بالىنىڭ ئىلتىجاسى
مۇھەممەت ھۈسەيىن(ت )
ئوتتۇرا يېخنىكومنى پۈتتۈرۈپ بىر سىنئالغۇ دۇكىنى ئاچتىم. ئويلىمىغان يەردىن تىجارەت باشلىغان تۇنجى كۈنىلا ئالاھىدە بىر خېرىدار كۈتۈۋالدىم.
بۇ خېرىدار كىيىملىرى كونىراپ كەتكەن سەككىز-توققۇز ياشلاردىكى ئوغۇل بالا ئىدى. ئۇ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ دۇكىنىمغا كىرىپ كەلدى ۋە تىرنىقىنى تاتىلاپ تۇرۇپ ئاستاغىنا:
_ تاغا، سىز سىنئالغۇچىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. مەن بېشىمنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردىدم:
_ شۇنداق، كىمنى سىنئالغۇغا ئالدۇرماقچىدىڭ؟
بالا جاۋاپ بەرمەي قىزىرىپ تۇرۇپ:
_ قانچە پۇل؟ _ دەپ سورىدى،
_ بىر سائىتى يۋەن، _ دىدىم جاۋابەن.
بالا كىچىككىنە قوللىرىنى چىقىرىپ بىر ھازا ھېسابلىغىندىن كېيىن تارتىنىپقىنا سورىدى:
_ يۋەنگە مىنۇتلۇق سىنئالغۇغا ئالدۇرسام بولامدۇ؟
ئۇنىڭ بۇگېپىدىن مەڭدەپ تۇرۇپلا قالدىم ۋە ئارقىدىن «بولمايدۇ» دىدىم سوغۇقلا.
بالا تۇيۇقسىز ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى ۋە:
_ دادام ، ئۇ... ئۇ... ئۆلۇپ كېتىدۇ، _ دىدى.
يۈرىكىم جىغ قىلىپ قالدى.
_ داداڭنى سىنئالغۇغا ئالدۇرماقچىمىدىڭ؟_ سورىدىم ئۇنىڭدىن.
بالا بېشىنى لىڭشىتتى ۋە يىغلاپ تۇرۇپ:
_ تاغا، سىزدىن خۇش بولاي، دادامنى سىنئالغۇغا ئېلىپ قويغان بولسىڭىز، ئۇ بەك ئېغىر كېسەل ئىدى، _ دىدى.
بۇرنۇم ئېچىشقاندەك بولدى. مەنمۇ مۇشۇ بالىدەك چېغىمدا دادامدىن ئايرىلىپ قالغانىدىم. ئەينى چاغدا ئائىلىمىز بەك نامرات بولغاچقا دادامدىن بىرەر پارچە خاتىرە سۈرەتمۇ قالمىغانىدى. بالىنىڭ ۋاپادارلىقى مېنى تەسىرلەندۈردى. شۇنداق قىلىپ سىنئالغۇنى دولامغا ئارتىپ بالىنىڭ ئۆيىگە كەلدىم. ئۆي ئىچىگە قاراپ تۇرۇپلا قالدىم. بۇ ئۆينى « تۆت تامدىن باشقا ھېچنىمە يوق » دەپ تەسۋرىلەشكە بولاتتى. بىردىنبىر پۇلغا يارىغۇدەك نەرسە ئىشكاپ ئۈستىدىكى تېلىۋىزوردەك قىلاتتى.
بالىنىڭ دادىسى قورايدەك ئورۇق بولۇپ، يىغىقلىق يوتقان-كۆرپىگە يۆلەنگەن ھالدا ئولتۇراتتى. سىنئالغۇنىڭ كامېراسىنى بۇ بىر جۈپ بەسىتسىز دادا-بالىغا قاراتتىم.
_ دادام گەپ قىلالمايدۇ، _ دىدى بالا كۆزلىرىدىكى ياشلىرىنى يوشۇرغاچ چېۋەرلىك بىلەن دادىسىنىڭ بەدىنىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ، _ ئۇ ئېغىر كېسەل پۇلىمىز بولمىغاچقا داۋالىتالمىدۇق.
بالىغا قاراپ ئىچ-ئىچىمدىن بىر يىغا سىرتقا تېپىپ چىقتى. شۇ تاپتا كۆز ئالدىم خىرەلىشىپ، سىنئالغۇ تۇتقان قوللىرىم تىتىرەپ كېتىۋاتاتتى. مەن بۇ كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان مىنۇتلاردىن خاتىرە قالدۇرماقچى، شۇڭا ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىشىم كېرەك.
يېشىمنى سۈرتۈۋېتىپ سىنئالغۇنىڭ كامېراسىنى قايتا ئۇلارغا توغرىلىغىنىمدا، بالا كىچىككىنە ئېغىزى بىلەن دادىسىنىڭ مەڭزىنى سۆيۈۋاتاتتى. ئۇ ھېقىقداپ تۇرۇپ:
_ ئاپام يەنە پۇل قەرز ئالغىلى كەتتى. مەن ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ... بىزگە ياردەم قولىنى سۇنۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن... دادام ياخشى ئادەم ... _ دىدى.
بالا بىلەكلىرنى كېرىپ دادىسىنى كۈچەپ قۇچاقلاپ ئۇنى سەل ئۆرە قىلىپ قويدى. ئاندىن:
_ تاغا، رەھمەت سىزگە، مىنۇت توشۇپ بولدى، _ دىدى.
لېكىن مەن توختاپ قالمىدىم. سىنئالغۇنىڭ كامېراسىنى بالىنىڭ يۈزىگە توغرىلىدىم. ئۇنىڭ چىرايى ياداڭغۇ بولسىمۇ، لېكىن كۆزلىرىدىن مېھرىبانلىق تۆكۈلۈپ تۇراتتى. مەن بالىنى مېنىڭدەك ئارماندا قالمايدىغان، قانچە يىللار ئۆتسىمۇ دادىسىنىڭ يۈزىنى كۆرەلەيدىغان قىلماقچى ئىدىم.
ئەتىسى بالا ئوپتىك دىسكىنى ئالغىلى كەلدى. ئۇ دىسكىنى ئۆرۈپ _ چۆرۈپ كۆرگەندىن كېيىن گۇمان بىلەن:
_ بىراق، بىراق بۇنى تېلېۋىزوردا قانداق قويغىلى بولىدۇ؟_ دەپ سورىدى مەندىن.
_ VCئاپپاراتى بولسا ئاندىن بولىدۇ،_ دىدىم كۈلۈپ تۇرۇپ. بالا ئازراق گاڭگىراپ قالغانىدى. ئۇ ئېھتىيات بىلەن:
_ تاغا، ماڭا ياردەم قىلىپ قويۇپ بېرەلەمسىز؟_ دەپ سورىدى.
مەن ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئۆيىدە VCئاپپاراتى يوقلىقىنى ئەسكە ئادىم -دە ئۆزۈمنىڭكىنى ئېلىپلا ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم.
تېلېۋىزوردا دادا _ بالا ئىككەيلەننىڭ سۈرتى كۆرۈنگەندە بالا ھاياجاندىن سەكرەپ كەتتى. بالىنىڭ خوشال تۇرقىغا قاراپ ئۆزۈمنىڭ ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بەرگىنىمدىن مەمنۇن بولدۇم.
بالا كارۋاتقا سەكرەپ چىقتى-دە، تېلېۋىزور ئېكرانىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
_ دادا، دادا ... قارا ، سەنمۇ تېلېۋىزورغا چىقتىڭ، _دىدى. دادا بولسا تېلېۋىزوردىكى مەنزىرىنى كۆرۈپ تەستە چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتتى.
ئارقىدىن بالا كارۋاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ، قولۇمنى چىڭ تۇتتى ۋە يىغلاپ تۇرۇپ:
_ تاغا، رەھمەت سىزگە، ئەمدى باشقىلار دادامغىمۇ پۇل ئىئانە قىلىدىغان بولدى..._دىدى.
بېشىم پىررىدە قايغاندەك بولدى. مەن شۇندىلا بالىنىڭ ھەقىقى مۇددىئاسىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.
مەنبە : شىنجاڭ ئاياللىرى
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |