ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئادەملىك ئىسپاتى


ئادەملىك ئىسپاتى


 

يۈچىڭ


 

ئابدۇرېھىم ياقۇپ تەرجىمىسى


 

چىرايلىق بىر ئايال پويىز خىزمەتچىسى ئىشلەمچى قىياپىتىدىكى ئوتتۇرا ياشلىق كىشىگە قادىلىپ تۇرۇپ: ـــ بېلىتىڭنى چىقار ـــ دەپ ۋارقىرىدى.
ئوتتۇرا ياشلىق كىشى يېنىنى بىر ھازا ئاختۇرۇپ بېلىتىنى تاپقان بولسىمۇ، پويىز خىزمەتچىسىگە بەرمىدى.
پويىز خىزمەتچىسى ئۇنىڭغا قاراپ غەلىتە كۈلۈپ قويۇپ:
ـــ بۇ بالىلار بېلىتى ئىكەنغۇ؟ ـــ دېدى.
ئوتتۇرا ياشلىق كىشى قىزىرىپ كەتتى، ئۇ ئوڭايسىزلانغان ھالدا: ـــ بالىلار بېلىتى بىلەن مېيىپلار بېلىتىنىڭ باھاسى ئوخشاشقۇ، ــــ دېدى.
پويىز خىزمەتچىسى ئوتتۇرا ياشلىق كىشىگە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن سورىدى: ـــ سەن مېيىپمۇ؟
ـــ ھەئە.
ـــ ئۇنداقتا، مېيىپلىق كىنىشكەڭنى كۆرۈپ باقاي.
ئوتتۇرا ياشلىق كىشى جىددىيلەشكىنىچە: ـــ مېيىپلىق كىنىشكەم يوق، بېلەت ئالىدىغان چاغدا بېلەت ساتقۇچى مېيىپلىق كىنىشكەڭنى چىقار دېگەچكە، ئامالسىزلىقتىن، بالىلار بېلىتى سېتىۋالغانتتىم، ـــ دېدى.
پويىز خىزمەتچىسى سوغوق كۈلۈپ قويۇپ: ــــ مېيىپلىق كىنىشكەڭ بولمىسا مېيىپلىقىڭنى قانداق ئىسپاتلايسەن، ـــ دېدى.
ئوتتۇرا ياشلىق كىشى ئۈندىمىدى، ئۇ پەقەت ئايىقىنى سېلىپ، پۇشقىقىنى كۆتۈرۈپ پۇتىنى كۆرسەتتى، ئۇنىڭ تاپىنىنىڭ يېرىمى يوق ئىدى.
پويىز خىزمەتچىسى ئۇنىڭغا قىيا قاراپ قويۇپ: ـــ مېنىڭ كۆرمەكچى بولغۇنۇم مېيىپلا بىرلەشمىسىنىڭ پولات تامغىسى بېسىلغان كىنىشكە، ـــ دېدى.
ئوتتۇرا ياشلىق كىشى چىرايىنى پۈرۈشتۈرگىنىچە چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى: ـــ مېنىڭ ئۆزۈم تۇرۇشلۇق جايدا نوپۇسۇم بولمىغاچقا، خەق ماڭا مېيىپلىق كىنىشكىسى بەرمەيدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەن شەخسىي قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەيتتىم، چاتاق چىقىۋىدى، خوجايىنىم قېچىپ كەتتى، مەنمۇ يېنىمدا پۇل بولمىغاچقا، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، مېيىپلىق كىنىشكىسى بىجىرىشكە كېرەكلىك ئىسپات ئېلىشقا ئامالسىز قالدىم....
بۇ چاغدا پويىز باشلىقى كېلىپ نېمە ئىش بولغانلىقىنى سۈرۈشتۈردى.
ئوتتۇرا ياشلىق كىشى يەنە بىر قېتىم پويىز باشلىقىغا ئۆزىنىڭ مېيىپ ئىكەنلىكىنى، شۇڭا، باھاسى مېيىپلار بېلىتىنىڭ باھاسى بىلەن ئوخشاش بولغان بالىلار بېلىتى سېتىۋالغانلىقىنى چۈشەندۈردى...
پويىز باشلىقى ئۇنىڭدىن: ـــ سېنىڭ مېيىپلىق كىنىشكەڭ قېنى؟ ـــ دەپ سورىدى.
ئوتتۇرا ياشلىق كىشى ئۆزىنىڭ مېيىپلىق كىنىشكىسى يوقلۇقىنى ئېيتقاچ، يېرىمى يوق تاپىنىنى پويىز باشلىقىغا كۆرسەتتى.
پويىز باشلىقى ئۇنىڭ تاپىنىغا قاراپمۇ قويماي، تاقەتسىزلىك بىلەن: ـــ بىز ئادەمنى ئەمەس كىنىشكىنى تونۇيمىز، مېيىپلىق كىنىشكىسى بارلار مېيىپ ھېساپلىنىدۇ، مېيىپلىق كىنىشكىسى بولغاندىلا، مېيىپلار بەھرىمان بولىدىغان تەمىناتتىن بەھرىمان بولالايدۇ، دەرھال بېلەت تۇلۇقلىۋال ـــ دېدى.
ئوتتۇرا ياشلىق كشى بىراقلا بوشىشىپ كەتتى.
ئۇ ھەممە يانچۇقى ۋە يۈك - تاقىنى ئاختۇرۇپ، بىرنەچچە سوم پۇل تاپتى، بۇ پۇللار بېلەت تۇلۇقلاشقا ھەرگىز يەتمەيتتى. ئۇ يىغلامسىرىغان ھالدا پويىز باشلىقىغا: ـــ تاپىنىمنىڭ يېرىمىنى ماشىنا قىسىۋەتكەچكە، ئىشلەشكە ئامالسىز قالدىم، پۇلۇم يوق، ئۆيگىمۇ قايتالمىدىم، بۇ يېرىم باھالىق بېلەتنىمۇ يۇرتداشلىرىم پۇل يىغىش قىلىپ ئېلىپ بەرگەن، ماڭا رەھىم قىلىپ قويۇۋەتكەن بولسىڭىز ــــ دېدى.
ــــ بولمايدۇ، ـــ دېدى پويىز باشلىقى قەتئىيلىك بىلەن.
بۇ چاغدا، ھېلىقى پويىز خىزمەتچىسى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پويىز باشلقىغا: ــــ مېنىڭچە ئۇ خالىس ئەمگەك قىلغان قاتاردا پاراۋۇزدا كۆمۈر قالىسۇن، ـــ دېدى.
ـــ ماقۇل، ـــ دېدى پويىز باشلىقى ئويلىنىپ كۆرگەندىن كېيىن.
ئوتتۇرا ياشلىق كىشىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان بىر پېشقەدەم يولداش بۇ ئىشلارغا چىداپ تۇرالماي ئورنىدىن تۇرۇپ، پويىز باشلىقىنىڭ كۆزىگە تىكىلگىنىچە: ـــ دەپ بېقىڭە، سىز ئەر كىشىمۇ؟ ـــ دەپ سورىدى.
ـــ ئەلۋەتتە، ئەر كىشى مەن.
ـــ ئەر كىشى ئىكەنلىكىڭىزنى قانداق ئىسپاتلايسىز؟ ئەر كىشى ئىكەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلايدىغان كىنىشكىڭىزنى كۆپچىلىككە كۆرسىتىپ بېقىڭ
بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئەتراپتىكىلەر كۈلۈشۈپ كەتتى.
پويىز باشلىقى داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى ۋە: ــــ مەندەك چوپ چوڭ بىر ئەر كىشى ئالدىڭىزدا تۇرسا، نېمە گەپ - بۇ، ئەجەبا، مەن يالغان ئەرمىكەنمەن، ـــدېدى.
ـــ مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش كىنىشكىنى تونۇيمەن، كىنىشكىڭىز بولسا، سىز ئەر كىشى، كىنىشكىڭىز بولمىسا، سىز ئەر كىشى ئەمەس، ـــ دېدى.
پويىز باشلىقى كېكەچلەپ، بىر ھازاغىچە گەپ تېپىپ بېرەلمەي قالدى.
ھېلىقى ئايال پويىز خىزمەتچىسى پويىز باشلىقىنى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پېشقەدەم يولداشقا: ـــ مەن ئەر كىشى ئەمەس، گېپىڭىز بولسا ماڭا دەڭ، ـــ دېدى.
پېشقەدەم يولداش بىگىز بارمىقىنى ئۇنىڭ بۇرنىغا تەڭلەپ تۇرۇپ: ـــ سەن ئادەم ئەمەس، ـــ دېدى.
پويىز خىزمەتچىسى بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئاچچىقىدا سەكرەپ كەتتى ۋە يوقۇرى ئاۋازدا: ـــ ئاغزىڭنى بۇزما، مەن ئادەم بولماي نېمە ئىكەنمەن؟ دەپ ۋارقىرىدى.
پېشقەدەم يولداش ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ: ـــ سەن ئادەممۇ؟ ئۇنداقتا، ئادەملىك ئىسپاتىڭنى كۆرسەت، ـــ دېدى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئەتراپتىكىلەر يەنە بىر قېتىم كۈلۈشۈپ كەتتى.
كىشىلەرنىڭ ئىچىدە پەقەت بىرلا ئادەم كۈلمىدى، ئۇ ھېلىقى يېرىم تاپانلىق ئوتتۇرا ياشلىق كىشى ئىدى. ئۇ كۆز ئالدىدا بولۇۋاتقان ئىشلارغا قاراپ تۇرغىنىچە كۆزىگە غىللىدا ياش ئالدى.
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203