ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ۋاقىتلىق دادا


ۋاقىتلىق دادا


 

(ھىكايە)
چېن يۇڭلىن
ئەلىخان ئوبۇل خەنجەر تەرجىمىسى


 

   ھەر يىلى ئىشلەمچىلەر چاغانلىق يۇرتلىرىغا قايتىشاتتى،ئەمما شياۋلىننىڭ دادىسى زادىلا ئۆيگە قايىتمايتى .شۇڭا بەش ياشلىق شياۋلىن ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ئويغۇنۇپ :<<ئانا ،دادام بۈگۈن قايتىپ كېلەمدۇ ؟ئاخشام دادامنى چۈشەپ قاپتىمەن &t;&t;دەيتتى .
   ھەرقىتىم قىزىنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلىغىنىدا لى خۇينىڭ كۆڭلى بەكمۇ يېرىم بولۇپ ،ئىمكان بار يىغلاپ سالماسلىققا تىرىشاتتى .ئۇ قىزىنىڭ كۆز يېشىنى كۆرۈپ قېلىشىدىن ،بولۇپمۇ ھەقىقى ئەھۋالنى بىلىپ قېلىشتىن بەك ئەنسىرەيتتى .چۈنكى شياۋلىن دادىسىنىڭ يېرىم يىل ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيتتى . لى خۇي قىزىنىڭ كۆڭلىنىڭ يېرىم بولۇشىدىن ئەنسىرەپ  ھەقىقى ئەھۋالنى ئۇنىڭدىن يۇشۇرۇپ كەلگەنىدى .
   چاغان ھارپىسىدا لى خۇي قىزىغا مۇنداق دىدى :
   _ شىياۋلىن بىلەمسەن ، داداڭ بىزگە بەك ئامراق ، ئۇ كۆپرەك پۇل تېپىپ ،كېلەر يىلى بىراقلا قايتىپ كېلىدىغان بوپتۇ .
   ھەش- پەش دىگىچە شىياۋلىنمۇ ياشقا كىردى . بىر قېتىم ئۇ تەنتەربىيە دەرسىدە تۇيۇقسىز ھوشىدىن كەتتى ، مۇئەللىم ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپاردى ، بىرنەچچە كۈندىن كېيىن شىياۋلىننىڭ مەسئۇل دوختۇرى لى خۇيغا :
   _ قىزىڭىز جىگەر راكىغا گىرىپتار بوپتۇ ،- دىدى .
   _ مۈمكىن ئەمەس ، كىچىككىنە بىر بالا قانداقمۇ جىگەر راكى بولۇپ قالسۇن ؟
   لى خۇي شىياۋلىننى ئۆلكىلىك دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتتى ، ئەمما تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئوخشاش چىقتى . ئۇنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى . . .
   ئانا كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ ، ئادەم ھامىنى ئۆلۈپ كېتىدۇ ،مېنى چوڭ قىلغۇچە كۆپ جاپالارنى چەكتىڭىز ... مېنىڭ بۇنداقلا ئۆلۈپ كەتكۈم يوق ئىدى ، ياخشى ئوقۇپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغۇم ،كۆپ پۇل تېپىپ سىزنى ئوبدان باققۇم بار ئىدى . . . - دىدى شىياۋلىن يىغلاپ تۇرۇپ .
   تەڭرىنىڭ كۆزى يوق ئىكەنغۇ ،_دېدى لى خۇي قىزىنى باغرىغا بېسىپ يىغلىغىنىچە .
   _ ئانا ، مەن دادامنى بەك سېغىنىپ كەتتىم ،_دېدى شىياۋلىن ئانىسىغا .
   _ ماقۇل ، مەن خەت يازاي داداڭ كېلىپ ساڭا قارىسۇن .
   لېكىن لى خۇي قىزىغا دادىسىنى قانداق تېپىپ بېرىشنى بىلمەيتتى ، ئاخىر ئۇ <<دادا ئىزدەش ئېلانى &t;&t; چىقىرىپ ھەممە يەردە چاپلاپ ، ياخشى نىيەتلىك بىر ئەرنىڭ شىياۋلىنغا ۋاقىتلىق دادا بولۇپ بېرىپ ، قىزىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنى خۇشال ئۆتكۈزۈۋېلىشىغا ياردەم قىلىشنى ئۆتۈندى .
   بۇ ئېلاننى كۆرگەن نۇرغۇن ئەر شىياۋلىنغا دادا بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى . لى خۇي بۇلارنىڭ ئىچىدىن شىياۋلىننىڭ دادىسىغا ئوخشايدىغانراق بىر ئەرنى تاللىدى . ئۇنىڭ ئىسمى خې داۋېي بولۇپ ، كېمىسازلىق زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى ئىدى .
   _ سىزنى ئاۋارە قىلىپ قۇيىدىغان بولدۇم ، سىزنى ئىش تۈگىگەندىن كېيىن  رازى بولغۇدەك ھەق بېرىمەن ،دېدى لى خۇي ئۇنىڭغا .
   خې داۋېي ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ قالغاندەكلا :
   _ مېنىڭمۇ بىر ئوماق قىزىم بار ئىدى ،ئالتە ياشقا كىرگەن يىلى ئانىسى بىلەن بىللە قاتناش ھادىسسىگە  ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتتى . سىڭلىم ، سىز خاتىرجەم بۇلۇڭ ،مەن چوقۇم ۋاقىتلىق ياخشى دادا بولىمەن ،-دېدى .
   شىياۋلىن خې داۋېينى كۆرۈپ يىغلاپ كەتتى :
   _ دادا، ئاخىر كەلدىڭىز ، مەن تېخى سىزنى بىزنى تاشلىۋەتكەن ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن ،دادا ، بىز سىزنى بەك سېغىندۇق .
  خې داۋېي قاداق باسقان قولى بىلەن شىياۋلىننىڭ يۇمران يۈزىنى سىلىغىنىچە :
   _ ئەخمەق قىز ،مەن سىلەردىن قانداقمۇ كېچەلەيمەن ، مەن جىقراق پۇل تېپىپ سىلەرنى ئوبدانراق باقاي دىدىم شۇ ، بۇ بىرنەچچە يىلدا كۆپ جاپا تارتىڭلار ، سىلەرگە يۈز كېلەلمەيمەن ،_ دېدى ۋە ئۆلۈپ كەتكەن قىزىنى ئويلاپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى .
   _ دادا ، مەن بەك چارچاپ كەتتىم ،- دېدى شىياۋلىن .
   _ قىزىم ، ياخشى ئارام ئېلىڭ ،مەن سىزگە ناخشا ئېيتىپ بېرەي ، كېچىك چېغىڭىزدا ھەمىشە ناخشامنى ئاڭلاپ ئۇخلاپ قالاتتىڭىز .....
   شىياۋلىن تىزلا ئۇخلاپ قالدى ، ئۇنىڭ ياش يۇقى چىرايىدا شادلىق جىلۋە قىلاتتى .
   خې داۋېي ئۇدا ئون نەچچە كۈن شىياۋلىنغا قارىدى . بىر كۈنى شىياۋلىن خې داۋېيغا مۇنداق دىدى :
   _ دادا ، مەن پات ئارىدا ئۆلۈپ كېتىمەن ، لېكىن مېنىڭ سىزگە بىر ئىلتىماسىم بار ، سىز چوقۇم ماقۇل بۇلۇڭ .
   _ ھېلىغۇ بىر ئىلتىماس ئىكەن ، يۈز ئىلتىماس بولسىمۇ ماقۇل بولىمەن ، دېدى خې داۋېي.
   _ مەن كەتكەندىن كېيىن ئانام بىلەن توي قىلىڭ ، ئانام ياخشى ئايال ، ئۇ مېنى دەپ كۆپ جاپا چەكتى ...
   شىياۋلىن خې داۋېينىڭ تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالغىنىغا قاراپ ،يەنە گېپىنى داۋاملاشتۇردى :
   _ مەن بۇرۇنلا دادامنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى خوشنىلاردىن بىلىپ بولغانىدىم ، يېرىم كېچىلەردە ئانامنىڭ دادامنىڭ رەسىمىگە قاراپ يىغلاۋاتقانلىقىنىمۇ كۆرگەنىدىم . ئانامغا دادامنى بىر كۆرۈۋېلىش تەلىپىنى قويۇشۇم ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا بىر ھەمرا تېپىپ بېرىش ئۈچۈن ئىدى . ئانامنىڭ سىزنى تاپقانلىقىدىن قەۋەتلا خۇش بولدۇم ، ئانام سىزنى خاتا تاللىماپتۇ ،سىز ياخشى ئادەم ئىكەنسىز ... ئىلتىماسىمغا ماقۇل بولامسىز ؟
   _ ئوماق قىزىم ، خاتىرجەم بولۇڭ ،ئانىڭىزلا قوشۇلسا ، مەن ئۇنىڭ ھالىدىن بىر ئۆمۈر ياخشى خەۋەر ئالىمەن ،- دېدى خې داۋېي يىغلاپ تۇرۇپ .
   _ رەھمەت دادا ، مەن بەك ھېرىپ كەتتىم ، بىر ئاز ئۇخلىۋالاي .
   شىياۋلىن شۇ ئۇخلىغانچە مەڭگۈ ئويغانمىدى . . .

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203