ئايال بىلەن ئىت
(پىنھان تەرجىمىسى)
ناھايىتى باي – باياشات بىر ئائىلە بۇلۇپ ،ئەر داۋاملىق سىرتتىن ئىش ھۆدىگە ئىلىپ ئىشلەپ يەنە بىر كىچىك" ئائىلىنى" قۇرۇۋىلىپ ،كۆپ ھاللاردا ئۆز ئۆيىگە قايتمايدىكەن. ئايال بۇلسا ئۆيىدىكى بىردىن-بىر ئوغلى بىلەن بىرگە تۇرىدىكەن .ئۇزاق ئۆتمەي ئۇغلى چەتكە ئوقۇشقا چىقىپ كىتىپتۇ، شۇنىڭدىن كىيىن ئايال بىلەن پاراڭلىشىدىغان، يۈگۈر-يىتىم ئىشلىرىنى قىلىشىپ بىرىدىغان ،كېچىلىرى ينىدا ھەمرا بۇلىدىغان ئادىمىمۇ بولمىغاچقا ئۆزىنى يەككە –يىگانە قالغاندەك ھىس قىلىدىغان بۇلۇپ قاپتۇ .خۇشنىلىرىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ مۇڭدۇشۇپ ،ئىچ-پۇشىقىنى چىقارماق بۇلۇپتۇ بىراق كىمنىڭلا ئۆيىگە كىرسە كۈندۈزدىكى ئالدىراش ئىشلار بىلەن،ئۇھ ...دىگۈدەك ھالى قالمىغان خۇشنىلىرىمۇ ئۇنى سۇغۇقلا قارشى ئاپتۇ .
ئايال بۇنىڭدىن كۆڭلى باشقىچە بۇلۇپ خۇشنىلىرىنىڭ ئۆيىگە كىرىشتىنمۇ كۆڭلى يىنىپ ،باشقىچە ئۇسۇلدا ئىچ-پۇشىقىنى چىقارماق بۇپتۇ ۋە كەچلىكلىرى تانسىخانىلارغا،دېسكوخانىلارغا كىرىپتۇ بىراق ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇ يەرگىمۇ كىرىشكە كۆڭلى تارتمايدىغان بۇلۇپ قاپتۇ ،چۈنكى ئۇ يەردىكى ئەرلەر ئاياللارنى خالىغانچە قۇچاقلاپ ،ئابرويىنى تۆكىدىغان ئىش-ھەركەتلەرنى قىلىدىكەن .
شۇنداق قىلىپ ئايال يەنە ئۆيىدە ھىچيەرگە بارماي بۇرۇنقىدەك يالغۇز ،غېرىپسىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشكە مەجبور بۇپتۇ .
ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ يەنە مەلۇم بىرىسىنىڭ: " ماجاڭ ئويناشنىڭ ئىچ-پۇشىقىنى چىقىرىشتىكى ياخشى چارە "ئىكەنلىگىنى ئاڭلاپ سىناپ باقماقچى بۇلۇپتۇ ، دەسلەپتە ئەتىگەندىن كەچكىچە ئۇيناپ ھالىدىن كەتكەندەك قىلغان بىلەن بىر مەزگىل ئۆتسە ئۆگۈنۈپ قالىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپتۇ .ئۇزاق ئۆتمەي ماجاڭ ئويناشقا كىرىشىپ كىتىپتۇ ...بىراق كىيىن ،بۇنىڭدىنمۇ كۆڭلى يىنىپتۇ چۈنكى نەچچە يۈەن پۇلنى دەپ شۇنداق يىقىن دوستلار ئارا ياققا سىقىشىپ، ئۇرۇشۇپ، ئازارلىشىپ ،كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئۇتتۇرسىدا قىلچىلىكمۇ مىھرى –ۋاپا ،ۋە دۇستلۇق دىگەندەكلەرنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ ،بۇنۇڭمۇ ئۆزىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ھىس قىپتۇ-دە بۇ ئىشتىنمۇ قول ئۈزۈپتۇ...
ئايال ئاخىرى كۆپ ئويلۇنۇپ، ھايۋانلارنى بىقىپ ئىچ-پۇشىقىنى چىقارماق بۇلۇپتۇ ئەمما ئۇ قانداق ھايۋاننى بىقىشنى بىلەلمەپتۇ ،ئويلىنار –ئويلىنار مۇشۈك باقماقچى بۇلۇپتۇ بىراق مۈشۈك ساددا بۇلغىنى بىلەن ،ھورۇن،قۇرسىقىغا ئامراق ۋە ئىنتايىن مەككار دەپ ئۇيلاپ ،بىرنەچچە قۇشنى باقماقچى بۇلۇپتۇ ،بىراق ئۇنۇڭدىنمۇ يالتىيىپتۇ ،چۈنكى ئۇ ئەتىدىن كەچكىچە بىر خىلدىلا ۋىچىرلاپ ،ئادەمنىڭ كەيپىياتى بىلەن پەقەت كارى بولماي ئادەمنى زىرىكتۈرۈپ قۇيىدىكەن ،ئايال كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق ئاخىرى سەمىمى ،ساداقەتمەن ،قۇرسۇقى تويسىلا بۇلىدىغان ،كۆپ ئاۋارچىلىقىمۇ بولمىغان ،ئىت بىقىشنى مۇۋاپىق كۆرۈپتۇ ،شۇنداق قىلىپ ئايال بازارغا بېرىپ بىر كۈچۈك سىتىۋاپتۇ ھەمدە ئۇنۇڭغا "خىڭ خىڭ "دەپ ئىسىم قۇيۇپتۇ . ئايال نىمە يىسە ،ئۇنۇڭغا شۇنى يىگۈزۈپ ،گەپ ئۆگۈتۈپ يىنىدا ياتقۇزۇپ ،ئەتىۋارلاپ بىقىش نەتىجىسىدە ئاستا-ئاستا چوڭ بۇلۇشقا باشلاپتۇ .كۈچۈك بەكمۇ ئەققىللىق بۇلۇپ قۇرسىقى ئاچقاننى ،ئۇسىغاننى ئۇقتۇرالايدىكەن .كەچلىكى بۇلسا ئايالنىڭ كارۋىتىغا چىقىپ ،ئەرنىڭ ئۇرنىدا يىتىپ ئۇخلايدىكەن ...
بىر كۈنى يېرىم كىچىدە ئايالنىڭ يولدىشى قايتىپ كەپتۇ ئازراق بىر نەرسە يەپ كارۋىتىغا چىقىپ ياتماقچى بۇلۇپتۇ ،كىم بىلسۇن؟ خىڭ خىڭ ئۆز ئورنىدا باشقا بىرىنىڭ ياتماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ،ئەرنىڭ پۇتىنى چىشلەپتۇ .ئەر بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلىنىپ كۈچۈكنى يۇلۇپ ئىلىپ يەرگە كۈچەپ ئېتىپتۇ.
ئايال ئەھۋالنى كۆرۈپ :
_يەرگە ئاتماڭ ئۆلۈپ قالىدۇ ،_دەپ ۋارقىرىغان بولسىمۇ لىكىن كىچىككەن ئىدى ...كۈچۈك يەردە بىرنەچچىنى غىڭشىپ قۇيۇپلا جىمىپ قاپتۇ ...
ئايال ناھايىتى قاتتىق غەزەپلىنىپتۇ ۋە ئىككىنچى كۈنى سوتقا ئەرز سۇنۇپ يولدىشى بىلەن ئاجرىشىشنى ئىلتىماس قىلىپتۇ.
سوتچى:
_ نىمىشقا ئاجرىشىلەر؟
_كۈچۈكىمنى ئۆلتۈرۋەتكەنلىكى ئۈچۈن...
_بىر كۈچۈك ئۈچۈن ئاجرىشامسىز؟
ئايال شۇ چاغدا تەسىرلىك قىلىپ مۇنداق بىر داۋلىنى سۆزلەپتۇ:
"ۋىجدانسىز ئادەمدىن ،ۋاپادار ئىت ياخشى" دىگەندەك .گەرچە ئىت گەپ قىلالمايدىغان ئاڭسىز ھايۋان بولسىمۇ لىكىن ئىگىسىگە شۇنداق ۋاپادار ئىكەن ،ئىگىسىنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىشنى بىلىدىكەن،ھەتتا ئۆز ئىگىسى ئۈچۈن جىنىدىن كىچىشكىمۇ رازى ئىكەن .بىراق ئادەملەر ئۇنداق قىلالمايدىكەن ،شۇنداق ئادەملەرمۇ باركى ئۇلار ئۆز خۇشاللىقى ئۈچۈن سىنى نۇرغۇن بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر قىلىدىكەن ھەتتا ئۆزى ئۈچۈن سىنى قۇربانلىق قىلىشتىن تانمايدىكەن...... بۇنى مەن دەل مۇشۇ مۇشۇ كۈچۈكنى باققاندىن كىيىن ھىس قىلدىم...بۇ ئادەم، دەل مۇشۇ خىلدىكى ئادەم .شۇنىڭ ئۈچۈن ئاجرىشنىنى تەلەپ قىلىمەن،_دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ.
سوتچى، ئايالنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي ھاڭۋىقىنىچە تۇرۇپ قاپتۇ....
(-يىل -ئاينىڭ -كۈنى)
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |