ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئالاھىدە سالاھىيەت


ئالاھىدە سالاھىيەت


 

 ( خۇاڭباڭجەي)


 

  لياڭ باشقارما باشلىقى بۇ شەھەردىكى مۇھىم شەخس بولۇپ،  شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئىدى. ئەلۋەتتە بۇنى خېلى چوڭ مەنسەپ دېيىشكە بولاتتى. شۇڭا ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر ياكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى بولسۇن، ھەممىسى ئۇنىڭدىن ئەيمىنەتتى.
 بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن باشقارمىدىكى بىر قانچە بۆلۈم باشلىقى لياڭ باشقارما باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىدا خىزمەتلىرىدىن دوكلات بېرىۋاتاتتى. ئادەتتىكى چاغلاردا قول ئاستىدىكىلىرىنىڭ ئالدىدا گىدىيىپ يۈرۈشىدىغان بۇ بۆلۈم باشلىقلىرى ھازىر باشلىقنىڭ ئالدىدا قورۇنۇپ، كاسسىسىنى ئورۇندۇققا ئارانلا ئىلىندۈرۈپ ئەدەپ بىلەن ئولتۇرۇشقانىدى. لياڭ باشقارما باشلىقى بىر خىل سۈرلۈك سالاپەت بىلەن قول ئاستىدىكىلەرنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاۋاتاتتى.
  تۇيۇقسىز ئىشىك  ئېچىلىپ، پوزۇر كىيىنىۋالغان بىر يىگىت ئىشخانىغا ئۈسۈپلا كىردى. ئىشخانا ئىچىنى جىمجىتلىق قاپلىدى، «ئىشنىڭ يولىنى بىلمەيدىغان بۇ بىر نېمىنىڭ ئىشىكنى چەكمەيلا كىرگىنىنى قارىمامدىغان، ئەمدى باشقارما باشلىقىدىن كۆرگۈلۈكىنى كۆرىدىغان بولدى» دەپ ئويلاشتى ئولتۇرغانلار.
  ھېلىقى يىگىت ئولتۇرغانلارغا قاراپمۇ قويماستىن، ئۇدۇللا باشقارما باشلىقىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، تەكەللۇپسىزلا ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇردى، ئۇنىڭ تەلەتىدىن مۇز يېغىپ تۇراتتى.
 - نېمىدەپ ئالدىن تېلېفون بېرىۋەتمەيلا كەلدىڭ؟ ئالدىڭغا ماشىنا ئەۋەتەتتىم ئەمەسمۇ؟ - دېدى لياڭ باشقارما باشلىقى چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتكەن ھالدا.
 - قۇرۇق گېپىڭنى قوي، قېنى ئېيتە، ئىشىمنى پۈتتۈرۈپ قويدىڭمۇ - يوق؟ - دېدى ھېلىقى يىگىت ئاچچىقلانغان ھالدا.
 ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭدىن ھەيران قېلىشتى  ۋە ئۆز كۆڭلىدە: « بۇ تەنتەكنىڭ باشقارما باشلىقىغا قوپال گەپ  قىلىۋاتقىنىنى قارىمامدىغان « دەپ ئويلاشتى.
 لياڭ باشقارما باشلىقىنىڭ چىرايىدا يەنە ئاۋۋالقىدەكلا يېلىنىش ئىلكىدىكى تەبەسسۇم بار ئىدى. « ئالدىرىما ، بۇ ئىش  ئۇنداق ئاسان ھەل قىلغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس، ئاستا - ئاستا بىر گەپ بولىدۇ » دېدى ئۇ سىپايىلىك بىلەن.
 ئولتۇرغانلار ، باشقارما باشلىقىمۇ ئۇنىڭغا بۇنداق تۈزۈت بىلەن مۇئامىلە قىلغىنىغا قارىغاندا ، بۇ يىگىتنى سەل چاغلىغىلى بولمايدىكەن ، دەپ ئويلاپ قېلىشتى.
 ھېلىقى يىگىت ئاۋۋالقىدەكلا چىرايىنى ئاچماي تۇرۇپ:
 - ئىمكانقەدەر تېزرەك بېجىرىپ بەر ، ئەزمىلىك قىلما . ئەجەبمۇ تويدۇم مىس - مىسلىقىڭدىن - دېگىنىچە ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى. ئۇ ھەتتا ئولتۇرغانلارغا كۆزىنىڭ قىرىنىمۇ سېلىپ قويمىدى. باشقارما باشلىقى شۇھامان ئۇزىتىپ قويۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگەشتى.
 لياڭ باشقارما باشلىقىنىڭ ئاياغ تىۋىشى يىراقلاشقاندىن كېيىن، ئىشخانىدا ئولتۇرغانلار بايىقى يىگىتنىڭ سالاھىيىتى توغرىسىدىكى مۇلاھىزىسىنى باشلىدى:
  - بۇ شۇمتەكنىڭ يېشىنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماڭلار، ئۇ بىرەر مۇھىم ئورۇننىڭ كاتتىبېشى بولۇشى مۇمكىن، مۇشۇ يىللاردا ياش كادىرلارنى ئۆستۈرۈش، مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قويۇش تەكىتلىنىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ، - دېدى ئولتۇرغانلار ئىچىدە يېشى كىچىك ليۇ بۆلۈم باشلىقى.
 - قارىماققا يىگىرمە نەچچە ياشقا كىرگەندەك قىلىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ  ئۇنچە يۇقىرى مەرتىۋىدە بولۇشى  ناتايىن. بەلكىم ئۇ بىرەر چوڭ مەنسەپدارنىڭ بەگزادىسى بولسا كېرەك، - دېدى ئۆزى قۇۋ ، ئەمما ئىجتىمائىي ئالاقىسى كەڭ بولغان جاڭ بۆلۈم باشلىقى.
  - سىلەر مەسىلىنى بەك سىرلىقلاشتۇرۇۋەتتىڭلار، مېنىڭچە بۇ شۇمتەك لياڭ باشقارما باشلىقىنىڭ بىرەر ئاجىزلىقىنى تۇتۇۋالغان ئوخشايدۇ، - دېدى نەزەر دائىرىسى كەڭ، دىداكتىك مەزمۇندىكى كىتابلارنى ئوقۇشقا ھېرىسمەن جاۋ بۆلۈم باشلىقى.
 پاراڭ تازا قىزىۋاتقاندا لياڭ باشقارما باشلىقى روھىي چۈشكۈن ھالدا ئىشخانىغا كىرىپ كەلدى.
  - ھەي، بۇ شۇمنى قارىمامدىغان، ئورگاندىكى بىر ئوبدان خىزمىتىنى قىلماي، ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىگە بېرىپ ناخشىچى بولىمەن دەپ تۇرۇۋېلىۋاتىدۇ. قوشۇلماي دېسەم ، ئۆيدىن چىقىپ كېتىمەن دەپ تەھدىت سالىدۇ. ئامال قانچە، ئۇنىڭغا خىزمىتىنى ھەل قىلىپ بەرمەي بولمىدى - دە - دېدى ئۇھ تارتىپ باشقارما باشلىقى.
 ئولتۇرغانلار بۇنى ئاڭلاپ كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا بىر - بىرىگە مەنىلىك قارىشىپ قويدى.
 ئەسلىدە ئۇ لياڭ باشقارما باشلىقىنىڭ ئوغلى ئىدى .

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203