مۇھەببەتلەشكەن ئوغۇللار دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
ئىككى يۇرەك بىرگە بولۇشنى تاللىغان ئىكەن، ھامان ئەقىل نۇرى بىلەن مۇھەببەتنى سۇغۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ. ئوغۇللار مۇھەببەتلەشكەندە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ:
. قىز دوستىڭىزدىن بۇرۇنقى ئىشلارنى سورىماڭ، ھامان ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلار، ئەگەر سىزگە تەپسىلى جاۋاب بەرسە بەلكىم سىز ئازاپلىنىپ قىلىشىڭىز مۇمكىن. ئەگەر ئاددىيلا جاۋاب بەرسە كۆڭلىڭىزدە ھامان بىر سۇئال قالىدۇ.
. شۇنداقلا ئۆزىڭىزنىڭ بۇرۇنقى ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەرمەڭ. مەسىلەن: بۇرۇن بىر قىزنى قانداق چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن سۆيگەنلىكىڭىز دىگەندەك.
. قىزلىقنى بەك قوغلىشىپ كەتمەڭ، ھازىرقى بۇ جەمىيەتتە نۇرغۇن قىزلارنىڭ قىزلىقىنى ساقلىغان بولىشى ناتايىن. ئەمما ھامىنى ئوغۇل بولغان ئىكەنمىز كۆڭلىمىزگە ئالماي تۇرالمايمىز. ئىسىڭىزدە بولسۇن ئۆزىڭىزنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەشنى بىلىۋىلىڭ؛(ئەسكەرتىش: مەن بۇنى خەنزۇچە تور بەتتىن تەرجىمە قىلغان شۇڭا بۇ تۇرنىمۇ قوشۇپ تەرجىمە قىلىۋەتتىم. ئەمما مەن بىر ئۇيغۇر ئوغلى بولۇش سۇپىتىم بىلەن قىزلىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىمەن. ئىپپەتىسز قىز مەڭگۈ مىنىڭ باللىرىمغا ئانا بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەس، باشقىلارنىڭ قانداق قارىشى ئۆزىگە باغلىق. )
. ئەرلىك ھوقۇقنى بەك قوغلىشىىپ كەتمەڭ، ھازىرقى قىزلار بۇرۇنقى ئەرلەرنىڭ ھەربىر ئىغىز گىپىنى بۇيرۇق دەپ بىلىدىغان ئاياللارغا ئوخشىمايدۇ. ئەرلىك ھوقۇقنى قوغلاشسسىڭىز، ئۇ بەرداشلىق بىرەلمەسلىكى مۇمكىن.
. خىزمەتتكى كەيپىياتىڭىزنى ئۇنىڭ ئالدىغا سۆرەپ كەلمەڭ، ئۇنىڭغا دەرت ئىيتماڭ. خىزمەتتكى ئاچچىقىڭزنى قىزلاردىن چىقىرىشقا تىخىمۇ بولمايدۇ.
. ئۇنىڭ ئالدىدا باشقا قىزلارنىڭ گۈزەللىكىنى ماختىماڭ، قىزلار ئەمەسمۇ، مەڭگۇ ئۆزىنى ھەممىدىن گۈزەل دەپ قارايدۇ. ئەمما باشقىلارنىڭ باشقا تەرەپلىرىنى ماختاشقا بولىدۇ. مەسىلەن ئۇ قىز بەك ئەخلاقلىق دىگەندەك. بۇنداق بولغاندا ئۇ باشقىلار بىلەن ئۆزىنى سىلىشتۇرۇپ ئۆزىنى كەمچىللىكلەرنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىدۇ.
. ئۇنى بۇرۇنقى قىز دوستىڭىز بىلەن سىلىشتۇرماڭ، بۇرۇنقى قىز دوستىڭىز ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ ئۇلارنى سىلىشتۇرۇش ئادىللىق ئەمەس.
. دوسىتلىرىڭىز ئالىدىدا ئۇنى قولتۇقلىىۋالماڭ، ياكى ئۇنىڭ قۇچاقلىۋالماڭ، بۇنداق قىلسىڭىز ئۇنىڭغا سىز ئۇنىڭ يۇزىنى ئايىمايۋاتقاندەك تەسىر بىرىدۇ. ئۇنى دوستىلىرىڭىز ئالدىدا سۆيۈشكە تىخىمۇ بولمايدۇ. بۇنداق قىلىسڭىز ئۇنى ئازاپلاپلا قالماستىن بەلكى دوستىلىرىڭىزدىمۇ قىز دوستىڭىزغا قارىتا خاتا چۇشەنچە پەيدا قىلىپ قويىسىز.
. ئۇنىڭ بىلەن كوچا ئايلانغاندا باشقا قىزلارغا تىكىلىپ قارىماڭ، ياكى يىنىڭىزدىن ئۆتكەنلا قىزغا قاراپ ماڭماڭ؛ ئۇنداق قىلسىڭىز ئۇ ئۆزىنى ھاقارەتلىنىۋاتقاندەك ھىس قىلىدۇ. (بەك قارىغىڭىز كەلسە ئۇ يوق ۋاقتىدا تازا قارىۋالسىڭىز ھىچقىسى يوق.)
. ئۆزىڭىزنىڭ بارلىق سىرلىرىنى ئۇنىڭغا تۆكۈپ بەرمەڭ، مەيلى بۇرۇنقى ئىش بولسۇن ياكى ھازىرقى ئىشلار بولسۇن.
. مۇھەببەت ئىزھار قىلىشنى بىلىڭ؛ گەرچە شىرىن شىكەر سۆزلەر مۇھەببەتنىڭ سىلىقلاش مىيى بولسىمۇ ئەمما كۆپ بولۇپ كەتسە ساختا بولۇپ تۇيىلىدۇ.
. ئاسانلا ئۇنىڭدىن گۇمانلانماڭ، چىكىدىن ئاشقان ئىشەنچىسزلىك باشقىلاردا ئۆزىگە ئىشەنمەسلىكنى پەيدا قىلىدۇ.
. بىر قىزنى ئۆزىڭىزگە باغلىۋىلىشنى قوغلاشماڭ؛ مىنىڭ ئىللىق باغىرىم ئۇنىڭ ئۇچۇن مەڭگۇلۇك تايانىچ دەپ قاراڭ. ھەددىدىن ئارتۇق ئۇرۇنۇش قارشى تەرەپنى قورقوتۇپ قاچۇرۇپ قويىشى مۇمكىن.
. قارشى تەرەپكە كۆڭۈل بولۇشنى بىلىڭ؛ بىرەر پارچە قىسقا ئۇچۇر ياكى تىلفۇن قىلىپ ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىش، ئۇنىڭغا قىممەتلىك سوۋغا بەرگەندىنمۇ ياخشى ئۇنۇم يارىتالايدۇ.
. بىلمەيدىغان ئىشلارنىمۇ بىلىدىغان قىياپەتكە كىرىۋالماڭ؛ قىزلارمۇ ئۇنچىۋالا كالۋا ئەمەس، بىر قاراپلا سىزنىڭ يالغانچىلىقىڭىزنى بىلىۋالالايدۇ. بىلمەيدىغان ئىشنى بىلىمەن دەۋىلىشنىڭ نىمە پايدىسى بار.
. قىزلارنى خاپا قىلىپ قويغاندىن كىيىن، ئۇنىڭغا ئۇچۇرمۇ يوللىماي، ئىزدەپمۇ قويماڭ يۇرىۋەرمەڭ؛ بۇنداق بولسا قىزلارنىڭ ئاسانلا كۆڭلى سوۋۇپ كىتىدۇ.
. مۇھەببەتلىشىۋاتقان ۋاقىتتا كىيىنكى ئىشلارنى بەكمۇ ئەمەلىيەتچىل قىلىپ سۆزلىۋەتمەڭ؛ بۇنداق بولسا قىز سىز بىلەن توي قىلىشقا جۇرئەت قىلالماسلىقى مۇمكىن. (توي قىلىش قىززىقانلىققا، تۇرمۇش ئەقىلگە، ئاجىرىشىش باتۇرلۇققا مۇھتاج.)
. مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىتتا ئالدىراپ جىنىس توغرىسىدىكى گەپلەرنى قىلماڭ؛ بۇنداق بولغاندا قىز سىزنى پەقەت شۇنىڭ ئۈچۈنلا ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلەشكەندە چۇشىنىپ قىلىشى مۇمكىن.
مەنبە: مەجنۇنيار تور خاتىرىسى
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |