چىن ئەقىدە
نۇرگۈل ھېيىت (ت)
تەقدىر ئەنە شۇنداق رەھىمسىز ،ئۇ ئىككى تال يۇمران غۈنچىنى ئېچىلىپ ئۈلگۈرمەستىىنلا توزىتىۋەتتى.تەقدىر ئەنە شۇنداق مېھرىبان ،ئۇ ھاياتتىن ئۈمىد ئۈزگەن ئىككى ئىنساننىڭ يۈرىكىگە ئۈمىد ئوتىنى قايتا تۇتاشتۇردى.
قۇياش نۇرى پارلاپ تۇرغان بىر كۈنى،دوختۇرخانا كارىدورىدا بىر يىگىت بىر قىز بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى.ئىككى چۈپ كۆز ئۇچراشقان ئاشۇ مىنۇتتا بىرجۈپ ياش يۈرەك لەرزىگە كەلدى.ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن بىر - بىرىنىڭ كەچمىشىنى كۆرگەندەك بولدى.كېسىلىنىڭ ئوخشاشلىقىدىن بولسا كېرەك، شۇ كۈنى كەچ كىرگۈچىلىك ئۇلار خۇددى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تونۇشىدىغان قەدىناس دوستلاردەك بولۇپ قېلىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن قىز بىلەن يىگىت تالاي كۈندۈز ھەم كىچىلەرنى بىللە ئۆتكۈزدى.
ئىككىيلەن ئەمدى يالغۇزلۇق ھېس قىلمايدىغان ، ئۆزلىرىنى بىچارە سەزمەيدىغان بولدى. ئاخىر بىر كۈنى قىز بىلەن يىگىت ئۆزلىرىنىڭ كېسىلىنىڭ داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدىغان باسقۇچقا يەتكەنلىكىنى بىلىشتى. ھەر ئىككىسىنى ئۆيىدىكىلىرى ئائىلىسىگە قايتۇرۇپ كەتتى.ئۇلارنىڭ كېسىلى كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتاتتى.
ئەمما قىز بىلەن يىگىت قىلىشقان ۋەدىسىنى ئۇنتۇيالمايتتى. ئۇلار ئۆز ئارا خەت يېزىشىپ كۆڭۈل بۆلۈشۈپ ، بىر-بىرىنى بەختلىك قىلىشقا پۈتۈشكەنىدى . ھەر بىر خەت ، ھەر بىر جۈملە ئۇلار ئۈچۈن چەكسىز ئىلھام بولاتتى.
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۈچ ئاي ئۆتۈپ كەتتى. بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن قىز قولىدا يىگىتنىڭ خېتىنى مەھكەم تۇتقان ھالدا كۆز يۇمدى. لەۋلىرىدە سۇس تەبەسسۇم قېتىپ قالغانىدى . ئاپىسى قىزنىڭ يېنىدا يىغلاپ ئۇلتۇرۇپ ، خەتنى ئاستا قولىغا ئالدى. دانىمۇ دانە يېزىلغان خەتتە مۇنداق دېيىلگەنىدى:
<<تەقدىر بىزنى قىينىغان ۋاقىتتا سىز ھەرگىز قورقماڭ ، چۈنكى مەن بار. سىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ، سىزنى سۆيىدىغان كىشى دائىم يېنىڭىزدا ، بىز سىزگە ياردەم بېرىمىز ، سىزنى قوغدايمىز ، سىز ھەرگىز يالغۇز ئەمەس&t;&t;.
ئانىنىڭ خەتنى تۇتۇپ تۇرغان قوللىرى تىترەيتتى ، خەت ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى . قىز ئۆلۈپ كېتىپ ئىككىنجى كۈنى ئاپىسى قىزىنىڭ ئىشكاپىدىن كونۋېرتقا سېلىنىپ ماركا چاپلانغان ، لېكىن ئەۋەتىلمىگەن بىر دۆۋە خەتنى كۆرۈپ قالدى. ئۈستىدىكى بىر پارچە خەتكە <<ئانامغا تېگىدۇ&t;&t; دەپ يېزىلغانىدى. قىزنىڭ ئانىسى خەتنى ئاچتى ، قىزنىڭ تونۇش پوچۇركىسى كۆرۈندى.
<<ئانا،سىز بۇ خەتنى كۆرگەن چېغىڭىزدا بەلكىم مەن سىزدىن ئايرىلىپ كېتىپ قېلىشىم مۇمكىن . لېكىن مېنىڭ يەنە بىر ئارزويۇم قالدى. مەن بىر يىگىت بىلەن كىشىلىك ھاياتنى ئەڭ ئاخىرقى مۇساپىسىقىچە بىللە بېسىشقا ماقۇل بولغان . بىلىمەن ، بۇ ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئامالسىزمەن . ئانا ، مەن كۆز يۇمغاندىن كېيىن سىز مېنىڭ ئورنۇمدا بۇ خەتلەرنى داۋاملىق ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ تۇرسىڭىز ، ئۇ مېنى يەنىلا ياشاۋېتىپتۇ ، دەپ قالسۇن . بۇ خەتلەرنىڭ ئۇنىڭ داۋاملىق ياشىشىغا ئاز-تولا ئىشەنچ بېغىشلىيالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن . قىزىڭىزدىن&t;&t;.
قىزنىڭ تەسلىكتە يېزىپ قالدۇرغان ۋەسىيىتىگە قاراپ ، ئانىنىڭ كۆزلىرى يەنە نەملەندى ،ئۇ ئەمدى ئۆز ھېسسىياتىنى بېسىۋېلىشقا ئامانسىز قالدى . بىر خىل كۈچ ئۇنى يىگىتنىڭ يېنىغا بىرىپ ئۇنى كۆرۈپ بېقىشقا ،ئۇنىڭغا بىر قىزنىڭ ئۇنى يەنە داۋاملىق ياشاشقا ئۈندىگەنلىكىنى دېيىشكە ئالدىرىتاتتى. ئانا خەتتىكى ئادرېس بويىچە ھېلىقى يىگىتنىڭ ئۆيىنى ئاخىرى تېپىپ كىردى- دە ، تامدىكى قارا رامكىغا ئېلىنغان ،ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ياش يىگىتنىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى. ئۇ ئىشىكنى ئاچقان ئايالغا قارىدى ، ئۇنىڭمۇ تولا ياش تۆكۈپ ، كۆزلىرىنىڭ خۇنى قالمىغانىدى.
يىگىتنىڭ ئانىسى ئېسەدەپ تۇرۇپ:
- بۇ...ئوغلۇمنىڭ قالدۇرۇپ قويغان خەتلىرى. ئۇ بىر ئاينىڭ ئالدىدا بىز بىلەن ۋىدالاشتى. ئۇ كۆز يۇمۇش ئالدىدا ماڭا ، ئۆزى بىلەن تەقدىرداش يەنە بىر قىزنىڭ ئۆزىنىڭ خېتىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان . شۇڭا مەن بىر ئايدىن بېرى ئۇ خەتلەرنى ئۈزۈلدۈرمەي ئەۋەتىپ تۇردۇم...- دېدى - دە ، ئېسەدەپ گەپ قىلالماي قالدى. بۇ چاغدا قىزنىڭ ئانىسى ئاستا كېلىپ ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ شىۋىرلىدى...
- چىن ئەقىدە ئۈچۈن...
مەنبە : شىنجاڭ ئاياللىرى
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |