىش ھۆججىتى »نىڭ ئۈستىگە كۆچۈرۈپ، ئۇنى ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ. ئاخىردا سىز ئىجرا قىلىش كۆزنىكىدىن  «ئۆچ- ئاداۋەت ھۆججىتى» بىلەن «ھەسەت قىلىش ھۆججىتى »نى ئىتىۋېتىڭ. چۈنكى بۇ ئىككى ھۆججەت  LV X «سۆيگۈ ھۆججىتى» نىڭ نورمال قاچىلىنىشىغا توسالغۇ بولىدۇ، سىز ئۇلارنى ئىتىۋىتەلەمسىز؟-
-        كەچۈرسىز . (تاقاش ئىناۋەتسىز ) دىگەن ئۇچۇر كەلدى، سىز ماڭا ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن.
-        بولىدۇ، - دىدى ئىنژېنر. 
-        سىز ئۆزىڭىزنىڭ قەلىب تىزىملىكىڭىزگە قايتىپ ئۇنىڭدىن «كەڭ قورساقلىق»دىگەن ھۆججەتنى تاللاڭ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ قاچىلاش ئېھتىياجىڭىز  بۇيىچە ئۇنى تەكرار تاللاڭ. ئۇ تاكى«ئۆچ- ئاداۋەت ھۆججىتى» بىلەن «ھەسەت قىلىش ھۆججىتى »نى قەلب سېستىيمىڭىز دىن ئۈزۈل –كىسىل ئۆچۈرۋەتكەنگە  قەدەر شۇنداق قىلىڭ.
-        ئەمدى بولدى مەن شۇنداق قىلدىم. ھازىر قەلبىمگە  LV X «سۆيگۈ » پروگراممىسىنىڭ قاچىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. – دىدى  خېرىدار.
-        دىققەت قىلغايسىز بىرنەچچە سىكونتتىن كىيىن سىزگە بىر ئۇچۇر كىلىدۇ، ئۇ «ھازىر سېستىيمىڭىز قەلبىڭىزنى باشقىدىن تەڭشەۋاتىدۇ. تەڭشەش ئاخىرلاشتى » دىگەن  ئەسكەرتىشنى بېرىدۇ، كۆردىڭىزمۇ؟-  دىدى ئىنژېنېر
-        كۆردۈم، كۆردۈم، بۇ LV X «سۆيگۈ» پروگراممىسىنىڭ قاچىلىنىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرەمدۇ؟  - سورىدى خېرىدار.
-        شۇنداق، بىراق سىز ئۆز ماشىنىڭىزغا ھېلىراقتا LV X «سۆيگۈ » پروگراممىسى قاچىلىدىڭىز. سىزنىڭ ماشىنىڭىز پەقەت ئىنسانىيەت ماشىنىسىنىڭ قەلبىگە ئۇلانغانغاندىلا سىزنىڭ LV X «سۆيگۈ » پروگراممىڭىز ئۆزلۈكسىز يىڭىلىنىپ تۇرىدۇ، - دىدى ئىنژېنېر
-        چاتاق بولدى مېنىڭ قاچىلاش كۆزنىكىمدىن بىر  خاتالىق ئۇچۇرى كەلدى
-        قېنى ئوقۇڭ.
-        «سېستىيمىنى تور بەلۋېغىدا ئىجرا قىلىشقا بولمىدى» . بۇ نىمە دىگىنى؟
-        ئەنسىرەپ كەتمەڭ، بۇ دائىم كۆرلۈپ تۇرىدىغان  خاتالىق، ئۇنىڭدا LV X «سۆيگۈ » پروگراممىسى سىزنىڭ قەلبىڭىزنىڭ سىرتىدا ئىجرا قىلنىۋاتقانلىقى ، تېخى ھەقىقىي يوسۇندا سىزنىڭ روھىي دۇنيايىڭىزدا قوزغىلالمىغانلىقى ئېيتىلىپتۇ. بۇ بىر مۇرەككەپ جەريان، بۇنى غەيرى تېخنىكىلىق تىل بىلەن چۈشەندۈرسەم، سىز باشقىلارنى سۆيۈشتىن ئاۋال. چوقۇم ئۆزىڭىزنى سۆيۈشىڭىز  كېرەك،
-        ئەمىسە كىيىنكى قەدەمنى قانداق بېسىشىم كىېرەك؟
-        ئالدىرىماڭ، سىز  «ئۆزىنى ئىتراپ قىلىش» دىگەن مۇندەرىجىگە كىرىڭ.
-        ئوبدان بولدى، مەن  بۇ مۇندەرىجىنى ئاچتىم.
-        ئاشۇ مۇندەرىجىدىكى «كەڭ قورساقلىق ھۆججىتى» «ئۆزىگە ئىشنىش ھۆججىتى »«ئۆز قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھۆججىتى » ۋە «مېھرىبانلىق ھۆججىتى »قاتارلىقلارنى تېپىڭ ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تاللاپ «مېنىڭ قەلبىم» دىگەن ھۆججەتكە يۆتكەپ كېلىڭ، كۆچۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن. قەلىب سېستىيمىڭىزدىن «ئىچى تارلىق»«شەخسىيەتچىلىك» دىگەندەك قىسمەن ھۆججەتلەر ئاپتۇماتىك ھالدا ئۆچۈپ كىتىدۇ. شۇنداقلا پروگرامما ئىجرا قىلىنىش جەريانىدىكى توسالغۇلارمۇ يوقىلىدۇ. لىكىن ئاخىردا «ئۆزىگە شەپقەتسىزلىك قىلىش ھۆججىتى » نى نۆۋەتتىكى مۇندەرىجىدىن ئۆچۈرۋېتىشنى ئۇنتۇماڭ
-        مەن ئۇتۇق قازاندىم ھازىر كۆزنەكتە«مېنىڭ قەلبىم» گە« LV X پروگراممىسىنىڭ  رەسمىي نەشىرى نۇسخىسى قاچىلاندى» دىگەن ئۇچۇر كۆرۈندى، يەنە «تەبەسسۇم ھۆججىتى» مۇ قوزغىلىپتۇ، ئۇندىن باشقا يەنە «قىزغىنلىق»، «دوستلۇق»ۋە «قانائەت» قاتارلىق ئۈچ ھۆججەتمۇ «مېنىڭ قەلبىم» مۇندەرىجىسىگە كىرىپتۇ.
-        سىزگە مۇبارەك بولسۇن سېستىيمىڭىزغا LV X (سۆيگۈ) پروگراممىسى ئوڭۇشلۇق قاچىلاندى، توسالغۇلارمۇ تۈگىدى. بىراق مەن سىزگە بىرجۈملە ئاگاھلاندۇرۇش سۆزى ھەدىيە قىلاي دەيمەن.
-        قانداق سۆز  ؟
-        ئىسڭىزدە بولسۇنكى، سۆيگۈ – ھەقسىز بىر خىل يۇمشاق دېتال، سىز كەڭ قورساقلىق بىلەن سزگە يولۇققان كىشىلەرگە مېھرى- مۇھاببەت ئاتا قىلسىڭىز بولىدۇ. سۆيگۈ  كىشىلەر  ئارىسىدا تارقىلىدۇ. غەيرى تېخنىكىلىق تىل بىلەن چۈشەندۈرگەندە: سىز باشقىلارغا مېھرى- مۇھەببەت ئاتا قىلغاندىلا، ئۆزىڭىزمۇ باشقىلارنىڭ مېھرىگە ئىرىشەلەيسىز.
-        ئۇقتۇم سىزدىن كۆپ مىننەتدارمەن 


 

 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203