مەن نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان بولدۇم ؟
سىرلاۋدېر برونتون ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ، ئەنگىلىيىدە مەشھۇر دۆلەت ئەربابى بولغان ۋە ئەدەبىي ماھارىتى بىلەن شۆھرەت قازانغان بىر ئېنگلىز ئالىمىدۇر . تۆۋەندە ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى توغرىلىق قىسسىسى بېرىلىدۇ :
مېنىڭ قانداق قىلىپ مۇسۇلمان بولغانلىقىم توغرىسىدا ھېكايە قىلىشىم ئۈچۈن بۇ پۇرسەتنىڭ بېرىلگەنلىكىگە ناھايىتى خوشالمەن .
مەن خىرىستىان ئائىلىسىدە ئۆسۈپ يېتىلدىم . كىچىكىمدىن باشلاپلا خىرىستىئان دىنىنىڭ تەلىماتلىرىنى ئوقۇشقا ۋە ئۈگىنىشكە كىرىشتىم . ئىنگلىز چىركوۋلىرىغا باغلاندىم ، خىرىستىئان دىنىغا دەۋەت قىلىش ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىپ كەلدىم . بىرقانچە يىلدىن بېرى ئۆزگەرگەن خىرىستىئان دىنىنىڭ تۈپ ئاساسى بولغان « ئىسانى ئاللاھنىڭ ئوغلى ۋە ئۇ ئۆزىنى ئىنسانىيەتنىڭ خاتالىقلىرىنى يۇيۇش ئۈچۈن پىدا قىلغان دەپ ئېتىقاد قىلىدىغانلاردىن باشقا پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئاخىرەتتە مەڭگۈلۈك ئازاپقا دۇچار بولىدۇ» دەيدىغان ئەقىسىدىگە ھەيرانلىقىم بىلەن قارايتتىم ، توغرىسى بۇ ئەقىدىگە شەك قىلاتتىم . شۇنداق تەسەۋۋۇرلارنى قىلاتتىمكى ، ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ئۆز قۇدرىتى بىلەن ياراتقان ۋە ئۇلارنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى ئالدىن بۇرۇن بىلىدىغان بىر كاتتا ئىلاھ تۇرۇپ ، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆز ئوغلى ئىسانى قۇربان قىلماستىنمۇ كەچۈرۈم قىلالمامدۇ؟ ئىسانىڭ ئۆلىمى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنغان بولسا ، نېمە ئۈچۈن ئىسانى ئاللاھ تائالانىڭ ئوغلى دەپ ئېتىقاد قىلمىغانلارنىڭ ھەممىسى ئاخىرەتتە مەڭگۈلۈك ئازاپقا قالىدۇ دېيىلىدۇ؟ بۇ ئاشكارە زىتلىق ئەمەسمۇ؟ ئەگەر ئىلاھ خىرىستىئانلار تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ئىلاھ بولىدىغان بولسا ، ئۇ ئادالەتلىك ئىلاھ ئەمەس ، ئۇ بەندىلىرىگە شەپقەتلىك ئىلاھ ئەمەس ، ئۇ ئادەتتىكى ئىنسانلاردىنمۇ ئەقىلسىز ئىلاھتۇر . شۇنداق تەسەۋۋۇرلاردا بولساممۇ ، لېكىن ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىغا بولغان ئەقىدەم چىن ئېدى . ئەمما خىرىستىئان دىنىنىڭ ئۈچنى بىر گەۋدە قىلىش ( يەنى ئاللاھ تائالا ، ئىسا ، مۇقەددەس روھ ئۈچى بىر ئىلاھتۇر دېيىش ) ئېتىقادىنى قوبۇل قىلمىدىم . بۇ ھەقتە دىنلار تارىخىدىن ۋە دىنلار تەتقىقاتىدىن كۆپلىگەن ماتېرىئاللارنى ئوقۇدۇم . بۇلاردىنمۇ قانائەت ھاسىل قىلالمىدىم . مەن ئاللاھ تائالانىڭ ھەقىقى توغرا دىنىنى بىلىش ئۈچۈن قاتتىق بەل باغلاپ ، چىن ئىرادە تىكلىدىم . كىشىلەر خىرىستىئان دىنىنىڭ ئېتىقادلىرى ئىنجىلغا يۆلىنىدۇ ، دېيىشىدۇ . لېكىن مەن بۇ ئىنجىللارنى قايتا- قايتا ئوقۇدۇم . ئاخىرى بۇ ئىنجىللارنىڭ ھېچبىرىگە ئىشەنچ قىلالمىدىم . ئىساغا ئاللاھ تائالادىن كەلگەن بىرلا ئىنجىل بار دەپ ئاڭلايمىز ، لېكىن ھازىر خىرىستىئانلارنىڭ قولىدا ئىنجىل مەتتا ، ئىنجىل لوقا ، ئىنجىل ماركۇس ۋە ئىنجىل يۇھەننا دەپ تۆت ئىنجىل بار . ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر- بىرىگە زىت كىتابلار ، ئىسانىڭ ئىنجىلى قايسى؟ ئۇنى كىم بىلىدۇ؟ خىرىستىئانلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىنجىلنى ئۆزگەرتىپ بۇزغاندىن كېيىن خىرىستىئان پوپلىرى تەرىپىدىن بۇ تۆت ئىنجىل يېزىلغان . بۇ ئىنجىللارنىڭ ھېچبىرى ئاللاھ تائالانىڭ ياكى ئىسانىڭ سۆزى ئەمەس . بەلكى بۇلار بۇ ئىنجىللار مەنسۇپ قىلىنغان مەتتا، لوقا، ماركۇس ، يۇھەننا دېگەن ئادەملەرنىڭ كىتابلىرىدۇر . بۇ ئادەملەر ئىسانىڭ ئۆلۈمىدىن بىر قانچە ئەسىر كېيىن دۇنياغا كەلگەن ئادەملەردۇر . شۇڭا بۇ ئىنجىللارنىڭ ھېچبىرى ئەسلى ئىنجىل بولۇشقا ئەرزىمەيدۇ ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيدۇرما ئىنجىللاردۇر . مەن ئىنجىللارنى ئوقۇپ ، ئۆزەمگە قانائەت ھاسىل قىلالمىغاندىن كېيىن ، باشقا دىنلار ھەققىدە تەتقىق قىلىشقا باشلىدىم . كۆڭلۈمدە « ھەقىقىي ئىلاھ بار بولىدىغان بولسا ، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى خالىسا تەۋبىسىز ، خالىسا تەۋبىسى بىلەن ئەپۇ قىلىدىغان رەھىم - شەپقەتلىك ، ئېسىل ئىلاھ بولىدۇ» دەپ ھېس قىلدىم . بۇ ھەقتە چوقۇم بىر نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىزدىنىشكە ۋە تەتقىق قىلىشقا باشلىدىم . پۈتۈن ۋاقتىمنى سەرپ قىلىپ ، ئىسلام دىنى توغرىلىق ئىزدىنىشكە باشلىدىم . ئىسلام دىنىدا مەن ئىزدىگەن ۋە ئارزۇ قىلغان ھەقىقەتلەرنىڭ ھەممىسىنى تاپتىم ، كۆڭلۈم راھەتلەندى ، ئاللاھ تائالانىڭ ئوغلى يوقلىقىنى ، ئاللاھ تائالانىڭ شىرىكسىز يالغۇز بىر ئىلاھ ئىكەنلىكىنى بۇ دىندا تونۇدۇم . ئۇنىڭ بەندىلىرىگە ناھايتى شەپقەتلىك ، مېھرىبان ئىكەنلىكىنى ۋە بەندىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى خالىسا تەۋبىسىز ، خالىسا تەۋبىسى بىلەن كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى بىلدىم . ئاندىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تارىخىنى ئۈگىنىشكە كىرىشتىم ، بۇ زاتنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئىككى دۇنيالىق بەخت - سائادەتلىرى ئۈچۈن كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىدىن ئازراق بىر قىسمىنى ئۈگىنىپلا شۇنداق قانائەتلەندىمكى ، خىرىستىئانلارنىڭ ھەممىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قارشى چىقىشقا ۋە ئۇنى ئېتراپ قىلماسلىقتا قارغۇلارچە دىنىي تەئەسسۇبلۇقى بىلەن تۇرغانلىقىنى ھېس قىلدىم . ئاندىن كېيىن ئىسلام دىنىنى ئىزدىنىپ ئۈگەندىم . كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كەلگەن بۇ دىننىڭ ھەقلىقىدە ھېچقانداق شەك - شۈبھە يوق ئىكەنلىكىنى بىلدىم ۋە دۇنيادا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىنكار قىلىشتىن ئېغىر چوڭ گۇناھ بولمايدىغانلىقىنى بىلدىم . چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇتقا چوقۇنىدىغان ، بىر -بىرىنى ئۆلتۈرىشىدىغان ، قىز تۇغۇلغان بالىلىرىنى تىرىك كۆمۈدىغان ، مەدەنىيەت،ئەخلاق ۋە ئىلىمدىن ھېچنەرسە بىلمەيدىغان ، قالاق ۋە جاھىل ئەرەبلەرنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇلارنىڭ ھاياتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتتى . پۈتۈن دۇنياغا ئادالەت ، راستچىللىق ، ھەقىقەتپەرۋەرلىك ، رەھىم-شەپقەت ، ئىلىم-مەرىپەت ، ئەدەپ - ئەخلاقنىڭ ئۇرۇغىنى چاچتى . مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانلار جەمئىيىتىگە كۆرسەتكەن ئۇلۇغۋار خىزمەتلىرىنى ساناپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس . شۇنداق بىر ياخشى زاتنىڭ شەنىگە خىرىستىئانلارنىڭ داغ قوندۇرماقچى بولۇشلىرى ھەقسىزلىك ئەمەسمۇ؟ مەن شۇنداق ئوي-پىكىر ۋە خىياللاردا بولغان بىر كۈنى مېنى ھىندىستانلىق بىر دوستۇم ميان ئەمرىدىن زىيارەت قىلىشقا كەلدى . ئۇنىڭ بىلەن خىرىستىئان ۋە ئىسلام دىنلىرى توغرىلىق ئوچۇق بىر مۇنازىرە ئېلىپ باردۇق . ئاخىرىدا مەن ھەقىقىي مەنىدە چىن مۇسۇلمان بولۇپ ، ئۆزەمنى ئېلان قىلدىم . چۈنكى ئىسلام دىنى ھەقىقەت ، راستچىللىق ، ئوڭايلىق ، مۇھەببەت ۋە قېرىنداشلىق دىنى ئىكەن . بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىمنى ئىسلام دىنىغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن بېغىشلايدىغانلىقمغا قەسەم بېرىمەن.
مەنبە : ئىسلام ئاۋازى تور بېتى
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |