ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئىستانبۇلدىكى باغچە


ئىستانبۇلدىكى باغچە


 

 


 

  ئۈچ يىل ئاۋۋالقى بىر كۈنى ، ئىستانبۇلدىكى مەلۇم بىر باغچىدا ، مەن بىر چىرايلىق ئۇيغۇر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم . لېكىن بۇ گۈزەل شەھەردىكى گۈزەل باغچىدا يۈز بەرگەن ئۇچرىشىش ئانچە بەك رومانتىك بولمىغان ئىدى . ئۇ كۈنى مەن ناھايىتى روھسىز ، چۈشكۈن  ئىدىم . چاچلىرىممۇ تاراقسىز ، ساقال-بۇرۇتلىرىم ئۆسۈپ پۈتۈن يۈزۈمنى بېسىۋالغان ئىدى .
  ئاغرىنىشقا توغرا كەلسە پەقەت ئۆزۈمدىنلا ئاغرىنىش مۇمكىن ، چۈنكى ئەينى چاغدا مۇشۇ تۈركىيە دېگەن دۆلەتكە قەلبىمدە چەكسىز ئىنتىلىش بار ئىدى . ئولتۇرسام-قوپسام خىيالىم "ھامان چەتئەلگە چىقىپ كېتىمەنغۇ " دېگەندە ئىدى . ئاتا-ئانام بۇ ھالىمنى كۆرۈپ ، تاپقان-تەرگىنىنى يىغىپ ، دۇئالار بىلەن  مېنى تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى مەلۇم بىر ئۇيغۇرچە رېستۇرانغا خىزمەت قىلىشقا ئەۋەتتى . 
  بۇ دۆلەتكە كېلىشتىن بۇرۇن ، مەن ئۆزۈمنى بىر ئەقىللىق ئوغۇل بالا دەپ ئويلايتتىم . لېكىن چىنە-قاچا يۇيۇشتىن ئىبارەت بۇ خىزمەت مېنىڭ ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىمنى پۈتۈنلەي يەرگە ئۇردى . ئالدىرىغانسېرى پۇت-قولۇم كالۋالىشاتتى ، ئەمدى يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى تۆكۈپ قولۇمنى سۇغا تىقىپ بولغۇچە، يان تەرەپتىن " تېز بولمامسەن تەخسە تەخسە قېنى ؟ " دېگەن ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى . شۇنىڭ بىلەن مەن ئالاقزادە بولۇپ داۋاملىق چىنە-تەخسىلەرنى چېقىپ قوياتتىم .
  مەن بارغانسېرى چۈشكۈنلىشىپ كېتىۋاتاتتىم . زەڭگەررەڭ دېڭىز بويىدىكى گۈزەل ساھىلدا ، ئەگەر مۇشۇنداق زېرىكىشلىك ئۆتۈشۈمنى بىلگەن بولسام ، بۇ يەرگە بوينۇمدىن سۆرىسىمۇ كەلمەس ئىدىم .
شۇنداق قىلىپ بۇ ئاشخانىدىكى بىرىنچى ئاينى شۇنداق مۇشەققەتتە ئاران ئۆتكۈزدۈم . خوجايىن بولسا قاپاقلىرىنى تۈرۈپ تۇرۇپ ماڭا چېچىلاتتى : " جېنىم ئۇكام ، بۇ سېنىڭ قانداق خىزمەت قىلغىنىڭ ؟ سېنىڭ بىر ئايدا چېقىۋەتكەن تەخسىلىرىڭ بۇ تاماقخانىنىڭ بىر يىللىق رېكورتىدىن ئېشىپ كېتىپتىغۇ ؟ "  
  ئۇنىڭ بۇنداق مۇبالىغە بىلەن مېنى لال قىلغان سۆزلىرى ئىچىمگە بەك ئۆتتى ، ئاچچىقىمغا پايلىماي قولۇمغا تەخسىدىن ئىككىنى ئالدىم -دە ، خوجايىننىڭ ئالدىغا ئاتتىم . تەخسىلەر يەرگە چۈشۈپ "چاراس-چۇرۇس " قىلىپ پارە-پارە بولۇپ كەتتى .
 لېكىن ، مەن قىلغىنىمغا تېزلا پۇشايمان قىلدىم ، دېمىسىمۇ بەك ھاماقەتلەرچە ئىش قىلىپ قويۇپتىمەن . ئەمەلىيەتتە ، ئۇنىڭ تەنبىھلىرىنىڭمۇ ئورنى بار ئىدى . تەخسىنىڭ چېقىلغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ پۈتۈن خىزمەتچىلەر ماڭا تىكىلىپ قاراپ قالدى ، خوجايىن بولسا سېمىز قوللىرى بىلەن مېنى كۆرسىتىپ ساقاللىرى توختىماي تىترەيتتى-يۇ ، گەپ ئاغزىغا كەلمەيتتى . مانا ئەمدى ، ھېچكىم مېنىڭ بۇرۇنقى ئاشۇ تەخسىلەرنى قەستەن چېقىۋەتمىگەنلىكىمگە ئىشەنمەس بولدى ، چۈنكى مەن ئۇلارنى قارىتىپ قويۇپ تەخسىنى يەرگە ئاتتىم ئەمەسمۇ . مانا ئەمدى ، مەن بۇ خىزمەت ئورنۇمدىن ئايرىلمىسام بولمايدىغان بولدى . 
  ئۇ كىچىك باغچە بولسا رېستوراننىڭ ئالدىدىكى يولنىڭ ئاۋۇ قېتىدا ئىدى . مەن يۈك-تاقىلىرىمنى كۆتۈرۈپ نەگە بېرىشىمنى بىلەلمىگەن ھالدا ، ئۇيان بېسىپ بۇيان بېسىپ باغچىنىڭ ئىچىدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردۇم ۋە خىيالغا چۆكتۈم .
  بۇ ناتونۇش بولغان شەھەردە ، نەگىمۇ بارارمەن ؟ كىمنىمۇ ئىزدەرمەن ئەمدى ؟ گەپ قىلالىغىنىم بىلەن پەقەت ئۇيغۇرچە گەپ قىلالايمەن ، دېمەك بۇ دۆلەتتە مەن ھازىرچە بىر گاچا . ئەمدى پۇشايمىنىم بۇلدۇقلاپ چىقماقتا ئىدى . ياشقا كىرگەن بۇ كۈنى ، باشقا قىتئەدىكى يىراق بىر دۆلەتنىڭ كاتتا شەھىرىدە ، ياشلىرىمنى مەھكەم بېسىپ خىياللىرىمنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدىم . رېستۇراندىن چىقىپ كېتىش ئالدىدا خوجايىن تەڭلىگەن دوللارنىڭ دوللىرىنى " ئالە ماۋۇ سېنىڭ تەخسىلىرىڭگە بولغان تۆلەم بولسۇن " دەپ يۈزىگە ئاتقان ئىدىم ، ئەمدى شۇ دوللارغىمۇ ئىچىم ئاغرىپ يۈرىكىم ئۆرتەنمەكتە ئىدى . 
  سۆرۈن شامال يۈزلىرىمنى سىيپاپ كۈزنىڭ نەم سوغۇقىنى ھېس قىلدۇرماقتا ئىدى . ئەلۋەتتە ، چوقۇم بىر جاينى تېپىشىم كېرەك ، باغچىدا قونۇپ قالغىلى بولمايدۇ . قانداق قىلىش كېرەك ؟
  بۇ چاغدا كۆزۈم ئىختىيارسىز مەندىن سەل يىراقتىكى بىر قىزغا چۈشتى ، چاچلىرى قارا ، كۆزلىرى قارا ، ئىشقىلىپ قاراشقىلا ئۇيغۇر چىراي بىر قىز ، " ئۇيغۇردۇ ؟ ھېچبولمىغاندا بىر جۇڭگولۇقتۇ ؟ " دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە . لېكىن كۆزلىرىم ئۇنىڭ ھەقىقەتەن بىر ئۇيغۇر قىزى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈپ تۇراتتى . ئۇمۇ ماڭا يىراقتىن سەپسېلىپ قاراپ باقاتتى . جىمجىتلىق ئىچىدە مەن يەنىلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ يېنىغا باردىم . 
 --ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئۇيغۇرمۇ سىز ؟
 -- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، شۇنداق ، مەن ئۇيغۇر . قانداق ، ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟_ بۇ قىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلىماققا ناھايىتى يېقىملىق ئىدى .
 -- ياخشى . ئۆزىڭىزچۇ ؟ مەن پەقەت ... مەن پەقەت سىزدىن بۇ ئەتراپتا ياخشىراق كىچىك مېھمانساراي بار-يوقلۇقىنى سوراي دەپ ...
 -- مېھمانساراي ؟ بۇ ئەتراپتىكى ھەممىسى چوڭ مېھمانخانىلار ، كىچىكرەكىنى ... ئېھتىمال خېلى يىراق يەردىن تاپالامسىزكىن . _ دېدى قىز ئۈستىۋېشىمغا گاڭگىراپ بىر قارىۋېتىپ .
 -- بۇ ئىش مۇنداق ئىدى ، _ دېدىم چۈشەندۈرۈپ،_ مەن تۈركچىنى تازا ياخشى سۆزلىيەلمەيمەن ، يەنە كېلىپ بۇ دۆلەتكە كەلگىلىمۇ بىر ئايچە بولدى . تازا ئۇقۇپ كەتمەيمەن .
 -- ھە ؟ _ دېدى قىز قىزىقىش ۋە ھەيرانلىق ئىچىدە ،_ ئۇنداقتا سىز ئۆزىڭىز يالغۇزما ؟ نېمىشقا ھەمراھدىن بىرنى ئېلىۋالمىدىڭىز ؟ يولدىن ئېزىپ قالدىڭىزمۇ يە ؟
 -- ھەي ... دەپ كەلسەم گەپ ئۇزۇن ، _ دەپ ھېكايەمنى باشلىدىم مەن . ئەلۋەتتە بۇ مېنىڭ ئالاھىدىلىكىم بولۇپ ، پەقەت ئۇيغۇرچە سۆزلەشلا ئىمكانىيىتى بولسا ، نۇرغۇن تەسىرلىك ھېكايىلەرنى توقۇپ چىقالايتتىم .
  شۇنداق قىلىپ مەن قىزغا مۇنداق بىر ھېكايىنى ئېيتىپ بەردىم . ئۆزۈمنىڭ بىر ھەققانىيەتچى ئىشچى ئىكەنلىكىنى ، شەھۋەتپەرەس خوجايىننىڭ دۇكان خىزمەتكارى قىزچاققا پوخۇرلۇق قىلىۋاتقىنىنى بايقىغان چېغىمدا ، كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىقىپ قىزچاقنى قۇتۇلدۇرغانلىقىمنى ، خوجايىن قاتتىق ئۇيات ۋە ئاچچىق ئىچىدە ، مەندەك بىر ئۇرۇق-تۇغقانسىز يىگىتنى يالغۇز ئىشىكتىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنى سۆزلەپ بەردىم . مەن ھېكايەمنىڭ ئىچىدە ماس سۆزلەر ئارقىلىق خوجايىننىڭ نەقەدەر پەسكەش ۋە نومۇسسىز ئىكەنلىكىنى ، يەنە ئۆزۈمنىڭ نەقەدەر باتۇر ۋە ھەققانىيەتچى ئىكەنلىكىمنى ئۇنىڭغا بايان قىلىپ بەردىم . ئۇزۇنغا سوزۇلغان بۇ ھېكايىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەرگۈچە ، ھەتتا ئۆزۈممۇ ئىشىنىپ قالغان گەپ . ئۇ قىز بۇ سۆزلىرىمگە ئەلۋەتتە تېخىمۇ گۇمانسىز ئىشەندى .  


 

 


 

  مېنىڭ ئۇنىڭغا يالغان سۆزلەپ ھېكايە توقۇپ ئالدىشىمدىكى مەقسىتىم ، ئاساسلىقى ئۇ مېنى بىرەر لايىقراق مېھمانسارايغا باشلاپ بارارمىكىن دېگەن ئۈمىدتە ئىدىم . ئەڭ ياخشىسى ئۇ ماڭا بىر قېتىم ھەقسىز تەرجىمان بولۇپ بېرەلىسە تېخىمۇ ياخشى بولاتتى . ئويلىمىغان يەردىن ، قىزچاق مېنى يىراق بولمىغان يەردە ئۆزى يالغۇز تۇرۇۋاتقان ئۆيىگە باشلاپ باردى . ئۆينىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە بېزىلىشى شۇنداق مۇۋاپىق ئىدىكى ، بۇ ئۆيگە قەدەم باسقاندىن كېيىنلا ئۆزۈمنىڭ قاچا يۇيغۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان چاغلاردىكى جەۋرى-جاپالىرىم ئۇنتۇلۇپ ، بىر ھازادىلا ھاردۇقۇم چىققاندەك بولدى . بۇ قىز ھەقىقەتەن ماڭا شۇنداق ئىشىنىپتۇ . ئويلىدىمكى ، ئەگەر ھېكايە توقۇپ پۇل تاپقىلى بولسا ، مەن جاھاندىكى ئەڭ باي كىشى بولۇپ كېتەر ئىكەنمەن .
 پاراڭلىشىش جەريانىدا مەن قىزچاقنىڭ ئىسىمىنىڭ دىلبەر ئىكەنلىكىنى بىلدىم . بۇ ئۆيىنىڭ كاتتىلىقىغا ، ئۆزىنى تۈركىيىدە يالغۇزمەن دېيىشىگە ، يەنە مېنى قورقماي ئۆزى تۇرۇۋاتقان ئۆيگە باشلاپ كېلىشىگە قاراپ ، مەن دىلبەرنى بىرەر چوڭراق باينىڭ ئىندىكىدىكى كىچىك خوتۇن ، ھەتتا ئۇنى بىر ****مىكىن دەپ پەرەز قىلدىم . مەن گەرچە ئەمدى ياشلىق ئوغۇل بالا بولغىنىم بىلەن ، قىز-ئاياللار ماڭا نىسبەتەن بەك ناتونۇش ئەمەس ئىدى . ھازىر زامان ئوخشىمايدىغان بولۇپ كەتتى ، بۇنداق چىرايلىق قىزلارنى ھەرقانداق يەردە قوغلىشىدىغان ئەرلەر بار ، كېلىشكەن ئوغۇللارنىمۇ مال-دۇنيا بىلەن ئىندەككە كەلتۈرىۋالىدىغان ئاياللار بار . ۋەتەندىكى چاغلاردا ، ئۈرۈمچىنىڭ كوچىلىرىدا ئېسىل پېكاپلارنىڭ ئىچىدە ھېچكىمنى كۆزىگە ئىلماي يۈرىدىغان چىرايلىق خېنىملارنى مەن كۆپ كۆرگەن . باشقىچە ئارتۇقچىلىقى يوق ، پەقەت ئۆزى چىرايلىق ، كىشىنى جەلب قىلىدۇ ، داڭلىق ماركىلىق كىيىملەرنى كىيسە يارىشىدۇ ، يەنە تېخى كارىۋات ئۈستىدىكى ماھارىتى ياخشى . مەن قاتتىق ھەرخىل خىياللارغا چۆكۈپ كېتىۋاتقاندا ، دىلبەر خىيال يىپىمنى ئۈزۈپ :
 -- سىز بۈگۈن كەچتە مۇشۇ مېھمانخانىدا بىر كېچە ئۇخلاپ ئارام ئېلىڭ . ئەتە سەھەر تۇرۇپ خىزمەت ئىزدىگىلى چىقىپ بېقىڭ ، مەن سىزگە ئەتراپتىكى ئۇيغۇر ۋە ئۆزبەكلەرنىڭ بەزى ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرىنى قەغەزگە كۆچۈرۈپ ئېلىپ قويدۇم . كېرەك بولىدۇ .
  مېھمانخانا ئۆيدىكى بۇ سافا ئۆزگىرىشچان بولۇپ يان تەرەپتىن بىرلا تارتسا كارىۋاتقا ئۆزگىرەتتى . دىلبەر ماڭا بۇ كارىۋاتنى راسلاپ كىرلىك سېلىپ بېرىۋاتقۇچە مۇنداق دېدى :
 - مېنىڭ دوستلىرىم ئانچە-مۇنچە كېلىپ كېتىدۇ ، شۇڭا مەن بۇ سافا كارىۋاتنى ئالاھىدە تەييارلاپ قويغان .
  " بولدى ، يوشۇرما مەندىن . " دېدىم ئىچىمدە . لېكىن مۇنداق قارىسام ئۇنىڭ ئۈستىۋېشى شۇنداق رەتلىك پاكىز ئىدى . ياق ،ياق ، بۇ زاماننىڭ پاھىشىلىرى ئاشۇنداق ستۇدېنت قىزلاردەك ياسىنىپ ئەرلەرنى جەلب قىلىدىغان بولۇپ كەتتى ، بىر قاراشقا شۇنداق سەبىي كۆرىنىدۇ .
  يۇمشاق كارىۋات ئۈستىدە يېتىپ يەنە خىيال باياۋانىغا باشچىلاپلا كىرىپ كەتتىم . ئاھ ،دۇنيا ، ھەممە كىشىنىڭ بىر خىل ھېكايىسى بار ، قايسىسى راست ؟ قايسىسى يالغان ؟ خۇددى مەن ئۇنىڭغا ئېيتقان ساختا ھېكايىدەك ، ئۇنىڭ ماڭا ئېيتقانلىرىنىڭ قانچە پىرسەنتى چىن بولغاي ؟
  بەك ھېرىپ كەتكەچكە ، تېزلا ئۇخلاپ قاپتىمەن .
 ئەتىسى قۇياش دەرىزىدىن سىڭايان چۈشكەندە ، ئويغىنىپ ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە مۇنداق بىر قەغەزنى بايقىدىم : " مەن ئىشقا كەتتىم ، سىز ئاشخانىغا كىرىپ ئوبدان ناشتا قىلىۋېلىپ ئىش ئىزدىگىلى بېرىڭ ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن "
  مانا ، پۈتۈن بىر كېچە ھېچ ئىش يۈز بەرمىدى . مەن تېخى ئۇنى غۇلاچلىرىنى كەڭ ئېچىپ ماڭا ئۆزىنى ئاتارمۇ دەپ ئويلاپ ، تېخى رەت قىلىشىمنى ياكى ماسلىشىشىمنى بىلەلمەي خام خىياللارنى قىلىپ كېتىپتىمەن . مانا ، ھازىر بولسا كۆڭلۈمدە كىچىككىنە ئۈمىدسىزلىنىش پەيدا بولماقتا ئىدى .
شەھەرنىڭ سىرتىدىكى زاۋۇت ۋە ئىسكىلاتلار ئارا دىلبەر بەرگەن ئادرېس ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق مىڭبىر تەستە ھازىرچە قىلغۇدەك خىزمەتتىن بىرنى تاپتىم . يەنى ئىسكىلاتتا مال توشۇيدىغان ئېغىر ئەمگەك ئىدى . "خەير ، ئوغۇل بالا بولغاندىكىن ، چىدا ئۆيدىن چىقتىڭمۇ ؟ چىققاندىكىن چىدا "دېدىم ئۆز-ئۆزۈمگە .
  ھاۋا شۇنداق ئوچۇق ئىدى ، لېكىن مېنىڭ كەيپىياتىم بەك تۆۋەن ئىدى . مەندەك بىر ئەركە ئوغۇل يۇرتتىكى غەمسىز كۈنلەرنى تاشلاپ ئەمدى ياقا ئەلدە مەدىكار بولدىما ؟ توۋا ، ماۋۇ تەقدىرنىڭ چاقچىقىنى . يولدىن ئۆتكەن چىرايلىق تۈرك گۈزەللىرىمۇ كۆزۈمگە چېلىقمايتتى . يولدا ئۇچرىغان بىر گۈل دۇكىنى دىققىتىمنى تارتتى . مەن گۈل دۇكىنىغا كىرىپ گۈلچى قىزنىڭ ھەرخىل ئىشارە بىلەن چۈشەندۈرۈشى ئاستىدا بىر دەستە پىيازگۈل سېتىۋالدىم . پىيازگۈل بولسا پاكلىقنى بىلدۈرەتتى .
ئويلىغىنىمدەك ، دىلبەر بۇ بىر دەستە گۈلنى قولىغا ئالغىنىدا ، خۇشاللىقىدىن ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماڭا رەھمەت ئېيتىپ كەتتى . شۇنداق ، ئادەتتە بۇزۇلغان قىزلارنىڭ ھەممىسى باشقىلارنىڭ ئۆزىنى  شۇنداق پاك دەپ قارىشىنى ياقتۇرىدۇ .
 -- سىزنىڭ مەندەك بىر سەرگەرداننىڭ بېشىنى سىلىغىنىڭىزغا رەھمەت دىلبەر بۇ گۈل سىزگە بولغان تەشەككۈرگە تولغان قەلبىمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ . " 
  دىلبەر ناھايىتى ئىللىق بىرنى كۈلۈۋەتتى . مەنمۇ مەقسىتىمگە يەتكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم ، بۇندىن كېيىن ئەمدى باغچىدا قونۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىمىسەممۇ بولغۇدەك .  
  ئىسكىلاتقا بېرىپ ئىشلىگەن بىرىنچى كۈنۈمدىن باشلاپلا ئايال خوجايىننىڭ قىزىنىڭ ماڭا قاش-كۆزلىرىنى ئوينىتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىغان ئىدىم . ئۇ قىز بېكار بولسىلا مېنىڭ يېنىمغا كېلىۋالاتتى . ئۇنىڭ كىيىنىشى ناھايىتى مودا ئىدى ، چاچلىرى ئالا-سېرىق بويالغان ، يۈزلىرىگە قېنىق گىرىم قىلىنغان بولۇپ ، مۇنداقلا قاراشقا ئەسلى چىرايلىق ياكى سەت ئىكەنلىكىنى پەرق قىلغىلى بولمايتتى . قىزچاق ئۆزىنى ئەمدى ياش دەپ تونۇشتۇرغان ئىدى . مەنمۇ ئۇنىڭ چاپلىشىشىنى رەت قىلمىدىم ، بەرىبىر مەن ئوغۇل بالا ئەمەسمۇ ، زىيان تارتمايمەن ، يەنە كېلىپ مۇشۇ ئارقىلىق ئايال خوجايىن ماڭا تېخىمۇ غەمخورلۇق قىلسا ئەجەب ئەمەس ئىدى . نەتىجە مېنىڭ ئويلىغىنىمدەك بولمىدى ، مەن زىيان تارتتىم . ئايال خوجايىن مېنى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى . ئىسكىلاتنىڭ ياتىقىدا ئارام ئېلىپ ياتسام ، خوجايىننىڭ قىزى كىرىپ كەلدى ۋە تۈركىيەدىكى داڭلىق قىزىل ھاراقتىن بىر بوتۇلكا ئېلىپ كىرىپ ئۇنىمىسام ئۇنىماي بىللە ئىچىشكە تەكلىپ قىلدى . شۇنداق قىلىپ ، ئۇ مېنى مەھكەم قۇچاقلىۋالغاندا ، مەندە قارشى تۇرغۇدەك ئازراقمۇ ئىرادە ۋە ماغدۇر قالمىغان ئىدى . پەقەت قۇلاق تۈۋىمدە ئۇنىڭ ئېسەدىگەندەك پىچىرلاشلىرى ئاڭلىناتتى . " كېلە قەدىرلىكىم ، مەن سېنى ماڭا مەسئۇل بول دەپ تۇرۇۋالمايمەن " . كۆز ئالدىمدا دىلبەرنىڭ يېقىشلىق چىرايى پەيدا بولدى ، شۇنىڭ بىلەن ئاستا-ئاستا بارلىق قارشىلىقىمنى يوقاتتىم ... ئەتىسى ئېسىمگە كەلگەندىن كېيىن ، پۇشايماندىن تاس قالدىم يىغلىۋەتكىلى . مۇشۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن ، ئايال خوجايىننىڭ قىزى ماڭا تېخىمۇ بەك يېپىشىدىغان بولۇپ كەتتى . مەن بولسام ئۇنىڭدىن بىزار ئىدىم . ئوتتۇرا ئاسىيالىق خىزمەتداشلار بولسا مىيىقىدا ھىجىيىپ " ئاخشام راھەتلىنىۋالدىڭمۇ ؟ " دەپ سورىشاتتى . خۇددى مەن تۈنۈگۈن ئاخشام پۈتكۈل خىزمەتداشلارنىڭ ئالدىدىلا خوجايىننىڭ قىزى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندەك ، ھەممە كىشى بۇ ئىشنى بىلىپ بولغان ئىدى . مەن ھەممىنى چۈشەندىم ، ئەسلى بۇ يەردە ئىشلەيدىغان يىگىتلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇ قىز بىلەن شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ باققان ئىكەن . بۇ ئەھۋال مېنى خۇددى بىر چېۋىن يۈتۈۋالغاندەك ، تۈكۈرۈپمۇ چىقىرالمايۋاتقاندەك ھېسسىياتقا ئەكېلىپ قويدى . شۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە ، مەن ھەقىقەتەن بىر ئۆزۈم ياخشى كۆرمەيدىغان ئايال زاتىنىڭ ماڭا چاپلىشىۋېلىشىنىڭ نەقەدەر بىزار قىلىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى تېتىدىم . بۇ چاغلاردا مەن يەنىلا دىلبەرنىڭ ئۆيىدىكى ئەشۇ سافا كارىۋاتنى سېغىناتتىم . لېكىن ، ئىش ھەققىمدىن مېنىڭ ياتاقتا قىمار ئويناپ ئۇتتۇرىۋەتكەن پۇللىرىمنى چىقىرىۋەتكەندە ، قولۇمغا بىر سېنتمۇ ئاشمىغان ئىدى . مەن يەنە بىر ھېكايە توقۇش نىيىتىگە كەلدىم . بۇ كۈنى مەن سول قولۇمنى داكا بىلەن مەھكەم تېڭىپ ئېسىۋالدىم . دىلبەرنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى چەكتىم . -- تۈنۈگۈن مېنى نەس باستى ، ماشىنىدىن يوغان بىر ساندۇق غۇلاپ چۈشكەن ئىدى ، مەن خىزمەتدېشىمنى قۇتقۇزۇپ بىر چەتكە ئىتتىرىۋەتكەندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ قولى بېسىلىپ قېلىپ قولۇم سۇنۇپ كەتتى . سىز ... سىز مېنى بىر قانچە كۈن ئۆيىڭىزدە تۇرغۇزالارسىزمۇ ؟
 


 

دىلبەر خۇشاللىق بىلەن مېنى قارشى ئالدى . دېمەك ، ئۇنى بېقىۋاتقان ئۇ پەردە ئارقىسىدىكى پۇلدار كىشى چوقۇم يىراقتا ئالدىراش . مەن دىلبەرنىڭ ئۆيىدە ياخشى يەپ ياخشى ئىچىپ ھۇرۇنلۇق بىلەن ياتىدىغان كۈنلىرىمنى باشلىدىم . دىلبەر ھەركۈنى سەھەردە ئىشقا چىقىپ كېتەتتى . ئۇنىڭ نېمە ئىش قىلالايدىغانلىقىنى مەن تەسەۋۋۇر قىلالمايتتىم . بەلكىم ئۆزىگە ئوخشاش باشقا پاھىشە قىز-ئاياللار بىلەن بىرلىكتە بازار ئايلىنىپ كارتا ئويناپ كۈن ئۆتكۈزەر . لېكىن قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ ماڭا راستتىنلا بەك ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلاتتى . كۈندە ئۈچ ۋاخ تامىقىمنى شۇنداق ياخشى تەييارلاپ قورسىقىمنى باقاتتى . يەنە ۋەتەندىن كەلگەن ۋ س د پلاستىنكىلىرىنى تېپىپ كېلىپ مېنىڭ كۆرۈشۈمگە بېرەتتى . بارلىق چىقىمىم دىلبەردىن بولۇۋاتاتتى . كەچلىك تاماقتىن كېيىن ، بىللە چىقىپ باغچىنى ئايلىناتتۇق . بۇ يات ئەلدە دىلبەرنىڭ روھى سىقىلغان ئىدى ، مېنىڭمۇ ھەم . ئىككىيلەننىڭ جىسىمى يەنىلا ئارىلىقنى ساقلاۋاتاتتى ، لېكىن قەلبىمىز بارا-بارا يېقىنلاشماقتا ئىدى . بارا-بارا ، دىلبەرنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتىدىغان بولۇپ قالدىم . گەرچە ئىككىيلەن بىر-بىرىمىزنى ئالداۋاتقان بولساقمۇ ، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇۋاتقان بولساقمۇ ، لېكىن بۇ خىل ھېسسىيات بارغانچە كۈچىيىپ بارماقتا ئىدى . دىلبەر ئۆزىنىڭ ئىستانبۇلدا چوڭ بولغانلىقىنى ، لېكىن بۇ يەردىكى يىگىتلەرنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى . ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ يەنىلا ئۆز يۇرتىمىزنىڭ كىشىلىرى بىلەن ئائىلە قۇرۇشقا ئىنتىلىدىكەن . " سەن بۇ گېپىڭ بىلەن كىچىك بالىنى گول قىلىۋاتامسەن ؟ " دېدىم ئىچىمدە . ئاندىن مەنمۇ ناھايىتى پاك ، بىغۇبار ، گۆدەك قىياپەتتە ، ئۆزۈمنىڭ ھازىرغىچە مۇھەببەتلىشىپ باقمىغانلىقىمنى ، بولسا بىرلا قىز بىلەن بىر ئۆمۈر بەختلىك ئۆتۈپ كېتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىمنى ئۇنىڭغا بىلدۈردۈم . گەرچە ياشقا كىرگەن ئاشۇ يىلىلا كەسپىي تېخنىكوم مەكتەپتىكى شاش قىزلار بىلەن كارىۋاتقا چىقىپ بولغان بولساممۇ . مۇشۇ سوغۇق كەچ كۈز ئاخشاملىرىدا ، پۈتۈن ئۆينىڭ ئىچى ئىككىيلەننىڭ ساختا گەپلىرىگە توشۇپ كەتتىغۇ ، دەپ ئويلايتتىم . مەن قايتا ئىشقا بارمىدىم . مەن مۇشۇنداق راھەت كۈنلەرنى ئۆتكۈزىۋېرىشنى خالايتتىم . شۇڭا قولۇمدىكى تېڭىقنىمۇ زادى ئالدۇرمىدىم . خۇددى ئەپيۇنغا ئۆگەنگەن كىشى ئۇنىڭ خۇمارىدىن زادى قۇتۇلالمىغاندەك . بىر ئايدىن كېيىنكى مەلۇم بىر كۈنى ، قايتىپ كەلگەن دىلبەرنىڭ يۈز-كۆزلىرى ياش يۇقى تۇراتتى . ئۇ كۆزلىرىنى مەندىن قاچۇراتتى . نېمىشقىدۇر ، ئۇنىڭ كۆز يېشىنى كۆرۈپ ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى .
 - نېمە بولدى سىزگە ؟ _ سورىدىم . ئۇ ماڭا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن پاڭڭىدە ئېتىلىپ يىغلاشقا باشلىدى .
 - دېرىكتور ... دېرىكتور مېنى ... ئۇ مېنى تىللاپ كەتتى . ئۇ مېنى پۈتۈن ستاتىستىكىنى قالايمىقان قىلىۋەتتىڭ ، دەپ تىللاپ كەتتى ... ئەسلى خىزمەتدېشىم ماڭا بەرگەن ماتېرىياللار پۈتۈنلەي خاتا ئىكەن ... مەن شۇنچە تىرىشساممۇ ...
 "دېرىكتور ؟ ھى ھى ، سېنى پۇلىغا ئىلناشتۇرىۋېلىپ ئويناۋاتقان كىشىنى دەۋاتقانسەن ؟ يەنە بىرنى تېپىۋاپتۇ-دە ؟ " دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە . لېكىن تېشىمدا بولسا چاندۇرماي ، ناتىقلىق ۋە ئارتىسلىق ماھارەتلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا سېلىپ دىلبەرنى بەزلەپ ، ئۇنى ئاخىرى يىغىدىن توختىتىپ كۈلدۈرۈۋەتتىم . نەدىن كەلگەن جاسارەتكىن بىلمىدىم ، ئۇنى بوغۇپلا چوڭقۇر بىرنى سۆيدۈم . بۇ چاغدا كاللامدا " ئەگەر دىلبەر ئاشۇ پۇلداردىن ئايرىلىپ مەن بىلەن بىرگە بولۇشنى خالىسا ، مەن مەڭگۈ دىلبەرگە سادىق بولاتتىم . " دېگەن خىياللار ئەگىدى .
ئۇنى سۆيگەن چاغدىكى سەزگۈ ھەقىقەتەن شۇنچە ئۇنتۇلغۇسىز ئىدى . ئۇ قۇچىقىمدا يېنىك تىترەۋاتاتتى ، لېكىن قارشىلىق قىلمىدى . مەن ئۇنىڭ تىنىقلىرىدىن مەستخۇش بولۇپ ، بۇ خىل مەستخۇشلۇق ھەتتا ھېلىقى كۈنىدىكى ھاراقنىڭ كۈچىدىنمۇ بەكرەك مېنى ئاسماننىڭ قەھرىدە لەيلىتىۋاتاتتى . مەن ئۇنى بېلىدىن ئېلىپ دەس كۆتۈردۈم ۋە ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا ئەكىرىپ كارىۋاتقا تاشلىدىم . ئۇنىڭ پۈتۈن ئەزايى-بەدىنىنى يېنىك سۆيۈپ چىقتىم . ئۇنىڭ بەدىنىدىن تارىغان خۇش ھىد مېنى ۋىسال ئىشقىدا مەست قىلىۋاتاتتى . دەرىزىدىكى پەردىلەر تارتىلدى ، چىراغ ئۆچتى . ئىككىيلەن سۆيگۈ دەرياسىنىڭ ئىشقى سۈيىدە لەيلەپ ئېقىپ مەستخۇش بولۇپ لەيلەۋاتاتتۇق . تۇيۇقسىز ئۇنىڭ "ئاھ " دەپ ئېچىنىشلىق ئىڭرىشىدىن چۆچۈپ كەتتىم . ئۇ قاتتىق تىترەپ كەتتى-يۇ ، يەنە بەدىنىمگە مەھكەم ئېسىلدى . بىر ئىسسىق ئېقىم ، بۇ ئېقىمنىڭ ئىچىدە ئىككىيلەننىڭ جىسمىمىز بىرلىشىپ تىنىقىمىز ئارىلىشىۋاتاتتى ...
 ئىككىنچى كۈنى سەھەردە ئويغىنىپ قارىسام يېنىمدا دىلبەر يوق . ئورنۇمدىن تۇرغۇچە كۆزۈم كىرلىكتىكى قان يۇقۇندىسىغا چۈشتى . قان قانلار كىرلىكنىڭ ئۈستىدە ئۇيۇپ ، قاق ئوتتۇرىدىن ئاجرىغان بىر يۈرەكنىڭ شەكلىگە كېلىپ قالغان ئىدى . ئۇ راستتىنلا ... ؟ ياق ، ياق بىر يېگىرمە بەش ياشلىق گۈزەل قىز ، ئۇ تۈنۈگۈن ئاخشام قىز ئىدى . لېكىن بۇنىڭغا مېنىڭ يىغلىغۇم كېلىۋاتاتتى . نېمىشقا ئۇ مەن ئويلىغاندەك بىر بۇزۇق ئەمەس؟ مېھمانخانىدىن ئۇنىڭ تېلېفوندا سۆزلەشكەن خۇشال ئاۋازى ئاڭلانماقتا ئىدى .
- ئاپا ، ئۇ بىر ياخشى يىگىت ... -- ئەينى چاغدا سەنمۇ دادام بىلەن شۇنداق تونۇشمىغانمىدىڭ ؟ ئۇمۇ دادامغا ئوخشاش بىر ھەققانىيەتچى يىگىت ...  مەنمۇ سەن دادام بىلەن ئۆتكەنگە ئوخشاش ، بىر ئۆمۈر ئۇنىڭ بىلەن ئۆتىمەن ئاپا ...
مەن كارىۋاتنىڭ ئۈستىدە خىيالغا چۆكۈپ قانچىلىك ئولتۇرۇپ كەتكىنىمنى بىلمەيمەن . پەقەت دىلبەر كېلىپ يۈزۈمگە بىرنى سۆيۈپ " خەير-خوش ،مەن ئىشقا ماڭدىم " دېيىشى بىلەن ، ئاندىن ھۇشۇمغا كەلگەندەك بولدۇم . بۇ چاغدا ، مەن بارا-بارا ئۆزۈمدىن نەپرەتلىنىشكە ، ئۆزۈمدىن قاتتىق سەسكىنىشكە باشلىدىم . شۇنداق ، مەن شۇ قەدەر پاسكىنا ئىدىم ، ئۇ بولسا شۇ قەدەر پاك ئىدى . ئۇ دېگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسى راست ئىدى ، مېنىڭ ئېيتقانلىرىم بولسا قارا-قويۇق ھەممىسى يالغان ئىدى . ئۇ بولسا ئاقكۆڭۈل ئىدى ، مەن بولسام خىيالچى-قىلتاقچى ئىدىم . مەن قانداقمۇ ئۇنىڭغا ماس كېلەي ؟ مەن دىلبەرنىڭ ئۆيىدىن ئۇچقاندەك ئېتىلىپ چىقىپ كەتتىم . كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىمىدىم . چۈنكى بۇ ئازابىم يوشۇرۇنغان ئۆيگە ئەمدى قارىغۇدەك يۈزۈم قالمىغان ئىدى . مەن بۇ شەھەردىن ، رومانتىك ، ئازابلىق ئىستانبۇلدىن ئايرىلدىم . بۇ ئۈچ يىلدىن بېرى ، مەن بارلىقىمنى گۈللىنىشكە ، ئۆزۈمنى تاۋلاشقا سەرپ قىلدىم . قىمار ئوينىمىدىم ، ھاراق ئىچمىدىم ، قىز-ئاياللارغا قالايمىقان يېپىشمىدىم . ئۆيۈمدىكىلەر ۋەتەندە تۇرۇپ مەن سالغان پۇللارنى تاپشۇرۇپ ئالغىنىدا ، قولىغا تېلېفوننى ئېلىپ مېنىڭ ياراملىق كىشى بولغانلىقىمدىن پەخىرلەندى . ئاپام كۆز يېشى قىلىپ مەندەك ئاسمانغا پىچاق ئاتىدىغان ، باشقىلارنىڭ نەزەرىدە " يۇرتقا پاتماي تۈركىيەگە قاچقان " سەرگەردان بالىنىڭ ئاخىرى ئىشنىڭ يولىنى بىلگەنلىكىدىن خۇشال بولدى . لېكىن ، پەقەت ئۆزۈمگىلا ئايانكى ، بىر قىز مەندەك بىر پاسىق كىشى ئۈچۈن نېمىلەرنى قۇربان قىلدى . ھەر كۈنى ئاخشىمى ئۇنىڭغا بولغان خىجىللىق ئىچىدىكى سېغىنىشىم يۈرىكىمنى قىينايتتى .


 

  ئۈچ يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ، مەن ئاخىرى دىلبەرنىڭ تەلىپىدىكى ئاشۇنداق ئەر بولۇشقا قاراپ ئازراق ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدىم . ئاخىرى بېشىمنى كۆتۈرۈپ ، دىلبەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ، ئۇنى قايتىباشتىن باغرىمغا بېسىش ئىستىكىدە ئىستانبۇلغا كەلگىنىمدە ، ئۇنىڭ ئۆيى قۇرۇق . ئۆي تېلېفونى ۋە يانفونى ھەممىسى ئاللىبۇرۇن قۇرۇق نومۇرغا ئايلانغان . بەلكىم ، ئۇ ئۆي كۆچكەندۇ ، بەلكىم ، ئۇ خىزمەت ئالماشتۇرغاندۇ . ۋە بەلكىم ، ئۇنىڭ ئۆز ھېسسىياتىغا ئېغىر زىيانكەشلىك قىلغان مەندەك بىر ئالدامچىنى قايتا ئۇچراتقۇسى زادى يوقتۇ ... ئۇيان بېسىپ ، بۇيان بېسىپ ، ئاخىرى مەن تۇنجى رەت دىلبەرنى ئۇچراتقان ئاشۇ باغچىگە كېلىپ قالدىم . ئەينى چاغدىكى ئەشۇ ياغاچ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ، كۆزۈمدىكى ياشلارنى زادىلا بېسىۋالالمىدىم .


 

مەنبە : ئەزىزان بلوگى

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203