ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
توردىكى «ئۇكاش»

 توردىكى «ئۇكاش»


 

(ھېكايە)


 

(تور ئەسىرى)


 


(ئاپتور :قاشتېشى ئۇيغۇر مۇنبىردىن گۈلزىبا )


 

تۇنجى خەت


 

ئەسسالامۇئەلەيكۇم سىڭلىم ، تۇيۇقسىزلا يازغان خېتىمنى كۆرۈپ ھەيران قالدىڭىز ھە قاچان ، تېمىلىرىڭىز ، ئىنكاسلىرىڭىز دىققىتىمنى تارتقىلى خېلى بولغان ، مەنمۇ بىر چاغلاردا توردا ، مۇنبەردە سىزگە ئوخشاش ئەسەر يوللاپ يۈرەتتىم ، نۇرغۇن دوستلىرىممۇ بولغان ...ھاياتىمدىكى بۇرۇلۇشنى ، توغرا يولنى ماڭا مۇشۇ تور كۆرسەتكەن...شۇڭا سىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ، ھىچ بولمىسا سىزگە بېشىمدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلەرنى سۆزلەپ بىرىپ ئىچىمنى بىر بوشىتىۋېلىشنى ئويلاپ يۈرەتتىم ...يېقىندا يوللىغان بىر تىمىڭىزدا يولدىن چىقىپ كەتكەن بىر قىزنىڭ ئىچكى ھىسىياتىنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن تەسۋىرلەپسىز...شۇ تىمىڭىزنى ئوقۇغاندىن كىيىن كاللامغا باشقىچە بىر ئوي كەلدى ، ئويلىساممۇ بەدەنلىرىم تىكەنلىشىدىغان ئاشۇ كەچۇرمىشلىرىم ، قىسقىغىنە كۈلكە ئاتا قىلغان ، ئەمما ئۆمۈرلۈك پۇشايماندا قويغان ئالىى مەكتەپ ھاياتىم ، چىراقلىرى كۆزلىرىمنى چاقناتقان ، ئۇيۇنلىرى قەلبىمنى ئۆزىگە تارتقان ئاشۇ كۈنلەر...دىمەكچى بولغانلىقىمنى چۇقۇم چۈشەندىڭىز ، يىزىڭ ، قانچىلىك يىزالىسڭىز شۇنچىلىك يىزىڭ ، ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى ئۆمرىدە بىر كىلىدىغان پۇرسەت دەپ بىلىدىغان ، ناتۇنۇش شەھەر ناتۇنۇش كىشىلەر قاينىمىدا ئەركىنلىكنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان ئاشۇ قىز-يىگىتلىرىمىزگە ئازراق ئەسكەرتىش ياكى تەربىيە بىرەلىسەك ئەنە شۇ بىزنىڭ غەلبىمىز،،،بەلكىم مۇشۇ ئىدىيە مەن ئويلاشتىنمۇ يىرگىنىدىغان ئاشۇ كەچۈرمىشلىرىمنى سىزگە بىرمۇ بىر بايان قىلىپ بىرىشكە كۈچ ئاتا قىلىۋاتسا كېرەك ...ئاللا قەلىمىىڭىزگە كۈچ بەرسۇن .
  سىزدىن ئۆتىنىدىغىنىم . ئەسەر ئىسمىنى "توردىكى ئۇكاش" دەپ قويسىڭىز ، بۇنداق قۇيۇشنىڭ تازا مۇۋاپىق ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمەيمەن ، ئەمما مۇشۇنداق قۇيۇش ئارقىلىق توردا تۇنۇشقان ، بىر تۇققان قېرىنداشلاردىن چارە ئۆتكەن ،ماڭا قىزلىقنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ، قىزلارنىڭ ھۆرمىتىنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى تۇنۇتقان ، مىنى ناتوغرا يولدىن قۇتقۇزۇپ چىققان ئۇكام ، ئىنىم __ئېرشاتقا بولغان رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن ...يەنە دوستۇم ئايگۈزەلمۇ بار ...ئۇلار بۇ دۇنيادىكى پەرىشتىلەر ، ئاجايىپ ئاقكۆڭۈل ، سەمىمىي كىشىلەر ...ئاللا ئۇلارنىڭ يولىنى ئۇچۇق ، كۈنلىرىنى خوشال قىلسۇن ئىلاھىم ...
ئەمىسە كەچۇرمىشلىرىم سىزگە قالدى ، قالدى ئىشلار قەلىمىڭىزگە ئامانەت ...ماڭا خەت قايتۇرماڭ ، مەن بىر ئۈلۈپ بولغان ئىنسان ، پەقەت كىچىكلەرگە ئىبرەت بولسۇن ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى سىزگە دەپ ئولتۇرىمەن ...سىزگە ۋە قەلىمىڭىزگە ئىشىنىمەن .
سىزنى سىڭلىسى ئورنىدا كۆرۈپ ، سالاھىيىتى بولمىغان ھەدىڭىز گۈزەلئايدىن...


 

جاۋاپ خەت


 

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھەدە ، قايتا -قايتا خەت قايتۇرۇپمۇ سىزدىن ئۇچۇر ئالالمىغاندىن كىيىن مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشنى مۇۋاپىق تاپتىم ، خەتلىرىڭىزنى ئۇقۇدۇم ...ئىچىمدىكى ھاياجاننى ، ئىچ ئاغرىتىشنى ، كاللامدا يېڭىدىن يېڭىغا پەيدا بۇلىۋاتقان سۇئاللارنى ، ئوي-خىياللارنى ، ھەر قانچە قىلىپمۇ نىمە دەپ ئىپادىلەپ بىرىشنى بىلمىدىم ، قەلەم بەزىدە ھەقىقەتەن ئاجىزلىق قىلىدىكەن ...
ناتوغرا يولدا مېڭىۋاتقانلار ، بىلىپ تۇرۇپ گۇناھ ئۆتكۈزىۋاتقانلار نۇرغۇن ، ئەمما ئۇلارغا سېلىشتۇرغاندا سىز بىر پەرىشتە ھەدە توغرا يولدا ماڭدىڭىز ، توغرا يولدا مېڭىش ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلىدىڭىز ، ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىڭىز ئۈچۈن چىن ئەقىدىڭىز بىلەن ئاللاھتىن گۇناھىڭىزنى تىلىدىڭىز يەنە بىزدەك ئىنى-سىڭىللىرىڭىز ئۈچۈن كۆزىڭىزدىن قان-ياش ئاققۇزۇپ ،ھىكايىڭىزنى سۆزلىدىڭىز ...
ئاللا گۇناھلىرىڭىزنى مەغپىرەت قىلسۇن ، ھەممە قىزلىرىمىزنىڭ توغرا يولدا مېڭىشىغا مەدەت بولسۇن
قەلىمىم ئاجىزلىق قىلىۋاتىدۇ ھەدە ، شۇنداقتىمۇ يازدىم ، ئۆزۇمنى خۇددى سىزدك ، خۇددى ئايگۈزەل بىلەن بىرگە ياشاۋااتقان گۈزەلئايدەك ھىس قىلىپ تۇرۇپ يازدىم ...


 


ئىككى « گۈزەل »


 

ئۈرۈمچى - ئاي


 


  تىلفۇنۇمنىڭ توختىماي جىرىڭلىشى ئۇيقۇمنى بۇزىۋەتتى ، كۆزلىرىمنى ئاچماي تۇرۇپ قۇلۇمدا سىلاشتۇرۇپ يۈرۈپ تىلفۇنۇمنى ئالدىم .
__ ۋەي
__ئەسسالامۇئەلەيكۇم ،__ما گەپنى ئاڭلاپلا چۇقۇم خاتا كەلدى ما تىلفۇن دەپ ئويلىدىم .
__كىمنى ئىزلەيسىز ؟
__ مەن ئۆي ئىجارە ئالاي دىگەن ، ئېلاننى كۆرۈپ تىلفۇن قىلىشىم .
__ھە ، بىلدىم ،__ئۇيقۇم خېلى ئېچىلغاندەك بۇلۇپ قالدى .
__سىز ئۆيدىمۇ ، مەن مەكتەپنىڭ ئىچىدىلا ، چىقىپ ئۆينى كۆرۈپ باقاي دىگەن .
__مەنغۇ ئۆيدە ، لىكىن ئۆينى ئىجارىگە ئالسىڭىز ھەممە گەپ ئېلاندا دىيىلگەندەك بۇلىدۇ ، ئەگەر بىرەر -يېرىم ماددىدا سۈلھى قىلىشنى ئويلاشقان بولسىڭىز بولدى مۇشۇ يەردىلا توختاپ قېلىڭ .
__ئەمىسە ھازىر چىقاي .
__ھە ماقۇل .
باشلىرىم ئاغرىپ تۇراتتى ، تەسلىكتە ئورنۇمدىن تۇردۇم ، تۇنۇگۈن كەچتە قانداق بۇلۇپ ئۆيگە كەلگەنلىكىمنى ئەسلىدىم ، ئاخشام بىر سورۇندا ئولتۇردۇق ، ئۇنىڭدىن باشقا ھىچكىمنى تونۇمايمەن ، "دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى "دىگەنلىكى ئېسىمدە كىيىن مەس بوپ قالدىم ...كىيىن ،،،ھە ئىسىمگە كەلدى ...نىمە دىگەن ئەقىللىق ھە مەن ، ئۇ مېنى ئۆزى خالىغان يەرگە ئاپارماقچى بۇلىۋىدى مەن ئۇنىمىدىم ، قارىسام سەل پەيلى يامان ، شۇنىڭ بىلەن "بولدى بىزنىڭ ئۆيگىلا بارايلى ، ئۆيدە بۈگۈن ئاپام يوق " دېدىم ، ئۇنىڭغىمۇ ئوبدانلا خۇش ياقتى بۇ گەپ ، لىكىن بىنانىڭ ئالدىغا كەلگەندە قوشنامنىڭ دەرىزىسىنى كۆرسىتىپ "ۋاي ئۆيدىكىلەر كىلىپ بوپتۇ ، ئەمدى كىرىپ كەتمىسەم قەتئىي بولمايدۇ " دەپ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي ئۈيۈمگە كىرىپ كەتتىم...ھى ھى ھى ...ئەجەپ ئەقىللىق ھە مەن...
   شۇلارنى ئويلاپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ يۈز-كۆزلىرىمنى يۇيۇشقا باشلىدىم ، تۇرۇپلا خىيالىمغا يېڭى قوشنام ، بايام تىلفۇن قىلغان قىز كىرىپ قالدى .« چۇقۇم ئاتا-ئانىسىنىڭ پۇلى بېقىنىغا ئۈسۈپ كەتكەن ئەركە-نايناقتىن بىرى ، سىرتتىن ئۆي ئېلىپ يېتىپ باققۇسى كەلگەندۇ ، باشقىلارنى دوراپ...يا بولمىسا مۇھاببىتى بىلەن خەقنىڭ كۆزىدىن خالى ئۆتكۈسى كەلگەندۇ ، ئۇنداق بولسا شەرتىمنى كۆرسە بۇ ئۆينى ئىجارىە ئېلىش ئويىدىن يالتىيۋالاتتى ...يا بولمىسا ياتاقداشلىرى بىلەن چىقىشالمايدىغان تازا مىجەزى ئەسكى بىرىمىكىن ...»
خىياللىرىمنىڭ ئاخىرى چىقىپ بولغۇچە ئىشىك قوڭغۇرىقى جىرىڭلاپ كەتتى .
__ئەسسالامۇئەلەيكۇم .
  نىمە دىسەم بۇلا ، ئالدىمدىكى ياغلىق چىگىۋالغان ، مەدەنىي كىيىنىۋالغان بۇ قىزغا قاراپ بايامقى خىياللار كاللامغا قانداق تىز كەلگەن بولسا يەنە شۇنداق تىز غايىپ بولدى .
__بايا تىلفۇن قىلغان قىز سىزمۇ ؟
__ھەئە .
__قېنى كىرىڭ .
ئۇنىڭغا شەرتلەرنى يەنە بىر قېتىم دىگەچ ئۆينى كۆرسەتتىم .
__ شارائىتلىرى ئويلىغىنىمدىن ياخشىكەن ، يەنە تېخى شۇنداق پاكىزكەن ، بۈگۈنلا كۈچۈپ كىرسەم بۇلامدۇ ، نەرسە-كېرەكلىرىم دوستۇمنىڭ ياتىقىدا قالغان .
__نىمە ؟سىز بۇ مەكتەپنىڭ ئۇقۇغۇچىسى ئەمەسما ؟
__ياق ، مەن شەرقى شىمال پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىنى پۈتتۈرگەن .
    قارىغاندا ئوغۇل دوستى بولسا كېرەك ، بىرىگە تىلفۇن قىلىپ ئۆينىڭ ئورنى ، شارائىتى ھەتتا ھەربىر شەرتلىرىدىن تارتىپ تۇلۇق چۈشەندۇردى ، ئۇ قارشى تەرەپنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كىيىن رەسمىيەتنى ئۆتىدۇق ، شۇنداق قىلىپ سودام ئۈزۈممۇ ئويلاپ باقمىغان ئاساستا تىزلا پۈتۈپ قالدى .رەسمىيەتلەرمۇ ئاددى تەرتىپلىك پۈتتى.
__ ئىسمىڭىزنى تېخى بىلمەيمەندە قوشنام ،__دىدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ .
__گۈزەلئاي .
__ھا ھا ھا...
__نىمىگە كۈلىسىز ، كۈلگىدەك ئىسىم ئەمەسقۇ بۇ ؟
__مىنىڭ ئىسمىم ئايگۈزەل .
__ھە ،،،راسلا قىززىق ئىش بوپتۇ . ئىككى گۈزەل بىر بوپتۇ ، قۇيرۇقى تەڭ بوپتۇ دىگەنلەر ئىسىڭىزگە كەپ قالغان ئوخشىمامدۇ ؟
__ئۇمۇ ھەم شۇ ...ھەم* ئەلانىڭ گۇزەلئايسى يادىمغا يىتىپ قالدى ، ھەم مەغرۇر ھەم گۈزەل...
__ئاشۇرۋەتتىڭىز رەھمەت .(راستىنى دىسەم قىزلارنىڭ ماختىغىنىنى ئاڭلىسا ئەجەپ تۇرىدىكەن)
مۇشۇ گەپتىنلا ئۇ قىزنىڭمۇ كىتاپ ئۇقۇيدىغان ئادىتى بارلىقىنى ھىس قىلدىم ، ئايگۈزەل نەرسە-كېرەكلىرىنى ئالغىلى چىقىپ كەتتى ، سائەتكە قارىسام چۈش بۇلاي دەپ قاپتۇ ،نىمە تاماق يىيىشنى ئويلاپ بايا ئۇ قىزنىڭ ئاشخانىنى كۆرۈپ خوش بوپ كەتكەنلىكى يادىمغا كەلدى ،
__ ھەممە نەرسىلەر تۇلۇقكەن ھە ؟تاماق ئەتسەكمۇ بۇلامدۇ ؟
__ گاز پۇلىنى ئۆزىڭىز چىقارسىڭىز بۇلىدۇ .
__ئەجەپ ياخشى بولدى ...
  شۇنداق قىلىپ يېڭى قوشنىلىق بۇلۇپ قالدىم ، نىمىشقىدۇر بۇ قىز تۇنجى قېتىمدىلا مەندە ئىللىق تەسىرلەرنى قالدۇردى .


 


  يېڭى قوشنام بىلەن تىزلا چىقىشىپ قالدىم ، لىكىن تولا گەپ سورايدىغان قىزكەن ، ئېلاندىكى "بىر-بىرىنىڭ شەخسى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق "دېگەن ماددىنى تازا چۈشەنمىسە كېرەك .
  ئۇيەنە سەل غەلىتىرەك ،ئىشەنمىسىڭىز قاراڭ ھە
  ئىشتىن كىلىپلا ، ئاشخانا ئۆيدە چىقىۋاتقان تاراق-تۇرۇق ئاۋازلاردىن ۋە ئۆي ئىچىنى بىر ئالغان پۇراقتىن ئۇنىڭ تاماق ئىتىۋاتقانلىقىنى بىلدىم .
ــ تاماقنى كۆيدۈرۋەتتىڭىزمۇ نىمە ؟،ــدەپ سورىدىم مەن .
ــ ھەئە . ــ كىيىۋالغان ئۇزۇن كۆينىكى ، تارتىۋالغان پەشتامىسى ، ياغلىقى دىگەندەكلەر قۇشۇلۇپ ئۇنى بەئەينى ئائىلە ئايالىغىلا ئوخشىتىپ قويغانىدى.ئەمما لاتاپەتلىك ، چىرايلىق ئىدى .ئۇنىڭغا قاراپ تۇيۇقسىز ئاپام يادىمغا يىتىپ قالدى ۋە كۆڭلۈم يېرىم بۇلۇپ قالدى . 
ــ تۇنجى قېتىم تاماق ئىتىشىم ، شۇڭا...
ــ تامان ئەتكىلى بۇلىدىكەن ،دەپ خوش بوپ كەتكىنىڭىزگە قاراپ ،ئۇستا ئاشپەزمىكىن دەپتىمەن سىزنى پىيازنى سېلىشتىن بۇرۇن ياغنى بەك قىزىتىۋېتىپسىز، خېلىلا كۆيدۇرۇپسىزغۇ ،ــ دىدىم مەن ئاشخانىغا كىرگەندىن كىيىن،ــگازنى ئۆزىڭىز ئەكەلدىڭىزما ؟
ــ ئۇدۇل قوشنىمىزدىن سورىسام بىر تىلفۇن نۇمىرىنى دەپ بەرگەن ، تىلفۇن بەرسەم ئۆزلىرى ئەكەپ بەردى .
  قىززىق ، مۇشۇ كەمگىچە ئۇدۇل قوشنامنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەيمەن مەن .
  ئۇنىڭ كۈيۈپ كەتكەن تامىقىنى بىرگە ئولتۇرۇپ يىدۇق ، لىكىن ئۆزۈمنى ھەرقانچە زورلاپمۇ تۇلۇق يەپ بۇلالمىدىم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تولا سۇئال سوراپ مىنى بىزار قىلۋەتتى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇخلايمەن دىگەننى باھانە قىلىپ ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم .
  ئەمدى ئۇخلاي دەپ تۇرسام ، "كەچۈرۈڭ ،ناماز ئۇقۇيتتۇم ، سىزگە ئالدىم بۇلۇپ قالىدىكەن ، تاشقىرقى ئۆيدە تاملاردا رەسىم باركەن"» دىۋىدى دەسلىۋىدە تازا چۈشىنەلمىگەندەك بۇلۇپ تۇرۇپ قالدىم ، ئاندىن ئازراق بىر نەرسىلەرنى چۈشەنگۇدەك بولدۇمدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ تاشقارقى ئۆيگە چىقىپ كەتتىم .شۇنىڭ بىلەن چۈشلۈك ئۇيقۇمدىنمۇ ۋاز كەچتىم .نىمىشقىدۇر بىئارام بۇلۇپ قالدىم ، قىزغا قاراپ نىمىنىدۇر ھىس قىلغاندەك بۇلدۇميۇ ئەمما نىمىلەرنى ھىس قىلغانلىقىمنى ئۆزۈممۇ ئېيتىپ بىرەلمەي ئىچىم سىقىلدى.
ــ بۈگۈن چۈشتىن كىيىن ئىشقا بارمامسىز ،ــ سوراپ قالدى ئۇ ساپاغا چۈكۈپ ئولتۇرۇپ خىيالغا كەتكىنىمنى كۆرۈپ .
ــ ياق .
ــ دەم ئالىدىغان ۋاقتىڭلار ئەجەپ كۆپكەن ھە
ــ ھە
ــ بۇ ئۆينىڭ ئىجارىسىمۇ ئانچە ئەرزان ئەمەس ھەقاچان ، مائاشىڭىز قانچىلىك ، ئۆي پۇلى ، تۇرمۇش پۇلى دىگەندەكلەر يىتەمدىكەن .
ــ ھەئە يىتىدۇ .
ــ بىر كۆپەيتىش ئورگىنىدا شۇنچە كۆپ مائاش بىرەمدا ؟
ــ سودىمىز ياخشى .
ــ شۇنداق بولسىمۇ ؟
ــ سىز ساقچىما ئايگۈزەل ؟
ــ ساقچى بولسام سىزنىڭ بۇ ئىشلىرىڭىزنى سوراپ نىمە قىلاتتىم گۈزەلئاي،،،ھى ھى ھى ...سىزگە ئامراقلىغىم كىلىپ شۇ
  ئۇنىڭ ساددا گەپ-سۆزلىرىگە كۈلۈپ قويدۇم خالاس .كۆڭلۈمدە بولسا " ھازىر ئادەمنىڭ تېشىغا قاراپ باھا بەرگىلى بۇلاتتىمۇ ،ئەينى ۋاقىتتا مىنىڭ ئىشەنچىمگە ئىرىشىپ ھەممە سىرلىرىمنى بىلىۋېلىپ ، كىيىن ماڭا ئورا كولىغان ئاشۇ قىزمۇ دەسلىۋىدە ماڭا مۇشۇنداق ئامراق ئىدى،مانا مۇشۇنداق ساددا ئىدى ...كىيىن قانداق بولدى ئەنە ياغلىق ئارتىپ ،ناماز ئۇقۇپ يۇرگىنىگە قاراپلا ياخشى قىز دەپ ھۆكۈم چىقىرىۋەتسەم بولماس..."»دىگەنلەرنى ئويلىدىم ، ئۇنى دىمىگەن تەقدىردىمۇ ،بۇ ئۆينى ئاشۇنداق بىرسىنىڭ ،ئايالى بىر بىرىنىڭ ماڭا بىراقلا بىر يىللىق ئىجارىگە ئېلىپ بەرگىنىنى ئۇنىڭغا دىيەلمەيمەندە
、 ئۇنىڭ كىتاپلىرى كۆپكەن ، ئەدەبىي كىتاپلارمۇ ، "ساھابىلەر ھاياتىدىن تاللانما"،"سالىھلار گۈلىستانى"،"يول بۇ يەردە"»...قاتارلىق دىنى كىتاپلارمۇ باركەن ، قالايمىقان تۇرغان كىتاپ جازسىنى يىغىشتۇرۇپ ، كىتاپلىرىنى بىر چىرايلىق تىزىپ قۇيىۋىدى ،ئۆيمۇ باشقىچە بۇلۇپ قالدى ، مەنمۇ جۇشقۇن ،تىرىشچان ئۇقۇغۇچى ۋاقىتلىرىمغا قايتقاندەك بۇلۇپ قالدىم.
بولسىمۇ تېتىپ باقىسىز " دەپ بىر پىيالە تاماقنى ئالدىمغا قويدى ، سەينىغۇ كۆيدۈرۋەتمەپتۇ ،ئەمما تاماقتا تەم دىگەن نەرسە يوق ، ئۇنىڭغا قارىسام ئوخشاپتۇ دەپ ماختاپ ئولتۇرۇپ يەپ كىتىپتۇ ، قاراپ كۈلگۈم كىلىپ كەتتى ،خۇددى كىچىك بالىدەك...


 


  بۈگۈن ئىشقا بېرىش پەقەت خۇش ياقمىدى ، خوجايىنىمغا تىلفۇن بېرىپ "مىجەزىم يوقلىقىنى" دەپ بولغۇچە ئارام ئېلىشقا رۇخسەت قىلىۋەتتى .ئۆيدە بىكار كىتاپ كۆرۈپ ياتسام ئايگۈزەل خوشال كىرىپ كەلدى .
ــ تېپىڭە بىر خوش خەۋەر بار ، توغرا تاپالىسىڭىز سۈيۈنچىسىمۇ بار...
ــ تاڭ
ــتېپىپ بېقىڭە
ــ تاڭ
ــ ساراڭ قىز مەن خىزمەت تاپتىم .
ــ سىز ئاسپىرانىتلىققا تەييارلىق قىلىمەن دىگەنىدىڭىزغۇ ؟
ــ شۇنداق ئۇنىمۇ قىلىمەن ، بۇنىمۇ قىلىمەن ، ئۆيدىكىلەرگە ئېغىرىمنى سېلىۋەرسەم بولمايدۇدە
ــ نىمە خىزمەت تاپتىڭىز؟
ــ بىر دورا دۇكىنىدا ، دورا ساتقۇچى بۇلىدىغان بولدۇم...
ــ نىمە ؟ ھا،،،ھا،،،ھا...سىزنىڭ ئۇقۇغان كەسپىڭىز نىمىتى ، ھېلىقى جۇغراپىيە ، ئەمدى كىلىپ دوختۇرلۇق قىلىمەن دەڭ...
ــ ئۇنداق بولسا نىمە بوپتۇ ،ــ دېدى ئۇ ئاغزىلىرىنى شۇنچىلىك ئوماق ئۈمچەيتىپ تۇرۇپ ،ــ مىنىڭ ئاپام دوختۇر ، كىچىكىمدىن باشلاپ دورا-ئۇكۇل بىلەن ھەپىلىشىپ چوڭ بولغانمەن ، دورا-ئۇكۇل دىگەندەك نەرسىلەر ماڭا ئانچە ناتۇنۇش ئەمەس ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارغا خەنزۇتىلىنى پىششىق بىلىپ بەرسىلا بۇلىدىكەن ،
ــ ئاپام دوختۇر دەڭ ، دادىڭىزچۇ ؟
ــ ئۇقۇتقۇچى .
ــ نەچچە بالا سىلەر ؟
ــ ئىككى ، ھەدەم ئالدىنقى يىلى ياتلىق بولغان .
ــ ئۆيىڭىز ؟
ــ غۇلجا شەھەر ئىچى .
  ما قىزنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ «توۋا»دىگۈم كەلدى...ياغنىڭ ئىچىدىكى بۆرەكتەك چوڭ بولغان قىزكەنغۇ بۇ ، ئاپا-دادىسى مائاشلىق ، كادىر ئائىلىسى ،شۇنداق تۇرۇپ بۇ يەردە جاپا تارتىپ نىمە قىلا ؟
ــ مىنىڭ ئائىلە شارائىتىم سىزنىڭكىدەك ياخشى بولغان بولسا ئۇدۇل يۇرتۇمغا قايتاتتىم ،
ــ سىز نەدىن ؟
ــ قاراڭ ئايگۈزەل ، بىز بىرگە تۇرغىلى بۈگۈن نەق تۆت كۈن بولدى ، تېخىچە مىنىڭ قايەرلىك ئىكەنلىكىمنى بايقىمىدىڭىزمۇ ؟
ــ راستىنى دىسەم پەقەت بىلمىدىم ، ئىشقىلىپ شىماللىق سىز.
ــ خوتەندىن .
ــ ۋاي مېڭە
ــ نەگە ماڭىمەن ، ھىچنىمە ئىسىمدە قالمىسىمۇ تۇغۇلغان يۇرتۇم ئىسىمدە بار مىنىڭ .
ــ پەقەت ئوخشىمايسىزكەن .
  گەپنىڭ ئاخىرى ئۈزۈلۈپ قالدى . تۇرۇپلا كۆڭۈلسىزگىنە كەيپىياتتا بۇلۇپ قالدىم . ئاپامنى ، يۇرتنى سېغىنغانىدىم ، ئەمما قايتىپ كەتسەم بولمايتتى ...قايتىپ كىتەلمەيتتىم ...قۇلۇمدىن نىمە ئىش كىلەر ؟ئاپامنىڭ يەنە دادامنىڭ ئالدىدا قىزىرىپ تاتىرىپ تۇرغىنىنى كۆرگۈم يوق ئۇ توغرىسىدا ، كۆڭلۈمنى غەش قىلىدىغان ئاشۇ ئۇ ئۇ توغرىسىدا  ، ھىچقانداق گەپلەرنى ئاڭلىغۇم ،ھەتتا ئۇنىڭ قارىسىنى كۆرۈپ قالغۇممۇ يوق
  ئىچىمنى پۇشۇرۇپ كۆڭۈلسىز ئولتۇرغىچە چىقىپ بازار ئايلىنىپ كىلىشنى لايىق تاپتىم .
ــ ئايگۈزەل ، چۈشتىن كىيىن باشقا ئىشىڭىز بولمىسا بازارغا چىقىپ كىرەيلىمۇ ، كىيىم - كېچەك كۈرۈپ كىلەيلى .
ــ چۈشتىن كىيىن كومپىيوتۇر ئالغىلى چىقىمەن ،
ئەسلىدىنلا ئۇنىڭدىن بۇنداق ئىشلاردىن ئۈمۈد كۈتمەسلىكىم كېرەك ئىدى . شۇنىڭ بىلەن بىر يېقىنىمغا تىلفۇن قىلدىم .
ــ ئالو تاتلىق قىز
ــ ھە ، تېخى ھاياتمۇسىز ؟
ــ ئۇنداق ئۆلۈمۈمنى تىلىمەڭە ، سىزگە ھىچ يامانلىق قىلمىسام ...سىزنى سېغىنىپ تۇراتتىم شۇ تاپتا
  ئۇنىڭ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ لىكىن يەنىلا خۇش بۇلۇپ قالدىم، مەنمۇ چاندۇرماي يالغان سۆزلەشكە باشلىدىم :
ــ شۇ مەنمۇ سىزنى سېغىنىپ... ...چۈشتىن كىيىن بازارغا چىقاي دىگەن ، ھەمرا بۇلۇپ بېرىشىپ بىرەمسىز ؟
ــ سىز دەپقاپسىز ئاپپاق قىز ، ھېلىغۇ بازاركەن ، مازار بولسىمۇ تەييارغۇ بىز ھازىر بىرسى بىلەن كۆرىشىدىغان ئىشىم بار، بىرەر سائەتلەردىن كىيىن سىزگە تىلفۇن قىلاي ، تەييار بۇلۇپ تۇرۇڭ ، ئاندىن ماشىنام بىلەن ئۆيىڭىزنىڭ ئالدىغىلا باراي ، چۈشتىن كىيىن بازار ئايلىنايلى ، كەچتە مىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشۇمغا بويسۇنىسىز ، قانداق چاتاق يوقتۇ
ــ چاتاق يوققۇ چاتاق بار يەردە بىز يوققۇ
ــ شاشقۇ باللا ھە مۇشۇنداق يەلىرىڭىزنى دەيمىزدە ئەمىسە داۋاي ...ھېلى كۈرۈشەيلى تاتلىق قىز .
شۇنداق قىلىپ بۈگۈن بىر كۈنۈم خېلى كۆڭۈللۈك ئۆتىدىغان بولدى-دە
ئۇرۇنلاشتۇرۇش بۇيىنچە بىر كۈن چۈشتىن كىيىن ئەكپەر بىلەن بىرگە بولدۇم ، بىز بارمىغان شىياۋ شىمېر ، داشىمېر،سەنشىخاڭزا ، دا بازا ، ئادىل ، سۇبھىلەرمۇ قالمىدى ، كەچلىكى خوڭسەنچىغا بېرىپ ئولتۇردۇق .
  سورىنىمىز شۇنداق قىزىۋاتاتتى ، ئارىلىقتا ئايگۈل بىلەن تازلىق ئۈيىگە بىرلا چىقىپ كىرىپ ، جىلە بۇلۇپلا قالدىم .
ــ ئاڭلىدىڭمۇ ، ئەكبەر توي قىلىدىكەن .
ــ ئۇنداق ئەمەستۇ ؟،ــئايگۈلدىن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم .
ــ سەن تېخى بىلمەيسەن دىگىنە...چايمۇ ئىچۈرۈلۈپ بوپتۇ . ئۇ قىزنى سېستىرا دەيدۇ ، بەك چىرايلىقمىش .
ــ ھە،،،
  ئۆز – ئۈزۈمگە ھەيران قالدىم .ئۇ توي قىلسا مىنىڭ تۇتۇلۇپ قالغىنىم نىمىسى ، ياكى مۇشۇنداق ئوينىتىپ ، كىيىم-كېچەك ئېلىپ بىرىدىغان ، قاچانلا ھايت دىسەم ھۇيت دەپ تۇرىدىغان بىرىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىمغا ئىچىم ئېچىشىۋاتامدىكىن...كىم بىلىدۇ ، ئۇ كۆڭلىدە نىمە چوتلارنى سۇقۇۋاتىدۇ تېخى بۇمۇ ئۇنىڭدەك  "ئايالىم ئۆيدىكى خۇتۇنۇم ، سىز سىرتتىكى خۇنۇم جېنىم ...يەنە مۇشۇنداق ئارىلىشىپ ئۆتۈۋىرەيلى "  دەپ قالسىچۇ ؟ ئۇنداق بۇلىشىغا مەن ئۇنىمايمەن ئەلۋەتتە ...ھەرقانچە يولدىن چىقىپ كەتسەممۇ خەقنىڭ ئاشنىسى بۇلۇپ ياشايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالمىدىم مەن
ــ قوپۇڭە ،نىمە خىيال سۈرۈپ ئولتۇرىسىز ؟ ئوينايمىز دەپ كەلدۇق بۇ يەرگە .
ئۇنىڭ بىلەن يىغلاڭغۇ مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ تانسا ئويناۋاتىمەن . مۇزىكا قۇلۇقۇمغا بەك يېقىمسىز ئاڭلىنىپ كەتتى . ئۇ بۇرۇنقىدەك قوللىرىمنى چىڭ –چىڭ سىقىپ ،مىنى ئۆزىگە تارتىپ –تارتىپ ئوينايتتى . بۇرۇنقىدەك كۈلۈپ قۇيۇپ جاۋاپ قايتۇرالمىدىم .تانسا تۈگىشى بىلەنلا ئۇ مېنى سىرتقا ئېلىپ چىقتى .
ــ ۋۇي ، سەت تۇرىدۇ ، كوچىدا ئادەملەر ئۈتۈشۈپ تۇرسا ،ــ دىدىم ئۇنى ئىتتىرگەچ.
ــ ئوخخو...گۈزەلئاي خانقىز بۈگۈن باشقىچىلىغۇ . مىجەزىڭىز يوقمۇ نىمە ...
ــ بىلمىدىم ،كەيپىياتىم تازا ياخشى ئەمەس كەچۈرۈڭ .
ــ ئەمىسە كەيپىياتىڭىز ياخشىلىنىدىغان جايغا بارامدۇق .
ــ بولدىلا...بۈگۈنچە ئۆيگە قايتىپ كىتەيمىكىن
ــ بۈگۈن ئەڭ ئاخىرقى كۈنى بۇلۇپ قالاتتى دەيمەن .
ــ نىمىشقا ؟،ــ ئۇنىڭ ئاغزىدىن راست گەپ چىقىشىنى شۇنچىلىك ئۈمۈد قىلاتتىم .
ــ مەن يېقىندا توي قىلىمەن .
«ئۇھ...»دىدىم ئىچىمدە ، ھەنىم بولسا بىرەر قېتىم بولسىمۇ راست گەپ قىلىپ باقىدىكەن بۇ
  ماڭغاچ پاراڭلاشتۇق ، ۋاراڭ -چۇرۇڭدىن بىراقلا خالى جايغا چىققاچقىمىكىن كاللام خېلى ئارام تېپىپ قالدى.
ــ شۇنداقمۇ ؟،ــ مەنمۇ بىلمىگەن قىياپەتكە كىرىۋالدىم .
ــ ھەئە ،ئۇ قىز بەك ياخشى ، ئاقكۆڭۈل ، پەرىشتىدەكلا قىز دەڭە ، جەمىيەتمۇ كۆرۈپ باقمىغان ، مىنىمۇ بەك ياخشى دەپ ئويلايدۇ ، يېقىندا بىر قانچە دوستى مىنى "ئانداق ئۇيۇنچى ، مانداق ئۇيۇنچى " دەپ چېقىپتىكەن قاراڭ ، ئۇلارنىڭ تازا ئوبدان دەككىسىنى بېرىپتۇ ...قىسقىسى ماڭا بەك ئىشىنىدۇ ، شۇڭا تويدىن كىيىن ھەممىدىن بىراقلا قول ئۆزەيمىكىن دەيمەن...ھېلىمۇ بەك ئويناپ كەتتىم ، قىلمىغان ئىشلىرىم ئاز قالدى . خۇدايىم جاجامنى بەرمەستە ئاستا ئۆزۈمنى تۇتۇۋالمىسام بولمىدى.
ئۇنىڭ گەپلىرىدىن تەسىرلىنىپ كەتتىممۇ ياكى بولغۇسى كىلىنچەككە ئىچىم تارلىقىم كىلىپ قالدىمۇ بىلمىدىم ، كۆزلىرىمگە يىغا ئولاشقىلى تۇردى .
ــ مېنى ئۆيگە ئاپىرىپ قۇيالامسىز ؟
ــ راستلا كىتەمسىز ؟
ــ ھەئە . كۆڭلۈم ئۆينى تارتىپلا تۇرىدۇ .
ــ ماڭا قاراڭە ، يىغلاپسىزغۇ ، نىمە بولدى سىزگە ...بۈگۈن زادى بىر ئىش بار...
ــ ھىچنىمە ، سىز ئۈچۈن خوشال بۇلىۋاتىمەن ، ئويلاپ باقسام بىز تۇنۇشقاندىن بىرى بىرەر قېتىممۇ مۇنداق سەمىمىيلىك بىلەن پاراڭلىشىپ باقماپتىمىز.
ــ مەنمۇ ئالدىڭىزدا خىجىل . جىق ئىشلارنى كىيىن چۈشەندىم ، ئەسلى قىزلار بۇزۇق ئەمەس بىز ئوغۇللار ئەسكىكەنمىز ، سىلەرنى تۇيدۇرماستىن ھەرخىل يوللارغا باشلاپ ئەكىرىپ كىتىدىكەنمىز ...
  ئۇنىڭ گىپى تۈگىمەستىنلا ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتىم ، تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ قۇچاقلىشىدىن دوستلۇقنى ، تەسەللىنى ھىس قىلدىم ،
ــ توۋا ، سىزمۇ يىغلايدىكەنسىز ھە ؟ تۇنجى قېتىم كۈرۈشۈم ، گۈزەللەرنىڭ يىغلىشىمۇ باشقىچە گۈزەل بۇلىدىغان گەپكەن...
  نىمىشقىكىن ئۇنىڭ ماختىشىمۇ شۇنچىلىك تەبىي ئاڭلىنىپ كەتتى .
  ئۇنىڭ ماشىنىسىدا ئۆي تەرەپكە قاراپ يول ئالدۇق ، تۇيۇقسىز كاللامغا بىر سۇئال كىلىپ قالدى ، ناھايىتى قاملاشمىغان سۇئال ...قاملاشمىغانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ شۇنداق سورىغۇم كەلدى .
ــ ئەكبەر
ــ نىمە ئاپپاق قىز؟
ــ بۈگۈن ئىككىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈن بىللە بۇلىشىمىزكەن ، شۇڭا كۆڭلىمىزدىكى گەپلەرنى دىيىشىۋالايلىچۇ .
ــ چاتاق يوق .
ــ لىكىن چۇقۇم راست گەپ قىلىمىز ھە
ــ ھە ماقۇل .
ــ ئەمىسە مەن بىر سۇئال سوراي ، لىكىن چۇقۇم راست گەپ قىلىسىز
ــ ماقۇل دىدىمغۇ ئاپاق قىز ،ئەكبەر قاچان سىزگە ماقۇل دىگەن ئىشىنى قىلماي باققان .
ــ ئىككىمىز يېڭى تۇنۇشقان ۋاقىتلاردا ، سىز مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن دىگەن بۇ گىپىڭىز راستمىتى ؟
ــ مەن سىزگە قىزىققان ، لىكىن ياخشى كۆرۈشكە كەلسەك... ...نىمە دىسەك بۇلا...ياخشى كۆرىمەن ، سىز ئاقكۆڭۈل قىز ، دوستلىرىمدەك ياخشى كۆرىمەن ...
ــ سىزنىڭ مەن بىلەن توي قىلىشنى ئويلىشىپ باققان ۋاقتىڭىزمۇ بولغانمىدى ؟(باياتىن بىرىقى شۇنچىلىك سورىغۇم كىلىپ كەتكەن ، ئەمما جۇرئەت قىلالمىغان سۇئال دەل مۇشۇ سۇئال ئىدى)
ــ راست گەپنى قىلىسام ...ياق گۈزەلئاي...
ــ راست گەپ قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن رەھمەت .
  ئاشۇ گەپتىن كىيىن ئۆيگە بارغۇچە ئۇمۇ ، مەنمۇ گەپ قىلمىدۇق .ئەمما ئۆينىڭ ئەتراپىغا كەلگەندە ئۇمۇ مەن بىلەن تەڭ ماشىنىدىن چۈشتى .ئىككى قۇلۇمدا بۈگۈن ئۇ ماڭا ئېلىپ بەرگەن كىيىم-كېچەكلەر بار ئىدى.ئۇ قوللىرىمدىكىنى ئېلىپ يەرگە قويدى ، يۇزلىرىمدە ئەركىلەپ يۈرگەن چاچلىرىمنى قۇلاقلىرىم ئارقىسىغا قىستۇردى .
ــ ھەر قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچۇرسىڭىز مېنى ئىزلەڭ ، سىزنى ئوينىتىپ ئەكىلىش ئۈچۈن ئەمەس ھەقىقى دوستىڭىز سۈپىتىدە ياردەم قىلىمەن ، ئەگەر خالىسىڭىز مېنى ئاكا دەپ تۇنىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ ، بۇندىن كىيىن ئوغۇللار بىلەن قالايمىقان ئارىلاشماڭ ، خىزمىتىڭىزنى ياخشى قىلىڭ ، بولسا يۇرتىڭىزغا قايتىپ ،خىزمەت قىلغاچ ئاتا-ئانىڭىزنىڭ دۇئاسىنى ئېلىڭ . خۇدايىم بەختىڭىزنى بەرسۇن ،
  ئۇنى مۇنداق گەپلەرنى قىلىدۇ دەپ ئويلىمىغانىدىم ، ئۇنى قۇچاقلاپ يىغلاپ ئىچىمنى خېلى بوشىتىۋالدىم ، مەن ئۇنىڭغا ئۇ ماڭا بەخت تىلەشتۇق .ئەسلىدە ئۇنىڭغا "ھەممىنى توي قىلغاندىن كىيىن باشلايمەن دەپ ئولتۇرماي ھازىردىن باشلاڭ" دىمەكچى ئىدىم ، بىراق ئاغزىمدىن پەقەت چىقىرالمىدىم ، تۇرۇپلا ئۇنىڭ ئالدىدا ئۈزۈمنى شۇنچىلىك ئەرزىمەس ئادەمدەك ھىس قىلىپ كەتتىم .ھەم ئۇنىڭ كىيىن قىلغان سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ ھازىردىن باشلىغانلىقىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم .


 

  ئۆيگە كەلسەم ئايگۈزەل تېخىچە ئۇخلىماي كىتاپ كۆرۈپ ئولتۇرۇپتۇ .ئۇنىڭ بىرمۇنچە گىپىگە «"بەك چارچاپ كەتتىم ، كىرىپ ئۇخلىۋالاي "دەپلا ياتاق ئۈيۈمگە كىرىپ ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋالدىم ، سەۋەبى ئۇنىڭغا چاندۇرۇپ قويماسلىق ئىدى .ئەگەر يېنىمغا كەلسىلا تاماكا ئىسى ،ھاراق پۇراپ كىتىشىم تۇرغانلا گەپ
  ئەتىسى ئەتىگىنى ئورنۇمدىن تۇرسام ئۇ ئىشقا كىتىپتۇ . ئەتىگەنلىك ناشتامنىمۇ تەييارلاپ قۇيۇپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇندىن بىرسى داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتقان ئادەتلىرىمنى بۇزۇپ ، ئولتۇرۇپ ناشتا قىلدىم ،قارىسام مىھمانخانا ئۆينىڭ بۇلىڭىغا ئەپچىلگىنە قىلىپ كومپىيوتۇر ئۈستىلىنى قۇيۇپ قۇيۇپتۇ ، قارىغاندا ئىككىنچى قول كومپىيوتۇر ئالغاندەك قىلاتتى.
  كەچتە ئىشتىن كىلىپلا ئۇنىڭ تەييار قىلىپ قويغان تامىقىنى يىدىم ،
ــ يېڭى خىزمىتىڭىز قانداقراقكەن ؟
ــ بۇلىدىكەن ، دۇكاندىكى قىزلار بىلەنمۇ چىقىشىپ قالدىم ،
ــ ياغلىقىڭىزنى ئېلىۋەتتىڭىزمۇ يوق ،
ــ ئۇلارنىڭ ھېلىقى پوسمىسى بارغۇ ،شۇنى كىيىدىكەنمىز ،چېچىمنى تۈگۈپ ، ئورىۋالغاندىن كىيىن كەيسەم چېچىم چىقىپ قالمايدىكەن .
ــ نامازلىرىڭىزنىچۇ ؟
ــ ئارام ئېلىدىغان كىچىككىنە ئۆيى باركەن ، خېلى پاكىزكەن ، شۇ يەردە ئۆتىدىم .
ــ خوجايىنىڭلار گەپ قىلمىدىما ؟
ــ ياقەي ، خەنزۇكەن ، ناماز ئۇقۇيمەن دىسەم تېخى ،"سودام تېخىمۇ ياخشى بۇلۇپ كىتىدىغان بولدى" دەپ خوش بوپ كەتتى دىمەيسىز ...
ــ ھە ...
ــ ھەراست ، گۈزەلئاي كومپىيوتۇرنى تورغا ئۇلىتىۋېتەيمىكىن ،
ــ پۇلىڭىزغا ئىچىڭىز ئاغىرمىسا ئۇلىتىۋېتىڭ .
ــ ساراڭ قىز .باشقىچە پىكرىڭىز بارمۇ دىمەكچى .
ــ يوق ، ئۇ دىگەن سىزنىڭ شەخسى ئىشىڭىز ... نىمە ئىككىنچى قول كومپىيوتۇر سېتىۋالدىڭىز ؟
ــ بۇ...بۇنى مەن سېتىۋالمىدىم ... ...بۇ يىگىتىمنىڭ .
ــ نىمە ؟ يىگىتىڭىز ؟
ــ ھەئە .
ــ ھېلىقى سىز كەچكىچە تىلفۇندا پاراڭلىشىدىغان بالىنىڭ ؟
ــ ھەئە .
ــ ئۇ ئۈرۈمچىدىما ؟
ــ ياق ، ئىچكىرىدە تىجارەت قىلىدۇ .
ــ كاللامنى ئېلەشتۈرۈپلاۋەتتىڭىز ،كاللا ئىشلىتىشكە ئۆچلۈكۈمدە
ــ ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۆيى بار .
ــ ئەمىسە سىز بۇ يەردە ئۆي ئىجارە ئېلىپ نىمە قىلىسىز ؟
ــ ئۇ ئۆزى ئىچكىرىدە ، بۇ ئۆيىدە ھازىر ئادەم يوق ، كومپىيوتۇرنى شۇڭا ئەكىۋالدىم ، بىر دوستىغا ئاچقۇچنى بىرىپ قۇيۇپتىكەن .
  قارىسامغۇ دۇرۇسلا قىز بالا كۆرىنىدۇ ، "يىگىتىم ئىچكىرىدە تىجارەت قىلىدۇ»"دىگىنىدىنلا بۇ قىزمۇ ئىشەنچىلىك ئەمەس .
ــ يىگىتىڭىز نىمە تىجارەت قىلىدۇ .
ــ قاشتېشى ،ــ قىز شۇنچىكى قىزارغىنىچە بېشىنى ئىختىيارسىز تۆۋەن سالدى ،
ــ ۋاي ھا ھا ھا...بىزنىڭ كىلىنچەك دەڭە سىز؟
ــ ئاللا خالىسا...
ــ ئەمىسە ئۇنىڭ ئۆيىدىلا تۇرسىڭىز بۇلاتتىكەنتۇققۇ ؟
ــئۇ بولمايدۇ دەيدۇ .
ــنىمىشقا ئەمدى؟
ــ ھە...نىمە دېسەم بۇلا ...ئەڭ ياخشىسى ئۇ ماڭا سۆزلەپ بەرگەن ھىكايەتنى مەن سىزگە سۆزلەپ بىرەي . گۈلىستاندا مۇنداق بايان قىلىنىدىكەن :
  بىر ئالىم كىشىدىن باشقىلار سوراپتۇ:«ئەگەر كىشى بىر ئاي يۈزلۈك بىلەن خالى جايدا ئولتۇرسا ،ئىشىك تاقاقلىق بولسا ، رەقىپلىرى ئۇخلىغان بولسا،تۇيغۇسى قوزغىلىپ ،نەپسى تاقىلداپ كەتسە ، قىسقىسى ئەرەپلەر ئېيتقاندەك ،‹خورما پىشسا باغۋەننىڭ كارى بولمىسا ›،ئۇ ئادەم ئۆزىنى تارتىپ ساقلىنىپ قالالارمۇ ؟»
ئالىم ئېيتىپتۇ :«ئاي يۈزلۈكتىن ساقلىنىپ قالغان تەقدىردىمۇ ،غەيۋەتچىلەرنىڭ يامان تىللىرىدىن ساقلىنالمايدۇ»
                                              كىشى ئۆز ئىشىنى جۆندەيدۇ ئوبدان ،
                                              لېكىن يوق يات تىلنى باغلاشقا ئىمكان.


 

خۇددى مۇشۇنىڭدەك ... يىگىتىم مىنىڭ يۈز - ئابرويۇمنى ئويلىشىپ شۇنداق قىلغان .
ــ ھە...
ــ ئۇ قاچان قايتىپ كىلىدۇ ؟
ــ بىلمەيمەن ، بەلكىم يەنە نەچچە ئاي بەلكىم نەچچە كۈنلەردىن كىيىن كىلىپ قالار ، سودىگەر دىگەن شۇنداق بۇلىدىغان گەپكەن ،،،
ــ جاھاننىڭ تارلىقىدا خوتەنگە كىلىن بۇلۇش ئالدىدا خوتەنلىك بىلەن بىر ئۆيگە كىرىپ قالدىڭىز دە ھە ،ئەمدى چۈشەندىم ، قايسى كۈنى مەندىن سىز قايسى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇقۇغان دەپ سورىشىڭىز بىكار ئەمەسكەندە .
ــ شۇنداق ، ئۇ شەھەرلىك ــ ئوتتۇردا ئۇقۇپتىكەن ، لىكىن سىز ۋىلايەتلىك -ئوتتۇردا ئۇقۇپسىز ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ تۇلۇقسىزدىلا ئۇقۇشنى تاشلاپ سودىغا كىرىشىپ كەتكەن ، شۇڭا چۇقۇم تۇنۇمايسىز...
ــ بەلكىم ، قېنى قاراپ باقايلى ھە ، تۇنۇشۇمنىڭ تۇنۇشى چىقىپ قالامدۇ تېخى .
  ئۇزاق بۇلۇپتىكەن بىرسى بىلەن بۇنداق كۆڭۈل قۇيۇپ پاراڭلىشىپ باقمىغىلى ، نىمىشقىدۇر ئەتراپىمدىكى ھەممە نەرسە سوغۇق كۆرىنىدۇ ، ھەر قانداق ئادەمگە ئارتۇق گەپ قىلغۇممۇ كەلمەيدۇ ، ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم يېڭى كىيىملىرىمنى كىيىپ ، گىرىملىرىمنى جايىدا قىلىپ كوچىدا ماڭغىنىمدا قىز-ئوغۇللارنىڭ ماڭا قاراپ كىتىشى ، ئوغۇللارنىڭ بىرەر نەرسىنى باھانە قىلىپ ماڭا گەپ قىلىپ بېقىشى ...يەنە تېخى مەن تاشلىۋەتكەن ئوغۇللارنىڭ ماڭا بىچارىلەرچە تەلمۈرىشى...ئوغۇللارنى ئالدىغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئالدىنىشىمغا گول بۇلىشىنى تاماشا قىلىشىم...كەچلەردىكى ئولتۇرۇشلاردا ھەممىنى ئۇنتۇغان ھالدا رەڭگارەڭ نۇر دۇنياسىدا ياشاش...مانا بۇلار مىنىڭ خوشاللىقىم ، گەرچە باشقىلاردەك ئىچىمدىن قاقاھلاپ كۈلەلمىسەممۇ ھەرھالدا بىردەم بولسىمۇ تارتقان خورلۇق ، ئازاپ ، ئالدىنىشلىرىمنى ئۇنتۇيالايمەن ، جاھاننىڭ پەيزىنى سۈرەلەيمەن .
  ئايگۈزەلنىڭ تىرىشچانلىقىغا قول قويماي تۇرالمىدىم ، ئۇ ئەتىگىنى نامازدىن كىيىن ئۇخلىمايتتى ، ئىنگىلىزتىلى يادلايتتى ، ئۆيلەرنى پاكىز تازلايتتى ، ئۆزى ناشتا قىلىپ بۇلۇپ ، مىنىڭ ناشتىلىقىمنى تەييار قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئىشقا ماڭاتتى ، كەچتە كەلگەندە ئىرىنمەي-تىرىكمەي يەنە تاماق قىلاتتى ، ئاندىن كومپىيوتۇرنىڭ ئالدىدا ئىككى-ئۈچ سائەتتەك ئولتۇراتتى . ئۇنى نىمىش قىلىدىكىن دەپ قارىسام ئاساسلىقى ئۇيغۇرچە مۇنازىرە مۇنبىرىنى كۆرىدىكەن ، ئوغۇل دوستى بىلەن پاراڭلىشىدىكەن.
  خوتەنلىك ئوغۇللارنىڭ مىجەزىنى چۇشەنگەچكە ئۇ قىزنىڭ ھەربىر ئىشىنىڭ ۋاقتى سائىتىدىن تارتىپ يىگىتىگە دوكلات قىلىپ تۇرۇشى ئانچە غەيرى بىلىنمىدى ، مەنمۇ بىر چاغلاردا شۇنداق ئىدىم ، ياتاقتا ئۇخلاپ قالساممۇ "تىلفۇن قىلسام ئالىدىغان ئادەم يوق ،نەگە باردىڭ " دەپ سوراققا تارتىپ كىتىلەتتىم ئۇيقۇمنىڭ قاتتىقلىقىدىن بىر مۇنچە تىل ئاڭلايتتىم ، ياتاقداشلىرىم ھەيران بۇلاتتى ،ئەمما مەن بولسام شۇنداق مەسئۇلىيەتچان بىر يىگىتنىڭ قىز دوستى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنەتتىم .
  كەچلىكى ئۇخلاي دەپ ياتسام ئايگۈزەل ياتاق ئۈيۈمنىڭ ئىشىكىنى چىكىپ قالدى .
ــ كىرىۋىرىڭ .
ــ قاراڭ گۈزەلئاي ، بىر گەپ باتتى ، لىكىن سىزگە دىيەلمەي...
ــ دەۋىرىڭ ، قۇلۇمدىن كەلسىلا...
ــ مىنىڭ سىز بىلەن بىرگە ياتقۇم بار...
ــ قورقامدىكەنسىز ؟
ــ قورقۇپقۇ كەتمەيمەن ، لىكىن ئالىي مەكتەپتە تەييارلىقتىن كىيىنكى تۆت يىل خەنزۇلار بىلەن بىرگە يېتىۋىرىپ بەك ئۇيغۇرسىراپ كىتىپتىكەنمەن ، راستىنى دىسەم سىزگە ئۈزۈممۇ ئۇخمايمەن ، بەك ئامراق بۇلۇپ قالدىم ، كارىۋىتىڭىزمۇ خېلى چوڭكەن ، قارىسام سىزمۇ بالدۇر ئۇخلىمايدىكەنسىز ، مەن ئۆگىنىشنى ياتاق ئۆيدە قىلسام ، كەچلىكى ئۇخلايدىغاندا يېنىڭىزغا كىرىپ ياتسام ،،،لىكىن ھەرگىز خاتا چۈشىنىپ قالماڭ ...ئەگەر خالىمىسىڭىزمۇ مەيلى ، سىزنىڭ تاللىشىڭىزغا ھۆرمەت قىلىمەن .
ــ توۋا...مەن ئۇچراتقان ئەڭ غەلىتە قىزدە سىز ، ماقۇل كىرىپ يېتىڭ .
ــ ئىي...ئەجەپ ياخشى ...
ــ ساراڭ قىز ئاغرىتىۋەتتىڭىز
ــ كەچۇرۇڭ
  ئىككىلىمىز كۈلۈشۇپ كەتتۇق ، ئۇ خوشاللىقىدىن مىنى قۇچاقلىۋالغانىدى.
  ئۇغۇ يېنىمدا ياتسا ھىچ گەپ ئەمەس ،ماڭىمۇ ئۇنداق پاراڭخۇمار قىزنىڭ بولغىنى ياخشى ، لىكىن ئۇنىڭدىن تەپ تارتاتتىم ،چۈنكى  ماڭا كېچىلىرى كۆپرەك تىلفۇن كىلىپ قالاتتى .ئۇندا ئويلا مۇندا ئويلا ئاخىر ئۇخلاشتىن بۇرۇن تىلفۇنۇمنى ئىتىۋېتىشى قارار تاپتىم .
  شۇنداق قىلىپ ھەر كۈنى كەچ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياتىدىغان بولدۇم ، ئۇ دائىم بىر قولىدا توختىماي قىسقا ئۇچۇر يوللىغاچ ماڭا گەپ قىلىپ بىرەتتى ، ياخشى يېرى ئىككىمىزنىڭ ئورتاق تىمىسى بار ئىدى ، ئۇ بولسىمۇ ــ كىتاپ .
  ئۇقۇغان كىتاپلىرىمىز توغۇرلۇق پاراڭلار كۆپ بۇلىناتتى . ئۇمۇ ماڭا ئوخشاشلا ھەممىدىن جالالىدىن بەھرام ئەسەرلىرىنى ياقتۇرىدىكەن ،ئۇ كۈنى گىپىمىزنىڭ بېشى «لېيىغان بۇلاق»تىن باشلىنىپ ئاخىرى جالالىدىن بەھرامنىڭ كىچىك ھىكايىلىرىغىچە ، پوۋىستلىرىغىچە بېرىپ توختىدى .
ــ ئۈزۈمنى كىتاپ خۇمار دەپ يۇرسەم ، سىز مەندىمۇ ئۈتەمۇ نىمە ؟،ــدېدى ئۇ .
ــ كەسپىم شۇ تۇرسا
ــ سىز ئەدەبىياتتا ئۇقۇغانما ؟
ــ ھەئە ئالدىڭىزدىكى مۇشۇ مەكتەپتە نەق تۆت يىل ئەدەبىيات ئۇقۇغانمەن .
ــ ئەمىسە نىمىشقا كەسپىڭىز بىلەن شۇغۇللانمايسىز؟
ــ ئۈرۈمچىدە مەندەكلەر ساماندەك ، دىپلوم ، ئۇقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى دىگەندەكلەر ھازىر ھەممە ئادەمنىڭ قۇلىدا بار . نەدە يۇرۇپ كەسپىم بىلەن شۇغۇللىنالايمەن .
ــ يۇرتقا كەتكەن بولسىڭىزمىغۇ ھە ؟
ــ يۇرتقا كەتكۈم يوق .
ــ نىمىش...
ــ سەۋەبىنى سورىماڭ
ــ ماقۇل سورىماي ...


 

  ئايگۈزەل بىلەن تېخىمۇ چىقىشىپ كەتتىم ،دەسلىۋىدە ئائىلەم ، شەخسى تۇرمۇشۇم توغۇرلۇق خېلى گەپ ئېچىپ باقتى ، لىكىن كىيىن مىنىڭ تۇتۇلۇپ قالغانلىقىمنى بايقىسا كېرەك ،ئۇنداق سۇئاللارنى سورىماس بولدى. ئەمما قالايمىقان سۇئال سورىمىغان بىلەنمۇ بەزىدە دىل يارامنىڭ تاتىلىنىشىغا سەۋەپ بۇلۇپ قالاتتى. چۈنكى ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى بىلەن قىلىشقان پاراڭلىرىدىن ئۆتمۈشۈمدىكى ئۆزۈمنى ۋە ئۇنتۇلۇلغان ئاچچىق خاتىرىلەرنى ئەسلەپ قالاتتىم.ئۇنىڭ خۇددى بوۋاق بالىدەك ۋىلىقلاپ كۈلۈشلىرىگە قاراپ كۈلۈپ قۇياتتىميۇ بوغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك ئىچىم ئاچچىق بۇلاتتى .
ــ بەك كەچ بوپ كەتتى ، ئەمدى ئۇخلايلى ئاپاق ،ــئۇ ھەر قېتىم خوشلىشىش ئالدىدا يىگىتىگە مۇشۇنداق دەيتتى ، ئىچىمدە بولسا "ئوغۇل بالىنىمۇ ئاپپاق دەمدۇ؟" دەپ كۈلگۈم كىلىپ كىتەتتى .ئۇ خوش دىگىنى بىلەن ئۇلارنىڭ خوشلىشىشىغىمۇ ئالاھەزەل بىرەر – يېرىم سائەت كىتەتتى .
ــ ئاخىر قويدىڭىز ھە يائاللا قارەڭە كۆزلىرىڭىزگە ...خۇمارلىشىپ كىتىپتۇ
ــ ۋاي مېڭە...،ــ ئۇ ئىتتىك ياستۇق تىگىدىكى كىچىك ئەينىكىنى ئېلىپ قاراپ كەتتى .
ــ يالغان سۆزلىمىدىم ،.. ئەجەپ پاراڭلىشىدىكەنسىلەر...ھېلى ھازىر ، ھېلى كىيىن ، ھېلى بالىلىق ، تاس قالىدىكەنسىلەر بوۋام ماڭا مۇنداق چۆچەك ئېيتىپ بەرگەن دىسە ماڭا مۇنداق ئېيتىپ بەرگەن دەپ بىر-بىرىڭلارغا چۆچەك ئېيتىشىپ بەرگىلى ...
ــ ھى ھى ھى ...
ــ ۋۇججۇن كۈلكىسىنىڭ سەتلىكىنى بۇنىڭ
ــ يائاللا ، ئەمدى بىر خوتەنلىكتەك گەپ قىلدىڭىز
ــ ئەسلىدىنمۇ خوتەنلىك مەن
ــ مەنمۇ خوتەنلىك
ــ ھى ھى ھى قېلىنلىقىنى
ــ قازانغا يۇلۇقساڭ قارىسى يۇقىدۇ دەپتىكەن ، ھى ھى ھى ...
ــ ئىتراپ قىلدىڭىز ھە
ــ سىزمۇ قېلىن ، مەنمۇ قېلىن ئىككىلىمىز قېلىن
ــ سىز قېلىن
ــسىز قېلىن
ــ ھى ھى ھى...ھا ھا ھا ...
  ئۇنىڭ بىلەن ياستۇقلارنى ئېتىشىپ ،ئوينىشىپ كەتتۇق ،
ــ گۈزەلئاي
ــ نىمە ؟
ــ تېخى ئۇخلىمىدىڭىزما؟
ــ ياق ...
ــ مىنى يېقىن دوستىڭىز قاتارىدا كۆرەمسىز ؟
ــ ئىككى يىلدىن بىرى ئىچىمدىن چىقىرىپ ، كۈلۈپ پاراڭلاشقان قىز سىز . باشقىنى بىلمەيمەن.
ــ بىز سەن دىيىشەيلىچۇ ...بايقىغانسىز ، ئۈزۈممۇ بىلمەي سىزنى پات-پات سەنلەپ كىتىدىغان بۇلۇپ قالدىم .
ــ ئىختىيارىڭىز
ــ سىز بەك ياخشى جۇمۇ .
ــقانداق ياخشى ؟
ــ مەن نىمە دىسەم ماقۇل دەيسىز
«"مەن نىمە دىسەم ماقۇل دەيسىز ... ...مەن نىمە دىسەم ماقۇل دەيسىز ... ...مەن نىمە دىسەم ماقۇل دەيسىز...»"قۇلاق تۈۋىمدە تۇنۇش ئاۋازلار ئاڭلىنىپ كەتتى...ئۇھ...يۈرۈكۈم...


 

  ئەتىسى ئىشتىن چۈشۈپلا خاۋ شىڭفۇغا كىرىپ سەي-كۆكتات سېتىۋالدىم ، ئويلاپ باقسام ئون كۈندەك بوپتۇ ، ئايگۈزەل ئىتىپ بەرگەن تاماقنى كۆزۈمنى يۇمۇپ يەپ كەلگىلى ، تۈنۈگۈن قارىسام سەيلەرمۇ خېلى ئاز قاپتىكەن.
  سەيلەرنى ئېلىپ ئەمدى ماڭاي دەپ تۇرسام دوستۇم دىلارە تىلفۇن قىپتۇ.بۈگۈن كەچتە بىر ئولتۇرۇش باركەن ، ئانچە زورلىتىپمۇ كەتمىدىم ، كەچتە "مەشرەپ" نىڭ ئالدىدا كۆرىشىدىغانغا دىيىشىپ خوشلاشتۇق .
ئۆيگە كەلسەم بىزنىڭ ئايگۈزەل كىلىپ بوپتۇ .
ــ نىمە بولدى ؟ شۇمشىيىپ ئولتۇرۇپ كىتىپسىەنغۇ ؟
ــ ھىچنىمە .
ــ ۋۇي...ما يىغلاڭغۇنى ، دىگىنە قايسى كىتاپتىن ياكى قايسى تىمىدىن تەسىرلىنىپ كەتتىڭ .
ــ كىتاپ ، تىما كۆرگۈدەك ھالىم يوق ھازىر .
ــ ئاناڭ تىلفۇن قىپتۇدە
ــ ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدىم .
ــ ئاپاق بىلەنما ؟
ــ ھەئە .
ــ ۋاي ماڭە سىلەردەك مىھماندەك ئۈتىدىغان ، پەرھات-شىرىندەك تاتلىق گەپلەرنى قىلىدىغانلار قانداقمۇ ئۇرۇشسۇن .
ــ چۈشتىن كىيىن دەم ئالدىم ئەمەسمۇ ، ئۇنىڭغا ئۆيگە كەپ بولدۇممۇ دىمەي ئۇخلاپ قاپتىمەن ، راستىنى دىسەم بەك چارچاپ كىتىپتىكەنمەن.تىلفۇنۇمنىڭ تۇكى تۈگەپ ئىتىلىپ قاپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مىنى تاپالماي خاپا بۇلۇپ قالدى...
ــ كىچىككىنە ئىش كەنغۇ ، شۇنىڭغا مۇشۇنداق شۇمشىيىپ ئولتۇرۇپ كەتتىڭما كىچىك بالىدەك ...بۈگۈن سىرتتىن تاماق يەيلىمۇ ...كەچتە ھاۋا شۇنداق سالقىن ، كۈندۈزكى ئىسسىقتىن ئەسەرمۇ يوق .
ــ ياق...ئەمدى ئۇنىڭغا جىق ئۇچۇر يىزىپ ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئالمىسام بولمايدۇ .
ــ نىمانداق قىلىپ كىتىدىغانسەن ، بىرلا ئېغىز گەپ ، ئوغۇللار سەن قىلغانسىرى شۇنچە ئېشىۋالىدۇ.
ــ ئۇ ئۇنداق بالا ئەمەس...
ــ ئەمىسە ئۆزۈڭ قاراپ بىر ئىش .
ئۇ ئۇچۇر يىزىشقا ، مەن كەچلىك ئولتۇرۇشقا تەەييارلىق قىلىشقا باشلىدۇق .
ــ ياراشماپتۇ ،ــ دېدى ئۇ ئۇچامدىكى كۆينەكنى كۆرسىتىپ .
ــ نەرى ياراشماپتۇ ؟
ــ پەقەت ياراشماپتۇ .
ــ قىززىق ، ھەممە ئادەم بەك ماختايدۇ بۇ كىيمىمنى .
ــ يېڭى يوق قانداقمۇ كىيەلەيسەن ...راست ، ھەقىقى گۈزەلئاي مۇنداق كىيىنمەيدۇ
ــ ۋاي ساراڭ ، كىتاپتىكى ئۇ ئەلانىڭ گۈزەلئايسىغا سېلىشتۇرىۋەرمىگىنە ئادەمنى ، مەن دىگەن رىئاللىقتىكى گۈزەلئاي ...ئىچكىرىدە ئالتە يىل تۇرغان ئادەمنىڭ ئىدىيىسىمۇ شۇنداق بۇلامدۇ دەيمەن .
ــ ئىشقىلىپ مەن راست گەپنى قىلدىم ، چىرايىڭغا رەڭگى ماسلاشماپتۇ ، سەن دىگەن ئۇرۇق ، ئىگىز تۇرساڭ ، بۇ كۆينەكنى كىيىپ سىمىز ، پاكار كۆرۈنۈپ قالدىڭ...
  ئۇنىڭ گىپى بەك جىق ، دىگىنىگە ھە دىمىسەم توختىمايدۇ ، ھېلى كىتاپتىن ، ھېلى ھەدىستىن ، ھېلى تۇرمۇشتىن مىسال سۆزلەپ بېشىمنى ئاغىرتىپلاۋېتىدۇ ، ئامالسىز كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇشقا باشلىدىم .
ــ كەچتە بۇرۇنراق قايتىپ كەلسەڭ بوپتىكەن گۈزەل .
ــ بەلكىم دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈن ئولتۇرىشى (قىپقىزىللا يالغان سۆزلەۋاتاتتىم) كىيىنرەك تۈگەپ قالسا ئاشۇ دوستۇمنىڭ ئۆيىدە قۇنۇپ قېلىشىممۇ مۇمكىن
ــ ئامال بار قايتىپ كەلسەڭ...سەن يوق ، ئۇيقۇم كەلمەيدىكەن.
ــ گىپىنىڭ تاتلىقلىقىنى بۇنىڭ ، ماقۇل . ئامال بار .
بۈگۈنكى سۇرۇن خېلى قىزىدى ، قارىسام ئارىسىدىن ئىككى يىگىتنىڭ كۆزى بىراقلا ماڭا چۈشكەندەك ...


 

ــ پەيزىڭ بار جۇمۇ ئاداش...ئاۋۇ ئىلھام دىگىنىنى ھەر جەھەتتىن بۇلىدىكەن دەپ ئاڭلايمەنغۇ...قارىسام ساڭا كىرىشىپلا قالدى ، كەلتۇرۇۋالامسەن يا
ــ كۆرمىدىڭمۇ ، كەلتۇرىۋېلىشكە كۈچەش كەتمەيدۇ ...ئىشىكىمنىڭ ئالدىغىلا كەپ بولدى دىگىنە
ــ ئىشىكىنى چەكسەم ئاچارمۇ ئاچماسمۇ دەپ مۆلدۈرلەپ قاراپ تۇرىدۇ دىگىنە
ــ جۈرئىتى بولسا چەكمەمدۇ ، ئىشىكىم جۇرئەتلىك ، مەرت ، كىلىشكەن يىگىتلەرگە ھەرۋاقىت ئۇچۇق دىگىنە
ــ ئاران تۇرغانتىم دىگىنە ئېچىپلا يۈگرەپ چىقىپ كەتمە يەنە ، بىچارە قورقۇپ قېچىپ كەتمىسۇن...ۋەيت.........
  سۇرۇندىن كىيىن ھەممىمىز تارقىدۇق ، مىنى ئىلھام ئاپىرىپ قۇيۇشقا مەسئۇل بولدى ، ھامان مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلەتتىم.
ــ ئۆيىڭىز قايەردە؟ ياكى مېنىڭ ئۆيۈمگىلا كىتەمدۇق ؟ ــ تاكسىغا چىقىپلا ئىككى بىسلىق چاخچىقىنى باشلىدى ئۇ ...

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203