ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
لى كۈينىڭ ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشى


لى كۈينىڭ ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشى


 

سەلىمە يۈسۈپ تەرجىمىسى


 

 سىرتتا خىزمەت قىلىۋاتقان كادىر لۇجىشېن خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن لياڭشەنگە قايتىپ كېلىۋىدى، رۇەن ئاكا -ئۇكا ئۈچەيلەن سالامغا باردى. گەپ ئارىلىقىدا، رۇەن شياۋئېر:
- لۇ ئاغا، ئۇقتىڭىزمىكىن، لى كۇي ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بەرگۈدەك،  دىدى.
لۇ جىشېن قاقاقلاپ كۈلۈپ:
- ئۇ چوقۇم ساختا دىپلوم بىلەن سوڭ ئاغام ۋە باشقىلارنى ئالدىماقچى، بۇ نىمە دىگەن شەرمەندىلىك. مەن جەزمەن بۇ ئىشنى سۇڭ ئاغامغا مەلۇم قىلاي، لياڭشەن باتۇرلىرىنىڭ نامىنى بۇلغىمىسۇن يەنە،- دېدى.
 لۇ جېشىن سوڭ جياڭغا خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە، دەرۋەقە لى كۇينىڭ ئىشىنى تىلغا ئالدى. سۇڭ جياڭ ئاڭلاپ كۈلۈپلا قويدى.
ۋۇ يوڭ :
- لى كۇي ئىنىمىز بۇ ئىككى يىلدىن بېرى جىق ئالغا باستى. بولۇپمۇ ساۋات چىقىرىشتا. مەسىلەن، ئۇنىڭ ھۆججەتلەرگە سىزغان چەمبىرىكى ئىلگىرىكىدىن جىق يۇمۇلاقلىشىپ كەتتى. تېخى بىر قېتىم مەن ئۇنى سىركۇل بىلەن سىزدىمىكىن دەپ قالدىم. دىپلومغا كەلسەك، مىنىڭ بىلىشىمچە ھەممىسى راست، خەق نىمە دىمەيدۇ. ھەممىسى ئېغىزدىكى تۇترۇقسىز گەپلەر، ئىشەنچىلىك ئەمەس. لى كۇي ئىنىمىزنىڭ تىلى گال، ئىپادىلەش ئىقتىدارى تۆۋەن بولغاچقا، قوسىقىدىكى بىلىمنى دەرھال ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ،- دېدى.
 گوڭسۇن شېڭ مۇنداق دېدى :
- مەن ئىنتىزام تەكشۈرۈشتە ئىشلەيمەن، بۇ مەسىلىگە ئۇزاقتىن بېرى كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىم. مەن سىزگە شۇنداق كاپالەت بېرىمەنكى، لياڭشەندە تاكى ھازىرغىچە بىر پارچىمۇ ساختا دىپلوم بايقالمىدى، دىپلوملارنىڭ ھەممىسى راست. جىشېن ئىنىم، سىز بەك كۆپ ئويلاپ كېتىپسىز.
 سوڭ جياڭ كۈلۈپ تۇرۇپ:
- جىشېن ئىنىم، مەن لى كۇيغا بىر ئاز يان باسىمەن، بۇنىسى راست. ئەمما سىز خاتىرجەم بولۇڭ. مەن ئۇنىڭ ساختا دىپلوم بىلەن بىزنى ئالدىشىغا، لياڭشەندىكى چوڭ ئىشلىرىمىزغا زىيان سېلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمەن. ھازىر بازار ئىگىلىكى يولغا قويۇلىۋاتىدۇ، رىقابەت كەسكىن. شۇنداق ئىكەن، بۇنداق ساختا دىپلوم كۆتىرىۋالغانلار ئۆزىگە ئۆزى ئورا كولىغان بولمامدۇ؟ سىزمۇ تىرىشىڭ، لياڭشەندىكى كادىرنىڭ كۆپىنچىسى دوكتۇر، ماگىستىر. شۇڭا باشقىسىنى دېمەيلا قوياي، مەن ئادەتتە يىغىن ئاچساممۇ بۇنىڭدىن بەكمۇ شەرەپ ھىس قىلىمەن، - دېدى.
لۇ جىشېن سوڭ جياڭنىڭ ئىشخانىسىدىن چىقىپ، ئويلىغانسىرى گاڭگىراپ قالدى. ئۇ ئۇدۇل لى كۇينى ئىزدەپ ماڭدى. لى كۇي بۇ چاغدا ئىشىكنى دۈملەپ، ھاراق ئىچكەچ ئىت پاچىقى يەۋاتاتتى. ئىشخانىدىن گۈپۈلدەپ ھاراق پۇرىقى پۇراپ كەتكەن ئىدى. ھەممە يەر قالايمىقان تاشلانغان گۆش ۋە ئۇستىخانلار بىلەن توشۇپ كەتكەن ئىدى. لېكىن بىرەر پارچىمۇ كىتاپ كۆرۈنمەيتتى. لى كۇي لۇ جىشېننى كۆرۈپ قولىدىكى پاچاقتىن بىر چىشلەم چىشلىۋېلىپ:
- كۈتكەن رەقىبىم ئاخىرى كەلدى. كېلىڭ، قانغۇچە ئىچەيلى، كىم بالدۇر يىقىلسا شۇ ئىت بولسۇن  دېدى بوم ئاۋازدا.
 لۇ جىشېن ئالدىراپ لى كۇينىڭ ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بەرگەن ئىشىنى سورىدى. لى كۇي قاتتىق كۈلۈپ كېتىپ:
- ھەممىسى سوڭ ئاغامنىڭ مودا قوغلاشقانلىقىنىڭ كاساپىتى بولمامدۇ، زىيالىيلاشتۇرىمەن دەپ قانداق يول بىلەن ھەل قىلغان دىپلوم بولسۇن، زادىلا كارى بولمىدى، ئۇنداق قىلمىغانلارنى ئەمەلدار قىلمىدى، ئىش ئورنىدىن قالدۇرىۋەتتى. بۇ مەن تۆمۈر كالىنى تار يەردىن قىستىغانلىق ئەمەسمۇ؟ ئۆگىنىش؟ مېنىڭ كىتابقا قارىساملا بېشىم ئاغرىيدۇ. ھېلىمۇ ياخشى، ئوبدان بىر كاتىبىم بولۇپ قاپتۇ. مەن ئۈچۈن ھەممىنى شۇ قىلىدۇ. مېنىڭ ئورنۇمدا دەرسكە قاتنىشىدۇ، ئىمتىھان بېرىدۇ. بۇ سولتەك ئەلەمدە بولمىغىنى بىلەن بىلىمى خېلى چوڭقۇر. سوڭ ئاغام مېنى دەپ مەكتەبكە نۇرغۇن كۈمۈش سۈڭگۈتتى. ئاناڭنى، نىمە دېگەن ياخشى، بىر خەتمۇ تونۇمايدىغان تۆمۈر كالا ستۇدېنت بولۇپ قالدى. ھا...ھا... تېخى ئوقۇش پۇلىنى ھۆكۈمەت چىقىرىدۇ، ماڭا بىر تىيىنمۇ زىيان يوق، نىمە بولسا بولمامدۇ، ئىمتىھان بەرسەم بېرىمەن، بۇ قانچىلىك ئىشتى، لۇ ئاغا، سىزمۇ دىپلومدىن بىر قانچىنى ھەل قىلىۋالمامسىز؟ ھازىر دېگەن دىپلوم دەۋرى ئەمەسمۇ؟ بەك ئاسان، يەنە بىر تەرەپتىن سوڭ ئاغاممۇ خوش بولىدۇ، لياڭشەنگىمۇ شەرەپ،- دېدى.
 لۇ جىشېن قاتتىق ھەسرەت چەكتى. بۇ ئىشقا ۋۇ يوڭ، گوڭسۇن شېڭلارنىڭ دىپلومنىڭ راستلىقىغا قەسەم بېرىپ كاپالەت بەرگەنلىكىدىن ئاغرىنغىلى بولمىغىدەك. دەرۋەقە دىپلوم ھەقىقىكەن، پەقەت ئادەم ساختىكەن.
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203