ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
سىز بەخىتلىك ئائىلە قۇرماقچىمۇ؟


سىز بەخىتلىك ئائىلە قۇرماقچىمۇ؟


 

مۇھەممەتجان تەرجىمىسى


 

ئامېرىكىنىڭ مۇھەببەت مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسلىرى خۇشال - خۇرام، مۇھەببەتلىك تۇرمۇش بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۈچ تەرەپتىن تېرىشىش كېرەكلىكىنى خۇلاسىلەپ چىقتى.


 

بۇ ئۈچ تەرەپ:
ئەرنىڭ نېمە قىلىش كېرەكلىكى ئايالنىڭ نېمە قىلىش كېرەكلىكى، ئۆز ئارا نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


 

ئەگەر سىز ئەر بولسىڭىز:
ئىككىڭلار قوبۇل قىلالايدىغان ھەر خىل شەكىل ئارقىلىق مۇھەببىتىڭىزنى ئىپادىلەڭ ھەمدە ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىڭىزنىڭ ئىزچىل ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇڭ.
ئالاھىدە كۈنلەردە ئۇنىڭغا بىر دەستە گۈل سوۋغا قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
دائىم ۋاقىت چىقىرىپ ئايالىڭىز بىلەن پاراڭلىشىڭ، سىرتلارغا بىللە چىقىڭ.
بىرەر قارار چىقىرىشتىن ئاۋۋال ئۇنىڭ بىلەن مەسلىھەتلىشىڭ ھەم مۇلايىم، ئەدەپلىك پوزىتسىيە بىلەن ئۇنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىڭ.
ئاكتىپلىق بىلەن ئايالىڭىزنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىڭ ھەمدە ئۆزىڭىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى چوقۇم ئۆزىڭىز ئۈستىڭىزگە ئېلىڭ.
يېقىن دوستلارنىڭ ئالدىدا ئايالىڭىزنىڭ تالانتىنى ئېتىراپ قىلىڭ، مۇشۇنداق بولغاندا باشقىلارنىڭمۇ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتى ئاشىدۇ.


 

ئەگەر سىز ئايال بولسىڭىز:
يېقىن دوستلىرىڭىزغا سىزنىڭ مۇھەببەتلىك تۇرمۇشىڭىزنىڭ ئىنتايىن بەخىتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىڭ، مۇشۇنداق بولغاندا، ئۇلار بېرىپ يولدىشىڭىزغا دەيدۇ _ دە، يولدىشىڭىز بۇنى ئاڭلاپ چوقۇم خۇشال بولىدۇ ھەم تېخىمۇ تىرىشىدۇ.
ئالدىراپ بەزى كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئۇنىڭغا ئېيتماڭ، بولۇپمۇ تاماق ۋاقتىدا بەزى باش قاتۇرىدىغان ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلماڭ.
دەم ئالغان كۈنلىرىمۇ ئائىلىدە كىيىم - كېچىكىڭىزنى رەتلىك، پاكىز كىيىپ، چېچىڭىزنى چىرايلىق تاراپ، ئۆزىڭىزنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرۈڭ.
ھەرقانداق كىشىنىڭ ئالدىدا ئۇنى قەتئىي تەنقىد قىلماڭ.


 

ئەر - ئايال ئۆز ئارا:
بىر - بىرىنى سەمىمىي، مېھرىبانلىق بىلەن چاقىرىش، ئامالنىڭ بارىچە ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۆزلەرنى كۆپرەك ئىشلىتىش، مەسلەن، ((بىز)) نى كۆپرەك، ((مەن)) نى ئازراق ئىشلىتىش.
تەڭ ئاچچىقلىنىپ قالماسلىق.
قارشى تەرەپنىڭ خاراكتېرىگە ھۆرمەت قىلىش، قارشى تەرەپنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، توي خاتىرە كۈنى قاتارلىقلارنى ئەستە تۇتۇش.
ئىككەيلەن ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى، ھەرقانداق ئىشنىڭ ئالدىغا قويۇش.
ئورتاق قىزىقىش يېتىلدۈرۈش.
ئىككەيلەن بىرلىكتە كەلگۈسىنىڭ پىلانىنى تۈزۈش، يىراققا نەزەر تاشلاش.
ئىككەيلەن بىرلىكتە كۆڭۈل ئېچىش ھەم ئارام ئېلىش ۋاقىتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەستە تۇتۇش.
تۇرمۇشنىڭ ((خام چوتى)) نى بىرلىكتە سوقۇش.
ئامالنىڭ بارىچە يېقىن دوستلار بىلەن ئۇزۇن مۇددەت بىللە تۇرۇشتىن، مۇشۇ سەۋەپلىك قارشى تەرەپنىڭ ھېسسىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203