ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئايال كىشىگە زادى نىمە كېرەك


ئايال كىشىگە زادى نىمە كېرەك


 

مۈنىرە مۇساجان تەرجىمىسى


 

 ياش پادىشاھ ئارتورنى قوشنا ئەلنىڭ پىستېرما قوشۇنى ئەسىرگە ئېلىۋالدى . قوشنا ئەلنىڭ پادىشاھى ئۇنى ئۆلتۈرمەي ، بەلكى ئىنتايىن قىيىن بىر سۇئالنى سورىدى: « ئايال كىشىگە زادى نېمە كېرەك ؟»
  بۇ سۇئالغا پەقەت قېرى ئايال پېرىخۇنلا جاۋاب بېرەلەيتتى . ئايال پېرىخۇن ئارتۇرنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى  -  سۇمباتلىق يىگىت گارۋىن بىلەن توي قىلىش شەرتى ئاستىدا ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلماقچى بولدى . ئايال پېرىخۇن ئىنتايىن بەتبەشرە ، ئاغزىدا بىر تاللا چىشى بار ،دۈمچەك ،تېنى ئىنتايىن سېسىق ، يەنە كېلىپ تولىمۇ قوپال ، يىرگىنىچلىك ئىدى ، دائىم قورقۇنچلۇق ئاۋازلارنى چىقىراتتى . قىسقىسى ، ئارتور بۇنداق قورقۇنچلۇق مەخلۇقنى زادىلا كۆرۈپ باقمىغانىدى. 
   بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان گارۋىن قىلچە ئىككىلەنمەي ، ئارتۇرغا مۇنداق دىدى:
 -- سېنىڭ جېنىڭ ئامان قالىدىغانلا ئىش بولسا ، مەن ئايال پېرىخۇن بىلەن توي قىلىشقا رازى .
  شۇنىڭ بىلەن ، گارۋىننىڭ ئايال پېرىخۇن بىلەن توي قىلىدىغانلىق خەۋىرى ئېلان قىلىندى . ئايال پېرىخۇنمۇ بۇ قىيىن سۇئالنىڭ جاۋابىنى ئېيتىپ بەردى :« ئايال كىشىنىڭ ھەقىقىي ئېرىشمەكچى بولغىنى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش » ، كۆپچىلىك ئايال پېرىخۇننىڭ بىر ئۇلۇغ ھەقىقەتنى دەۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى . شۇنىڭ بىلەن  ئارتور ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالدى .
   ئەمدى گارۋىن بىلەن ئايال پېرىخۇننىڭ نىكاھ مۇراسىمىنى كۆرۈپ باقايلى : گارۋىن بۇرۇنقىدەكلا كەمتەر ۋە خۇش پېئىل ئىدى . ئايال پېرىخۇن بولسا پۈتكۈل مۇراسىم جەريانىدا ، ھېلى قولىدا پىتىقلاپ نەرسە يىسە ، ھېلى كېكىرەتتى ، ھېلى ئوسۇراتتى .......مۇراسىمغا كەلگەنلەر بۇ سەت قىلىقلاردىن كۆڭلى ئېلىشىپ ، قاتتىق بىئارام بولدى .
   توي كېچىسى گارۋىن قىلچە ئىككىلەنمەي ، قەيسەرلىك بىلەن ھۇجرىغا قەدەم باستى . ئۇنى قانداق بىر مەنزىرە كۈتۈۋاتقاندۇ ؟ ئويلىمىغان يەردىن  ئۇ ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بىر ساھىپجامال كارىۋاتتا ياتاتتى ئۇ داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدى ، ئاندىن قىزدىن ھەقىقىي ئەھۋالنى سورىدى .
 --  مەن بەتبەشىرە چېغىمدا سىز ماڭا تولىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلدىڭىز ، شۇڭا مەن يېرىم كۈن بەتبەشىرە يېرىم كۈن چىرايلىق بولۇشنى تاللىدىم . سز كۈندۈزى چىرايلىق بولۇشۇمنى تاللامسىز ياكى كېچىسى چىرايلىق بولۇشۇمنىمۇ ؟  -- دېدى ساھىپجامال .
  گارۋىن كۈندۈزى چىرايلىق بولۇشنى تاللىسام ، دوست - بۇرادەرلىرىمنىڭ ئالدىدا ساھىبجامال ھەم گۈزەل بىر قىز نامايەن بولغان بىلەن ، كېچىسى ھەم سەت ، ھەم قورقۇنچلۇق ئايال پېرىخۇن بىلەن بىرگە بولۇشۇم كېرەك ؛  كۈندۈزى كۆرۈمسىز ئايال پىرىخۇنغا ئىگە بولسام ، كېچىسى ساھىبجامال بىلەن ۋىسالىمغا يېتەلىگۈدەكمەن ، دېگەنلەرنى ئويلىدى .
  ئەگەر سىز گارۋىن بولغان بولسىڭىز ، قايسى خىلنى تاللايتتىڭىز ؟
 بەزىلەر كۈندۈزى ئايال پىرىخۇننى ،  كېچىسى ساھىبجامالنى تاللىغان . سەۋەبى خوتۇن دېگەن ئۆزۈمنىڭ ، ئايرويپەرەسلىك ۋە شۆھرەتپەرەسلىك قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ، جاپا بىلەن راھەتنى ئۆزىمىز  بىلسەكلا بولىدۇ .
  يەنە بەزىلەر كۈندۈزىگە ساھىبجامالنى تاللىغان . سەۋەبى ، كۈندۈزى باشقىلار ھەۋەس نەزىرى بىلەن قارايدۇ. كېچىسىگە كەلسەك ، سىرتلاردا كۆڭۈلنى خوش ئېتىپ ئويگە قايتقاندا ، ئۆي ئىچى قاپقاراڭغۇ بولغاچقا خوتۇننىڭ سەت - چىرايلىق بولىشى ھېچ گەپ ئەمەس .
 گارۋىن ئاخىرىدا ھېچقايسىسىنى تاللىماي پەقەت خوتۇنىغا :
 -- ئايال كىشىنىڭ ھەقىقىي ئېرىشمەكچى بولغىنى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش بولغانىكەن ، ئۇنداقتا ئۆزۈڭ قارار قىل ، - دېدى .
  نەتىجىدە  ئايال پىرىخۇن كېچىسىمۇ چىرايلىق ، كۈندۈزىمۇ چىرايلىق بولۇشنى تاللىدى .
 بەزىدە بىز تولىمۇ شەخسىيەتچىمۇ قانداق ؟ ئۆزىمىزنىڭ قىزىقىشى بويىچە باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىنى خالىغانچە ئۇرۇنلاشتۇرىمىزيۇ ، ئۇلارنىڭ خالاش - خالىماسلىقىنى ئەسلا ئويلاپ قويمايمىز . بىز باشقىلارنى چۈشەنگەن ۋە باشقىلارنى ھۆرمەتلىگەن چاغدا ، ھەمىشە ئۆزىمىزگە بۇلارنىڭ ھەسسىلەپ قايتىدىغانلىقىنى بايقايمىز . بىز مېھىر - مۇھەببەت بىلەن باشقىلارغا كۆپرەك غەمخورلۇق قىلساق ، تېخىمۇ  كۆپ نەرسىلەرگە ئېرىشەلەمدۇق - قانداق ؟


 

مەنبە : «تەرمىلەر » ژورنىلى

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203