يېرىم كېچىدە كەلگەن مېھمان
روبېرت . ياسېل
ئورسابىل رومانلاردا تەسۋىرلەنگەن رازۋېدچىكلارغا ئازراقمۇ ئوخشىمايىتتى . ئۇنىڭ بىلەن بىللە فىرانسىيىچە سېلىنغان بۇ مېھمانساراينىڭ قاراڭغۇ ، زەي پۇراپ تۇرىدىغان كارىدورىدىن ئۆتۈپ كېتۋاتقان فول قاتتىق ئۈمىدسىزلەندى . ئورسابىل ئالتىنجى قەۋەتتىكى تار بىر ئۆيدە ئولتۇراتتى . رىۋايەت تۇسىنى ئالغان مۇشۇنداق بىر ئەرباپنىڭ بۇنداق جايدا تۇرۇشنى تەسەۋۋۇر قىلىش تولىمۇ تەس ئىدى .
ئورسابىل ناھايىتى سېمىز ، باداڭ قورساق ئادەم ئىدى ،
--- ئۈمىدسىزلىنۋاتامسىز ، يازغۇچى ئەپەندى ؟ _ دېدى ئورسابىل بېشىنى بۇراپ . ئۇ كۈلۇپ قويدى ۋە ئىشىكنى ئېچىپ كەيپى ئۇچقان مېھماننى ئاۋۋال كىرسۇن دەپ ئۆزى بىر چەتتە تۇردى .
--- ئەمما ،دوستۇم ، غەيرەتلىك بولۇڭ _ دېدى ئورسابىل گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ ، _ سىز ھازىر بىر ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ،ئۇ ناھايىتى مۇھىم ھۆججەت ،ئۇ ھۆججەتنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن نەچچە ئەر - ئايال جېنىدىن ئايرىلدى ... ھەي ، بۇ نېمىدىگەن قىزىق ئىش ھە ، شۇ ئەمەسمۇ ؟
ئۇ شۇنداق دېگەچ ئىشىكنى يېپىپ چىراقنى ياندۇردى .فول بىردىنلا شۈركىنىپ كەتتى ، ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا تاپانچا تۇتۇۋالغان بىر ئەر تۇراتتى .
ئورسابىل ھەيران بولغىنىچە كۆزىنى چىمچىقلاتتى .
--- ماكىس ،- دېدى ئۇ ھۆمىدىگىنىچە ، _ ئەجەپ قورقۇتتىڭا ئادەمنى . مەن تېخى سېنى بىرلىندىمىكىن دەپتىمەن ، بۇ ئۆيدە نېمە ئىش قىلىپ يۇرۇيسەن ؟
ماكىس ئاۋاق ، پەتەك ئادەم ئىدى. چىرايى مايمۇننىنىڭ چىرايىغا ئوخشاپ كېتەتتى . شۇتاپتا ئۇنىڭ قولىدىكى تاپانچىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۇ ئانچە خەتەرلىك ئادەمدەك كۈرۈنمەيتتى .
--- بۈگۈن ئاخشام بىرسى سىزگە مەلۇم بىر خىل يېڭى تىپتىكى باشقۇرلىدىغان بومبا توغرىسىدىكى دوكىلاتنى ئەكىلىپ بەرمىدىمۇ ؟ _ دېدى ماكىس پەس ئاۋازدا ، _ مەن ئۇ دوكىلات سەندە تۇرغاندىن مەندە تۇرسا ياخشىراق بولامدىكىن دەيمەن .
ئورسابىل كېرىسلوغا بېرىپ ئولتۇردى ،
--- مەن بۇ مېھمانساراينىڭ باشقۇرغۇچىسىنى ھەرگىز كەچۈرمەيمەن ، _ دېدى ئۇ چىشىنى چىشلىگىنىچە ،_ مۇشۇنىڭ بىلەن ئىككى قېتىم ئاشۇ ئىپلاس بالكوندىن بۇ ئۆيگە ئادەم چۈشتى .
فول نەزىرىنى بۇ ئۆينىڭ دېرىزىسىگە ئاغدۇردى . جاھانغا تۈن پەردىسى يېيىلغاچقا سرت گۆردەك قاراڭغۇ ئىدى .
--- بالكون ؟ _ دەپ سورىدى ماكىس ھەيران بولغىنىچە ،_ ياق مەن بۇ ئۆينىڭ قۇلۇپىنى ئېچىپ كىردىم . بالكون بارلىقىنى بىلگەن بولسام بۇنچە ئاۋارە بولۇپ يۈرمەسكەنمەن .
--- مېنىڭ دەۋاتقىنىم بۇ ئۆينىڭ بالكونى ئەمەس ، _ دەپ چۈشەندۈردى ئورسابىل خاپا بولغىنىچە ، _ يان ئۆينىڭ بالكونىنى دەۋاتىمەن . ئەممە بالكون دېرىزەمنىڭ تەكچىسىگىچە سوزۇلغان ، يان تەرەپتىكى بوش ئۆيدىن ھەرقانداق ئادەم بۇ ئۆينىڭ بالكونىغا چىقالايدۇ . ئۆتكەن قېتىممۇ بىر ئەبلەخ بۇ ئۆيگە مۇشۇنداق كىر گەن ئىدى . بۇرۇن بۇ ئىككى ئۆي بىر ئىدى .
ماكىس فولغا قارىدى ۋە بۇيرۇق تەلەپپۇزدا :
--- ئولتۇرۇڭ بىز يېرىم سائەت ساقلايمىز ، دېدى ،
--- ياق، توغرىسى دېگەندە ئوتتۇز بىر مىنوت ساقلايمىز ، _ دېدى ئورسابىل ناخۇشلۇق بىلەن ،_ سائەت ئون ئىككىدە كۆرىشىمىز دەپ كېلىشكەنتۇققۇ . ئېيتىڭا ، سىز بۇ ھۆججەتتىن قانداق خەۋەر تاپتىڭىز ، ماكىس ؟ دېدى .بۇ ئاۋاق جاسۇس ھېجايغىنىچە :
--- بۇ ھۆججەتنى سىلەرنىڭ ئادىمىڭلارنىڭ قانداق قولغا چۈشۈرىدىغانلىقىدىن خەۋىرىمىز بار ئىدى . بولدىلا ، بۈگۈن كېچە مەن بۇ ھۆججەتنى قايتىدىن قولۇمغا چۈشۈرىدىغان بولدۇم . ئاۋۇ نېمە، ئىشىك ئالدىدىكى كىم ؟
فول ئىشىكنىڭ چېكىلگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ سەكرەپ ئورنىدىن تۇردى . ئورسابىل چاندۇرماي كۈلۈپ قويدى .
--- ئۇ ساقچى ،_ دېدى ئورسابىل ،_ مەن بۇنداق مۇھىم ھۆججەت ھەر ۋاقىت قوغدالسا كېرەك دەيمەن .چاتاق چىقمىسۇن دەپ بىز ساقچىنى تەكشۈرۈشكە تەكلىپ قىلغان ئىدۇق .
ئىشىك بىر مەھەل جىددى چېكىلدى ،
--- ئورسابىل ئەپەندى ئەمدى قانداق قىلاي دەيسىز ؟
--- مۇبادا مەن ئىشىكنى ئاچمىسام ئۇلار مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىدۇ . ئۇلار ئوق چىقىرىش توغرىسىدا ئازراقمۇ ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايدۇ .
ماكىس دېرىزە يېنىغا ئۇچقاندەك باردى ، دېرىزىنى قولىنى ئارقىسىغا قىلىپ ئاچتى ۋە بىر پۇتىنى دېرىزىنىڭ سىرتىغا ئالدى ، سىرت قاپقاراڭغۇ ئىدى .
--- ئۇلارنى كەتكۈزىۋېتىڭ _ دېدى ئۇ ئاگاھلاندۇرغىنىچە ، _ مەن بالكوندا ساقلاپ تۇراي ، بولمىسا ئوق چىقىرىمەن
ئىشىك تېخمۇ قاتتىق چېكىلدى ، بىرسى :
--- ئورسابىل ئەپەندى ئورسابىل ئەپەندى ، _ دەپ ۋارقىرىدى.
ماكىس پۈتۈن بەدىنىنىڭ ئېغىرلىقنى بىر پۇتىغا چۈشۈردى ۋە كەينىگە بۇرۇلۇپ تاپانچىنى ھېلىقى سېمىز پور كۆتەك بىلەن ئۇنىڭ مېھمىنىغا توغىرلىدى . يەنە بىر قولى بىلەن دېرىزىنىڭ كىشىكىنى تۇتتى _ دە ،يەنە بىر پۇتىنى ئېلىپ بالكۇندىن ئاتلاپ ئۆتتى .
ئىشىكنىڭ تۇتقۇچى چۆرۈلدى . ماكىس ئوڭ قولى بىلەن شاققىدە دېرىزىنى ئىتتىرىپ ئاچتى _ دە بالكونغا سەكرىدى . كېيىن <ۋايجان&t; دەپ قاتتىق ۋارقىرىدى _ دە ، يەرگە گۈپپىدە چۈشتى .
ئىشىك ئېچىلدى . خىزمەتكار ھېنرى بىر شېشە ، ئىككى قەدەھ قويۇلغان بىر پەتنۇسنى تۇتۇپ تۇراتتى . ئۇ پەتنۇسنى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ قويغاندىن كېيىن ئۆيدىن چىقىپ كەتتى .
پۈتۈن بەدىنى شامال سوققان قورايدەك تىترەپ ، چىرايلىرى ساماندەك سارغىيىپ كەتكەن فول ھېنرىنىڭ چىقىپ كېتىۋاتقان سىماسىغا قاراپ قالدى .
--- ئەمما... ئەمما.... ساقچىمۇ ؟ _ دەپ سورىدى ئۇ كېكەچلىگىنىچە .
--- قايسى ساقچىكەن ئۇ _ ئورسابىل ئۇلۇغ تىنىپ قويدى ، _ ئەمما مەن ھېنرى كېلەرمىكىن دەيمەن .
--- ئەمما بالكوندىكى ئۇ ئادەم ...._ دەپ سورىدى فول يەنە .
--- يوقسۇ ،_ دېدى ئورسابىل جاۋابەن ،_ ئۇ مەڭگۇ قايتىپ كەلمەيدۇ .
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |