ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
قىزلارنى يىغلىتىدىغان جاۋاپ


قىزلارنى يىغلىتىدىغان جاۋاپ


 

قىز ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ ئېغىز ئاچتى:
-بىز ئايرىلىپ كېتەيلى
-نىمە ئۈچۈن؟- دەپ سورىدى يىگىت.
-باشقا سەۋەب يوق-دىدى قىز ئالدىرىماي-بىز چىقىشالمىغۇدەكمىز.
ئوغۇل خىلى ۋاققىچە زۇۋان سۈرمىدى. ئۇ پەقەت ئارقا ئارقىدىن تاماكا چېكەتتى. قىزنىڭ بولسا يۈرىكى بارغانسېرى سوۋۇشقا باشلىدى. <ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ مىنى ئايرىلىپ كەتمەسلىكنى ئېيتالمىغان سۆيگۈنۈمدىن مەن يەنە نىمىنى كۈتۈشۈم مۇمكىن. ئۇ ماڭا قانداقمۇ خۇشاللىق بېغىشلىيالايدۇ؟&t;دەپ ئويلايتتى قىز.
ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىتتىن كىيىن ئوغۇل ئېغىز ئاچتى:
-قانداق قىلسام ئايرىلىپ كەتمەي، يېنىمدا قالىسەن.
قىز ئاستا سۆزلەشكە باشلىدى:
-مەن بىر سۇئال سورايمەن. شۇنىڭغا مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىدەك جاۋاب بېرەلىسەڭ، مەن يەنىلا سىنىڭ يېنىڭدا قالىمەن. مەسىلەن: بىر قىيانىڭ ئۇستىدە مەن ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان گۈل بار. ئەمما بۇ گۈلنى ئۈزگىلى چىقساڭ سەن يۈزدە يۈز ئۆلۈپ كېتىسەن. ئەگەر شۇنداق بولسا سەن ماڭا بۇ گۈلنى ئۈزۈپ بېرەمسەن؟
ئوغۇل بىردەم ئويلانغاندىن كىيىن ئېغىز ئاچتى:
-ساڭا ئەتە ئەتىگەندە جاۋاب بەرسەم بولامدۇ؟
قىزنىڭ يۈرىكى سوۋىدى. قىز ئەتىسى ئەتىگەندە ئويغانغاندا يىگىت يوق ئىدى. كارىۋاتنىڭ بېشىدا بىر ئىستاكان ئىسسىق سۈتكە باسۇرۇلغان، لىق خەت يېزىلغان بىر ۋاراق قەغەز تۇراتتى. قىز قولىغا ئىلىپ ئوقۇشقا باشلىدى. بىرىنچى قۇرنى ئوقۇپ ئۇنىڭ يۈرىكى جىغىلداپ كەتتى.
<<قەدىرلىكىم، مەن ساڭا ئۈزۈپ بەرمەيمەن. ئەمما نىمە ئۈچۈن ئۈزۈپ بەرمەيدىغانلىقىمنى چۈشەندۈرۇشكە رۇخسەت قىل. سەن دائىم كومپيۇتېردا ماتېرىيال ئۇرىسەن، ئەمما دائىملا سىستېمىلارنى قالايمىقان قىلىۋېتىپ، كونۇپكا تاختىسىغا قاراپ يىغلاپ ئولتۇرىسەن. شۇڭا مەن ئىككى قولۇمنى ئىلىپ قىلىپ ساڭا قالايمىقان بولۇپ كەتكەن سىستېمىنى ئوڭشاپ بەرمىسەم بولمايدۇ.  سەن يەنە دائىم ئاچقۇچنى ئۆيدە ئۇنتۇپ قالىسەن، شۇڭا مەن بالكوندىن يامىشىپ كىرىپ ئۆيدىن ئاچقۇچنى ئەچىقىپ بېرىش ئۈچۈن پۇتۇمنى ئىلىپ قالمىسام بولمايدۇ. سەن سەيلى قىلىشنى ياخشى كۆرىسەن. ئەمما ئۆزىمىزنىڭ شەھرىدىمۇ دائىم يولدىن ئېزىپ قالىسەن. شۇڭا مەن ساڭا يول باشلاش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى ئىلىپ قالمىسام بولمايدۇ. مەن ياخشى ياشىشىم، سەن قېرىغاندا سىنى يۆلەپ سىنى سىرتلانى ئايلاندۇرۇشقا ئىلىپ چىقىشىم، ساڭا لازىملىق نەرسىلەرنى ئەكىلىپ بېرىشىم، يەنە نۇرغۇن،نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ بېرىشىم كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن سىنى مەندىنمۇ بەك ياخشى كۆرىدىغان بىرى پەيدا بولۇشتىن بۇرۇن مەن ئۆلسەم بولمايدۇ. &t;&t; قىزنىڭ ياشلىرى قەغەز ئۈستىگە ئېقىپ چۈشۈشكە باشلىدى. ئۇنىڭ تامچە تامچە ياشلىرى قەغەز ئۇستىدە مەرۋايىت ئۆنچىلىرىنى ھاسىل قىلغان ئىدى.  قىز ياشلىرىنى سۈرتۈۋېتىپ داۋاملىق ئوقۇشقا باشلىدى.<<قەدىرلىكىم، ئەگەر ئوقۇپ بولغان بولساڭ، مىنىڭ جاۋابىم سىنى رازى قىلالىغان بولسا ئىشكىنى ئاچقىن، مەن ئىشىك ئالدىدا سەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يىمەكلىكنى ئېلىپ كىلىپ سىنى ساقلاۋاتىمەن.&t;&t; قىز ئىشىكنى ئىچىپ يىگىتنىڭ يۈزىنى كۆردى. ئۇ جىددىيلەشكەنلىكىدىن نىمە قىلىشىنى بىلمەي قالغان ئىدى. پەقەت بولكا تۇتقان قوللىرى ئۇنىڭ ئالدىدا تەۋرىنەتتى....................


 

مەنبە:مەجنۇنيار تور خاتىرىسى

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203