ئەمدى ئاق چەكمەيمەن
(ھېكايە)
(تور ئەسىرى)
(ئاپتورى : قاشتېشى ئۇيغۇر مۇنبىرىدىكى گۈلزىبا )
نىمىشقا بۇ ئىشلارنى ,قاباھەتلىك چۈشكە ئوخشايدىغان ئاشۇ كۈنلەرنى ئەسلەپ ئولتۇرۇپ قەلەم تەۋرىتىدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن...بەلكىم بىھۇدە ساددىلىق ۋە بىخۇدلۇقتىن كىلىپ چىققان پاجىئەرىمنىڭ باشقىلارغا ئىبرەت بۇلۇپ قېلىشىنى ،بەلكىم كۆز ياش بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاشۇ كۈنلەرنى ئەستىلىك قىلىپ قۇيۇشنى ۋە بەلكىم ئاشۇ قارا كۈنلەردىن قۇتۇلۇپ چىقىشىمغا ياردەم قۇلىنى سۇنغان پەرىشتە سۈپەت كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىشنى ئويلىغاندىمەن ... مەيلى نىمىلا بولمىسۇن ، قۇلۇمغا قەلەم ئالدىم ...
ئالىي مەكتەپنىڭ _يىللىقىغا يېڭىلا قەدەم باسقان ۋاقتىم ...كۈنلىرىم دەرىس ۋە دەرىستىن سىرتقى خىزمىتىم بىلەن ئالدىراشلا ئۈتەتتى ، كىچىكىمدىن كىتاپ ئۇقۇشقا ئامراق ئىدىم ، كىتاپلاردىكى قەھرىمانلارغا ، باش پىرسۇناژلارغا چۇقۇناتتىم ،مەيلى ئۆگىنىش ياكى تۇرمۇشتا ئۈزۈمگە تەلەپنى قاتتىق قۇياتتىم ، ئۈزۈمنى ئەتراپىمدىكىلەردىن غەيرەتلىك ، تىرىشچان سىزەتتىم ، شۇڭا ئۇقۇۋاتقىنىمغا قارىماي خىزمەت قىلدىم .ئەمما ئويلىماپتىمەن ، ئاشۇ سەۋەپ بىلەن نەچچە ئايدا نەچچە يىللىق ھايات كەچۈرمىشلىرىنى باشتىن كەچۈرىشىمنى... ...
ھەممە ئىشنىڭ باشلىنىشى بولغان ئاشۇ كۈن ھېلىمۇ تۈنۈگۈنكىدەك يادىمدا
دەرىستىن چۈشۈپ ياتاققا ماڭغانىدىم ، بىزگە چەتئەل ئەدەبىياتىدىن دەرىس بىرىدىغان بىر ئۇقۇتقۇچى بۇلىدىغان ، چىرايلىق بىر قىز بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرۇپتۇ ، مەن ئۇلارغا يېقىنلاشقاندا قىز ئالدىراشلا كىتىپ قالدى ، مەن ئۇقۇتقۇچۇم بىلەن كۈرۈشتۇم.
__باياقى مىنىڭ قىزىم ، ماڭا ئوخشامدىكەن؟.__دەپ سوراپ قالدى ئۇ .
__بەك چىرايلىقكەن ، شۇغىنىسى ئوخشىمايدىكەن ،__دىدىم مەنمۇ ھەييارلىق بىلەن ...
__سەن دىمەكچى مەن چىرايلىق ئەمەس...ھى ھى ھى ...مەن شىنجاڭلىقلارنىڭ مۇشۇنداق ئۆز سۆزلۈكلىكىنى ياخشى كۈرىمەن ، لىكىن مەن ياشىنىپ قالدىم ، ياشلىقىمدا ئۇنىڭدىنمۇ چىرايلىق ئىدىم...
__ئالىي مەكتەپتە ئۇقامدۇ ؟
__ياق ، ئۇنىڭ تىنى ئاجىز ، ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇتمىدۇق ، لىكىن ئۆزى تىرىشچان ، ھازىر شىركەت ئاچتى ، تېخى يېقىندىلا ئىش باشلىدى ، جىددى خىزمەتچى قۇبۇل قىلىۋاتىدۇ ...ئۇ ئالدىراش ھازىر...
__نىمە شىركەت؟
_ئۆي-مۈلۈك شىركىتى...
__ئۇ قۇبۇل قىلىدىغان خىزمەتچى نىمە ئىش قىلىدۇ ؟
__ئۇ يەردە سائەت خىزمەت تۈزىمى بار ، كېچىلىك كۈندۈزلۈك دەپ ئىشلەيدۇ ، ئاساسلىقى ئەزالىق كارتىسى بېجىرىدۇ ، قالغىنىنى كومپىيوتۇردا قىلىدىغان ئىش ...قانداق قىزىقېپ قېلىۋاتامسەن ؟
__ھەئە ،__گەپنىڭ ئۇچۇقىنى قىلىۋەردىم ...
__سىنى ئىشلىگىن دىمەيمەن ،بۇ ماۋسۇم دەرىسلىرىڭ بەك كۆپ ئەمما شىركەتكە بېرىپ يۇز-تۇرانە كۈرۈشۈپ باقساڭ ، ئۈزۈڭنى سىناپ باقساڭ بۇلىدۇ .
شۇنداق قىلىپ ئۇقۇتقۇچۇمدىن قىزىنىڭ ئىسىم كارتوچكىسىنى ئالدىم ۋە شۇ ھەپتىدىكى دەم ئېلىش كۈنىلا ئۇ شىركەتكە باردىم ، ئۇلارنىڭ ئۆي_مۈلۈك شىركىتى نامىدىكى ئۇ شىركەت يېڭىدىن سېلىنغان ئائىلىكلەر ئولتۇراق بىناسىغا جايلاشقان بۇلۇپ ئاساسلىقى پۈتۈن ئەسلىھەلىرى ، تاماق ئىتىش ئۈسكۈنلىرىدىن تارتىپ ھەممە نىمىسىگىچە تۇلۇق بولغان ئۆيلەرنى سىرتقا قارىتىپ قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئىجارىگە بىرىشنى ئاساسلىق تىجارەت شەكلى قىلىدىكەن ... خىزمەتچىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئاساسلىق كومپىيوتۇردا قىلىدىغان مەشخۇلات ئىكەن ،ئەزالىق كارتىسى بېجىرىشمۇ تەرتىۋىنى ئۇقۇۋالسىلا بۇلىدىغان ئىش ئىكەن ، يۈز_تۇرانە ئىمتاھان دىگىنى بولسا ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ مىنىڭ خەنزۇتىلى سەۋىيىمگە بولغان قىزىقىشى ئىكەن...شۇنداق قىلىپ ئۇ شىركەتتە ئىشلەپ قالدىم ، شىركەتتىكەرنىڭ ھەممىسى قىزبالا بولغاچقا ماڭا بىخەتەر تۇيۇلدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەقەت كېچىسىلا ئىشلىسەم بۇلاتتى ، مۇنداق مۇۋاپىق ۋاقتى بار خىزمەتنى تېپىشنىڭ ئۆزى بىر ئۇقۇغۇچى ئۈچۈن بەسى مۈشكۈل ئىش ئىدى . دەسلەپكى كۈنلىرى ئۆيدىكىلەرگىمۇ ، ئوغۇل دوستۇمغىمۇ بۇ ئىشنى ئېيتمىدىم ، چۈنكى ئازراق ۋاقىت قاراپ بېقىش ، بولمىغۇدەك بولسا ئۈزۈمنى تارتىش ئۇيۇممۇ يوق ئەمەس ئىدى ، ئەمما بىر ھەپتە ئىشلەش جەريانىدا شۇنى ھىس قىلدىمكى خىزمەتداشلىرىممۇ ئوبدان ، شارائىتمۇ ياخشى ئىكەن ، كېچىسى ئىشلىگەندە ئانچە كۆپ ئىش يوقكەن ،( پەقەت بىر كۈنى _قەۋەتتىكى بىر ئۆينى سۇ بېسىپ كىتىپ ھەممە ئاۋارىچىلىق بىزگە بولدى ، ئۇنداق ئىشلارمۇ يوقنىڭ ھىسابىدا )...ئىككى ئادەم ئىشلەيدىغان بولغاچقا نۆۋەتلىشىپ ئۇخلىسىمۇ بۇلىدىكەن ...كېچىسى ئىشلەيدىغىنىمىز مەن ۋە شەرقى شىماللىق فېي فېي ئىسىملىك بىر قىز ئىدى ، ئۇنىڭ كۈندۈزى قىلىدىغان باشقا ئىشى بولمىغاچقا ئاساسەن ئۇخلايتتى ، شۇڭا كېچىلىرى ئۇنىمىغىمغا ئۇنىماي مىنى ئىشخانىدىكى ياتىقىغا كىرگۈزىۋېتەتتى .
بىر ھەپتە بولغاندا بۇ ئىشلارنى ئۆيدىكىلەرگە ئېيتتىم ، ئۆيدىكىلەر قۇشۇلمىدى ، لىكىن ئانچە_مۇنچە يالغاننى قۇشۇپ يۈرۈپ ، چېنىقىمەن دىگەن سۆزۈمدە چىڭ تۇرىۋېلىپ دىگەندەك ئۆيدىكىلەرنى ئاران ماقۇل كەلتۇردۈم .ئوغۇل دوستۇم بولسا ئۇنىمايلا قويدى
__نىمىشقا ؟ ئىشلىمىسەڭ زادى بولمامدىكەن ؟...پۇلۇڭ يەتمەيۋاتسا مەن سېپ بىرەي ، ئۈزۈم خەجلىمىسەممۇ ساڭا ئەۋەتىپ بىرەلەيمەن...ئەمما ئۇنداق مىھمانخانىلارغا ئوخشايدىغان يەردە ئىشلەيمەن دىسەڭ مەن قۇشۇلمايمەن...يا ماڭا تۇر يا خىزمىتىڭگە...
نىمىلا بولمىسۇن ، <تىلفۇنۇم سائەت ئۇچۇق بۇلۇش ، دەرىستىن سىرت ۋاقىتتا ھەر مىنۇتتا بىر ئۇچۇر يوللاش ، دەرىس قالدۇرماسلىق ۋە ئىمتاھان نەتىنجەمنىڭ ئالدىنقى مەۋسۇمدىن تۆۋەن بولماسلىق &t;شەرتى ئاستىدا ئۇنىمۇ ماقۇل قىلدىم ...ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ بىلەن كۈرىشىدىغان ۋاقتىم بۇرۇنقىدىن كۆپ ئىدى ، چۈنكى كەسپى كومپىيوتۇر بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ كومپىيوتۇرى بار ھەم تورغا ئۇلاقلىق ئىدى ، ئىشخانىنىڭ تورىمۇ كۆپىنچە ئىككىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلاتتى...ئۇنى رەنجىتىپ قۇيۇش ئۇيۇم ئەسلا يوق ، ئۇنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىمەن ، بىلىمەن ، ئۇمۇ مىنى ياخشى كۈرىدۇ ، ماڭا ياخشى بولسۇن دەيدۇ ...ئەمما كىچىكىمدىن شۇنداق بىر مىجەزىم باركەن ...بىر ئىشنى قىلغۇم كەلسە شۇ ئىشقا كىرىشىپلا قالىدىغان...ھەر قانداق ئادەم تۇسۇپمۇ تۇسۇپ بۇلالمايدىغان...قىلغۇم يوق ئىشنى ھەر قانچە زورلىسىمۇ قىلمايدىغان...
شۇنداق قىلىپ ئىشلەپ قالدىم...كۈنلىرىم ئىشخانا بىلەن مەكتەپ ئارىسىدىلا ئۈتەتتى...دەرىسلەردىمۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەك ، ئىشخانىدىمۇ ئۈزۈمنىڭ خىزمەت دائىرىسىدىكى ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن تۇلۇق چىقاتتىم ...ئاتا-ئاناممۇ ، ئەنزەرمۇ ئەمدى خېلىلا خاتىرجەم بۇلۇپ قالغانىدى...
ھەممە ئىشنىڭ باشلىنىشى بولغان ئاشۇ كۈن ھېلىمۇ تۈنۈگۈنكىدەك يادىمدا
ئۇ كۈنى ئەزەلدىن قەھرىتان قىشتىمۇ قار ياغقىنىنى كۆرگىلى بولمايدىغان بۇ نەس باسقان شەھەردە ئون ئىككىنچى ئاينىڭ قارىسى ئەمدىلا كىرگىنىگە قارىماي قار ياغقانىدى ، يەنە جاھىللىق قىلىپ سوغۇققا قارىماي ۋېلسىپىتىمنى مىنىپ مەكتەپكە بېرىشقا ئىمكانىيەت يار بەرمەي ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇپ ماڭدىم ، ئەتتىگەندىلا ئاچچىقى يامان، دىۋىدەك يوغان خەنزۇ ئۇقۇتقۇچىمىزنىڭ كەسپىي دەرسى بار ئىدى ،ئاپتۇبۇس مەن بىلەن قېرىشقاندەك ئۆمىلەپ دىگۈدەك مەكتەپكە كەلدى ...بېكەتتىن سىنىپقا توختىماي يۈگۈرۈپ كىرگەنلىكىم ئۈچۈن ھاسىراپ نەپسىممۇ يىتىشمەي قالغانىدى ، ئاچچىقى يامان ئۇقۇتقۇچۇم ئەزەلدىن قىلىپ باقمىغان قىلىقنى قىلىپ مىنى گەپمۇ قىلماي ئولتۇرغۇزۋەتتى...بەلكىم ، مىنىڭ ئىشلەۋاتقانلىقىمدىن ئۇمۇ خەۋەر تاپقان بولسا كېرەك،،،ئەمدىلا ئولتۇرۇشۇمغا دوستۇم رەشىدە يەنە كونا سۆزىنى تەكرارلىدى:
_نىمە جاپا بۇ ساڭا ، ئىشلىمىسەڭ نىمە بۇلا ؟ قارىغىنا ئەپتىڭگە...
ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپلا قويدۇم خالاس...كەچتە دەرىستىن چۈشۈپ بۇرۇنقىدەكلا ئالدىراپ ئىشخانىغا ماڭدىم ... ...ئىدارە بىناسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە بىرى <<قارا&t;&t;دىگەندەك قىلىپ قالدى ۋە بېشىمنى كۆتۈرۈپ مۇنداقلا قاراپ قويدۇم...قارىدىميۇ يەنە ئىختىيارسىز قايتا قاراشقا مەجبۇر بولدۇم...تاللا بازىرى ئالدىدىكى پەشتاقتا زوڭزۇيۇپ ئولتۇرغان ،~ياشلاردىكى ، بىرلا قارىماققا ئۇيغۇرلىقى چىقىپ تۇرىدىغان قىز...ھاۋانىڭ شۇنچە سوغۇق بۇلىشىغا قارىماي كىيىۋالغان يېلىڭغىنە چاپان ، پۇتىدىكى كۈزلۈك ئاياق...يۈرىكىم شۇررىدە قىلدى...
__سىز ئۇيغۇرمۇ ؟،__قىزنىڭ ئالدىغا باردىم .
__ئېم .
__ئۇقۇمسىز ؟
__ياق ، ئىنىمنى ئىزدەپ چىققان ، ئىككى ھەپتىدىن ئاشتى تاپالمىدىم ،
__ئۆزىڭىز يالغۇز؟...ئاتا_ئانىڭىزچۇ ؟
__... ... ...
__يۈرۈڭ تاماق يەيلى .
قىز رايىشقىنە ئارقامدىن ئەگەشتى...كىم ئېيتىپ بىرەلەيدۇ ھاياتنىڭ ھەقىقىتى ۋە سىنىقىنى ؟ كىم بىلىدۇ نىمە ئىشلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن قىز بۇ ؟ ئىدارىنىڭ يېنىدىكى كىچىك ئەمما پاكىز خۇيزۇ ئاشخانىسىغا كىردۇق .
__ ئاتام بىز كىچىك چاغدىلا تۈگەپ كىتىپتىكەن ،__دەپ سۇئاللىرىمغا جاۋاپ بىرىشكە باشلىدى قىز ،__ئۆگەي ئاتىنىڭ ئالدىغا ئۇكام سىغمىدى...ئۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى...ئۇكامنى ئىزلەپ مەن چىقتىم...ئۇنى مۇشۇ شەھەردە بازارچى بالىلارغا ئارىلىشىپ قاپتۇ دەپ ئاڭلىدىم ، ئەمما ھازىرغىچە تاپالمىدىم ، ئىككى كۈن بولدى ئاغزىمغا تاماق سالمىغىلى ، كېچىسى ۋوگزالدا ياتتىم ، كۈندۈزى ئۇكامنى ئىزلىدىم
__ ئاپىڭىز قانچە ئەنسىرەپ كەتكەندۇ...
__ئەنسىرمەيدۇ بىز ئۇنىڭغا ئارتۇق...،__قىزغا يەنە نىمىلەرنى دىمەكچى بولدۇمكىن ئەمما دىيەلمەي ، ئاغزىمنىڭ ئۇچىغا كىلىپ قالغان گەپنى يۈتۈۋېتىشكە مەجبۇر بولدۇم...چۈنكى قىزنىڭ كۆزىدىن مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان سوغۇق ئۇچقۇننى كۆرىۋاتاتتىم... ... ...
تاماقنىغۇ يەپ بولدۇق ، ئەمدىكى مەسىلە قىزنى قانداق قىلىش ، ئىشخانىغا كېچىسى مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنى ، دوسلىرىمىزنى ئېلىپ كىرسەك بولمايتتى ، فېي فېيغۇ بۇلارنى جىڭلىغا دەپ يۇرمەيدۇ ئەمما ... ...قىزنى ماشىنىغا سېلىپ مەكتەپكە يولغا سېلىش ئاندىن قىزلارغا تىلفۇن قىلىشنىمۇ ئويلۇدۇم ، ئەمما بىر چاغلاردا بىرسىنى ياتاقتا بىر قانچە كۈن ياتقۇزغاندا چىققان كۆڭۈل ئاغرىقىنى ئويلاپ يەنە يالتايدىم...نىمىلا ئويلىماي ئائىلە مىھرىدىن مەھرۇم بولغان بۇ قىزنى <يەنە ۋوگزالغا بېرىپ يېتىڭ &t;دەپ يولغا سېلىشقا كۆڭلۈم ئۇنىمىدى ...قىزنى ئېلىپ ئىشخانىغا چىقتىم....
<<مىنىڭ ساۋاقدىشىم ، ئەتە ئەتىگەندە پويىز ئىستانسىغا بىرىنى كۈتكىلى چىقماقچىتۇق ، شۇڭا يېنىمدا يېتىپ تۇرسۇنمىكىن&t;&t; دىدىم فېي فېي ماقۇلغۇ بولدى ، پويىز ئىستانىسى يېقىن بولغاچقا ئانچە گۇمانلىنىپمۇ كەتمىدى ، لىكىن خۇدۇكسىرىگەندەك قىزنىڭ ئەپتىگە قاراپ قويدى .
قىزنى ئادەتتە فېي فېي ئىككىمىز ياتىدىغان ياتاققا باشلىدىم ، ئانچە كۆپ پاراڭلىشىپمۇ كەتمىدۇق ... ... ...
ئىشخانىدا ئولتۇرىمەن ، ئەنزەر بىلەن چ چ دا پاراڭلىشىۋاتىمەن ،.لىكىن قىزنىڭ گىپىنى ئەنزەرگە قىلمىدىم ...ئۇنى يەنە ئەنسىرىتىشنى ، مەن ئۈچۈن غەم يىگۈزۈشنى خالىمىغانىدىم .. خىيالىمدا يەنىلا شۇ قىز ... ...<چۇقۇم سەگەك بۇلىشىم كېرەك ، ئۇخلىماسلىقىم كېرەك ، ئەگەر بىخۇدلۇق قىلساق تارتمىدا نەچچە مىڭ سوم پۇل بار ، بىرلا قېتىم كۈرۈشكەن قىزنى ئىشخانىغا باشلىغىنىم ياخشى بولمىدى ...شۇڭا قاتتىق ئىھتىيات قىلىش كېرەك...&t;ئۆزۈمنى خېلى چوڭ بۇلۇپ قالغاندەك ، بىخەتەرلىك ۋە ئۆزۈمنى قوغداش ئېڭىم يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ قالغاندەك ھىس قىلىدىم...بىر كېچە ئۇخلىماسلىققىمۇ نىيەت قىلدىم ......ئەمما ئىشنىڭ . جەمىيەتنىڭ ، ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ ئۇنچىۋالا ئاددى ئەمەسلىكىنى ھەقىقى تۇنۇپ يەتكىنىمدە ئاللىقاچان كىچىككەنىكەنمەن...
شۇنداق قىلىپ بىر كېچە ئۇخلىمىدىم ، ئەتە ئەتىگەندىلا تاڭ يۇرىشى بىلەن ئاسىيەنى(تۈنۈگۈن ئۇ ئىسمىنى شۇنداق دەپ بەرگەنىدى) ئويغاتتىم ، خىزمەتدىشىمنى گۇمانلاندۇرۇپ قويماسلىقىم كېرەك ئىدى .
__ئاسىيە ، تۇرۇڭ ...مەكتەپكە بارىمىز...
ئاپتۇبۇسقا چىقتۇق ، بۈگۈن بىرىنچى ، ئىككىنچى سائەتتە دەرسىم يوق ئىدى .
ئەمدىلا ئەنزەردىن كەلگەن ئۇچۇرغا جاۋاپ قايتۇرۇپ تۇرۇشۇم ئۇ مەندىن سورىدى :
__ئوغۇل دوستىڭىزمۇ ؟
__ھەئە .
__ئوقامدا ؟
__ھە ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىدا ئۇقۇيدۇ .
__سىزگە بەك كۆڭۈل بۈلىدىكەن ھە ... بىكار تۇرماي تىلفۇن قىلىدىكەن ، ئۇچۇر يوللايدىكەن ...
كۈلۈپ قۇيۇپ گەپ قىلمىدىم .
__ئاتا_ئانىڭىز ئىشلەۋاتقىنىڭىزنى بىلەمدۇ ؟
__ھەئە بىلىدۇ ، دەسلەپتە قۇشۇلمىغان ، كىيىن ئاران تەستە ماقۇل كەلتۈردۈم ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپام ماڭا بەك ئىشىنىدۇ ___قىزغا شۇلارنى دەۋېتىپ ھويلىدىكى سۇپىدا ئولتۇرۇپ دادامغا:
__يەنە سىلىگە جاپا سالدىم دادىسى ، مۇشۇ پۇتۇمنىزە ...ئازراق ھاۋا بۇزۇلسىلا ئادەمگە ئارام بەرمىگەن...خۇدايىم بۇيرىسا ئاي قىزىمنىڭ ئۇقۇشى پۈتەي دىدى ، شۇ ۋاقىتتا سىلىگىمۇ ئارام بۇلىدۇ ...ئۆزىمۇ ، قۇلىمۇ ، مىجەز-خۇلقىمۇ ئايدەك چوڭ بولدى ئاي قىزىمنىڭ ...خۇدايىم بەختىنى بەرسۇن ئاشۇ ئاي قىزىمنىڭ... ،__دەپ كۆز ياشلىرىنى سۈرتىۋاتقان ئاپام كۆز ئالدىمغا كىلىپ كۆزلىرىمگە ياش كىلىپ كەتتى...قىزمۇ بىر نەرسىلەرنى سەزگەندەك ئارتۇق گەپ قىلمىدى .
ياتاققا كىردۇق ، قىزلار تېخى ئورنىدىن تۇرمىغانىكەن ، چامدانلىرىمنى ئاختۇرۇپ قىزغا بىر چاپان ، ئىچى _ تېشىغا بىردىن ئىشتان ئېلىپ بەردىم ، ئايىغىم پۇتىغا خېلىلا چوڭ كىلىپ قالغانىدى قوشنا ياتاقتىكى سېتىقچى باللاردىن پېتەك ، پايپاقمۇ سېتىۋالدىم . يېشى كىچىك بولغان بىلەن خېلى ئۇستىخانلىقمۇ ياكى مەن بەك كىچىكمۇ ئىشقىلىپ كىيىملىرىم قىزغا بەك ئوبدان كەلدى ...قىزنى ئېلىپ مەكتەپنىڭ ئاشخانىسىغا ئەپچىقتىم ، بىرگە تاماق يىدۇق ، ئەمما خىيالىمدا يەنىلا قىزنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ئويلاۋاتىمەن ، مەنچە بولسا نەسىھەتىمنى ئاڭلاپ يۇرتىغا ، ئاپىسىنىڭ يېنىغا كەتسە بەك ياخشى بۇلاتتى ...بەلكىم ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدا ئۇقۇشماسلىق باردۇ...نەدىمۇ ئانىنىڭ باغرى شۇنچە تاش بولغان بار ...ئۆز پەرزەنتىنى ئارتۇق كۈرىدىغان...
__سىز بەك ئاقكۆڭۈلكەنسىز-ھە~~~
__ھە؟
__دىمەكچى بولغىنىم ، مۇندىن كىيىن ماڭا داۋاملىق مۇشۇنداق ياردەم قىلالامسىز ؟ تاماق ، كىيىم ئېلىپ بىرەلەمسىز ؟ ئالىيجاناپلىقىڭىزنى يەنە داۋاملاشتۇرالامسىز ؟
قىزنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىنى ،چاخچاق قىلغان ياكى مىنى مەسخىرە قىلغانلىقىنى بىلەلمىدىم ،ئۇ گەپ قىلمىغىنىمنى كۆرۈپ ئۆزى ئېغىز ئاچتى:
__مەن بۈگۈن قايتىپ كىتىمەن ، ...بېرىپ بىرەر ئۇيغۇر ئاشخانىسىدىن خىزمەت ئۇقۇشۇپ باقاي ، قاچا-قۇچا يۇيىدىغان ئىش بولسىمۇ مەيلى ...خاتىرجەم بۇلۇڭ ، كىيىملىرىڭىزنى قايتۇرۇپ بىرىمەن...ھە راست ، سىز مەن كىيگەن كىيىملەرنى كىيمەيسىز ھە قاچان ، سىزگە يېڭىدىن باشقىنى ئېلىپ بىرەي ھە
نىمە دىيىشىمنى بىلمىدىم ، بىر تۇرۇپ ھازىر ئۇنىڭ كاللىسى تازا جايىدا ئەمەس ،ھازىر نىمە دەۋاتقانلىقىنىمۇ تازا ئاڭقىرىپ كىتەلمىسە كېرەك دەپ ئويلىغان بولسام بىر تۇرۇپ كىچىك تۇرۇپ كۆرگەن كۈنلىرى ، ئېچىنىشلىق تەقدىرى قىزنىڭ مىڭىسىنى كاردىن چىقارغان بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم .
__ئامان بۇلۇڭ ، ماڭا قىلغان ياخشىلىقىڭىزنى چۇقۇم قايتۇرىمەن .
__ھاجىتى يوق ، قايتىپ كەتسىڭىز ياخشى...
__بولدى قىلىڭە
گىپىمنىڭ ئاخىرنى داۋاملاشتۇرالماي قالدىم ، چۈنكى قىزنىڭ كۆزىدىن مەن ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان ھېلىقى سوغۇق نۇرنى كۆرۈپ ئەندىكىپ كەتكەنىدىم ...
قىز كەتتى ...مىنىڭ كۈنلىرىم بولسا يەنىلا بۇرۇنقىدەك ...دەرىسلەرنى ياخشى ئۆگىنىپ ، ئىمتاھانغا ياخشى تەييارلىق قىلىش ، ئەنزەر بىلەن كەلگۈسىنىڭ گۈزەل كارتىنىلىرىنى سىزىش...كىتاپلىرىمدىكى قەھرىمانلار بىلەن غايىبانە سىردىشىش بىلەن ئۆتمەكتە ئىدى ...
ئالاھەزەل بىرەر ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىنكى بىر كۈنى ، ئىشخانىغا كەلسەم فېي فېي <دوستۇڭ ئىزلەپ كەپتىكەن ، تاماق ئەكەپتۇ&t;دىمەسمۇ ، ھەيران بۇلۇپ قارىسام ئۈستۈلۈمنىڭ ئۈستىدە تاماق قاچىسى تۇرۇپتۇ ، ئىتتىك بېرىپ ئاغزىنى ئاچتىم ، نىمە دەي تېخى ھورى كەتمىگەن پولو پولونى كۈرۈپ دىماقلىرىم ، بۇرنۇمنىڭ ئۇچى ئېچىشقاندەك بولدى ، دىمىسىمۇ خىزمەت تاپتىم دىگەندىن بىرى ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىغا بېرىشقا ، دوسلىرىم بىلەن بىردەن_يېرىمدەم ئولتۇرۇپ مۇڭداشقاچ تاماق يىيىشكە ۋاقتىم چىقمايۋاتاتتى ، تېخى چۈشتىلا مەكتەپ ئاشخانىسىدا ئولتۇرۇپ دوستۇمغا <ئەجەپ پولو يىگۇم كەلدى...ۋاقتىم بولسىمىغۇ...&t;دىگەنىدىم ...
تاماق قاچىسىنىڭ يېنىدا كىچىككىنە بىر باغاقچىمۇ باركەن ."ئايگۈل ھەدە ، سىزگە تاماق ئەكەلدىم ، ئىسسىقىدا يەۋېلىڭ ، مەن مۇشۇ ئەتراپتا بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا ئىش تاپتىم ، كۈتكۈچىلىك قىلىمەن ، ئاسىيە."
خوش بولدۇم ، ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن تاماقنى يىيەلىگىنىم ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئاشۇ بىچارە قىزنىڭ سوغۇقتا ۋە ئاچلىقتا قالماسلىقىنى ئويلاپ .
ئەتىدىن باشلاپ كۈن ئارىلاپ ئۈستىلىم ئۈستىدە ھەر خىل تاماقلار ۋە باغاقچىلار پەيدا بۇلۇشقا باشلىدى :
"ئۆزىمىز يىيىش ئۈچۈن چۆچۈرە ئەتكەن سىزگە قىسىنىپ قالدىم "
"سىزنى لەڭمەنگە ئامراق دەپ لەڭمەن ئەكەلدىم ، سوۋۇپ كالمىسۇن..."
... ...
شۇنداق قىلىپ بىر كۈنى ، كەچتە ئىشخانىغا كىرىشىمگە تاماقنى قۇيۇپ سىرتقا ماڭغان ئاسىيەنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم ، كونا ھەم يېقىن تۇنۇشلاردەك قۇچاقلىشىپ كۇرۇشتۇق .
__يائاللا قىزبالا ، بىر ياخشىلىققا ئوننى قايتۇردىڭىزغۇ ...يا ئۈزىڭىزنى كۆرگىلى بولمىغان ، قانداق ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟
__ھەئە ياخشى ، ئۇلارمۇ بەك ياخشى كىشىلەركەن .ماڭا ئىچ ئاغرىتىشتى ، سىزنىڭ گىپىڭىزنى قىلىپ بەرسەم سىزنى بەك ياخشى قىزكەن دەيدۇ .
__تىلغا ئالغۇدەك ئىش ئەمەس ئەسلى ئۇلار ، كىشىنىڭ يۇرتىدا شۇ ئۇيغۇرنى كۆرسە ئادەم بىر تۇققىنىنى كۆرگەندەك بۇلىدىغان گەپكەن ، ئۇلارمۇ ياخشى ئادەملەركەن ، تۇنۇمايدىغان بىرىگە كۈندە تاماق ئەۋەتكەندىن كىيىن ھە راست ، ئۇ ئاشخانىنىڭ ئورنى قايەردىكەن ؟ يېقىن ئوخشايدۇ ھە ؟
__ئېنىق ئادىرسىنى بىلمەيمەن ، ۋاقتىڭىز چىققاندا مەن ئاپىراي .
ئاسىيە قايتتى ، ئۇنىڭ ئەكەلگەن تامىقىنى ھۇزۇرلىنىپ يىدىم ، شۇ كۈنىدىن باشلاپ ئۇنىڭ بىلەن كۈندە كۈرىشىدىغان ، بىرگە ئولتۇرۇپ تاماق يەيدىغان ، ئۇنىڭ قېنىق دەملىگەن چايلىرىنى ھۇزۇرلىنىپ ئىچىدىغان بولدۇم .
ئىمتاھان يېقىنلاشقانسىرى ئۆينى تولا سېغىنىدىغان ، تەتىلنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى ئويلايدىغان بۇلۇپ قالغانىدىم ، خىيالىمدا تەتىلدە ئوبدان ئارام ئالماقچى ، ئۆيدىكىلەرگە ياخشى ياردەملەشمەكچى ، يەنە كۈرۈشمىگىلى ئۇزاق بولغان دوسلىرىم بىلەن قانغۇچە مۇڭداشماقچى ئىدىم...
تازا ئالدىراش يۈرگەن كۈنلىرىمدە ئاسىيە تۇرۇپلا ئىككى كۈن يوقاپ كەتتى ... ئۈزۈمچە ئىچىم سىقىلىپلا تۇرىدۇ ، ئۇنىڭ ئەكەلگەن تاماقلىرى كۆز ئالدىمدىلا ...قارا چاينى ھەر قانچە كۆپ سېلىپ دەملىسەممۇ يەنىلا ئۇ ھەملىگەن چايغا ئوخشىمايدۇ ...ئۈچۈنچى كۈنى ئىچىم سىقىلىپ بۇلالمايلا قالدىم ...كەچتە ھارغىن ھالدا ئىشخانىغا كەلدىمدە ئۇنى كۆردۈم:
__توۋا قىز بالا ، كۆيگەن يامانمۇ كۆنگەنمۇ دەپ ، ئەجەپمۇ كۆندۈرۈپسىز مىنى ... ئەكەلگەن تاماقلىرىڭىز كۆز ئالدىمدىلا ...يا ئاشخانىڭىزنىڭ ئادىرسىنى دەپ بەرمەپسىز ...يا بۇ ئەتراپتا ئۇيغۇر ئاشخانىسى بارلىقىنى ھىچكىم بىلمەيدىكەن...
__مىنى كۆرگىڭىز كەلدىمۇ يا تاماقلىرىمنىمۇ ؟
__راست گەپ قىلسام ئىككىلىسىنى ، بۇلۇپمۇ تاماقلىرىڭىزنى ...بۈگۈن نىمە ئەكەلدىڭىز ...ۋۇي...لەڭمەن...توۋا ، بەك موللا تاپقاق جۇمۇ سىز...،__بىر تەرەپتىن گەپ قىلۋاتىمەن ، بىر تەرەپتىن تاماق يەۋاتىمەن ...تاماق يىيىش سۈرئىتىمنىڭ تىزلىشىپ كەتكىنىنى دەيمەن...
__ئايگۇل ھەدە ، بىر گەپ سورىسام بۇلارمۇ ؟،__ئۇنىڭ ئەركىلەپ تۇرۇپ ئېيتقانلىرىغا بېشىمنى لىڭشىتىپلا جاۋاپ بەردىم .
__ نىمە دىسەم بۇلا...ئىـــم...سىز ئەنزەركام بىلەن قانداق يۈرۈپ قالغان ؟
__مەنمۇ نىمە دەي ئەمدى،،،،راستىنى دىسەم ئۇنىڭ بىلەن قانداق يۈرۈپ قالغانلىقىمنى بىلمەيمەن ...بىز ئالتە يىللىق ساۋاقداش...تۇلۇق ئوتتۇرىدا خېلى يېقىن ئۆتكەن ...ئالىي مەكتەپكە كىلىپ ئۆيدىكىلەردىن قالسىلا ئەڭ سېغىنغان ئادىمىم شۇ بولدى...ئۇمۇ كۆڭلۈمدىكىنى تۇيغاندەك تىلفۇن قىلىپ تۇردى...شۇنىڭ بىلەن <نەدە تۇردۇڭ ، نىمە ئىش قىلدىڭ &t;بىلەن بىزنىڭ مۇھاببىتىمىز باشلانغان بولدى ...
تاغدىن -باغدىن پاراڭلىشىپ بىردەم ۋاقىت ئۆتكۈزگەندىن كىيىن ئاسىيە كەتتى ، شۇنچە سورىساممۇ يا ئادىرسىنى يا بىرەر تىلفۇن نۇمىرىنى قالدۇرۇپ قويمىدى ، ئۇنىڭ ئەكەلگەن تامىقىنى يەپ يىنىكلەپلە قالدىم ...ھازىر ئويلىسام ئاشۇ چاغلاردىمۇ ھىچنىمىنى سەزمەي يۈرگىنىمنى ئويلىسام ئۆزۈمنىڭ نەقەدەر دۆتلىكىنى ھىس قىلىمەن ...
كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ...ئەنزەر بىلەن پارىڭىمىزنىڭ ئاساسلىق تىمىسى يەنىلا تەتىلدىكى كۈنلەردە ...گەرچە كۆپ كۈرۈشەلمىسەكمۇ ساۋاقداشلار يىغىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇلىدىغان كۆڭۈللۈك يىغىلىشلار ، يولدا قايتىش داۋامىدىكى شىرىن پاراڭلار...چاخچاق ئارىلاش قىلىنغان كۆڭۈل ئىزھارلىرى ... ... ...خىيالىمدا بولسا ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىكى ھاياجانلىق دەقىقىلەر...ئەنە مىنى شۇنچە كىشىلەر ئارىسىدىغان ئىزلەۋاتقان بىر جۈپ كۆز ...ئەنە مىنى كۈرۈپ يۈگۈرۈپ دىگۈدەك ئالدىمغا كەلگەن ئەمما ھاياجانلانغانلىقىدىن نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي قېلىپ گەپ قىلمايلا سومكامغا قوللىرىنى ئۇزاتقان ئەنزەر... ...قىسقىسى كۈنلىرىم تەتىلنى كۈتۈش بىلەن بەنىت ئىدى...
ئاسىيە يەنە بىر قانچە كۈن يوقاپ كەتتى ... بارغانسىرى مىجەزىم چۇسلىشىپ كىتىپ باراتتى ،،،تولىمۇ ھارغىن ئىدىم ... ....ئۇيقۇم كىلىپلا كىلىپ تۇراتتى ، ئىمتاھان ۋاقتى ، ئۆگىنىش جىق ، شۇڭا دەپ ئويلىدىم ...ئاسىيە كەلمىگە%
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |