ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
جۆرە ئىزدەش ئېلاندىن كېلىپ چىققان پاجىئە


جۆرە ئىزدەش ئېلاندىن كېلىپ چىققان پاجىئە
جاڭ لىنچۈن


 

 جاڭ ئەيسەي بۇ شەھەر بۇيىچە كاتتا باي كىشى ئىدى. ئىلگىرى ئۇ نامرات دېھقان بولۇپ، كىيىم-كېچەك، ئۆي-مۈلۈك سودىسى بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرۈپ، ئون نەچچە يىل جان تىكىپ ئىشلەش بەدىلىگە نەچچە يۈز مىليۇن يۈئەن مۈلۈككە ئىگە جۈسەي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى بولدى.
 باياشات تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان جاڭ ئەيسەي ئۆتكەن كۈنىنى ئۇنتۇغان بولۇپ، نامراتلارنى ياراتمايتتى. ئۇنىڭ بىر ئوغلى، ئىككى قىزى بولۇپ، ئۇلارغا دائىم: «دوست تۇتساڭلار پۇلى، ھوقۇقى بارلىقىغا قاراڭلار، لايىقىڭلارنىڭ پۇلى، ھوقۇقى بولمىسا بولمايدۇ، يىتەرلىك پۇلۇڭلار بولمىسا تۇرمۇشتا بەخىتلىك بولالمايسىلەر» دەيتتى.
ئۇنىڭ ئايالى ساقايماس كېسەل بىلەن بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. شۇندىن باشلاپ ئۇ بەكمۇ غېرىپسىنىپ، چىرايى كۈنبۇيى ئېچىلمايلا يۈردى. ئۇنىڭ شىركىتىگە نوقتۇلۇق ئالىي مەكتەپنىڭ جۇڭگۇ تىلى فوكولتىتىنى پۈتتۈرگەن جاۋ ۋىن ئىسىملىك بىرى يېڭىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ باش مۇدىرغا «شەھەردە چىقىدىغان گېزىتكە جۆرە ئىزدەش ئېلانى بېرىپ باقايلى، بۇنىڭ بىلەن كۆڭۈلدىكىدەك بىرەرسىنى تېپىۋالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس» دەپ مەسلىھەت بېرىۋېدى. جاڭ ئەيسەي بۇ ئەقىل بولغۇدەك دەپ، جاۋ ۋىننى ماختاپ ئۇچۇرىۋەتتى. ھەم نەق مەيداندىلا ئۇنىڭغا توي ئىشىمغا ياردەم قىلالىساڭ، سىنى شۇ ھامان ئۆستۈرىمەن، دەپ ۋەدە بەردى.
--سىرتقا يېيىلىپ كەتمىسۇن. ھە راسىت، ئېلانغا ھەقىقى ئىسمىم، ئادرىسىم ۋە ئالاقىلىشىش تېلىفونىمنى يازمايلى، جۆرە بولماقچى بولغان قىز ياش، چىرايلىق، تۇرمۇشنى قەدىرلەيدىغان، ئىشچان، مۇلايىم بولسۇن.
--خاتىرجەم بولۇڭ باش مۇدىر، سىزنى چوقۇم رازى قىلىمەن--دىدى، جاۋ ۋىن مەيدىسىگە مۇشتلاپ.
 ھايال ئۆتمەي بىر پارچە جۆرە ئىزدەش ئېلانى جاڭ ئەيسەينىڭ ئۈستىلىدە پەيدا بولدى، ئېلانغا مۇنۇلار يېزىلغان ئىدى: «مەلۇم ئۆي زىمىن شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ ×، ياش، كۈيۈمچان، نەچچە يۈز مىليۇن يۈئەن مۈلكى، داچىسى، باۋما ماركىلىق پىكاۋى بار. ھەر يىلى دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىغا بېرىپ قانغۇەك ساياھەت قىلىپ، گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھوزۇرلىنىدۇ، جاھاندىكى ئىسىل نازۇ-نېمەتلەرنى تېتىيۇ، كىيىن يەنە ئالەم بوشلۇغى ۋە ئاي شارىغا ساياھەتكە چىقىپ، غەمسىز تۇرمۇش كەچۈرمەكچى. يېقىندا ئايالى كېسەل سەۋەبىدىن ئۇشتۇمتۇت تۈگەپ كەتكەن. ھالاۋەتنى تەڭ كۆرۈپ، بەخىتلىك، ئىناق ئائىلە قۇرۇپ، شانۇ-شەۋكەتتىن تەڭ بەھرىمان بولۇشنى ئويلايدىغان، ياشتىن ياشقىچە بولغان چىرايلىق، كۆيۈمچان، ئىشچان، مۇلايىم، تۇرمۇشنى قەدىرلەيدىغان قىزلارنى ئۆزىگە جۆرە قىلماقچى». جاڭ ئەيسەي بۇنى كۆرۈپ، گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپلا كەتتى-دە، ئۇنى ماختاپ ئۇچۇرىۋەتتى. جاۋ ۋىن ئېلاننىڭ ئارقىسىغا ئۆزىنىڭ تېلىفون نومۇرىنى قىستۇرۇپ قويدى-دە، جاڭ ئەيسەيگە:
--باش مۇدىر، جۆرە بولغىلى كەلگەنلەردىن لايىقىدەكلىرى چىقىپ قالسا، ئۆيۈمگە ئاپىرىپ ئۆزلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرەي، بۇنداق قىلساق ئىشلار يېيىلىپمۇ كەتمىگۈدەك--دىدى.
ئەتىسى جۆرە ئىزدەش ئېلانى گېزىتتە بېرىلدى. تۆت كۈن ئۈتە-ئۆتمەيلا جاۋ ۋىن خوشاللىقتىن باش مۇدىرنىڭ ئىشخانىسىغا ئالدىراپ كىرىپ:
--باش مۇدىر، جۆرە بولماقچى بولغان بىر قانچەيلەن بىلەن دا يۈزتۇرانە پاراڭلاشتىم، ئۇلار ياش، چىرايلىق ئىكەن، ئارىسىدىن بىرەرسى ئۆزلىرىگە چۇقۇم يارايدۇ. ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشۈشكە پۈتۈشۈپ قويدۇم--دىدى، ئۇنىڭغا.
 جاڭ ئەيسەي قولىدىكى ئىشىنى شۇئان تاشلاپ قويۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ماڭدى-دە، ماشىنىنى بولۇشىغا قويۇپ بەردى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئۆيگە ئۇچۇپلا بارغۇسى كەلگەن ئىدى.
ئۇلار ئۆيگە كىرىپ بىرەر ئىستاكاندىن چاي ئىچىشپ تۇراتتى، ئىشىك چېكىلدى. سىرتتىن بىرەر نەرسىنى تالىشىۋاتقاندەك ئاۋاز ئاڭلاندى. جاۋ ۋىن ئىشىكنى ئېچىۋىدى، ئىشىك ئالدىدا ئەتىرگۈل تۇتىۋالغان ئوماققىنە ئىككى قىز تۇراتتى. ئۇ بۇنىڭدىن ئەجەپلىنىپ، كۆرۈشۈشكە ئىككى قىزنى تەڭ ئۇرۇنلاشتۇرمىغان ئىدىمغۇ، دىگەنلەرنى ئويلىدى. ئۇ سوراپ كۆرىۋىدى، ئۇلارنىڭ ئاچا-سىڭىل ئىكەنلىگىنى، ئاچىسىغا بۈگۈن، سىڭلىسىغا ئەتە نۆۋەت كىلىدىغانلىغىنى بىلدى. كىم بىلسۇن، سىڭلىسى ئاچىسىنىڭ جۆرە بولغىلى بارىدىغانلىغىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭمۇ جۆرە بولغۇسى كەلگەچكە، ئۇلار بالدۇر بېرىشنى تالىشىپ قالغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن جاۋۋىن ئامالسىز ئۇلارنى جاڭ مۇدىر بىلەن تەڭ كۈرۈشتۈرمەكچى بولدى.
بۇ ۋاقتتا ئۇ تېلىۋوزور كۆرۈۋاتاتقاچقا، سىرتتا بولىۋاتقان گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلىمىغان ئىدى. ئاچا-سىڭىللار جاڭ ئەيسەينى كۆرۈپلا ئېغىزىنى ئېچىپ ھاڭ-تاڭ قالدى. جاۋ ۋىن باش مۇدىر بۇ قىزلارنى كۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قالىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى، ئويلىمىغان يەردىن جاڭ ئەيسەي ئىنتايىن خاپا بولۇپ، قايناپلا كەتتى.
--يوقال، ھۇ ھايۋانلار
 جاۋ ۋىن نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي ئورنىدا قېتىپلا قالدى.
 بۇ ۋاقىتتا ئىشىك يەنە چىكىلدى. جاۋ ۋىن ئىشىكنى ئېچىۋىدى، ئىشىك يېنىدا بىر ئوغۇل، ئارقىسىدا بىر قىز تۇراتتى.
--بۇ نەۋرە سىڭلىم بولىدۇ، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن ئىدىم -- دىدى، ھېلىقى يىگىت ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ--ھە راست، باش مۇدىر يالغۇزچىلىقتا زېرىكىپ قالدىمىكىن دەپ ئۇنى تۇتۇق ئاتا قىلىۋالاي دىگەن، سەمىمىيىتىمنى بىلدۈرەي دەپ ئىككى سائەت بۇرۇن كەلدىم.
 جاڭ ئەيسەي سىرتتىكى گەپلەرنى ئوچۇق ئاڭلاۋاتاتتى. ئۇ تۇيۇقسىز «گۈپپىدە»چۈشتى. ئەسلىدە ئۇ زىيادە ئاچچىقلانغاچقا، يۈرەك كېسىلى قوزغۇلۇپ قالغان ئىدى. ئۇنى دۇختۇرخانىغا ئېلىپ بارغۇچە ئاللىقاچان جان ئۈزدى. چۈنكى، بايىقى ئاچا-سىڭىل ۋە ئوغۇل ئۇنىڭ ئۆز پۇشتى ئىدى

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203