ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئاجايىپ مۇھەببەت


ئاجايىپ مۇھەببەت


 

(ھېكايە)


 

 بوۋاي مومايدىن ياش ئۆپچۆرىسىدە چوڭ بولۇپ ،ئىككىسى باغچىدا تونۇشۇپ قالغان ئىدى . بوۋاينىڭ يۇمۇرىستىك ،ئوچۇق مىجەزى مومايغا بەكلا ياراپ قالدى . شۇنداق قىلىپ بۇ ياشانغان بىر جۈپلەر بىر مەھەل مۇھەببەت دېڭىزىدا ئەركىن ئۈزۈشتى.كىيىن موماي قىزى بىلەن شەھەرنىڭ شەرقىگە كۆچۈپ كەتتى. شۇندىن ئىتىبارەن ئۆيدىكى تېلىغۇن ئۇ ئىككىسى ئوتتۇرسىدىكى بىردىنبىر ئالاقىلشىش قورالى بولۇپ قالدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى ئىشنى موماينىڭ قىزى سېزىپ قالدى ۋە مومايغا بۇ ئىشقا ئۆزىنىڭ قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمدى ئىككەيلەنگە يوشۇرۇن كۆرۈشۈشتىن باشقا ئامال قالمىغان ئىدى.
 بىر كۈنى موماي توساتتىن ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى. قىزى پايپېتەك بولۇپ مومايغا ھەمرا بولدى. بىچارە بوۋاي بولسا ھەر كۈنى دوختۇرخانىنىڭ بىر بۇلۇڭىغا مۆكىنىۋېلىپ ،كېسەلخانىدا ئادەم قالمىغاندا كىرىپ مومايغا تەسەللى بەردى. ئۇلارنىڭ بۇ كۆرۇششىمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى. موماينىڭ قىزى بوۋاينى كېسەلخانىدا كۆرۇپ قېلىپ ،ئۇنى تازا تىللىدى . بۇ ئىش بوۋايغا بەكمۇ ئېغىر كەلدى . ئىككەيلەن ئويلىشىپ ئاخىرى يان تېلىغۇن ئارقىلىق ئالاقە قىلىشىشقا پۇتۇشتى ۋە بالىلىرىغا ئۆزلىرى بىلەن ئالاقىلشىشقا قولايلىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇلارغا يان تېلىغۇن ئالغۇزدى . لېكىن ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا بوۋاينىڭ ئوغلى تېلىغۇن پۇلى تۆلىگىلى بېرىپ ، تېلىغۇننىڭ يۈزدە توقسان پىرسەنتىنىڭ پەقەتلا بىرلا نومۇرغا ئۇرۇلغانلىقىنى بايقاپ ، بۇ ئىشتىن گۇمانلىنىپ بوۋاينى تازا ئەدەپلىدى. شۇندىن تارتىپ ئىككىسى بىر مەزگىل كۆرۈشمىدى . ئەمما بوۋاي موماينىڭ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرەپ قالدى . ئۇ ئويلىشىپ ئاخىرى مومايغا تېلىغۇن ئاۋازى ئارقىلىق بىر-بىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەردار بولۇش تەكلىپىنى بەردى . شۇ كۈندىن باشلاپ بۇۋاي ھەر كۈنى سائەت توققۇزدا موماينىڭ تېلىغۇنىغا بىر رەت تېلىغۇن قىلىپلا قويۋېتىدىغان بولدى ، مومايمۇ بۇۋايغا شۇنداق جاۋاپ قايتۇرىدىغان بولدى. شۇنداق قىلىپ مۇماي ھەر كۈنى كەچتە بۇۋاينىڭ تېلىغۇنىنى كۈتىدىغان ، ئەگەر بۇۋايدىن تېلىغۇن كەلمىسە ياكى كېچىكىپ كەلسە ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدى.
 يېرىم يىلدىن كېيىن بۇۋاي ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. لېكىن موماينى ئەنسىرتىپ قويماسلىق ئۈچۈن ، ھەر كۈنى موماينىڭ تېلىغۇنىغا بىر رەت تېلىغۇن ئۇرۇپ قويۇۋېتىشنى ئۇنۇتمىدى. ئۇ موماينىڭ قايتۇرۇپ ئۇرۇپ قويۇۋەتكەن تېلىغۇن نومۇرىنى كۆرسىلا خاتىرجەم بولاتتى. بىر كۈنى ئۇ ئوغلىنى چاقىرىتىپ ،ئەگەر ئالىمادىس ئۆزىگە بىرەر ئىش بولۇپ قالسا ، موماينىڭ تېلىغۇنىغا ھەر كۈنى كەچتە بىر قېتىم تېلىغۇن ئۇرۇپ قويۇۋېتىشنى ئېيتتى. بوۋاي تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى ھەر كۈنى كەچتە موماينىڭ تېلىغۇنىغا تېلىغۇن قىلىپ قويۋېتىشنى ئۇنۇتمىدى.بۇ ئىش داۋاملىشىپ ئىككى يىلدىن كېيىن بۇ ئىش موماينىڭ قىزى تەرىپىدىن بايقىلىپ قالدى. موماي بوۋاينىڭ ئۆزىدىن بۇرۇن كېتىپ قالغانلىقىنى بىلىپ ھەسرەت ئىچىدە كۆز يۇمدى.


 

<<مېكرو ھېكايىلەردىن تاللانما&t;&t;دىن تەرجىمە قىلىندى.

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203