ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئاياغ ئوغۇرلىغان قىز


ئاياغ ئوغۇرلىغان قىز


 

  دۇڭيۈەن كوچىسىنىڭ چېتىدىكى قورودا سەنئەت ئۆمىكىنىڭ دىرىژورى ياڭ دۇڭخې بىر ئائىلىلىك تۇراتتى.بەختلىك بۇ ئائىلىگە ئۆتكەن يىلى كېلىشمەسلىك كېلىپ،ياڭ دۇڭخېنىڭ ئايالى(ئۆمەكنىڭ ئۇسسۇلچىسى ئىدى)ئۆلۈپ كەتتى.ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ئائىلىدە يەنە بىر ئىش يۈز بەردى...
  ئۇ بىر يەكشەنبە كۈنى بولۇپ،ياڭ دۇڭخې قورۇنى سۈپۈرۈپ،ئەخلەتلەرنى تازىلاۋاتقاندا،ئىككى جۈپ خۇرۇم ئاياغ تېپىۋالدى،ئۇ سىنچىلاپ قارىۋىدى،بۇ ئايالى چەتئەلدىن ئېلىپ كەلگەن ئۇسسۇل ئايىغى  بىر جۈپى قىزىل،بىر جۈپى يېشىل رەڭلىك  بولۇپ چىقتى.ئايالى بۇ ئاياغلارنى بەكلا ياقتۇراتتى،ھەر كۈنى ئاياغلارنى پاكىزە سۈرتۈپ،شامالدىتىش ئۈچۈن ھويلىدىكى تام ئۈستىگە قويۇپ قوياتتى.بۇ ئاياغلار ياڭ دۇڭخېغا خوتۇنىنى ئەسلەتتى،ئۇنىڭ كۆڭلى بەكمۇ يېرىم بولۇپ،كۆزلىرى ياشقا تولدى.ئۇ ئاياغلارنى پاكىزە سۈرتۈپ،ھويلىنىڭ قورۇق تېمى ئۈستىگە قويۇپ قويدى.بىراق كۈن تېخى پاتماي تۇرۇپلا،ئاياغنىڭ يېشىل رەڭلىك بىر جۈپى غايىپ بولدى.
  ياڭ دۇڭخېنىڭ گېلىدىن نەچچە كۈنگىچە غىزا ئۆتمىدى.ئۇ ئۆزىنى خوتۇنىغا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلدى.
  يەنە بىر يەكشەنبە كۈنى،ياڭ دۇڭخې قىزىل رەڭلىك بىر جۈپ ئاياغنى ئاۋالقىدەكلا تام ئۈستىگە قويۇپ قويدى.بىراق بۇ قېتىم ئاياغقا بىر يىپنى باغلاپ،يەنە بىر ئۇچىغا قوڭغۇراق ئېسىپ،ئۆيگە ئېسىپ قويدى.ئۇ ئوغرىنى تۇتماقچى ئىدى.
  ئۇ ئىشىنى تۈگىتىپ ئۆيگە كىرىپ،ئارام ئالاي دەپ تۇرىشىغا،كىچىك قوڭغۇراق جىرىڭلاپ كەتتى.ياڭ دۇڭخې دەرىزىدىن بويۇنداپ قارىۋىدى،ئوغرىنىڭ سايىسىمۇ يوق،ئاياغ يەنىلا جايىدا تۇراتتى.بىراق قوڭغۇراق توختىماي جىرىڭلاۋەردى.بۇ قانداق ئىش؟ بۇ يەردە جىن يوقتۇ؟ ياڭ دۇڭخې سىنچىلاپ قارىدى،دەرۋەقە،بىر ئۇزۇن تاياق بۇ ئاياقلارنى تۈرتىۋاتاتتى.دېمەك،ئوغرى ھۇ ئەبلەخ ياڭ دۇڭخې ئاللىقاچان تەييارلاپ قويغان يوغان كالتەكنى ئېلىپ،سىرتقا يۈگۈردى،خەپ پۇتۇڭنى سۇندۇرىۋەتمەيدىغان بولسام
  ياڭ دۇڭخې ئوغرىنى چۆچۈتۈپ قويماسلىق ئۈچۈن،تامنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىن ئاستاغىنە ئارتىلىپ چۈشتى.قارىسا بىر كىچىك ئوغرى قولىدىكى تاياق بىلەن ھە دەپ ھېلىقى ئاياغلارنى تارتىپ ئالماقچى بولسىمۇ،تام ئېگىز بولغاچقا پەقەتلا ئەپلەشتۈرەلمەيۋاتاتتى.ئۇ بەكمۇ ئورۇق بولۇپ،كىچىككىنە ئۆرۈمە چېچىدىن قىز ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى.ياڭ دۇڭخې ئەپسۇسلاندى،بۇ دۇنيا نېمە بولۇپ كەتتى؟مۇشۇنداق كىچىك قىزلارمۇ ئوغرىلىق قىلسا- ھە؟
  ياڭ دۇڭخې يېنىك يۆتىلىپ قويدى.قىزچاق ئادەم كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ،ھېچ ئىش بولمىغاندەك،تام تۈۋىدىكى تاشتا ئولتۇرىۋالدى.ياڭ دۇڭخې كالتەكنى تۇتۇپ،يېقىنلاپ كەلدى.قىزچاق پەرۋاسىز ھالدا ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى.ياڭ دۇڭخې ئۆپكىسىنى بېسىۋېلىپ،سەيلە قىلغان قىياپەتكە كىرىۋالدى.ئۇ قىزچاقنىڭ يېنىغا كېلىپ سورىدى:
 - قىزچاق،بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟ 
  - ھېرىپ كەتتىم،ئارام ئالاي دەپ ئولتۇردۇم شۇ. 
 -  سىز چوڭ يولدا مېڭىپ ھېرىپ قالغان تۇرسىڭىز،يول بويىدىكى ئورۇندۇقتا ئارام ئالماي،نېمىشقا بۇ تار كوچىغا كېلىۋالدىڭىز؟ 
  - ھە،نېمە بوپتۇ؟ مەن تېخى سىزگە ھەيرانمەن،سەيلىگە چىققان ئادەم نېمىشقا قولىڭىزغا شۇنچە يوغان كالتەك ئېلىۋالدىڭىز؟
  قارا بۇ شۇمتەكنىڭ يامانلىقىنى؟ياڭ دۇڭخې قىزچاقنىڭ بوپىسىنى كۆرسىتىپ سورىدى: 
 - ئۇنىڭدا قانداق ياخشى نەرسە بار؟ 
 - ھېچنىمە،بىر جۈپ ئاياغ. 
 - ئاياغ؟ كۆرۈپ باقايچۇ؟
قىزچاق ئويلىنىپ تۇرۇپ كەتتى ۋە: 
 - سىز قەيەردە تۇرىسىز؟ دەپ سورىدى. 
 - مەنما؟ .... مېنىڭ ئۆيۈم بۇ يەردىن خېلىلا يىراق.
قىزچاق بۇنى ئاڭلاپ: 
 - كۆرسىڭىز مانا كۆرۈڭ،كۆرۈپ بولۇپ سەيلىڭىزنى قىلىۋېرىڭ ،  دېدى.
  ياڭ دۇڭخې كۆرۈپلا تونىدى،بۇ دەل ئايالىنىڭ ھېلىقى بىر جۈپ يېشىل رەڭلىك ئايىغى ئىدى.بۇ كىچىك شۇمتەكنى ساقچىخانىغا ئاپىرىپ بەرسە بولغۇدەك.يەنە كۆپرەك سوراپ باقاي... 
 - ئەجەپ چىرايلىق ئاياغ ئىكەنغۇ بۇ سىزنىڭمۇ؟ 
  - مېنىڭ بولمىسا،بوپامدا نېمە قىلاتتى؟ 
 - يېڭى سېتىۋالغانمۇ؟ 
 - ئۆتكەن ھەپتە ئالغان. 
 - ئۇنداقتا تېخىچە بوپىڭىزغا سېلىپ يۈردىڭىزمۇ؟ 
 - ئالماشتۇراي دېگەن. 
 - نېمىشقا؟ 
 - مۇۋاپىق ئەمەسكەن.
پاھ... ئوغرىلىغان نەرسىنى مۇۋاپىق ئەمەسكەن دېيىشىنى ھەقىقەتەن يامان شۇمتەككەن. 
 - نېمىشقا مۇۋاپىق ئەمەس دەيسىز؟ 
 - مەن ھال رەڭلىكىنى ئالاي دېگەن،بۇ يېشىل ئىكەن. 
 - سىز سېتىۋالغاندا نېمىشقا ئوبدانراق قاراپ ئالمىغان؟ 
 - كۆزۈم رەڭ تونىمايدۇ،مەن...رەڭ قارىغۇسى.
ياڭ دۇڭخېنىڭ ۋۇجۇدى تىترىگەندەك بولدى. 
 - مەن ئىلگىرى مۇشۇنىڭغا ئوپمۇ-ئوخشاش بىر جۈپ ئاياغنى كۆرگەن،  - دېدى ياڭ دۇڭخې ، ئۇ ئاياقنى كىيگەن ئايال مۇشۇ قورۇدا ئولتۇراتتى،ئۇنىڭ يەنە بىر جۈپ قىزىل ئايىغىمۇ بار ئىدى،ئاۋۇ تام ئۈستىدە تۇرغىنى شۇ،ئۇ ئايال بۇ ئاياغلارنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى،ئەپسۇس، ئۇ ئەمدى بۇلارنى كىيەلمەيدۇ، ئۇ ئۆلدى.
قىزچاقنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى: 
 - ئۆلدى؟ قانداق ئۆلدى؟ 
 - ئۆتكەن يىلى قىشتا قار يېغىۋاتقان ئاخشىمى،خۇڭئەن كوچىسىدىكى تۆمۈر يول ئېغىزىدا،ئۇ چاغدا بىر پويىز ناھايىتى تېز كېلىۋاتقان بولۇپ،بىر موماي تۆمۈر يولنى كېسىپ ئۆتىۋېتىپتىكەن،پويىز قاتتىق گۈدۈك بېرىپتۇ،موماي تېڭىرقاپ تۇرۇپلا قاپتۇ،دەل شۇ چاغدا ھېلىقى ئايال ۋېلسىپىتىنى تاشلاپ، ئېتىلىپ بېرىپ موماينى چەتكە ئىتتىرىۋېتىپتۇ،بىراق ئۆزى پويىز ئاستىدا قاپتۇ...
قىزچاق بىر ھازاغىچە گەپ قىلمىدى.ياڭ دۇڭخې ئۇنى تەسىرلەنگەن چېغى دەپ ئويلاپ: 
 - نېمە ئويلاۋاتىسىز؟  دەپ سورىدى. 
 - مەن،ئەگەر ئۇ ئاچاش بولغان بولسا بۇ ئاياغنى چوقۇم ماڭا بەرگەن بولاتتى دەپ ئويلاۋاتىمەن،چۈنكى مېنىڭ ئۇنىڭغا بەكمۇ ئېرىشكۈم بار ،-  دېدى قىزچاق. 
 - ھۇ ئاناڭنى ياڭ دۇڭخې غەزەبلەندى،مەن ئېچىنىپ تۇرۇپ ساڭا بۇ ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىپ،سېنى تەسىرلەندۈرەي دېسەم،سېنىڭ بۇنچىلىك باغرى تاش قىز ئىكەنلىكىڭنى بىلمەپتىمەن، سېنى قۇتقۇزىۋالغىلى بولمىغۇدەك. ئۇ ئاچچىقتا: 
 - ئادەم ئۆز كۈچىگە،ئەمگىكىگە تايىنىپ،باشقىلارنىڭ ئايىغىغا ئېرىشمىسە، ئۇ ھەر قانچە چىرايلىق بولغان بىلەن،پۇتقا كىيگەندە يەنىلا ھوزۇر ھېس قىلالمايدۇ،سىزچىچۇ؟  -  دېدى. 
 - مەن نېمە دېيىشىمنى بىلمەيمەن،چۈنكى مەن ئەزەلدىن ئاياغ كىيىپ باقمىغان. 
 - يەنە يالغان سۆزلەۋاتىسىز 
 - يالغان سۆزلىمىدىم،راست،چۈنكى...چۈنكى مېنىڭ پۇتۇم يوق قىزچاق ئىشتىنىنىڭ پۇشقىقىنى ئېگىز كۆتۈردى  بۇ يالغان پۇت،مېنىڭ كىچىكىمدىنلا پۇتۇم يوق ئىدى.
ياڭ دۇڭخې تېخىمۇ ئېلىشىپلا قالدى،بۇ قىزنىڭ پۇتى بولمىسا،ئاياغ ئوغرىلاپ نېمە قىلار؟ ئۇ كوچىلاپ سورىۋىدى،قىزچاق ھەقىقىي مەقسىتىنى سۆزلەپ بەردى. 
 - مەن بۇ كوچىنىڭ قارشىسىدىكى دوختۇرخانىدا ياتاتتىم،يېنىمدىكى خوشنا كارىۋاتتا ياتىدىغان خۇانى ھەدەم ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىكەن.دوختۇر ئۇنى ئەڭ كۆپ بولسا ئىككى ھەپتىلا ياشىيالايدۇ دېدى.خۇانى ھەدەممۇ بۇنى ئېنىق بىلىدۇ،بىراق ئۇ قىلچىمۇ قورقمىدى.ھېلىقى كۈنى ئۇ دەرىزىدىن تام ئۈستىدە تۇرغان ئاياغنى كۆرۈپ قېلىپ،ئۇنى ياقتۇرۇپ قاپتۇ.ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا بولسىمۇ شۇنداق ئاياغنى كىيىپ ئۆتكەن بولسام دەپ بەك ئارزۇ قىلدى.ئاپىسى بازارنى شۇنچە ئارىلاپمۇ مۇنداق ئاياغنى تاپالمىدى.مەن بۇنىڭدىن بەكلا ئازابلاندىم،شۇڭا ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش نىيىتىگە كەلدىم...مەن ئاۋال بىلىندۈرمەي...بىلىندۈرمەي...خۇانى ھەدەم بۇ ئاياغنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن...ئۇنى جايىغا قويۇپ قويماقچى ئىدىم،بىراق... قىزچاق ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى.
  ياڭ دۇڭخې بېشىنى ساڭگىلىتىپ ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتتى.ئۇ قولىدىكى كالتەكنى كۈچەپ تۇرۇپ يىراققا تاشلىۋەتتى، ئاندىن بېلىنى ئېگىپ،قىزچاقنى يۆلەپ تۇرغۇزدى:
 جۈرۈڭ،مەنمۇ سىز بىلەن بىللە بۇ ئاياغنى  « ئوغرىلايمەن » .


 

مەنبە : خەنزۇچە «ھېكايىلەر توپلىمى»

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203