ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
گۈزەل ئۇقۇشماسلىق


گۈزەل ئۇقۇشماسلىق


 

 بىر موماي ئاشخانىغا كىرىپ بىر قاچا شورپا ئاپتۇ . ئۈستەلنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن  ، توساتتىنلا بولكىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقى يادىغا كەپتۇ .  ئۇ بولكىنى ئېلىپ تاماق ئۈستىلىنىڭ يېنىغا يەنە قايتىپ كەپتۇ . ئەمما ئۇنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بوپتۇكى ، ئۇنىڭ  ئورنىغا قارا تەنلىك بىر كىشى ئولتۇرىۋېلىپ ، ئۆزىنىڭ ھېلىقى شورپىسىنى ئىچىۋاتقۇدەك .
 « قارا  ،  ماۋۇ مۇتىھەمنى ، ئۇنىڭ مېنىڭ شورپامنى ئىچىۋالىدىغان ھەققى يوق ئىدى ،--دەپ ئويلاپتۇ موماي دەرغەزەپ بىلەن ،--لېكىن ، ئۇ بەك نامراتتۇ ، قورسىقى بەك ئېچىپ كەتكەندۇ ،  مېنىڭ يەنىلا ئۈندىمىگىنىم تۈزۈككەن ،  بىراق ، ئۇ شورپىنى يالغۇز ئىچىۋالسىمۇ بولمايدۇ . »
 شۇنىڭ بىلەن موماي ھېچ ئىش بولمىغان قىياپەتتە قارا تەنلىك كىشىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ قۇشۇقتىن بىرنى ئاپتۇ -دە ، گەپ -سۆز قىلمايلا شورپىنى ئىچىشكە باشلاپتۇ . شۇنداق قىلىپ ،بىر قاچا شورپىنى ئىككەيلەن بىر قوشۇق -- بىر قوشۇقتىن ئىچىۋېرىپتۇ ، بىر-بىرسىگە قارىشىپ قۇيۇپ ئۈنچىقماپتۇ .   شۇ چاغدا قارا تەنلىك كىشى بىردىنلا ئورنىدىن تۇرۇپ ، بىر تاۋاق لەغمەننى كۆتۈرۈپ كېلىپ ،موماينىڭ ئالدىغا قۇيۇپتۇ  . قارىسا لەغمەنگە ئىككى ۋېلكا سانجىقلىق تۇرغۇدەك .
ئىككەيلەن داۋاملىق غىزالىنىپتۇ . تامىقىنى يەپ بولغاندىن كېيىن ، ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ كېتىشكە ھازىرلىنىپتۇ . 
--خەير خوش ،-- دەپتۇ موماي دوستانە ھالدا .
--خەير خوش ،-- دەپتۇ نېگىر قىزغىن جاۋاپ بېرىپ . ئۇ بۈگۈن ياخشى ئىشتىن بىرنى قىلىپ ، مۇھتاجلىقتا قالغان مومايغا ياردەم بەردىم ، دەپ ئويلاپ  بەك خۇشال بوپتۇ . نېگىر كەتكەندىن كېيىن ، موماي ياندىكى تاماق ئۈستىلىدە بىر قاچا شورپا تۇرغانلىقىنى ،بۇنىڭ دەل ئۆزىنىڭ ھېلىقى بىرقاچا شورپىسى ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ .


 

 تۇرمۇش مۇشۇنداق رەڭگارەڭ ، مۇرەككەپ بۇلىدۇ . ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ئۇقۇشماسلىق ،ئارازلىق ھەتتا ئۆچمەنلىك ھەمىشە يۈز بېرىپ تۇرىدۇ .  بىر -بىرىمىزگە ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ، يول قۇيۇشساقلا ،  ئۇقۇشماسلىق ، ئۆچمەنلىكمۇ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ۋە سېغىندۇرىدىغان ئەسلىمىگە ئايلىنىدۇ .


 

«غۇپۇر قادىر تەرجىمىسى »

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203