ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئەر -ئايال ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار


ئەر -ئايال ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار


 

قاھار ئوسمان  تەرجىمىسى


 

 توي قىلىشتىن بۇرۇن يىگىتلەر كۆپ گەپ قىلىدۇ ، قىزلار سۈكۈت قىلىدۇ .توي قىلغاندىن كېيىن ئاياللار تولا گەپ قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ .ئەرلەر سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ .
 مۇھەببەتلىشىش داۋامىدا يىگىتلەر مۇرەككەپ جەرياننى ئاددىيلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ، قىزلار بولسا ئاددى ئىشلارنى مۇرەككەپلەشتۈرۈشكە ئامراق كېلىدۇ .
 يىگىتلەر توي قىلىشتىن ئىلگىرى ئۆزىگە ماس كېلىدىغان بىرەر قىزنى تېپىشى شۇنداق تەستەك ھېس قىلىدۇ،تۇي قىلپ بولغاندىن كېيىن بولسا ، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان قىزلارنىڭ ناھايىتى كۆپلىكىنى ھېس قىلىدۇ .
 ئاياللار ئوغلىنى ۋاقىت سەرپ قىلىپ  قاتارغا قوشالايدۇ ،ئەمما قىزلار پەقەت   مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىپلا ئۇلارنىڭ ئوغلىنى تارتىۋالالايدۇ .
 ئەر -خوتۇنلار بىر -بىرىنى تولۇق چۈشىنىپ بولالمىسا ،ئۇلارنىڭ نىكاھ تۇرمۇشى ئۇزاقراق داۋاملىشىدۇ ،ئۆزىڭىز ئانچە بەك چۈشەنمەيدىغان قىزلار سىزنى خوشال قىلالايدۇ .
 ئاياللارنى گۈل دېسەك ئەرلەرنىڭ ئۇلارنى ئوغۇتلاپ تۇرىشىغا توغرا كېلىدۇ ،ئەرلەرنى دەرەخ دېسەك ،ئاياللارنىڭ ئۇلارغا توپا يۆلەپ تۇرىشىغا توغرا كېلىدۇ .
 ئادەم ياش ۋاقتىدا مۇھەببەتنى ھەقىقى چۈشەنمەي ئۆتۈپ كېتىدۇ ،ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا مۇھەببەتتىن مەھرۇم قالىدۇ ،قېرىغاندا بولسا تېلېۋىزوردىن باشقىلارنىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتىلىرىنى كۆرۈپ ھۇزۇرلىنىپ ئولتۇرىدۇ .
 ئەرلەرنىڭ يىغلىغۇسى كەلسە كۆزىدىن ياش چىقارمايدۇ ،بولمىسا خەقلەر<< ئەرلىك جاسارىتى يوقكەن &t;&t;دېيىشىدۇ ،ئاياللارنىڭ كۈلگىسى كەلسىمۇ ،ئۆزىنى قويۇۋېتىپ قاقاقلاپ كۈلەلمەيدۇ ،بولمىسا خەقلەر << ئاياللىق نازاكىتى يوقكەن &t;&t;دېيىشىدۇ .
 ئاياللار كۆپ خىيال قىلىدۇ ،شۇڭا ئۇلار كۆپ ئۈمىدسىزلىنىدۇ ،ئۇلار مۇشۇنداق ئۈمىدسىزلىنىشلەرنى كۆپلەپ بېشىدىن ئۆتكۈزىۋېرىپ ئاخىر پىشىپ يېتىلىدۇ ،ئەرلەرنىڭ يۈكى ئېغىر بولغاچقا ، ئوڭۇشسىزلىققا كۆپ ئۇچرايدۇ ،ئۇلار نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزىۋېرىپ ئاخىر قەيسەرلىشىپ كېتىدۇ .
 ۋاقىت ئاياللارنىڭ  تەلەپكار ئۇستازى ، كەچۈرمىش ئەرلەرنىڭ ياخشى دەرسخانىسى . 
 ئەرلەر ئىقتىدارسىزلىقتىن بەك قورقىدۇ ،ئاياللار بولسا نادانلىقتىن بەك قورقىدۇ ،ئىقتىدارسىز ئەرلەر ھەمىشە ئاياللارنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچرايدۇ ، نادان ئاياللار ئوڭايلا ئەرلەر تەرىپىدىن ئەخمەق قىلىنىدۇ . 
 شۆھرەتپەرەس ئاياللار كۆپىنچە ھاللاردا  نادان كېلىدۇ ،شان -شەرەپ تۇيغۇسى ئاجىز ئەرلەر كۆپىنچە ھاللاردا ئىقتىدارسىز كېلىدۇ . 
 قىز -يىگىتلەر سۆھبەتلىشىۋاتقاندا كۆپىنچە ئوغۇللار قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ،قىزلار بولسا قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى تولۇق چۈشىنىپ كېتىشىدىن قورقىدۇ .
 ئاياللار مەلۇم سىرلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئارقىلىق ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تىكلەيدۇ ھەمدە قارشى تەرەپنى جەلپ قىلىدۇ ،ئەرلەر بولسا ئاقكۆڭۈللىكى ۋە كەڭ قورساقلىقىغا تايىنىپ قارشى تەرەپنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ ھەمدە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملەيدۇ .  
 مۇھەببەت داۋامىدا كۈندەشلىك كۆپىنچە ھاللاردا سۆيگۈدىن ئاپىرىدە بولىدۇ ،كۈندەشلىك يەنە كېلىپ ،مۇھەببەتنى ۋەيران قىلىدۇ ،كۈندەشلىك بولمىغان مۇھەببەت سۇس بولىدۇ ۋە ياكى ئۇ ساختا بولىشى مۈمكىن ،لېكىن زىيادە كۈندەشلىك بىنورمال مۇھەببەت قاتارىغا كىرىدۇ  . 
 مۇھەببەت كۈندەشلىكتىن قورقۇپمۇ  كەتمەيدۇ ، ئەمما كۈندەشلىكنىڭ چېكى بولىشى كېرەك .
 قىز -يىگىتلەر  ئوتتۇرىسىدىكى جەلپ قىلىش، مۇھەببەتلىشىش ۋە توي قىلىش ئىشلىرىدا قىزلارنىڭ چىرايى مۇھىم شەرتلەرنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدۇ ،ئەمما يىگىتلەرنىڭ چىرايىغا قاراپ لايىق تاللىمىغىنى ياخشى .

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203