ئەمدى سەنسىز ياشىيالمايمەن
(نەسىر)
ھاۋا تىنجىق ،نەپسىم سىقىلغاندەك بولدى . ئىككىمىز ئۈن-تۈنسىز بىر-بىرىمىزگە دۈمبىمىزنى قىلىشقىنىمىزچە ئالدىغا ماڭدۇق .مىنىڭ نەزىرىمدە ئۇ بىر دوئېل ئىدى . توغرا ،بۇ بىر دوئېل ،تەغدىرىمىزنى بەلگىلەيدىغان دوئېل . تەغدىرىمىز يۈز قەدەم ،ياق ئىككى يۈز قەدەم ئارلىقتا بەلگىلىنەتتى .بىز ئالدىمىزغا يۈزقەدەم ماڭغاندىن كىيىن ،ئارقىمىزغا قاراپ بىر-بىرىمىزنى كۆرەلىسەك ،ئىلگىركى بارلىق كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ ،ئىناق ئۈتۈشكە ،ئەگەر كۆرەلمىسەك مەڭگۈ،مەڭگۈ مۇشۇ پېتى مىڭىشقا كىلىشكەن ئىدۇق .
بىرىنچى قەدەمنى بېسىشىمغىلا يۈرىكىم ئاققاندەك بولدى .بەدىنىم جۇغۇلداپ تىتىرەشكە باشلىدى .ئېسىڭدىمۇ؟ئىلگىرى بىز سىمىلداپ يېغىۋاتقان يامغۇردا بىللە ماڭاتتۇق .ئۇ چاغلاردا كىيىملىرىم ھۆل بولسىمۇ توڭلىمايتتىم ،ئەمما بۈگۈن....ھە راست ،قىشتا جاھاننى ئاپئاق قار قاپلىغاندا ،چىشلىرىمىز سوغۇقتىن كاراسلاپ كەتسىمۇ بىللە ماروژنا يىگىنىمىز ئىسىڭدىمۇ؟ ئۇ چاغدا كىشىلەرنىڭ بىزگە ھەيرانلىق نەزىرىدە قارىغانلىقىنى كۆرۈپ كۈلۈپ كىتىشكەن ئىدۇق...
مەن يىگىرمىنچى قەدەمنى باستىم .سەنچۇ؟ ئارقامغا قارىغۇم كىلىۋاتىدۇ ،سىنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش قەدەملىرىڭنى تەستە يۆتكەۋاتقىنىڭنى كۆرگۈم كېلىۋاتىدۇ...ئىسىڭدىمۇ ؟ماڭا كومپىيوتۇر ئۈگەتكىنىڭدە ،كومپىيوتۇر بەزىدە <<تەكرار ئايلانما &t;&t; ھالىتىگە كىرىپ قالىدۇ .مېنىڭ ساڭا بولغان مۇھەببىتىممۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ ،دېگەن ئىدىڭ، بۇ سۆزۈڭ مېنى بەكمۇ خۇشال قىلغان ئىدى ...
ئەللىكىنچى قەدەمدە ،ئالدىمغا تاتلىق ياڭيۇ سېتىۋاتقان بىر بوۋاي ئۇچراپ قالدى .
__تاتلىق ياڭيۇ ئالامسىز؟
__ياق _بېشىمنى چايقىدىم .ئۇ ھارۋىسنى ئىتتىرگىنچە كىتىپ قالدى .بوۋاي نىمە ئۈچۈن ماڭا كۆپرەك گەپ قىلمايدىغاندۇ ؟شۇنداق قىلغان بولسا قەدەمنى ئاستىراق ئالاتتىم ،سەندىن يىراقلىمايتتىم ئەمەسمۇ...
سەكسەن قەدەم ئارقامدا قالدى .ئارىمىزدىكى كۆڭۈلسىزلىكلەنى ئويلاۋاتامسەن ؟بىز بەزىدە ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن تاكاللىشاتتۇق ،نىمە ئۈچۈنكىن ،ئۇنداق چاغلاردا دائىم يىغلايتتىم .سېنىڭ ئىچىڭ سىقىلاتتى .ئېسىڭدىمۇ ،بىر كۈنى سەن :<<بۇنداق يۈرىۋەرسەك بولمايدۇ ،بولمىسا ئۆزىمىزنى قىينىماي ئايرىلىپ كىتەيلى &t;&t;دېگەن ئىدىڭ...
توقسان توققۇزۇنچى قەدەمگە كەلگەندە ،پۇتۇم چويۇندەك ئېغىرلاشتى .ئۇزۇنغىچە قەدىمىمنى يۆتكىيەلمىدىم .مەن قورقاتتىم .ئارقامغا بورۇلۇپ سىنى كۆرەلمەسلىكىمدىن ،سەندىن ئايرىلىپ يالغۇز ياشاشتىن قورقاتتىم .
يۈزىنچى قەدەم بىلەن تەڭ ،كۆزيېشىممۇ تاراملاشقا باشلىدى .ئارقامغا قارىمىدىم ،ياق ،قاراشقا پېتىنالمىدىم . بەدىنىم سوۋۇپ ،كۆزۈم قاراڭغۇلاشتى ،پۇتلىرىمدىن جان قېچىپ ،يېلى چىققان توپتەك لاسسىدە بولدۇم ،جايىمدا تىزلىنىشقا تەمشەلدىم... تۇيۇقسىز بىر جۈپ كۈچلۈك قول مۈرەمدىن قۇچاقلىدى .ئارقامغا قارىدىم .سەن كۈلگىنىڭچە قاراپ تۇراتتىڭ .كۆزلىرىڭ يەنىلا شۇنچە مېھرىبان ،شۇنچە ئىللىق .ئۆزۈمنى قوينۇڭغا ئاتتىم .
ئەمدى سەنسىز ماڭالمايمەن ، ئەمدى سەنسىز ياشىيالمايمەن ...
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |