ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
مۇھەببەت ھىكايىسى


مۇھەببەت ھىكايىسى


 

 ئارجۇن ئەتىگەندە رادىئونىڭ سائەت دىكى خەۋەرلەر پروگراممىسى باشلىنىش بىلەن ئۇيقۇدىن ئويغاندى. ئۇ يېنىدىكى ياستۇقىنى سىلاپ،خوتۇنىنىڭ كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئاندىن ئېسىگە ئالدى . مارلونى شۇ تاپتا ئورلاندودا ، ئۇ سەھەرلا ئورنىدىن تۇرغانىدى ، بىراق ئېرىنىڭ ئۇيقۇسىغا دەخلى قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن ،سائەت دە ئۆيگە تېلېفون قىلماقچى بولدى ، چۈنكى بۈگۈن ئېرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى . ئۇلار توي قىلغىلى يىل بولغان ، ئۇ بۇنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويغىنى يوق .مارلوبى ئېرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە يېنىدا بولالمىغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندى .تەلىيىگە ئۇ بۈگۈن كەچتە ئۆيگە قايتىدىغان بولۇپ قالدى . تېلېفون جىرىڭلىدى . ئارجۇن تۇرۇپكىنى قولىغا ئالدى .
 - تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن ... - قارشى تەرەپتىن تۇغۇلغان كۈن ناخشىسى ئاڭلاندى .
 - رەھمەت سىزگە سۆيۈملۇكۈم ، ئۆزىڭىزچۇ ، ياخشىمۇ؟ قاچان قايتىسىز؟ - ئارجۇن كەينى-كەينىدىن سوراپ كەتتى.
 - ھەئە ، ياخشى . مەن كەچ سائەت دىن نىڭ ئايروپىلانىدا قايتىمەن ، سائەت گىچە ئۆيگە يىتىپ بېرىپ بولىمەن . دورىخانىغا تېلېفون قىلىپ دورىڭىزنى ئەكەلدۈرۋىلىڭ ،دورىڭىز ئەتە تۈگەيدۇ . يەنە بىر ئىش ، كىيىم يۇيۇش ئورنىغا كىرىپ ، يۇدۇرۇشقا بېرىپ قويغان كىيىملەرنى ئاچىقىۋېلىڭ . ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن ئىككىمىز بىرگە سىرتقا چىقىپ تاماق يەيمىز .
  - ھە ، بەك ياخشى بولدى ، - دېدى ئارجون ، - چاندېر كوچىسىدىكى يېڭىدىن ئېچىلغان برازىلىيە تاماقخانىسىغا بارغۇم بار ئىدى ، ئۇ يەرنىڭ تاماقلىرى بەك تەملىك ئىكەن ،
ئەمىسە بۈگۈنلا شۇ يەرگە بارايلى ، - ئۇلار بىر پەس تاغدىن-باغدىن پاراڭلىشىپ تۇرۇپكىنى قۇيۇشتى .  مارلوبى ئاخىرىدا ئېرىگە دورىنى ۋاقتىدا ئىچىشنى تاپىلىدى . چۈنكى ، ئۇ ئېرىنى تېخىچە ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمايدۇ دەپ قارايتتى .
بۈگۈن ئارجوننىڭ ياشقا تولغان كۈنى ، ئۇ دائىم : «پېنسىيىگە چىققاندىن كىيىن مارلوبى ئىككىمىز قىلىدىغان ئىشىلىرىمىزنى قىلالايمىز-ساياھەتكە چىقىمىز ، كىتاپ يازىمىز » دەپ ئويلايتتى .
ئارجون  ئورنىدىن تۇرۇپ ، چىشىنى چوتكىلاپ ، يېڭى بىر كۈننى باشلىۋەتتى .كۈندىكىدەك ناشتا قىلىپ بولغاندىن كىيىن دورىلىرىنى ئىچتى ، ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلى ھەر ۋاقىت قوزغىلىپ قېلىش ئېھتىمالى بار ئىدى . دوختۇر ئۇنىڭغا يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرۇشنى ، قانچە بالدۇر قىلدۇرسا شۇنچە ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى . ئۇنىڭ يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرۇشقا تىزىملىتىپ قويغىنىغا ئىككى يىل بولغانىدى . ئارجوننىڭ كېسىلى -دەرىجىلىك بولغاچقا ، ئۆيدە ئارام ئالسا بولاتتى ، بىراق ئۇ ھەر كۈنى چاقىرغۇسىنى يېنىدىن ئايرىماسلىقى كېرەك ئىدى ، چۈنكى يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرۇش نۆۋىتى ئۇنىڭغا كەلگەنىدى.
 بۇنىڭدىن ئۇزۇن يىل ئىلگىرى ئۇلارنىڭ يېقىن دوستى بۆرەك ئاجىزلىشىش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەندە ، ئارجون بىلەن مارلوبى ئۆزلىرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن ئىچكى ئەزالىرىنى ئىئانە قىلىشقا تىزىملىتىپ قويغانىدى . ئارجون ئەمدىلا سىرتقا چىقماقچى بولغاندا ، قىزى سىكا تېلېفون قىلىپ ، ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى.
 قىزى سان فرانسىسكو ئۇنىۋىرستىتىدا دوختۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇۋاتاتتى ، ئارجون قىزىدىن پەخىرلىنەتتى . تۇغۇلغان كۈنىدە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تەبرىك سۆزلىرىدىن كۆڭلى ياخشىلىنىپ قالغاچقىمۇ ، ئارجون ئەتىگەندە سىرتنى خوشال ئايلىنىپ كەلدى . چۈشتىن كىيىن بىر سېستىرا تېلېفون قىلىپ ، يۈرەك تەغدىم قىلغۇچىنىڭ چىققانلىقى ، بۈگۈن كەچتە يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپراتسىيىسى قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيىتتى.
ئۇ ئۆزىگە يۈرەكنىڭ يولدا ئېلىپ كېلىنىۋاتقانلىقىنى ، ئۇنىڭ دەرھال دوختۇرخانىغا كېلىپ ، رەسمىيەت ئۆتىشىنى ئېيىتتى . ئارجون دەرھال خوتۇنىغا تېلېفون قىلدى .
خوتۇنىنىڭ تېلېفونى ئېتىك ، بەلكىم يولدا كېلىۋاتغان بولسا كېرەك . شۇنىڭ بىلەن ئۇ خوتۇنىغا خەت قالدۇرۇپ قويدى : «مارلوبى ، ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن ، مەن ئەڭ ياخشى تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتىغا ئېرىشتىم . دوختۇرلار بىر يۈرەك چىققانلىقىنى ھەمدە دەرھال كېلىپ ئوپراتسىيە قىلىشىمنى ئېيتتى. كەچتە بىرگە تاماق يەيدىغان ئىشنى ۋاقتىنچە توختىتىدىغان بولدۇق ، كىيىن بىر كۈنى يەمىز ، دوختۇرخانىدا كۆرۈشەيلى. »  . ئارقىدىن ، ئارجون ئەڭ يېقىن ئاغىنىسى شامىغا تېلېفون قىلدى ، شامى خىزمىتىن تاشلاپ ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە دوختۇرخانىغا باردى . ئارجون دوختۇرخانىغا كەلگەندىن كىيىن ، دوختۇرلار ئوپراتسىيە تەييارلىقىغا كىرىشىپ كەتتى ، ئۇلار يۈرەكنىڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنىشىنى كۈتۈپ تۇرۇشتى . ئارجوننىڭ يۈرەك كۆچۈرۈش  ئوپراتسىيىسى قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئاغىنىلىرى دەرھال دوختۇرخانىغا يېتىپ كىلىشتى . شامى ئايرودرومغا مارلوبىنى ئېلىشقا كەتكەنىدى . قىزى ئەتە ئەتىگەندە كېلەتتى. كەچ سائەت دىن مىنۇت ئۆتكەندە ، سېستىرا يۈرەكنىڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيىتتى . ئوپىراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولدى . ئەڭ مۆجىزىلىك ئىش شۇ بولدىكى ، ئۇنىڭ بەدىنى يېڭى يۈرۈكنى يەكلىمىگەنىدى . ناركوز قايتىپ ، ئارجون ئاستا - ئاستا ھوشىغا كېلىشكە باشلىدى . ئۇ كۆزىنى ئېچىپ ، ئاغىزىنىڭ قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى .
سېستىرا ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ، نېمە لازىملىقىنى سورىدى.
 - سۇ ...ئايالىم... - دېدى ئۇ ناھايتتى تەستە . سېستىرا ئۇنىڭغا مۇز سۈيى ئەكېلىپ بەردى ھەم شامنى چاقىردى. ئارجون شامىغا سوئال نەزىرىدە قاراپ سورىدى:
 - مارلوبى قېنى؟
 - ئۇ ھازىرلا كېلىدۇ ، سەن ئوبدان ئارام ئال ، دوختۇرلار ئوپراتسىيىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىن ئېيىتتى. سېنى تەبرىكلەيمەن ، - دېدى شامى.
ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئارجون ئۆيگە قايتىپ چىقتى . ئوپراتسىيىدىن كېيىن سالامەتلىكى تېزلا ئەسلىگە كەلدى ، بىراق ئۇنىڭ ئىچى تولىمۇ سىقىلدى .خوتۇنى مارلوبى يوق ، ئۆي ئىچى چۆلدەرەپ قالغانىدى . مارلوبى شۇ كەتكەنچە قايتىپ كەلمىدى ، بىراق ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ بىر قىسمى قايتىپ كەلگەنىدى .
 مارلوبى ئۆيگە قايتماقچى بولۇپ ، ئايرودرومغا كېتىۋاتقاندا ، ئۇ ئولتۇرغان ماشىنا ئالدىدىن ئۇچقاندەك كېلىۋاتقان ماشىنىغا سوقۇلغان ، ئۇ دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنىپ ، جىددىي قۇتقۇزۇلغان بولسىمۇ ، ئامال بولمىغان . ئۇنىڭ چوڭ مىڭىسى پۈتۈنلەي زەخمىلەنگەنىدى . دوختۇرخانا ئۇنىڭ ئەزا تەغدىم قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ ، ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىپ قالدى . يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپىراىتسىيە نۆۋىتى ئارجونغا كەلگەنىدى . ئۆلگۈچىنىڭ قان تىپى ئارجوننىڭكىگە ماس كەلگەچكە ، ئۇنىڭ يۈرىكى ئارجونغا سېلىنغانىدى . ئارجۇن بۇ ئەھۋاللارنى بىلگەندىن كېيىن ئىنتايىن ئۈمۈدسىزلەندى . ئۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ دېرىزە سىرتىغا قاراپ ، ئۆزلىرىنىڭ يىل ئاۋۋال كالكۇتتا ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىنى ئېسىگە ئالدى .  ئۇلار مۇھەببەتلىشىشكە باشلىغاندا ، ئارجۇننىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە توغرا كەلگەنىدى .
 - تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە نېمە سوۋغا قىلاي؟ - دەپ سورىدى مارلوبى .
 - يۈرۈكىڭىزنى ، - دەپ جاۋاب بەردى ئارجون .
مارلوبى بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ، خىجىل بولغىنىدىن بېشىنى تۆۋەن سېلىپ كۈلۈمسىرەپ ئولتۇرغانىدى .  ئۇنىڭ بۇ ھالىتى نېمىدىگەن گۈزەل ، نېمىدىگەن ئوماق- ھە
 بۇلارنى ئويلاپ ، ئارجوننىڭ كۆز يېشى ئىختىيارسىز تاراملىدى .


 

مەنبە :«تەرمىلەر» ژورنىلى

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203