(ھېكايە)
توختى مەھمۇد ئەلائى تەرجىمىسى
بىز شەھەردىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ ئالدىغا كەلدۇق. ئىشىكنىڭ ئالدى ئاغرىقلار بىلەن توشۇپ كەتكەنىدى. ئاغرىقلار ئالغان نومۇرى بويىچە چاقىرىلىپ، كېسەل كۆرۈش ئۆيىگە كىرىشەتتى.
ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئايال بىلەن كېسەل كۆرسىتىش قەغىزىنى كۆتۈرۈۋالغان بىر يىگىت كېسەل كۆرۈش ئۆيىگە كەينى- كەينىدىن كىرىپ، كېسەل كۆرسىتىش قەغەزلىرىنى دوختۇرغا بەردى. دوختۇر ئۇلارغا دىئاگنوز قويۇپ بولۇپ، ئۇلارنى رېنتېگىن ئۆيىگە بېرىپ رېنتېگىنغا چۈشۈپ كېلىشكە بۇيرۇدى. ئېزىق چىش مىلىكى يىرىڭلاپ قالغان ئايال ئالدىدا سۆرەتكە ئالدۇردى، ئۆپكە كېسىلى بولۇپ قالغان يىگىت ئۇنىڭدىن كېيىن ئالدۇردى. ھېلىقى ئايال دېئاگنوز قەغىزىنى دوختۇرغا بېرىپ قويۇپلا چىقىپ كەتتى.
ئۆپكە كېسىلى بولۇپ قالغان يىگىت رېنتېگىن لېنتىسىنى ئېلىپ مەخسۇس كېسەللىك دوختۇرى بۆلۈمىنىڭ ئىشىكىدە ساقلاپ تۇردى. ئۇ چاقىرىلدى. دوختۇر ئۇنىڭ رېنتېگىن لېنتىسىنى كۆڭۈل قويۇپ تەتقىق قىلىپ بولغاندىن كېيىن:
- سىزنىڭ ئېزىق چىش مىلىكىڭىز يىرىڭلاپ كېتىپتۇ، دەرھال ئوپېراتسىيە قىلىشىمىز كېرەك،- دېدى.
يىگىت ھېچنېمىنى چۈشەنمەي دوختۇرغا قاراپ تۇرۇپلا قالدى.
- دېمەكچىمەنكى، سىزنىڭ ئاستىنقى تاڭلىيىڭىزنىڭ سول تەرىپى ياللۇغلىنىپ قاپتۇ،- دېدى دوختۇر چۈشەندۈرۈپ،- دەرھال ئوپېراتسىيە قىلىش زۆرۈر.
- بىراق، مەن ئۆپكە تۇبېركۇليوزىغا گىرىپتار بولغان تۇرسام...،- دېدى يىگىت ھودۇققان ھالدا.
- ياق، ياق... ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس قاراڭ، بۇ سىزنىڭ لېنتىڭىز، دەرھال ئوپېراتسىيە بۆلۈمىگە بېرىڭ.
يىگىت لېنتىنى ئېلىپ ئوپېراتسىيە بۆلۈمىگە كىرىپ كەتتى.
ئوتتۇرا ياشلىق ئايالنىڭ يۈزى خۇددى كۆپتۈرۈلگەن شاردەك ئىششىپ كەتكەنىدى، ئۇ ئېڭىكىنى قول ياغلىق ۋە داكا بىلەن تېڭىۋالغان ھالدا مەخسۇس كېسەللىك دوختۇرىنىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتى. دوختۇر ئۇنىڭ لېنتىسىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن:
- خانىم، سىز ساناتورىيىگە بارسىڭىز بولغىدەك،- دېدى.
ئايالنىڭ چىشى ئاغرىپ كەتكەنلىكتىن، سۆزلىگەندە ئاۋازى تىترەپ چىقاتتى:
- ياق، دوختۇر
- باشقا ئامال يوق،- دېدى دوختۇر،- سىزنىڭ ئۆپكىڭىز ساپ ھاۋادىن كۆپرەك نەپەسلىنىشى ، شۇنىڭ بىلەن بىللە سترېپتومىتسىن بىلەن داۋالىنىشىڭىز كېرەك.
ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان يىگىتنىڭ ئۈچ تال ئېزىق چىشى تارتىۋېتىلدى، تاڭلاي سۆڭىكىمۇ سۇندى. ھازىر ئۇ باشقا بىر دوختۇرنىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتى. دوختۇر يىگىتنىڭ يېڭى تارتىلغان رېنتېگىن لېنتىسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ:
- سىز ئاستا خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغى بولۇپ قاپسىز،- دېدى.
- دوختۇر، مېنىڭ ئۆپكەم...
- ياق... ئۆزىڭىزنى ئالدىماڭ. ئەگەر سىز مەن بەرگەن دورىنى ئىچمىسىڭىز، يۈرەك كېڭىيىپ كېتىش كېسىلى بولۇپ قېلىشىڭىز مۈمكىن.
دوختۇرخانىنىڭ كونا قائىدە-تەرتىپلىرى سەۋەبىدىن، ھېلىقى ئوتتۇرا ياشلىق ئايال يەنە باشقا بىر كىشىنىڭ رېنتېگىن لېنتىسىنى ئېلىپ، بۇ دوختۇرخانىدىكى باشقا بىر دوختۇرنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇنىڭ يۈزى كىشىنىڭ قورققىسى كەلگىدەك ئىششىپ كەتكەن بولۇپ، كۆزىنىمۇ ئاچالماي قالغانىدى. دوختۇر ئۇنىڭ لېنتىسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ:
- خانىم، سىز دەرھال تاشقى كېسەل ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇشىڭىز كېرەك،- دېدى.
- ياق، دوختۇر، مېنىڭ يۈزۈم، يۈزۈم (ئايال يىغلاپ نالە قىلاتتى)، مېنىڭ يۈزۈم ...
- سىز ھەددىدىن ئارتۇق قانسىراپ كېتىپسىز.
ئەسلىدە دوختۇر ئۇنى سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى بولۇپ قاپسىز، دېگەنىكەن. ئۇ نالە- پەرىياد قىلدى، يىغلىدى، ئاخىرى يەنە ئوپېراتسىيە ئۈستىلىگە چىقىپ ياتتى. يىگىت ئېڭىكىنى بىنت بىلەن تېڭىۋالغانىدى. بوغۇم ياللۇغىنىڭ دورىسىنى يېگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدا يامان خاراكتېرلىق ئەكس تەسىر پەيدا بولدى، ئۆپكە كېسىلى ئۈچىنچى باسقۇچقا كىرىپ، قان تۈكۈرىدىغان بولۇپ قالدى. ھازىر ئۇ يەنە ئاشۇ دوختۇرخانىدىكى باشقا بىر دوختۇرنىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتى.
بۇ قېتىم ئۇ سۈيدۈك ۋە قان تەكشۈرۈش قەغىزىنى ئالدى، بىراق دوختۇر ئۇنىڭ تەكشۈرۈش قەغىزى بىلەن باشقىلارنىڭكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئاستىن- ئۈستۈن قىلىۋەتكەنىدى. دوختۇر ئۇنىڭ تەكشۈرۈش قەغىزىنى كۆرۈپ ھەيران قېلىپ دېدى:
- سىز قانداقمۇ ئۆرە تۇرۇۋاتقانسىز، مەن ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قېلىۋاتىمەن
ئۆپكە كېسىلى بولۇپ قالغان يىگىت تاڭلاي سۆڭىكى ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغاندىن كېيىن گومۇش بولۇپ قالدى؛ بوغۇم ياللۇغى دورىسىنى يېگەندىن كېيىن چىرايى تاتىرىپ كەتتى.
- مەنمۇ ئەجەبلىنىۋاتىمەن- دېدى ئۇ.
- سىزنىڭ دوۋسىقىڭىز-- يەنى سۈيدۈك پۈۋەكچىسى ۋە بۆرىكىڭىزگە تاش توشۇپ كېتىپتۇ. دەرھال ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇڭ.
- ھە؟ ...
- قالايمىقان ۋارقىرىماڭ، ھەممە ئاغرىقلار مۇشۇنداق، ئۆزىنىڭ ھاياتى بىلەن قىلچە كارى بولمايدۇ.
يىگىت ئاقسىغان ھالدا ھەسرەت بىلەن ئوپېراتسىيە بۆلۈمىگە ماڭدى.
ئوتتۇرا ياشلىق ئايال سوقۇر ئۈچەي ئوپېراتسىيىسى قىلدۇردى، ئۇنىڭ يۈزى يەنىلا ئىششىق ئىدى. ئۆپكىسىگە كۈچلۈك ھاۋا ئۇرۇلغانلىقتىن ئىنتايىن تەستە نەپەس ئالاتتى. ئۇ يەنە باشقا بىرىنىڭ رېنتېگىن لېنتىسىنى تۇتقان ھالدا دوختۇرنىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتى.
- تېزدىن فىزىكىلىق داۋالىمىساق بولمايدۇ،- دېدى دوختۇر.
- شۇنداق قىلىڭ، دوختۇر...،- دېدى ئايال بېشىنى تۆۋەن قىلىپ.
-پۇتىڭىزنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرمىسىڭىز، ھاياتىڭىزنى ساقلاپ قېلىش تەس.
ئايال نالە قىلغىنىچە ئوپېراتسىيە ئۈستىلىدە ياتتى.
بىز دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلدۇق. داۋالانغان نۇرغۇن ئاغرىقلار- گاس، قارىغۇ، ماخاۋ، توكۇر دېگەندەك مەجرۇھلار داۋالىنىشنى كۈتۈپ تۇرۇشقانىدى. بىز ئۆپكە كېسىلى بولۇپ قالغان ھېلىقى يىگىتنىڭ ئاللىقاچان نەپەستىن قالغانلىقىنى كۆردۇق. ئۇ جىرغىدا ياتاتتى، ئىككى سېسترا ئۇنى كۆتۈرۈپ ئىچكىرىگە ئەكىرىپ كەتتى. ئاق خالات كىيگەن دوختۇر يېشىل ئەدىيال سېلىنغان ئۈستەلنى ئايلانغاچ بۇ يىگىتنىڭ كېسەللىك تارىخى دوكلاتىنى كۆرمەكتە ئىدى:
«بىمار دەسلەپ ماتكا ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇپ، تۇغۇش ئىقتىدارىدىن قالغان. كېيىن قايتا ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئۈچ بالا تۇغقان. داۋالاش شارائىتى چەكلىك بولغانلىقتىن، بوۋاقلار ... ئالاھىدە دوكلات قىلىندى.»
جىرغىدا ياتقان يىگىت سىرتقا ئېلىپ چىقىلدى. ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكى تىببىي جەھەتتىن ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، مېيىت پراكتىكانتلارنىڭ ئاناتومىيە تەجرىبىسى ئىشلىشى ئۈچۈن تەستىقلاپ بېرىلدى.
چىرايى تامدەك تاتىرىپ كەتكەن ئوتتۇرا ياشلىق ئايالنىڭ بىر پۇتى كېسىۋېتىلگەنىدى، ئۇ ھاسىغا تايىنىپ داۋالاش كومىتېتىغا كەلدى. بىر دوختۇر ئۇنىڭ كېسەللىك تارىخى دوكلاتىنى ئوقىدى:
«ئۈسكۈنىلىرى مۇكەممەل بولغان دوختۇرخانىمىزنىڭ دىئاگنوز قويۇشى ئارقىلىق، بۇ بىمارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ پۈتۈنلەي نورمال ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. ئۇ ھەربىي خىزمەت ئۆتەشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈنلا كېسەل قىياپىتىگە كىرىۋالغان. ئالاھىدە دوكلات قىلىندى.»
بىر پۇتى بىلەن ئارانلا ئۆرە تۇرۇۋاتقان ئوتتۇرا ياشلىق ئايال شۇئان يەرگە يىقىلدى.
( خەنزۇچە «دۇنيا كىلاسسىك مىكرو ھېكايىلىرىدىن تاللانمىلار» ناملىق كىتابنىڭ - تومىدىن تەرجىمە قىلىندى)
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |