بايلارغا ياتلىق بولۇش رېتسىپى
ۋاڭ يۇ
ياش ھەم چىرايلىق بىر قىز ئامېرىكىنىڭ چوڭ بىر تور پونكىتى مۇنبىرىنىڭ پۇل-مۇئامىلە بېتىگە<<قانداق قىلسام باي كىشىگە ياتلىق بولالايمەن&t;&t;دىگەن سوئالنى قويۇپ خەت يازدى.
<<تۆۋەندە دىگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى مىنىڭ يۇرەك سۆزۈم،مەن ياش،چىرايىم كىشىلەرنى ھاڭ -تاڭ قالدۇرغىدەك چىرايلىق،گەپ سۆزدە سىلىق-سىپايىمەن،ئۆزۈم بىلملىك،شۇڭا يىللىق كىرىمىمىڭ دوللار بولغان،يىگىتكە ياتلىق بولغۇم بار،بەلكىم مىنى ئاچكۆزكەن دىيىشىڭىز مۈمكىن،ئەمما نىيۇرۇكتا بىر مىليون دوللارلىق كىشىلەر ئوتتۇراھال دەرىجىلىكلەر بولۇپ ھىساپلىنىدۇ،
مېنىڭ تەلىپىم راستىنلا يۇقىرى ئەمەس.
بۇ بەتتە يىللىق كىرىمى مىڭ دوللاردىن ئاشىدىغانلار بارمۇ؟ھەممىڭلار توي قىلىپ بولدۇڭلارمۇ؟قانداق قىلسام سىلەرگە ئوخشاش باي ئادەمگە ياتلىق بولالايمەن،مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار.مەن كۆرۈشكەنلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ يۇقىرى مۇئاش ئالىدىغانلارنىڭ يىللىق كىرىمى مىڭ دوللار ئىكەن ، بۇ مىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىم ئوخشايدۇ،ئەگەر نىيۇرۇكنىڭ مەركىزى باغچىسىنىڭ غەربى تەرىپىدىكى ئېسىل ئولتۇراق رايوندا ئولتۇرىدىغان بولسام مىڭ دوللار ھەرگىز يەتمەيدۇ.مەن چىن كۆڭلۈمدىن سىلەردىن مەسلىھەت سوراۋاتىمەن،بىر نەچچە كونكرېت مەسىلە بار.
. باي بويتاقلار ئادەتتە قانداق جايلارغا بېرىپ كۆڭۈل ئاچىدۇ ؟ (ئۇلار بارىدىغان قاۋاقخانا،رېستوران،بەدەن چېنىقتۇرۇش ئورنىنىڭ ئىسمىنى ئادرېسنى تەپسىلى يېزىپ قالدۇرۇڭ)
. مەن نىشانىمنى نەچچە ياشتىكىلەرگە قاراتسام بولىدۇ ؟
. نىمە ئۇچۇن بەزى زەردارلارنىڭ ئايالنىڭ چىرايى ئادەتتىكىچە؟مەن بەزى قىزلارنى ئۇچراتقان چىرايى ۋاي دىگۈدەك بولمىسىمۇ ئەمما ئۇلار زەردارلارغا ياتلىق بولالايدىكەن،ئەمما قاۋاقخانىدىكى چىرايىغا قاراپ ئولتۇرغىدەك قىزلارنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كەلمەيدىكەن.
. سىلەر قانداق قىزلارنىڭ ھەقىقى خوتۇنۇڭلار بولالايدىغانلىقىنى،قانداق قىزلارنىڭ دوست بولالايدىغانلىقىنى بېكىتىسلەر؟مىنىڭ ھازىرقى نىشانىم توي قىلىش..
------پۇۋلىس خان قىز
تۆۋەندىكىسى ئوئولل سىترىت كوچىسىدىكى پۇل –مۇئامىلە سودىگىرىنىڭ يازغان خېتى:
<<سۈيۈملۈك پۇۋلىس:
مەن زور قىزىقىش بىلەن مۇبارەك خېتىڭىزنى ئوقۇدۇم.ئىشىنىمەنكى نۇرغۇن خانىملارنىڭ سىز سورىغان سوئاللارنى سورىغىسى بار.مەن بىر مەبلەغ سالغۇچى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن،سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنى تەھلىل قىلىپ بېرەي.،مىنىڭ يىللىق كىرىمىم مىڭ دوللاردىن ئاشىدۇ،شۇڭا مىنىڭ كۆپچىلىكنى ئالدىمايدىغانلىقىمغا ئىشىنىڭ.
سودىگەرنىڭ نۇقتىسىدىن ئىلىپ ئېيتسام سىز بىلەن توي قىلىش قاملاشمىغان تىجارەت ھىساپلىندۇ،بۇنى دىمىسىمۇ بىلىسىز،شۇنداقتىمۇ سىزگە چۈشەندۈرۈپ قوياي،گەپنىڭ پوسكاللىسىنى ئېيتساق سىزنىڭ دىگەنلىرىڭىز ئەمەلىيەتتە ئاددى بولغان پۇل بىلەن چىراي سودىسى <<ئا&t;&t;تەرەپ گۈزەل چىراي بىلەن تەمىنلەيدۇ<<ب&t;&t;تەرەپ پۇل چىقىرىدۇ .بۇ بىر ئادىل سودا ئىككىلا تەرەپ بىر-بىرىنى ئالدىمايدۇ،ئەمما ،بۇ يەردە ئەجەللىك بىر مەسىلە بار ،ئۇ بولسىمۇ سىزنىڭ گۈزەل رۇخسارىڭىز بارا-بارا ئۆچىدۇ،ئەمما مىنىڭ پۇلۇم سەۋەبسىزلا ئازلاپ قالمايدۇ.ئەمەلىيەتتە،يىلدىن يىلغا ئىششى مۇمكىن،ئەمما سىز يىلدىن –يىلغا گۈزەللىشۋەرمەيسىز.
شۇڭا ئىقتىسادشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا مەن قوشۇلما قىممەت مۈلكى،سىز قىممىتى چۈشىدىغان مۈلۈك،قىممىتىڭىز تېز سۈرئەتتە چۈشىدۇسىز ھازىرياشتا ئىكەنسىز كەلگۈسىيىل ئىچىدە گەرچە چىراي بەدەن شەكلىڭىزدە ئاز-تولا ئۆزگىرىش بولسىمۇ،ئەمما يەنىلا قاملاشقان فىگۇرىڭىز ئارقىلىق گۈزەل چىرايىڭىزنى ساقلاپ قالالايسىز،ئەگەر ئۇ سىزنىڭ بىردىن-بىر بىساتىڭىز بولسا يىلدىن كىيىن قىممىتىڭىز چۈشىدۇ.بۇنى ئۇئولل-سترىت كوچىسىنىڭ تىرمىن ئاتالغۇسى بىلەن ئېيتقاندا ھەربىر سودىنىڭ پاي چەك نىسبىتى بولىدۇ سىز بىلەن سودا قىلغانلىق<<پاي چېكى ئالماشتۇرغانلىق&t;&t;پاي چىكىنىڭ باھاسى چۈشكەن ھامان قولدىن چىقىرىۋېتىش كېرەك،ساقلاپ ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ—يەنە سىز دىگەن توي ئىشى ئاڭلىماققا ناھايىتى رەھىمسىز بىر ئىشتەك تۇيۇلىدۇ،ئەمما تېز سۈرئەتتە قىممىتى چۈشىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالماي ئىجارىگە ئىلىش ئەڭ ئاقىلانىلىق تاللاشتۇر.يىللىق كىرىمى مىڭ ئاشىدىغانلارنىڭ ھەممىسى قاپاقباش ئەمەس.سىز بىلەن باردى-كەلدى قىلىمىز يۇ ، لېكىن توي قىلمايمىز.شۇڭا سىز بايلارغا ياتلىق بولۇشىنىڭ مەخپى رېتسېپىنى تاپىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ،دەپ مەسلىھەت بېرىمەن،شۇنىمۇ دەپ قوياي سىز ئۆزىڭىزنى ئامال قىلىپ يىللىق كىرىمىمىڭ دوللارلىق ئادەمگە ئايلاندۇرالايسىز،بۇ سىزنىڭ بىر قاپاقباشقا ئۇچراپ قېلىشىڭىزدىن ياخشىراق بولىدۇ.
يازغان خېتىمنىڭ سىزگە ياردىمى بولۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ،ئەگەر ئىجارىگە بېرىشكە قىزىقسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ&t;&t;
مەنبە: تەرمىلەر ژورنىلى ، (ئالىيە ئوبۇلقاسىم تەرجىمىسى)
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |