ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئايالىم ئېلىپ بەرگەن خوتۇن

ئايالىم ئېلىپ بەرگەن خوتۇن


 

( ھىكايە )


 

( تور ئەسىرى )


 

ئاپتورى : لەتىپە


 

بۇگۇن ئۆيگە قايتمىغىنىمغا ئۈچ كۈن بولدى ، <نىمىلا قىلغان بىلەن ئۆي تامىقىغا يەتمەيدۇ ،تاماق ئەتتىم ، ئۆيگە كىلىپ تاماق يەپ كىتىڭ &t;دەپ ئۆي تامىقىغا زورلايدىغان ، قىزىمنىڭ  قەرغىشلىرىنى باھانە قىلىپ كۈنىگە نەچچە تىلفۇن قىلىدىغان ئايالىمنىڭ قارىسىمۇ يوق ...گەرچە ئارزۇ قىلىۋاتقىنىممۇ شۇ بولسىمۇ بىراق يەنىلا بىرخىل خاتىرجەمسىزلىكتىن قۇتۇلالمىدىم ... ...ئۆيگە تىلفۇن قىلىپمۇ ، ئايالىمنىڭ قول تىلفۇنىغا تىلىفۇن قىلىپمۇ ئالاقىلىشىشقا ئامال بولمىغاندىن كىيىن چوڭ ئۆيگە تىلفۇن قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم ...
گىپىڭىزدىن قارىغاندا تېخىچە ئۆيگە بارماپسىزدە ، ئاۋال ئۆيگە قايتىپ ، كىتاپ ئۈستىلىڭىزنىڭ ئۈستىدىكى خەتنى كۈرۈڭ ، قالدى گەپلەرنى كىيىن دىيىشەيلى...
ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۆيگە ئالدىرىدىم ، نىمىشقا ئالدىرىماي ، ماڭا خەت يازدى دىگەنلىك ئايالىم ئاخىر چىداپ بۇلالمىدى ، ئۆزى ئېغىز ئاچتى دىگەنلىك ...بەلكىم ئەمدى بۇ نىقابلىق بەختكە خاتىمە بىرىدىغان ۋاقىت كەلگەندۇ... ...
دۇكاندىكى ئىشلارنى بالىلارغا تاپىلىدىم -دە، تارتمىنىڭ ئاچقۇچىنى ئىشەنچىلىك بىرىگە تۇتقۇزۇپ ئۆيگە قاراپ چاپتىم ...
ئىشىكتىن كىرىپلا دەماللىققا مەڭدەپ تۇرۇپ قالدىم ، بۇ تۇنجى قېتىملىق ئەمەسقۇ ، ھەر قېتىم شۇنداق ، ئىشىكتىن كىرىپلا نىمىنىدۇر ، كىملەرنىدۇر ئىستەيمەن ، خۇددى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ شوخلۇق بىلەن ئالدىمغا چىقىدىغاندەك...ئەتراپقا ئىستەكىرەپ قارايمەن ...ئەمما <دادام كەلدى ، دادا... ...&t;دەپ يۇگۇرۇپ كىلىپ بۇيۇنلىرىمدىن ئېسىلىپ مەڭزىلىرىمگە سۇيۇپ كىتىدىغان قىزىم ۋە ئىللىق چىراي بىلەن كۇلۇمسىرەپ كىلىدىغان ئايالىم كۆزلىرىمنىڭ نەمدىلىشىگىمۇ رۇخسەت قىلمايدۇ ،،،خىياللىرىمنىڭ ئاخىرىنى قىلىشقىمۇ جۇرئەت قىلالماي قالىمەن ... ...نىمىشقا ئۇنى ئويلىماي ، نىمىشقا ئۇنى ئىزدىمەي ، ئەنە ئۇ ئۆز قۇلى بىلەن ئىشلىگەن ياستۇق قاپلىرى ، ئەنە ئۇنىڭ چوڭايتىلغان سۈرىتى ، ئەنە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بېرىپ بىرمۇ بىر تاللىغان ئۆي جابدۇقلىرى،،،ئۆيۈمنىڭ ھەممە يېرىدە ئۇنىڭ ھىدى بار ، ھەتتا تاملارغىمۇ ئۇنىڭ ھىدى سىڭىپ كەتكەن تۇرسا ...قانداقمۇ ... ...
خەتنىڭ مۇنچە كۆپ يىزىلغىنىغا قارىغاندا ، ئايالىم شۇنچە ۋاقىتلاردىن بىرىقى بارلىق گەپ سۆزلىرىنى بىراقلا قەغەز يۈزىگە تۇكىۋەتكەندەك قىلاتتى ، بىلىمەن ، ئۇ بەك ياخشى قىز ، ياخشى ئانا ...شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ بېرىپ ئۆز بەختىنى ئىزدىشى ،،،ھەقىقى بەختكە ئىرىشى كېرەك ... ...
< نەبى ، 
ئالدى بىلەن توي قىلىشتىن بۇرۇنقى ئاشۇ ۋاقىتلاردىكىدەك <سەن &t;لەپ سۆزلىشىمگە رۇخسەت قىلغىن ، چۈنكى چەكلىمە تۇپەيلى ئويلىغانىلىرىمنى تۇلۇق ئىپادىلەپ بىرەلمەي قېلىشتىن قورقىمەن ، گەپنى يەنىلا مىنىڭ ئەڭ قەدىرلىك ، ھەم ئەڭ يېقىن دوستۇم  ،سىنىڭ بۇرۇنقى ئايالىڭدىن باشلاشقا توغرا كىلىدىكەن ... ...
ئىسىمنى بىلسەم ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئويناپ چوڭ بولغانىكەنمەن ، كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ئۇ بەئەينى ئوغۇل بالا ئىدى دىسەم ئىشىنەمسەن نەبى ، ئۇ مەھەللىدىكى بالىلارغا باشلامچىلىق قىلاتتى ، ئۇنىڭ باشلىشىدا ھەرە كۆنىكى چۇۋاتتۇق ، سۇغا چۇمۇلەتتۇق ، ئۈژمىلەرگە يامىشاتتۇق ، مەھەللىمۇ مەھەللە <چارلاش &t; ئېلىپ باراتتۇق ،،،بەلكىم مەھەللىمىزدە ئۇ بولمىغان بولسا بالىلىقنىڭ شۇنچە كۆپ ئۇيۇنلىرى ۋە خوشاللىقلىرىدىن بەھرىمان بۇلالماسلىقىم مۇمكىن ئىدى ...چۇنكى تولىمۇ ئۇرۇق ۋە ئاجىز بولغانلىقىم ئۈچۈن مىنى ھىچكىم گوروپپىسىغا قوشمايتتى ، ئەمما ئۇ< بولدى ، بولدى ، زىبانى مەن ئالدىم &t;دەيتتى ،ھەممە بالىلار گىپىنى ئاڭلايدىغان ،ھەممە ئۇيۇنغا باشلامچى بۇلىدىغان شۇنداق بىرسىنىڭ ھىمايىچىم بۇلىدىغانلىقىدىن سۇيۇنۇپ كىتەتتىم ، مۇنداق ۋاقىتلاردا بالىلىقنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقلىرىدىن بەھرىمان بۇلاتتىم ، ئۇ كۆزلىرىمگە ئاجايىپ ئۇلۇغ كۈرۈنۈپ كىتەتتى ... ... 
بالىلىقتىكى ئاشۇ بىر كۈرۈنۈش ھېلىمۇ يادىمدىن چىقمايدۇ ...باشلانغۇچنىڭ يىللىقىدا ئۇقۇۋاتقان چاغلىرىمىز ئىدىغۇ دەيمەن ، بىر كۈنى ئۇ مەكتەپكە بېرىش يولىدا ماگىزىندىن بىر قول يۇيۇش سۇپۇنى سېتىۋالدى ۋە مەندىن سورىدى:
بۇنى نىمىگە ئىشلىتىمەن بىلەمسەن ؟
ئۈيىڭلاردا سۇپۇن تۈگەپ كەتكەندۇ شۇ ..
داۋۇ،دۆت ، سۇپۇن تۈگەپ كەتسە بازاردىن ئاپام ئەكىلىدۇ ، مەن ئەمەس ، بۇنى بىزنىڭ سىنىپتىكى يۇسۇپ ئۈچۈن يىغىپ قويغان پۇللىرىمغا ئالدىم . 
ساراڭ ، ئاشۇ ئەسكى ئۈچۈنما ، ئۇنىڭغا قارىساممۇ قورققۇم كىلىدۇ مىنىڭ ... ...،دىمىسىمۇ قاچانلا قارىسا قاپاقنى تۈرۈپ ،مەينەت كىيىملەرنى كىيىپ ،تولا مەكتەپكە كەلمەي مۇئەللىمدىن تىل ئىشتىىدىغان ئۇ بالىنى ئۆچ كۈرەتتىم .
ئۇنداق دىمە ، ئۇنىڭ كىيىملىرىنى يۇيۇپ بىرىدىغان ،تاماق ئىتىپ بىرىدىغان ئانىسى بولمىغاچقا ... ...يەنە كىلىپ ئۇنىڭ ئۆگەي ئانىسى بەك ئەسكىمىش... ...تۇنۇگۇن ئۇنىڭ قوللىرىغا قارىسام يېرىلىپ چاك -چاك بۇلۇپ كىتىپتۇ.
ھە...مەن ئارتۇق بىر نەرسە دىمىدىم ، كىيىن مەكتەپتە ئۇ بۇ سۇپۇننى يۇسۇپكە بەرگەنىدى ئۇ ئالغىلى ئۇنىمىدى ، كىيىن قانداق بولدى دىمەمسەن ، بىزنى قۇيۇپ بەرگەندە ئۇ يۇسۇپنى سىنىپتا ساقلاپ تۇرۇشقا بۇيرۇپ سىنىپقا سۇ چاچىدىغان كىچىك داسنى كۆتۇرۇپ چىقىپ كەتتى دە ،بىردەمدە بىر يەرلەردىن ئىسسىق سۇ تېپىپ كىردى ، ئاندىن يۇسۇپنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي ئۇنىڭ قوللىرىنى ئۆزى يۇيدى ،
ھە، مۇشۇنداق ، ئىسسىق سۇغا قۇلۇڭنى ئۇزاق چىلاپ بەر ، ئاندىن سۇپۇنداپ پاكىز يۇ ، ماي سۇرۇتسەڭغۇ تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتى ، مۇشۇنداق قىلساڭمۇ بۇلىدۇ ، كۇندە قىپ بەرسەڭ ،قۇلۇڭنىڭ يېرىلىپ كەتكەن يەرلىرى ئوڭشىلىدۇ ، قارا قاناپمۇ كىتىپتۇ...ۋاي بىچارە ،،، ،،،
ئۇ ۋاقىتتىكى گۆدەكلىكىم بەلكىم ئارتۇق ئويلاشقا ئىمكانىيەت بەرمىگەندۇ ، مەن پەقەت يۇسۇپنىڭ زۇمرەتكە يۇزىنىڭ ئارقىسىنى قىلىپ يەڭلىرىگە كۆز ياشلىرىنى سۈرتكەنلىكىنى ، زۇمرەتنىڭ خۇددى مىھرىبان ئانىلاردەك بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا ئىش ئۆگىتىپ بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ قۇلىنى يۇغانلىقىنى ئەسلىيەلەيمەن ... ... ... ئويلاپ باقسام ئۇنىڭ شۇ قەدەر ئاقكۆڭۈللىكى ئاشۇ گۆدەك چاغلىرىمىزدىمۇ بولغانىكەن ... ...
كىيىن نىمىسىنى دەي ، ئۇنىڭسىز بىرەر كۈنۈمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن ، قىززىق يېرى مەندەك بىر مىجەزى ئېغىر ،كەمسۆز قىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن شۇنچە يېقىن ئۈتەلىشى ئىدى ، ئۇنىڭ شۇنچە ئوماق قىلىقلىرىنى ، تاتلىق ،تاتلىق گەپلىرىنى ئاڭلاپ زىرىكمەيتتىم ،،، ،،،
ۋۇي ،كالا ،دەيتتى ئۇ بەزىدە چاخچاق قىلىپ ،شۇنچە گەپ قىلسام مۆرىمەيسەنغۇ ، كىتاپ خالتىسى ،دىگىنە بۇ قېتىم ئۇقۇغان رومانىڭدا نىمە ۋەقەلىك تەسىرلىنىدىكەن ...
ئۇنىڭ مەن ئېيتقان ھىكايىلەرگە خۇمارى بار ئىدى، ئۇقۇغان كىتاپلىرىمنى بىرمۇبىر سۆزلىتەتتى ، گاھى كۈلۈپ گاھى قاپاقلىرىنى تۈرۈپ گاھى كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ ...ئىشقىلىپ مەندىن بەك ھاياجانلىنىپ كىتەتتى ... ...
ماڭا قارا زىبا ، دەيتتى ئۇ پات -پات ، كاللاڭنىڭ بىر يەرلىرى ئارتۇقمىكىن دەيمەن ، ئۆگىنىشنى بىللە قىلىمىزيۇ ، نەتىنجەڭ مەكتەپ بۇيىنچە بىرىنچى ، مەن يەنىلە سىنىڭ ئارقىڭدا... ...ماڭا قارىغىنە كاللاڭنى بىر تەكشۇرۇپ باقاي ...،ئۇ شۇنداق دىگىنىچە چاچلىرىمنى بۇزۇشقا باشلايتتى ، شۇنىڭ بىلەن بىز كارىۋاتتا پومىداقلىشىپ كىتەتتۇق ... ...زۇمرەتنىڭ ئاتا -ئانىسى مۇنداق ۋاقىتلاردا بىزگە قاراپ :  
ھە ،چا ساراڭ بىلەن قىزىل ساراڭلار ...يەنە باشلاندى ...دىيىشىپ كۈلىشىپ كىتەتتى ،،، ،،،راستىنى دىسەم ياشتا ياشىنىپ قالغان بۇ ئاتا-ئانىلارغا ئۈزۈمنىڭ ئاتا -ئانىسىدىن چارە ئامراق ئىدىم ، شۇڭا ئۈزۈمنىڭ ئۈيىدىكى ۋاقىتتىن ئۇلارنىڭ ئۈيىدىكى ۋاقتىم كۆپ ئىدى ، ئاتا ئانام ئوتتۇرا ياش ، ھەم ئىككىلىسى خزمەتتە بولغاچقىمىكىن تۇرمۇشىمىز بىر خىل ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۈتەتتى ، ئىككىسى پات -پات گەپمۇ تەگىشىپ قالاتتى ، ماڭا بولسا تەلەپنى قاتتىق قۇياتتى ، ئەگەر بىرەر قېتىم ئىمتاھان نەتىنجەم كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالسا ، ھېلى دادام ھېلى ئانام گەپ دىگەننى ياغدۇرىۋېتەتتى... ...ئەمما زۇمرەتلەرنىڭ ئۈيىدە دەل ئەكسىچە ، ئۇ مەكتەپتە بولغان ھەممە ئىشلارنى دەيتتى ، ئاتا -ئانىسى دەرقەمدە ئولتۇرۇپ ھەممىنى تۇلۇق ئاڭلايتتى ، ئۇ ئادەتتىكى ئىشلارنىمۇ كۆپتۇرۇپ سۆزلەپ ھەممىمىزنى كۈلدۇرۋىتەتتى ،،، ئۇنىڭ ئۈيىدىكى ھەر بىر مىنۇتمۇ شۇنچە كۆڭۈللۈك بىلىنەتتى ،
مەن دىگەن خاسىيەتلىك قىز ،دەيتتى ئۇ يەنە ، بىلەمسەن ئاتا -ئانام توي قىلىپ ئىنتايىن ئۇزاق ۋاقىتلارغىچە بالا يۇزى كۆرمەپتۇ ، بىر بىرىگە شۇنچە ئامراق بولغاچقا بۇ ئىشلارنى تىلغا ئېلىپ بىر -بىرىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىشنى خالىماپتۇ ، پەقەت بىر ئاللادىن تىلەپتۇ ...يىللار ئۈتۈپتۇ ، ئۈتۈپتۇ...ئاتا -ئانامنىڭ يېشىمۇ چوڭىيىپ قاپتۇ ،ئانام دائىم ئاتام ئۈچۈن بىر بالا تۇغۇپ بىرەلمىدىم دەپ ئاھ ئۇرىدىكەن ، شۇنداق بىر كۈنلەردە ئۇلار گەپ تالىشىپ قاپتۇ ، ئاتام ئاچچىقىدا بالا توغۇرلۇق دىمەيدىغانلا بىر گەپنى قىلىپ سېلىپ ئانامنىڭ كۆڭلىگە قاتتىق ئازار بىرىپتۇ ، ئانام ئۇ كۈنى كۆپ يىغلاپتۇ ، جەيناماز ئۈستىدە خۇداغا نالە قىپتۇ...يەنە شۇ كۈنى چۈشىدە رەھمەتلىك بوۋامنى كۆرۇپتۇ ، رەھمەتلىك بوۋام ئۇنىڭغا « خۇدايىم بۇيرىسا ، قاپقارا قاشلىق ، پىشانىسىدىن نۇر ياغىدىغان ، مەڭلىك قىزدىن بىرنى بىرىدۇ ...» دىگۇدەك ...ئانام ئەتىسى بۇ چۇشىنى ئاتامغا دەپتۇ ، ئىككىسى بىللە نەزىر ،چىراق بىرىپتۇ ...دىگەندەك ئىككى ئايدىن كىيىن خوش خەۋەر كەپتۇ... ...قارا بوۋام دىگەندەك مەن قىز ، يانا كىلىپ چىرايىم نۇرلۇق ، مۇنۇ مېڭىمنى دىمەمسەن تېخى... ...
مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ راستىنلا خاسىيەتلىك قىز ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپمۇ قالاتتىم ، چۇنكى ئىككى قېشىنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇنداق ئۆلچەملىك مېڭى بار قىزنى مەن تېخى ھىچ نەردە ئۇچۇرتۇپ باقمىغانىدىم ... ... ۋاقىت ھەقىقەتەن تىز ئۈتىدىكەن ،،، ،،،بىلىپ ،بىلمەي بالىلىقتىن خوشلىشىپ قالدۇق ،،، ،،،ۋاقىتنىڭ بىزگە قالدۇرغىنى بالىلىقتىكى ئەڭ تاتلىق ،ئەڭ گۇزەل ۋە بىغۇبار ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەر بولدى،،، ،،،تۇلۇقسىز ،تۇلۇق ئوتتۇرىلاردىمۇ بىر سىنىپ ، بىر پارتا ئىدۇق ... ...ھەتتا كۈندە دىگۇدەك يا ئۇنىڭ ئۈيىدە يا بىزنىڭ ئۆيدە بىرگە ئۇخلايتتۇق... ...
ئاشۇ چاغلارنى قايتۇرۇپ ئەكەلگىلى بۇلارمۇ نەبى ،،،رازى ئىدىم ، بالىلىقتىكى ، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئاشۇ ۋاقىتلار قايتا تەكرارلىنىدىغان ،ياق ، ھىچ بولمىسا بىرەر كۈننى بولسىمۇ قايتا ئۆتكۈزىدىغان ۋاقىت كەلسىدى قانچە بەدەل تۆلىسەممۇ رازى ئىدىم ... ...
تۇلۇق ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۈچىمىز تەبىيلا يېقىن بۇلۇپ قالدۇق ، دەسلىۋىدە ئىككىڭلار بىرگە سەھنىگە چىقتىڭلار ، بىر-بىرىگە خويمۇ ماس كەلگەن ئاۋاز مەكتەپ سەھنىسىنى زىل -زىلىگە سالدى... ...ئىشنىڭ مۇشۇنىڭدىن باشلانغىنى ئىسىمدە ، راستىنى دىسەم ئىككىڭلارنىڭ نۇرغۇن ،نۇرغۇن مىجەز خاراكتىرى تولىمۇ ئوخشايدۇ ، خۇش -پېئىل ، يۇمۇرىستىك ، ئۆز سۆزلۈك ، ھەتتا جاھىللىقىڭلاردىن تارتىپ ... ...شۇنداق قىلىپ بىز يېقىن دوست ، ئاكا -سىڭىللاردىن بۇلۇشقا قول بىرىشتۇق ... ...سىنى خۇددى ئۆز ئاكىمىزدەك كۈرەتتۇق ، قېرىنداشتىن چارە بۇلۇپ كەتتۇق ، شۇ ۋاقىتلارغا نىسبەتەن ئارقىمىزدىن ھەر خىل گۇمان قىلىپ باقىدىغانلارمۇ بۇلۇپ باقتى... ...ئەمما بىز ئاشۇ پاك ، سەمىمىي ھىسياتىمىزنى قەدىرلەيمىز دىيىشىۋالغانىدۇق ،،، ،،،راستىنى دىسەم ئۇ ۋاقىتلاردا ئىككىڭلاردىن بىرىڭلار بولمىسا ھاياتىمنىڭ مەنىسى بولمايدىغاندەكلا بىلىنەتتى ، ساڭا ئاكىلارچە ، قېرىنداشلارچە مىھرىم بار ئىدى ، زۇمرەتكە بولسا،،، ،،،بۇنى تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىمەن ، دوسلۇقتىن چوڭقۇر دوسلۇق مىھرى ، قېرىنداشلىقتىن چوڭقۇر قېرىنداشلىق مىھرى... ...بۇنى نىمە دەپ ئىپادىلەي نەبى ؟؟؟
ھەممە بەختسىزلىكنىڭ باشلىنىشى بولغان ئاشۇ يامغۇرلۇق كۈن ، خۇددى تۇنۇگۇنكۇدەكلا يادىمدا تۇرۇپتۇ ... ...
زۇمرەت ،سىزنى مۇئەللىم چاقىرىدۇ ، تىز ئىشخانىغا چىقىڭ ...
ئۇ ، مەن چىقىپ كىرەي دىگىنىچە سىرتقا ماڭدى ، خۇددى كۆڭلۈم بىرەر شۇملۇقنى سەزگەندەك گەپ قىلمايلا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ماڭدىم ، ئىشخانىنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختاپلا قالدۇق ، ئۇچۇق ئىشىككە ئارقىسىنى قىلىپ تۇرغان سىنىپ مەسئۇلىمىزنىڭ دىگەن گەپلىرى قۇلىقىمىزغا كىرىپ قالغان ئىدى :
ئەتتىگەندىلا بۇ شۇم خەۋەرنى كۆرمەمدىغان ، سىنىپىمدىكى ھېلىق زۇمرەت دىگەن چىرايلىق قىزنىڭ ئاتىسى تۈگەپ كىتىپتۇ... ...
ياق~~~~~~~~~، دەپ توۋلىدىدە تىرىڭڭىدە ئارقىغا چۇشتى ، نەلەردىندۇر پەيدا بولغان سەن ئۇنى كۆتۇردۇڭدە ئۈزۈڭنى سىرتقا ئاتتىڭ ... ...
شۇنداق قىلىپ ، زۇمرەت ئاتىسىدىن ، ياق ئۇلا ئەمەس ھەممىمىز ئۇنىڭ ئاتىسىدىن ئايرىلىپ قالدۇق ...ئۇنىڭ يۇرەكنى ئىزىدىغان نالىلىرى ،« مىنى تاشلاپ كەتتىڭغۇ ئاتا ، يولەنچىگىم ئىدىڭغۇ ئاتا ، ئامراق قىزىڭنى قانداقمۇ يالغۇز تاشلاپ قويغايسەن ئاتا ، ياش ئىدىڭغۇ ئاتا ،يىتىم بولدۇممۇ ئاتا »دەپ يىغلىغانلىرى ، ئۈچ نەزىرىگىچە بولغان ئارىلىقتا نەچچە ھۇشىدىن كىتىپ نەچچە ھۇشىغا كەلگەنلىرى ھازىرغىچە يادىمدا... ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ تۇغما يۇشۇرۇن يۇرەك كېسىلى بارلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم بولدى ... ...ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ بېشىغا چىققىنىمۇ دەل مۇشۇ كېسەل ئىدى ،،، ،،،ئۇنىڭغا بىلدۇرمەي كۆپ ياش تۆكتۈم ، ئىشەنگۇم كەلمەيتتى ،نىمىشقا...ئۇ شۇنچە ئاقكۆڭۇل ، باغرى يۇمشاق ، شۇنچە گۇزەل ، شۇنچە لاتاپەتلىك تۇرسا تەقدىر نىمشقا ئۇنىڭغا شۇنچە ئادالەتسىزلىك قىلىدىغاندۇ... ...زادى نىمشقا ...؟؟؟
بىر كۈنى ئۇ تۇيۇقسىزلا« ساڭا دەيدىغان گەپ بار ئىدى »دەپ قالدى .
ئۇقۇمايمىكىن ، دەپ گەپ باشلىدى ئۇ .
ساراڭ بولدۇڭمۇ ، ئىمتاھانغا ئازلا قالدى ، ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشمامسەن ؟،ئۇنىڭ مىجەزىنى بىلگەچكە جىددىيلىشىپ قېلىۋاتاتتىم ،،،
ئويلاپ باقە ،جېنىم ، ئىمتاھانغا قاتناشقىنىمنىڭ نىمە پايدىسى ، نىمىگە ئۇقۇيمەن ، ئەمدى ئاتامنىڭ ھەر ئايدا چىقىدغان مائاشى يوق ، ئىدارىدىن بەرگەن دەپنە پۇلىمۇ ئاز قالدى ، ئالىي مەكتەپكە بارسام پۇل كىتىدۇ ،ياشىنىپ قالغان ئاپامنى قىينىغۇم ، ئۇنى يالغۇز تاشلاپ قويغۇم يوق ...ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپمۇ ، يىغلاپمۇ ، يول كۆرسىتىپمۇ قايىل قىلارمىدىم ، ھەتتا ئانىسى بىلەنمۇ مەسلىھەتلىشىپ ناھىيە بۇيىنچە ئېچىلىدىغان يېرىم يىللىق سېستىرالارنى تەربىيلەش كۇرسىغا تىزىملىتىپمۇ بوپتۇ ... ...ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىدىمنى ساڭا باغلىدىم ، نىمىشقىكىن مۇشۇ كۈنلەردە سىلەرنىڭ ئوتتۇرۇڭلاردا قانداقتۇر دوسلۇقتىن ھالقىغان بىر خىل ھىسياتنى بايقاپ قالغاندەك قىلغانىدىم ، ئۇنىڭ ئۈچۈن تىپىرلاپ كىتىشلىرىڭ ، كۆزلىرىڭنىڭ توختىماي ئۇنى ئىزدىشى ، ئۇنىڭ سەن بىلەن پاراڭلاشقاندا بۇرۇنقىدەك ئەركىن ئازادە بۇلالماسلىقى ، كۆزلىرىنى ئەپقېچىپ يەرگە قارىشى مەندەك «كىتاپ خالتىسىغا» ھەممىنى ئاشكارىلىۋەتكەنىدى ... ...
قانداق بولدى ، دەپ سورىدىم مەن تاقەتسىزلىنىپ ، ئەسلىدە سىنى ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىشقا ، ئالىي مەكتەپنىمۇ بىرگە ئۇقۇشقا نەسىھەت قىلىپ كۆندۇرۇشكە ئەۋەتكەنىدىم ، راستىنى دىسەم تۇلۇق ئوتتۇرىغا چىققاندىن بىرى دىيىشىدىغان گىپىمىز ئالى مەكتەپتىكى گۇزەل كۇنلەر توغرىسىدا بۇلاتتى ، بىز خىيالىمىزدا يەنىلا بىر سىنىپ ، بىر ياتاق ئىدۇق ، تىرىشىپ ئۇقۇش مۇكاپات پۇلى ئالاتتۇق ، مەكتەپ چىملىقلىرىدا ئولتۇرۇپ كىتاپ كۇرەتتۇق ، توپ ئوينايتۇق ، تېخى بەزىدە ...ھەرخىل كېچىلىكلەردە ئۆزىمىزنىڭ ئالاھىدىكىنى نامايان قىلىپ باشقىلارنى تاڭ قالدۇراتتۇق ... ...ماڭا ئىككىڭلار بولمىساڭلار بولمايتتى نەبىي... ...ئەمما سىنىڭ جاۋابىڭ مەن قىلچىمۇ ئويلاپ باقمىغان يەردىن چىقتى :
ئۇنى ، كۆندىرەلمىدىم ، ئۇنىڭ مىجەزىنى سەنمۇ بىلىسەن ...مەنمۇ ئۇقۇمايمەن... ...بەلكىم سەنمۇ بىلىپ بولغانسەن ، سەندىن يۇشۇرمايمەن ،ماڭا ئۇ بولمىسا بولمايدۇ... ...
...مانا سىنىڭ جاۋابىڭ ... ...
ئىككىڭلارغا ھەقىقەتەن ئامال قىلالمىدىم ، رەنجىپمۇ باقتىم ،لىكىن بەزى ئىشلارغا ھەقىقەتەن ئامال يوق ئىدى ... ...
شۇنداق قىلىپ ،قەلبىمنى سىلەرگە قالدۇرۇپ كۆزۈم قىيمىغان ھالدا ئۇقۇشقا ماڭدىم .. ...ھەر تەتىلدە كەلگەندە بىر يېڭىلىق مىنى كۈتىۋالاتتى ... ...
ۋۇي ، كۆزلىرىڭ باشقىچە كۈلىدىغۇ ، زادى بىر ئىش بار ،،، ،،،ئېيتقىنە قېنى ،،،
دىمىسەڭمۇ ئېيتىمەن ، مەن مۇھەببەتلەشتم ،ئاخىر ئۇنىڭغا ماقۇل دىدىم ... ...
مانا بۇ ئالى مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقنى پۇتتۇرىدىغان يىلىدىكى ۋاقتىڭلار ، ئۇ ۋاقىتتا زۇمرەت كۇرسىنى تۇگىتىپ نەتىنجىسى ئالاھىدە بولغانلىقى ئۈچۈن ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا ئاق خالاتلىق پەرىشتە بۇلۇپ ئىشقا چۇشكەن ۋاقتى ، سىنىڭ بولسا كۇرسۇڭنى تۈگىتىپ بىر ماشىنىنى قولغا ئالغان ۋاقتىڭ ... ... 
ۋۇي ، قارىسامغۇ شۇنچە چىرايلىق سەن ، نىمىشقا ھازىرغىچە بىرەرسىنى تاپمايسەن ، بولمىسا بىزنىڭ نەبىي بىرەرىنى تۇنۇشتۇرۇپ قويسۇن ساڭا ...


 

بۇ ئاۋاققا دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى يىگىتنى تېپىپ بەرسەم بۇلۇدۇ ، ھە ،ئاۋاق ، قارىغىنە ، ھەم ئەخلاقلىق ھەم بىلىملىك ھەم چىرايلىق يانا قۇلى ئەپلىك يەنە...
يەنىچۇ ، يەنە ...بۇ ۋاقىتتا زۇمرەتنىڭ قوللىرى ئاللىقاچان بىلىگە چىقىپ بولغان بۇلىدۇ ،
شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ كۈلكە چاقچاقلىرىمىز باشلىنىدۇ ،،،ئويلاپ باقسام ھەر تەتىلدە سىلەر بىلەن بىرگە بۇلىدىغان ۋاقتىم ئەڭ جىقكەن... ... بىر -بىرىڭلاردىن قىززىقچى ، يۇمۇرلۇق ،،،زۇمرەتنىڭ بۇرۇنقى قايغۇ قاپلىغان چىرايىنىڭ بارغانسىرى بەخت نۇرلىرى بىلەن نۇرلانغانلىقىنى كۆرسەم سىلەرگە راستىنلا مەسلىگىم كىلەتتى ، <كۆز تەگمىسۇن خۇدايىم &t; دەيتتىم ئىچىمدە . _
يىللىقتىكى يازلىق تەتىل ، ئۇنىڭ قۇلىدا ئالتۇن ئۈزۈك بار ئىدى ،
شۇنداق قىلىپ چېيىمىز ئىچۇرۇلۇپ بولدى ، بۇنى بولغۇسى قېيىن ئانام ئۆز قۇلى بىلەن سېلىپ قويدى.. ھى ھى ھى ...
قارا ، قېلىنلىقىڭنى ئانام دەپكىتىپسەن تېخى ...ۋۇ قېلىن ... ...يەنىلا كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدەك پومىداقلىشىپ كىتەتتۇق ... ...
مەن ئۇقۇش پۇتتۇرىدىغانغا بىر يىل قالغاندا تۇيۇڭلار بولدى ، مىنى دەپلا ئالاھىتەن يازلىق تەتىلگە ئۇرۇنلاشتۇردۇڭلار ، ئېنىق ئىسىمدە ، ئۇ ئەتە توي دىگەن كۈنى مىنى شۇنچىلىك چىڭ قۇچاقلىدى ۋە قاتتىق يىغلىدى :
نىمە بولدۇڭ ، جېنىم ، رازى ئەمەسمۇسەن ، ياكى كۆڭلۈڭگە ياقماي قالغان يەرلەر بارمۇ ، نىمىلا ئىش بولسا ماڭا دىگىن...قارىغىنە ئەتە تۇيۇڭ بۇلىدۇ دەۋاتسا كىچىك بالىلاردەك يىغلاپ يۇرگىنىڭنى ... ...
ياق ، جېنىم ، خوشلىقىمدىن يىغلاۋاتىمەن ، خۇددى ئەتىلا ھەممىڭلار بىلەن خوشلىشىدىغاندەك ...(ئىتتىك قۇلۇم بىلەن ئۇنىڭ ئاغزىنى تۇسىۋالدىم ۋە ئۇنى يەنىمۇ چىڭ قۇچاقلىدىم )... ...بىلەمسەن ، سەندىن بىر گەپنى يۇشۇرۇپ كەلگەنىدىم ... ...بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ ئولتۇردۇق ، ئۇنىڭ ياش يۇقى كۆزلىرىدىن بەخت تۇكۇلەتتى ،ئۇ مىنى تۇنجى قېتىم سۇيىۋالغاندا مەن ھۇشۇمدىن كىتىپتىكەنمەن ...(بۇلارنى ئاڭلاپ ئۇزۇمنى تۇتىۋالالماي كۈلۈپ كەتتىم )، كۈلمە جېنىم راس دەۋاتىمەن ، ئۇ بەك قورقۇپ كىتىپتىكەن ...شۇندىن كىيىن ماڭا ئۇزاقلارغىچە يېقىنمۇ كەلمىدى... ...ئاخىر ئۈزۈم ......ھا...ھا...ھا....
ئاخىرى نىمە ...تىز دىگىنە ئاخىرى........
__ھا...ھا..ھا...
بىز بىر كېچە ئۇخلىمىدۇق ، ئەگەر سن قىز بالا بولغان بولساڭ توي قىلىشتىن بىر كۇن بۇرۇنقى ھىسياتنى چۇشىنەلىشىڭ مۇمكىن ، ئەمما مىنىڭ قەلىمىم ئاشۇ كۈنىدىكى ئۈمىد، قورقۇش، جىددىيچىلىك ، خوشاللىق ، قىيالماسلىق ... خىلمۇخىل تۇيغۇلار ئارىلىشىپ كەتكەن تۇيغۇلارنى ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىدۇ ... ...
گۇلى گۇلىگە كەلدى ، خىلى خىلىغا ...سىلەرگە ھەممىنىڭ مەسلىگى كەلدى ، چىرايلىق قىز ، كىلىشكەن يىگىت ... ... بىز يەنىلا بۇرۇنقىدەك يېقىن دوسلاردىن ئىدۇق ، ھېلىمۇ ئىسىمدە ، بىر كۈنى ئۆيىمىزدە چوڭ كۆڭۈلسىزلىكلەر يۇز بەردى ، پۇتۇن غەيرىتىمنى يىغىپ سىلەرنىڭ ئۆيگە قاراپ يول ئالدىم ، ئەمما زۇمرەت تېخى ئىشتىن كەلمەپتۇ ، سىنى كۆرۈپ پاڭڭىدە ئېتىلىپ كەتتىم ، ئىسىڭدىمۇ نەبى، شۇ ۋاقىتتا ئۈزۈمنى بىلمەيلا سىنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كىتىپتىمەن ، خۇددى بىر تۇققان قېرىندىشىمدەك ، سەنمۇ مىنى يىنىك قۇچاقلىدىڭ ، ياشلىرىمنى سۇرتتۈڭ ، خۇددى سىڭلىڭدەك ... ...
لىكىن ئىشەنچ بىلەن ئېيتلايمەنكى ھەر ئىككىلىمىزدە ئەينى ۋاقىتتا بار بولغىنى ئەڭ ساپ ۋە سەمىمي ھىسياتكەنتۇق......
بىر كۈنى زۇمرەت شۇنچىلىك ئەستايىدىللىق بىلەن سورىدى:  
__ راستىنلا ھازىرغىچە بىرەسىنى ياخشى كۈرەلمىدىڭمۇ جېنىم ، راستىنى دىگىنە ، سەن شۇنچە چىرايلىق ، سىنى قوغلىشىدىغانلارمۇ شۇنچە كۆپ ...چۇقۇم كۆڭلۇڭدە بىرى بار ھە...مەندىن يۇشىرىۋاتىسەن،،، 
راستلا ئاداش، بەزىدە ئۈزۈمدىنمۇ گۇمانلىنىپ قالىمەن ...بەلكىم يىگىتلەرگە قۇيىدىغان تەلىپىم بەك يۇقىرى بۇلۇپ كەتكەندۇ ... ...
ئەگەر نەبىدەكلىرى ئۇچۇرغان بولسىچۇ...،ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئويلىنىپ قالدىم ، ھەم راستىنى دىدىم : 
راستىنى دىسەم ،ئۇ ماڭا ئۇچۇرغان ئوغۇللارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئىسىلى نەبى ، ئۇنىڭ سالاپىتى تۇرۇپ تۇرسۇن مىجەز خۇلقى ، ئەخلاق پەزىلىتى...ئۇ ئەينى ۋاقىتتا سەن ئۈچۈن ئۇقۇشتىن ۋاز كەچكەندىلا مەن ئۇنىڭغا قول قويغان ، مانا ھازىرمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ سىنى بەختلىك قىلىۋاتىدىغۇ ... ...
نەبى بىلەن بىرگە ئۆتسەڭ ئۈزۈڭنى بەختلىك ھىس قىلامسەن جېنىم ؟
ئۇنى مۇنداقلا سوراۋاتىدۇ دەپ خاتا ئويلىغانىكەنمەن...شۇڭا ئادىيلا جاۋاپ بىرىپتىمەن ، كىم بىلىدۇ مۇشۇ جاۋابىمنىڭ مىنى ھازىرقى تۇرمۇشۇمغا باشلاپ كىرىشىنى ... ...
ھەئە،ئەگەر ئۇنىڭدەك بىرەرى ئۇچۇرسا دوپپامنى ئاسمانغا ئاتاتتىم ...
كىيىن ئىككىڭلار بالا ئېلىش ئالماسلىق توغرىسىدا تەگىشىپ قالدىڭلار ، دوختۇرنىڭ گىپى بۇيىنچە ئېيتقاندا ئۇنىڭ يۇرەك كېسىلى بولغانلىقى ئۈچۈن بالا تۇغسا ئۇنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ يىتەتتى ، ئەمما ئۇ بېشىمغا كەلگەننى كۈرىمەن ، زادى بىر بالا ئالىمىز دەيتتى ...
مەن ئۇقۇشۇمنى پۈتتۇرۇپ قايتىپ كەلگەن يىلى سىلەر خېلى قەدىناسلاردىن بۇلۇپ قالغانىدىڭلار، بىركۈنى ئىشتىن چۈشۈشىمگە سىنىڭ تىلفۇنىڭنى تاپشۇرىۋالدىم ،
ئىشتىن چۈشۈپلا بىزنىڭ ئۆيگە كەل ، قانچە تىز بولسا شۇنچە ياخشى ...
مەن ئىشىكتىن كىرگىنىمدە ، ئۇ ياش يۇقى كۆزلىرى بىلەن مىنى كۈتىۋالدى ۋە قايتىدىن يىغلاشقا باشلىدى ، راستىنى دىسەم ئىككىڭلار توي قىلغاندىن بىرى بىرەر قېتىم سىلەرنىڭ گەپ تاكاللىشىپ ياكى قىيدىشىپ قالغانلىقىڭلارنى كۆرۈپ باقمىغاندىم ، ئەمما سەۋەبىنى بىلگەندە بولسا بېشىمغا بىر چېلەك سوغۇق سۇ قۇيغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم ۋە ئۇنىڭ خېلىلا كۆتۈرىلىپ قالغان قورسىقىغا قارىدىم ... ...سەن شۇ ئاچچىقىڭدا ئۆينى بىزگە تاشلاپ بىرىپ چىقىپ كەتتىڭ ،،، ،،،
بۇ نىمە قىلغىنىڭ ؟،دىدىم مەن ئۇنىڭغا كايىپ ، ھەممىمىزنى ، ھەتتا ئۇنىمۇ ئالداپسەن ، ھاياتىڭ بىلەن ئويناشماقچىمۇسەن ؟ئەتىلا دوختۇرخانىغا بارىمىز ... ...بالىنى چۈشۈرىۋېتىمىز،،، نىمە دىگەن باشباشتاقلىق بۇ ،،،ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىدا مەن بولغان بولساممۇ سەندىن قاتتىق خاپا بولغان بۇلاتتىم...
ئۇنىڭ چىرايىدىن كۆرگىنىم ئەكسىچە بەخت ۋە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بولدى :
كەچۇرگىن دوستۇم ،،،سىلەرنى ئالدىماسلىققا مەندە ئامال بولمىدى ، بۇگۇن دوختۇردىن <ئەمدى بالىنى چۇشۇرگىلى بولمايدۇ &t;دىگەن گەپنى ئاڭلاپ ئاندىن بۇ خەۋەرنى سىلەرگە ئېيتتىم ،،،ئۇ بۇگۇن خاپا بولغان بىلەن ئەتىلا ئاچچىقى يېنىپ قالىدۇ ... ...قارىغىنە ، ئۇ بالىغا شۇنچىلىك ئامراق ، بالا يوق تۇرمۇشنى تۇرمۇش دىگىلى بۇلاتتىمۇ ... ...نىمىشقا ھەممىڭلار شۇنچە قورقۇسىلەر ...دوختۇرلارمۇ% ئۈمىد بار دىدىغۇ ... ...مەن دىگەنىدىمغۇ ئاللا ساقلايدۇ ،،،مەن دىگەن خاسىيەتلىك قىز دەپ... 
ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋالدىم ،ئۇنىڭغا تۇيدۇرماستىن ياش تۆكتۈم... ...<نىمىشقا ھەر دائىم باشقىلارنى ئويلايسەن ، بىرەر قېتىم ئۈزۈڭنى ئويلاپ باقساڭ نىمە بۇلا ،دوستۇم...&t;دەپ ئىچىمدە نالە قىلدىم ... ... ... ...
دىگەندەك سەن ئەتە ئەتىگەندىلا ئۆيگە پەيدا بولدۇڭ ، كۆزلىرىڭنىڭ قىزىرىپ ئىشىپ كەتكىنىدىن بىر كېچە كىرپىك قاقمىغىنىڭنى ئوڭايلا بىلىۋالغىلى بۇلاتتى...ئۇ سىنى كۆرۇپلا يۇگۇرەپ كىلىپ ساڭا ئېسىلدى ، ئۆكسۈپ ئۆكسۈپ يىغلىدى ، سەنمۇ ئۇنى چىڭ قۇچاقلىدىڭ ،،،مەنمۇ كۆزلىرىمدىكى ياشنى سۇرتمەيلا ئىشىكتىن چىقتىم ،،، ،،،<ئۇلۇغ ئاللا ، دوستۇمنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن ، ئۇنى سالامەت قىلغايسەن &t;دەپ توختىماي نالە قىلدىم ... ...
ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرى چوڭلارنى قاتتىق ئەندىشىگە سالدى ، ئانىسى ئۇنى ئىشتىن توختاتقۇزدى ۋە ئۆزى بىر قوللۇق كۈتتى ،،، ،،،ئۇ ھە دىسىلا<مەن نەبىگە سىزىك بولدۇم ...ئۇنى سېغىنىپلا تۇرىمەن &t; دەيتتى چاقچاق قىلىپ .سەنمۇ كۆپ ۋاقتىڭدا ئۇنىڭغا ھەمرا بۇلاتتىڭ ،،،ئەمما بۇرۇنقىدەك خاتىرجەم ، جۇشقۇن ئەمەس ئىدىڭ ، خۇددى بىر نەرسىدىن قورققاندەك دائىم چۈچۈپلا يۇرەتتىڭ ...بۇ ھال ئۇنىڭ ئاي كۈنى يېقىنلاشقانسىرى سەندىمۇ تېخىمۇ ئېنىق بىلىنىشكە باشلىدى ...
ماڭا ۋەدە بەر،دىدى ئۇ بىر كۈنى ،چۇقۇم ماقۇل دىگىن
ئېيتقىنە ، مەن قاچان ساڭا ياق دەپ باققان ،
ئەمىسە ، راست ماقۇل دەيسەن ھە ؟
ماقۇل ، ماقۇل ... ...بېشىمنى ئالىمەن دىسەڭمۇ ماقۇل ، ھازىر دىگەن سىنىڭ بىر ئېغىز سۆزۈڭ بىز ئۈچۈن بۇيرۇق تۇرسا،،،
ئويلىماپتىمەن ، ئۇنىڭ مۇنچە ئەستايىدىللىق بىلەن گەپ قىلىشىنى ، ئۇ خۇددى ئەڭ ھاياجانلىق دەقىقىلەردە تۇرىۋاتقاندەك تولدۇرۇپ ،تولدۇرۇپ نەپەس ئالدى ، قوللىرىمنى چىڭ سىقتى ۋە كۆزلىرىمگە قاراپ تۇرۇپ :  
ماڭا ۋەدە بەر ، ئەگەر ماڭا بىرەر ئىش بۇلۇپ قالسا مىنىڭ بالام ۋە نەبىنى ،مانا بۇ ئۆينى ساڭا تاپشۇردۇم...
ئۇنىڭ دىمەكچى بولغىنى ئېنىق ئىدى ، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ ،بۇرۇنلىرىمنىڭ ئۇچى ئېچىشتى ، ياق ، ماڭا ئۇ بولمىسا بولمايدۇ ،ئۇنىڭغا ھىچ ئىش بولماسلىقى كېرەك ،،،
ياق ، جېنىم ، جۈيلىمە ...ساڭا ھىچ ئىش بولمايدۇ ، ئاغزىڭنى ئۈشىتمە...خۇدايىم ساقلايدۇ ...ئۇ خۇددى ھازىرلا يېنىمدىن يوق بۇلۇپ كىتىدىغاندەك ئۇنى چىڭ قۇچاقلىدىم ،،، ،،،
كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىدۇ ، ماقۇل دىگىن ئەگەر بىرەر ئىش بولسا بالامنى ئۆز بالامدەك بۇ ئۆينى ئۆز ئۈيۈڭدەك كۆر،،،بالامنى سىنىڭ قولۇڭغا قالدۇرسام خاتىرجەم بۇلىمەن ،،،ئۇنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا بۇيۇن قىستۇرماي باق،،، ،،،نەبىگە كەلسەك ،،،ئەگەر ئۇنى مەندىن ئاشقان دىمىسەڭلا ،،، ،،،پەقەت سەنلا ئۇنىڭغا ياردەم قىلالايسەن ،،،ئەگەر ئۇلار بۇيۇن قىسىپ قالسا مەن سەندىن رازى ئەمەس...يەنە ئاناممۇ بار ،،، ،،،پەقەت سەنلا مىنىڭ ئورنۇمنى باسالايسەن،،،ماقۇل دىگىن ... ...
ئۇنىڭغا ماقۇل دىدىم ، مۇشۇنداق ۋاقىتتا ماقۇل دىمەكتىنمۇ باشقا چارە يوق ئىدى ، بىز قۇچاقلاشتۇق ، يىغلاشتۇق ، كۈلۈشتۇق ، ئاللادىن بىر-بىرىمىزگە ئامانلىق ۋە بەخت تىلىدۇق ... ...
ئۇ ئاپىراتسىيىگە كىرىدىغان چاغ يادىڭدىمۇ نەبى ... ...چوڭلار ، ياشلار ، دوسلار ھەتتا ئەرلەرنىڭمۇ كۆزى ياش ... ...جىددىيچىلىك ، سۇرلۇك ھەم قورقۇنۇشلۇق كارىدور... ...ئۇنىڭ ئاشۇ دەقىقىدىمۇ مەندىن ھەم سەندىن ماقۇللۇق ئالغانلىقى يادىڭدىمۇ ؟بەلكىم راستىنلا ئۇنىڭ كۆڭلى تۇيۇپ قالغاندۇ ... ...
بىز ئەنسىرىگەن ئىش ئاخىر يۈز بەردى ، ئامراق ئىككى ئانىنى ،،،بىرەر قېتىم ئاغزىغا ئوغۇز سۈتى سېلىشقا ئۈلگۇرمىگەن ،يېڭىلا تۇغۇلغان ئارزۇلۇق قىزىنى ،مەندەك قىيامەتلىك دوستىنى ۋە مەڭگۇ بىرگە بۇلۇشقا ۋەدىلەشكەن سۇيۇملۇك ئىرى بولغان سىنى ،،،ھەممە ھەممىمىزنى دەرتتە قۇيۇپ بىز بىلەن مەڭگۇلۇك ۋىدالاشتى... ..
ئىشىنەمسەن ، ئۇنىڭ ۋاپاتى ساڭا قانچىلىك ئېغىر كەلگەن بولسا ماڭىمۇ شۇنچىلىك ئېغىر كەلدى... ...چۈنكى مىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان ۋاقتىم سىنىڭكىدىن كۆپ ، بىزنىڭ بېشىمىزدىن ئۆتكەن ئىسسىق سوغۇق سىلەرنىڭكىدىن كۆپ ، بەلكىم قىزلار ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنى قىزئوغۇللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھاببەتكە سېلىشتۇرغىنىم توغرا بولمىغاندۇ ، ئەمما مەن ئېيتالايمەنكى مەنمۇ ئۇنى سەندىن چارە ياخشى كۈرەتتىم ... ...
مەن كۆپ ئويلاندىم ، ئۇنىڭ قىزى مەن ۋە سەن ،،،ئەڭ مۇھىم بولغىنى تېخى ئەمدىلا بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان بوۋاق ،،، ،،،ئۇ ئانا مىھرىنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەي چوڭ بۇلىشى كېرەكمۇ نەبى ؟مەن قىزىڭلارنى ئەپكىلىۋالدىم ، ئانا مىھرى دىگەن شۇنداق ئۇلۇغ بۇلىدىكەن ، ئۇنى كىچىك زۇمرەتنى خۇددى ئۆزۇمنىڭ قىزىدەك كۆردۈم ، ئىككى ئانىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىم ، بۇ جەرياندا قانچىلىك جاپا تارتقىنىمنى بىر ئۆزۈم بىلىمەن ، مۇشۇ ئىشنى دەپ ئۆيدىكىلەر بىلەنمۇ كۆپ تاكاللاشتىم ،،، ،،،دوستلىرىم ، خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئىچىدە چۇشەنگەنلىرىدىن چۇشەنمىگىنى كۆپ بولدى :
بىكار تاتمايدۇدە بۇ جاپالارنى ، تەييار ئۆي ، تەييار بالا ، تەييار كىلىشكەن ئەر تۇرسا...
كىم بىلىدۇ ،جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا دەپ ، بۇرۇندۇنلا مۇشۇنداق نىيتى بارمىتى تېخى...
... ... ...
ھەر خىل سۆز -چۆچەكلەرنى ئاڭلىدىم ،ئەمما چىدىدىم ، چۈنكى ماڭا باشقىلار ئۈچۈن بەدەل تۆلەشنى كىچىكىمىزدىن باشلاپلا ئۇ ئۆگەتكەن ،،،،،،
كىچىك زۇمرەتكە قارىساملا يىغا تۇتاتتى ، ئۇنىڭ كۈندىن كۈنگە ئانىسىغا ئوخشاپ كىتىۋاتقىنى ، ئىككى قېشىنىڭ ئوتتۇرىدىكى ھەممىنى جەلىپ قىلىدىغان ، كۈندىن -كۈنگە قېنىقلىشىۋاتقان مېڭى... ...سەنمۇ ھەر كەلگەندە ئۇنىڭغا جىمجىتقىنە ئۇزاق ، ئۇزاق قاراپ ئولتۇرۇپ كىتەتتىڭ ،،،ئېغىر ئۇھسىناتتىڭ ، بەزىدە ماڭا بىلىپ بىلدۇرمەي قىزىڭنى چىڭ قۇچاقلاپ ياشمۇ تۈكەتتىڭ ،،،
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاناڭ بىزنىڭ ئۆيگە كەلدى ، مەندىن يىغلاپ تۇرۇپ ئۆتۈندى ،،،دىمىسىمۇ تۈگىشىپ كەتكىلى ۋاتاتتىڭ ،ماشىناڭنىمۇ ھەيدىمەس بولغانىدىڭ ، ئىچىملىككە بىرىلگەنىدىڭ ، ھەر قېتىم ساڭا گەپ قىلماقچى بولاتتىميۇ بوغۇزۇمغا بىرەر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك دىمەكچى بولغان گەپلىرىمنى ئىچىمگە يۈتىۋېتەتتىم ... ...ئانامنىڭ توسقۇنىغا قالماي ئاناڭغا ماقۇل بولدۇم ، ئۈزۈمگە قاتتىق ئىشەنچىم بار ئىدى ، دوستۇمنىڭ ئائىلىسىگە قايتىدىن ئىللىقلىق ئەپ كىلىشىمگە..........  
بۇ جەرياندا ئۇچۇرغان بېسىملىرىمنى مەن دىمىسەممۇ بىلىسەن ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ سۆز چۆچەك قىلىشىغا ، ئاتا-ئانامنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچۇردۇم...ئەمما مەن چىدىدىم كىچىك زۇمرەت ۋە سەن ئۈچۈن ...قىسقىسى يەنىلا دوستۇم ئۈچۈن ،،،  
شۇنداق قىلىپ كىچىك زۇمرەت دەل بىر ياش ئىككى ئايلىق بولغاندا بىزنىڭ تۇيىمىز بولدى ، ھاياتىمدا بىرلا كىلىدىغان بۇ مۇقەددەس مۇراسىمنى ئۆتكۇزۇش جەريانىدىكى كۆڭۈلسىزلىكنى تىلغا ئېلىپ كۆڭلۈمنى غەش قىلغۇم يوق ... ...دوستۇمغا بولغان ھۈرمىتىم ئۈچۈن ، سىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىڭنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۆيگە ھىچقانداق ئۆزگۇرۇش كىرگۇزمىدىم ...پەقەت ئىككىڭلارنىڭ توي سۇرىتىنىلا ئېلىۋەتتىم... ...
ماڭا ، بىر مەزگىل ۋاقىت بەرگىن دىدىڭ سەن توي كېچىسى ،
مەن گەپ قىلمىدىم ، ساڭا ئۇرۇن راسلاپ بەردىمدە ياندىكى ئۆيگە چىقىپ كەتتىم... ...
كىيىن مەن بۇ تۇرمۇشقا كۈنۈپ كەتتىم ، بارلىقىم ئۈچ ئانام ، بىر قىزىم ئۈچۈن بولدى ...كۆپ جاپا تارتتىم ، ئەمما ۋايسىمىدىم ...مۇشۇ كۈنلەردە سىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىڭنىڭ نەقەدەر چوڭقۇرلىقىنى ھىس قىلدىم ، ئۇنىڭغا بولغان مۇھاببىتىڭ قەلبىڭگە ئۇنىڭدىن باشقا بىرىنى سىغدۇرۇشنى راۋا كۆرمەيۋاتاتتى ، ئامال بار مەندىن ئۈزۈڭنى قاچۇرۇپ يۇردۇڭ ، مەنمۇ سىنى ئۆز مەيلىڭگە قۇيۇپ بەردىم ، بۇلۇپمۇ بىر كۈنى مەس ھالەتتە كىرىپ ئۇنىڭ رەسىمىنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتكەن ئاشۇ كۈنىدىن باشلاپ ،ئىسىڭدىمۇ نەبى ؟ئۇ كۈنى سەن نىمىلەرنى دىدىڭ ... ...<مىنى مۇنداق قىينۇغۇچە بىرگە ئېلىپ كەتسەڭلا بولمامدۇ خۇتۇن...بۇ سىلىنىڭ ، بىزنىڭ تۇتقان ئۆيىمىزغۇ خۇتۇن ،،،نىمىشقا ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ ،،،ھەممىنى بىراقلا ياتقا تاشلاپ بىرىسىلە خۇتۇن ...كۆڭلۈمگە سىلىدىن ئۆزگە ياتنى قانداق سىغدۇراي خۇتۇن،،، ،،،&t;.................نىمىسىنى دەي ،،، ...ھەممىنى چۈشەنسەممۇ ئەمما <يات &t; دىگەن گەپلىرىڭنى چۈشەنمىدىم ...ھەم كاللامدىن ئۆتمىدى ،،،ئەينى ۋاقىتتا قانچىلىك يېقىن ئۆتكەنىدۇق ھە ؟ ئەمدى كىلىپ سەن ئۈچۈن ، قىزىڭ ئۈچۈن ياشىنىپ قالغان ئاناڭ ئۈچۈن جاپا تارتىۋاتقىنىمدا بىرەر قېتىم ھالىڭ نىچۈك دىمەستىن ئەكسىچە يات قاتارىغا چىقارغىنىڭ ئېغىر كەلدى...ئەمما ساڭا خاپا بۇلاي دەپمۇ خاپا بۇلالمايتتىم ...سىنى ھۆرمەتلەيتتىم ...قول قۇياتتىم ،،،ئەمما كىيىن بىلمەيلا قالدىم ،،،سىنى راستىنلا ياخشى كۈرۈپ قالدىم ، سىنى بىردەم بولسىمۇ ئۆيدە بولسىكەن دەيدىغان بولدۇم ، گەرچە ماڭا بولغان مۇئامىلەڭ خۇددى نامۇۋاپىق ۋاقىتتا ئۈيىڭگە كەلگەن مىھمانغا قىلىنغان ساختا خوشامەت بولسىمۇ ئەمما يەنىلا ... ... ...
شۇنىڭ بىلەن مەن تېخىمۇ تىرىشتىم ، سىنىڭ كۆڭلۈڭنىڭ كىچىككىنە بىر يەرلىرىگە سىغىش ئۈچۈن ، كىچىك زۇمرەتكە ھەقىقى ئائىلە مىھرىنى تۇنۇتۇش ئۈچۈن،،، ،،،ئەمما سەن تىز تاماقخانا ئاچىمەن دىگەننى باھانە قىلىپ ئۆيدىكى ۋاقتىڭنى تېخىمۇ قىسقارتتىڭ ...دىگەندەك تىجارىتىڭ تىز روناق تاپتى ، كۆزگە كۈرۈندۈڭ ، قىزىمىزمۇ كۈندىن كۈنگە ئەقىللىق ھەم زېرەك چوڭ بولدى... ...
ئۇنتۇپ قالما نەبى ، مەنمۇ بىر ئايال كىشى،،،شۇنچە كۆپ سىرلىرىمنى ئىچىمگە سېلىپ يۈرۈپ بىر كۈنلەردە يېقىلىپ قېلىشتىن ، سىلەردىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيمەن ... ...ئەمما قارىسام مەن ساڭا راستىنلا يۈك بۇلۇپ قالغاندەك تۇرىمەن...شۇڭا دىمەكچى بولغىنىم ... ... ...(كەچۇرگىن ئېغىزىمدىن چىقىرالمىدىم ، ئەمما سەن چۇقۇم نىمە دىمەكچى بولغانلىقىمنى بىلىسەن ) بەلكىم ئىككىلىمىزگە بىر مەزگىل ۋاقىت كېرەكتۇر،،، ،،، ،،، ساڭا بىر ھەپتە ۋاقىت بىرەي ، ئەگەر ئويلىنىپ بۇلالمىساڭ كىيىنكى قارارنى چىقىرىش ھۇقۇقى مەندە بولسۇن ... ...
سىنى چىن قەلبىدىن سۈيۈپ <ئايالىڭ &t;زىبا... ... ...
خەتنى كۆرۈپ بولغىنىمدا سۇزۈك ياش تامچىلىرى كۆزلىرىمنى غۇۋالاشتۇردى ، ئۇزۇن بوپتىكەن ، بىرەرىنىڭ ئالدىمدا بۇرۇنقى ئايالىم ، تۇنجى سۆيگىنىم ،،،مىنىڭ بارلىقىم بولغان زۇمرەتنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىغىلى ...خۇددى ئۇنداق بىرى بۇ ئالامدە بۇلۇپ باقمىغاندەك ، ھەتتا زىبامۇ شۇ ... ... پەقەت مۇشۇ ئۆي ۋە قىزىملا ئۇنىڭ بۇلۇپ ئۆتكەنلىكىگە گۇۋھتەك... ... ...  
زىباغا يۈز كىلەلمەيمەن ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىلەن زادى نىمىشقا توي قىلدىم ، زۇمرىتىمنىڭ ۋەسىيىتىنى دەپمۇ ؟ئانامنىڭ كۆز ياشلىرىغا چىداپ بۇلالمايمۇ ۋە ياكى قىزىم زۇمرەت ئۈچۈنمۇ ... ...ئۈزۈممۇ بىلمەيمەن ، ئەمما ئۆزۈمنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى بىلىمەن ، ئۇنىڭغا بەخت دىگەن ئۇقۇمنى ھىس قىلدۇرالمىدىم ، تۈگىمەس كۆز ياشلىرىنى كۈرۈپ كۆرمەسكە سالدىم ، قىزىم ئۈچۈن ئانام ۋە زۇمرەتنىڭ ئانىسى ئۈچۈن تارتقان جاپالىرىنى بولسا ئۇنىڭ بۇرچى دەپ ئويلىدىم ، خىزمەت ،ئائىلە ، كىشىلەرگە ئېيتالمايدىغان دەرتلەر ھەلىمۇ ئۇنى يېقىتىپ قويمىدى ، بۇرۇنلاردا شۇنچە ئاجىز ئۇنىڭ قانداقسىگە مۇنچە بەرداشلىق بۇلۇپ كەتكەنلىكىگە ھەيران قالدىم ...شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۆز بەختىنى ئىزدىشى كېرەك ... ... مەن ئۇنىڭغا ئەسلا ماس كەلمەيمەن... ...
بۇ بىر ھەپتىنى شۇنچە تەستە ئۆتكۈزدۇم ، ئۇنىڭ ئەتكەن تاماقلىرىنى شۇنچە سېغىندىم ، قىزىمنى كۈرۈش ئۈچۈن چوڭ ئۆيگە بارغىنىمدا ئۇنى كۈرۈپ شۇنداق خوش بولدۇم ، لىكىن ئىككى ئېغىز گەپ قىلمىدىم ، ئۇ كۆزلىرىمگە تېخىمۇ جۇدەپ كەتكەندەك كۈرۈندى ...<زۇمرەت ئۇنى ، زىبا ئاجايىپ ئاقكۆڭۇل ، يولدىكى توڭلاپ قالغان يىلاننىمۇ قوينىغا سېلىشتىن يانمايدۇ &t;دەيدىغان ، راستكەن ، ئاجايىپ پىداكار ،ئاقكۆڭۇل ،ياخشى قىزكەن ،،، مىنىڭ ئۈچ يىللىق ئايالىم ، تۆت ياشلىق قىزىمنىڭ ئانىسى ،،، ،،،ئۇنىڭ قەدىناس دوستى... ...خۇدانىڭ ماڭا بىر-بىرىدىن قېلىشقۇسىز بۇ قىزلارنى بەرگىنىدىن ھەيرانمەن... ...
سىلىگە ئايرىم ئېيتىدىغان گەپ بار ئىدى ،دىدى ئۇ ، مىھمانخانا ئۆيگە كىردۇق :
كېلەر ھەپتە مۇشۇ كۇندە يولغا چىقىمەن ، مۇھىت ئالماشتۇرغىم كىلىپ قالدى ، بەك چارچىدىم ،ئۇنىڭغا نىمە دىيىشىمنى بىلمىدىم ،
نەگە باراي دەيسەن ؟  
بۇنى ئېيتىپ بىرەلمەيمەن ، ئىشقىلىپ يىراق بىر يەرگە ، ناھايىتى چەت بىر يېزىغا ئۇقۇتقۇچىلىققا چۈشىمەن ، ئىلتىماسنىمۇ يىزىپ تەييارلاپ قويدۇم ، مائارىپ ئىدارىسىدىن قول قويسىلا بۇلىدۇ ، ئۇ يەر ماڭا ئىھتىياجلىق ...ئەڭ ياخشىسى ماڭا ئىھتىياجى بارلارنىڭ قېشىغا باراي ... ...
... ...
سىلىدىن ئۆتىنىدىغىنىم ، زۇمرەتنى مەن ئەپ كەتسەم ، ماڭا ئۇ بولمىسا بولمايدۇ ، سىلىدىن ئۆتۈنسەم ... ... 
ئۇنىڭ ياش لىغىرلاپ تۇرغان كۆزلىرىدىن كۆزۇمنى قاچۇردۇم ، راستىنى دىسەم ، ئۇنىڭ كىتىمەن دىگىنىنى ئاڭلاپ يۇرىكىم سىيقىراپ كەتتى ،،، ،،، ...
مەيلى ،ئۇ قوللىرى بىلەن يۇزلىرىنى ئىتىپ ئۆكسۇپ ،ئۆكسۇپ يىغلاپ كەتتى ...بەلكىم مەندىن چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتكەن بولغىيتتى ئەمما مەن ئۈزۈمنى ئويلىسام بولمايدۇ ، ئۇ مىنىڭ بالامنىڭ ،ئانامنىڭ ،مىنىڭ ئائىلەمنىڭ ھۆددىسىدىن خەۋەر ئالىدىغان ماشىنا ئادەم ئەمەس بەلكى ھىسىياتلىق ئادەم يەنە كىلىپ بىر ئايال كىشى ... ...
ئۆيگە قايتىپ كەلدىم ،ئەمما قوللىرىم ئىشقا ،نىرۋىلىرىم خىيالغا بارمىدى... ... ... ...تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغىنىمنى بايقىدىم ،<ئۇنى تۇسۇپ قال ،دەيتتى رەسىمدىكى زۇمرەت ،ئۇ ھەممىنى سەن ئۈچۈن قىلدى ،ھەممىگە سەن ئۈچۈن بەرداشلىق بەردى ، ئۇنى بۇ ئۆيگە سەن ئەپكىرگەن ، مىنى ياخشى كۆرگەنلىكىڭ ئۈچۈن ئۇنى قىينىدىڭ ، ئۇ ھىچنىمە دىمىدى ، ئەمما ئۇ سەن يوق چاغلاردا كۆپ ياش تۆكتى ماڭا دەردىنى تۆكتى ...ئۇ سىنى ياخشى كۆرىدۇ ،خۇددى مەن سىنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرگەندەك قىزىمنى ياخشى كۆرىدۇ خۇددى ئۆز قىزى ياخشى كۆرگەندەك ...ئەمما ئۇنىڭغا ئۇۋال بولدى ، ئۇ بىر ئايال بەھرىمەن بۇلۇشقا تىگىشلىك ئەڭ ئەقەللى بەختتىنمۇ مەھرۇم قالدى ،،،پەقەت سەنلا ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۋالالايسەن ... ...ئۇنى ،دوستۇمنىڭ بەختىن ساڭا تاپشۇردۇم ... ...ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى ئەمدى توختىسۇن ... ... &t;
ئوڭۇممۇ ،چۇشۇممۇ بۇ ؟ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتىم ... تېخى بايىلا ئاپئاق كىيىم كىيگەن زۇمرەت يېنىمغا كىلىپ يۇمشاق قوللىرى بىلەن كۆز ياشلىرىمنى ئېيتىپ خۇددى خىياللىرىمنى تەستىقلىغاندەك بېشىنى لىڭشىتىۋىدى ... ...ئاھ ...زۇمرەت ... ...مىھرىبانىم زۇمرت ... ...قارىغاندا سەن يۈرۈكىڭنى ئۇنىڭغا قالدۇرۇپ كەتكەن ئوخشايسەن .. ... ...بىلىمەن ، زىبا جاپا تارتتى ئۇنى مەن جاپادا قويدۇم ، خۇددى ساڭا ئوخشاش بىر ناتىۋاننى يىغلاتتىم سىنىڭ يۇركىڭنى يىغلاتتىم ،،، ،،،كەچۈرگىن زىبا ، كەچۇرگىن زۇمرەت ... ...
ئۆيدىن ئۇچقاندەك چىقىپ كەتتىم ، خۇددى تۇنجى كۆرىشىدىغان ئاشىق -مەشۇقلاردەك ، تۇيى بولغان يىگىتتەك ھۇدۇقاتتىم... ... ... ...  
ئىشىكتىن ھاسىراپ كىرگىنىمنى كۆرگەن ئايالىم ماڭا قاراپ چەكچىيىپ تۇرۇپلا قالدى ، تەلىيىمگە چوڭ ئۆيدە باشقا ئادەم يوقكەن ، ھىچنىمە دىمەيلا ئۇنى چىڭ قۇچاقلىدىم :
مىنى كەچۈر ،زىبا ، سىنى جاپادا قويدۇم كەچۇرگىن ...كەتمىگىن ، ماڭا سەن بولمىساڭ بولمايدۇ ...سەن ۋە قىزىم بولمىسا بولمايدۇ ... ...
ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى كىيىملىرىمنى ھۆل قىلىۋەتتى ، ئۇنىڭ ياشلىرىنى ئېيتقاچ ئۇنىڭغا سەپ سالدىم ، ئاجايىپ پاك بىر پەرىشتە قۇچۇقۇمدا يىغلاۋاتاتتى ، ئۇنى مىھرىم بىلەن قايتىدىن باغرىمغا باستىم ، تىترەپ تۇرغان ئىككى سىيما كەچكى شەپەققە قۇشۇلۇپ ئوتقاشتەك جۇلالىنىپ كەتتى... ... ... ...
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203