ۋاقىتسىز توزىغان غۇنچە
قىز بىلەن يىگىت شۇنچىلىك شىرىن مۇھەببەتلىشىدۇ. ئۇلار ئىككىسى بىر ئىدارىدە ئىشلەيدۇ، ئۇلار تىزراق پۇل تېپىپ توينى قىلىشنىڭ كويىدا يۈرگەن كۈنلەردە ئۇلارنىڭ باھار گۈلىگە ئۈششۈك تەككەندەك بىر ئىش يۈز بېرىدۇ. قىز: بۇ قېتىمقى ئىمتاھانغا ئىككىلىمىز قاتنىشىپ مەمۇرى ئورۇنغا يۆتكۈلۈپ كىتەيلى دەيدۇ. يىگىت قىزنى ئىللىق باغرىغا بېسىپ تۇرۇپ: ماقۇل، دىگىنىڭىزدەك بۇلسۇن دەيدۇ. ئۇلار بىرلىكتە ئىمتاھانغا تىزىملىتىپ تەييارلىق قىلىدۇ، شۇ ئارلىقتا ئۇلار خىزمەت سەۋەبىدىن قېيدىشىپ قالىدۇ. يولغا چىقىدىغان كۈنى ئاپتۇۋۇز بېكىتىدە قىز شۇنچىلىك ساقلىسىمۇ يىگىتىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى، تېلىفونىمۇ ئېلىنمايتتى، قىز ئامالسىز كۆزى قىيمىغان ھالدا يولغا چىقتى. قىز ئاپتۇۋۇزدا كۆڭلى پەرىشان ھالدا نىمىلەرنىدۇر ئويلاپ ياتاتتى ئۇنىڭغا زادى نىمە بولغاندۇ؟ ئاپىسى ئاغرىپ قالغانمىدۇ؟ ياكى بىرەر كىلىشمەسلىك بولغانمىدۇ؟ تۇيۇقسىز قىزنىڭ يانفۇنى سايراپ كەتتى، تېلىفون قىزنىڭ زارىقىپ كۈتكەن يىگىتىدىن كەلگەن ئىدى.
-- ۋەي نەدە سىز؟ نىمىشقا كەلمەيسىز؟ ئاپتۇۋۇز ئالىقاچان يولغا چىقىپ بولدى، تېلىفون قىلسام تېلىفونىڭىز ئىتىك، مىنىڭ قانچىلىك ئەنسىرگەنلىكىمنى بىلەمسىز؟
-- كەچۈرۈڭ، بۈگۈن يۈك - تاقلىرىمنى يۇغۇشتۇرۋېتىپ ئىمتاھانغا قاتنىشىش كېنىشكەمنى قانچە ئاختۇرساممۇ تاپالمىدىم. ئىزدەۋېرىپ ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيلا قاپتىمەن، بوپتىلا مېنىڭمۇ سىزنى دېمىسەم بۇ ئىمتاھانغا قاتناشقىم يوق ئىدى، بۇمۇ ياخشى بولدى، ئىمتاھاننى ياخشى بېرىپ تىزراق قايتىپ كېلىڭ.
-- نىمە...؟
تېلىفون ئاللىقاچان قويىۋېتىلگەن ئىدى. قىز ناھايىتى كۆڭلى يېرىم ھالدا سەپىرنى داۋاملاشتۇردى.
قىز نۇرغۇن خىيالار ئىچىدە قانداقلارچە ئۇخلاپ قالغانلىقىنى سەزمەي تاڭ سۈزۈلۈپ كەتكەنىدى.
ئاپتۇۋۇزدىكى ۋاراڭ - چۇرۇڭلاردىن ئويغۇنۇپ كۈتكەن مەنزىلگە يەنى((ئۈرۈمچىگە)) كەپ بۇلغان ئىدى.
قىز سومكىسىنى كۆتۈرۈپ ئەڭ كەينىدە ئاپتۇزدىن چۈشتى، كەلمىگىلى ئۇزاق بولغان بۇ شەھەردە ھەممە نەرسە كۆزىگە ناتۇنۇش كۆرىنەتتى. قىزنىڭ كۆزىگە تۇيۇقسىز يىگتىنىڭ سىماسى كۆرۈنگەندەك بولدى، ئەجىبا شۇمىدۇ؟ مۇمكىنمۇ، ئۇ يۇرتتا قالغان تۇرسا ...خىيالىنى يىغىپ چىقىش ئىشىكىگە قاراپ ماڭدى، تۇيۇقسىز بىرسىنىڭ ماھىرە، دەپ چاقىرشى بىلەن قىز قەدىمىنى توختاتتىيۇ بۇ يەردە مىنى ھىچكىم تونىمايدىغان تۇرسا، بەلكىم ئىسمى ئوخشايدىغان باشقا بىر قىزدۇ، دەپ قەدىمىنى داۋاملاشتۇردى. بۇ قېتىم ئاۋاز قىزغا يېقىنلا يەردە ئېنىق ئاڭلاندى، قىز بېشىنى كەينىگە بۇراپ كۆزلىرگە ئىشەنمەيلا قالدى، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا تېخى تۈنۈگۈنلا بارالمەيمەن دىگەن يىگىتى كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى، قىز قاتتىق ھاياجانلاندىكى، لېكىن شۇھامان ئۇنىڭ بىلەن قېدىشىپ قالغانلىقىنى ئىسىگە ئېلىپ ئۆزىنى تۇتۇۋىلىپ: بۇ يەردە تۇرىسىزغۇ؟
-- ھەئە، بىرسىنى ساقلا ۋاتىمەن.
-- شۇنداقمۇ؟ تېخى كەلمەپتۇدە؟
-- ھازىر كەلدى.
-- ئۇنداق بولسا سىلەرگە دەخلى قىلماي خوش. قىز ئەمدىلا قەدەم ئېلىشىغا يىگىت قىزنىڭ بىلىكىنى تۇتىۋالدى: مېنىڭ ساقلاۋاتقىنىم دەل سىز، مېنى كەچۈرۈڭ، سىزنى ئالدىماسلىقىم كېرەكئىدى بىراق سىزنى ھەيران قالدۇراي دەپ شۇ. يىگت بىشىنى تۆۋەن سالدى.
قىز گەرچە كۆڭلىدە يىگىتنى كەچۈرىۋەتكەن بولسىمۇ، چاندۇرماي تۇمشىقىنى ئۇچلىغىنىچە ماڭماي تۇرۋالدى، يىگىت قىزنىڭ بۇرنىنىڭ ئۇچىنى يىنىككىنە چىمداپ قىزنىڭ قولىدىكى سومكىنى ئالدى، ئۇلار بىرلىكتە كىرا ماشىنىسىغا ئولتۇردى، ئايرىلغىنىغا يىل بولغان بۇ شەھەرنىڭ يېڭى مەنزىرىسىدىن كۆزىنى ئۈزمەي قارايتتى. ئۇلار ئىمتاھان ئورنىغا يېقىن ئەتراپتىكى بىر مىھمانخانا ئالدىدا ماشىندىن چۈشتى.
-- بۇيەردە نىمىش قىلمىز؟ دىدى قىز
يىگىت: ئاۋۋال ئورۇنلىشىۋېلىپ ئاندىن ئىمتاھان مەيدانىنى كۆرۈپ كىلەيلى. قىز بېشىنى لىڭشىتتى.
ئۇلار مەركىزى شەھەرنىڭ ئاۋات كوچىلىرىنى قانغۇچە ئايلىنىپ كەچلىك تاماقتىن كىيىن قايتىپ كىلىشتى. قىز ياتاققا كىرىپ ئالغان نەرسىلەرنى قويۇپ: بۇ نەرسىلەر مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرسۇن، مەن ئەتە ئېلىپ كىتەي
-- بۇ كەچتە ئۆزىڭىز يالغۇز نەگە بارىسىز؟ دىدى يىگىت ئەجەپلىنىپ
-- نەۋرە ئاچامنىڭ ئۆيىگە كىتىمەن، بۇرۇنمۇ ئوقىۋاتقان چاغلىرىمدا تولا باراتتىم.
-- بولدىلا، چوقۇم چارچىدىڭىز بولغاي، مۇشۇ يەردىلا قونۇپ قېلىڭ.
-- ئەپسىز بوپقالمىسۇن، يەنىلا كىتەي
-- جاھىل، ئاۋال يۈزۈڭىزنى يۇيۋېلىپ ئاندىن مېڭىڭ،
قىز ياتاقنىڭ ئىچىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان تازىلىق ئۆيىگە يۈزىنى يۇيۇش ئۈچۈن كىرىپ كەتتى. ئەينەككە قاراپ چېچىنى تاراۋاتقان قىز ئەينەكتىن يىگىتىنىڭ كۆز ئۈزمەي قاراۋاتقىنىغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويۇپ ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇردى.
-- ئۇسساپمۇ قالدىڭىز، مەڭ دىدى يىگىت قولىدىكى كولانى قىزغا تەڭلاپ
قىز مۇ ئۇسساپ تۇرغاچقا تارتىنماي ئېلىپلا بىرنەچچە يۇتۇم ئىچىۋەتتى. _ دە مېڭىشقا تەمشىلىپ سومكىسىنى كۆتۈرۈپ يىگىتكە قاراپ: خوش، بالدۇراق ئۇخلاڭ، مەن كەتتىم دىدىدە ئىشىككە قاراپ ماڭدى، يىگىت قىزنى مەھكەم قۇچاقلىدى، ئۇنىڭ چاچلىرىنى پۇراپ سۆيدى، قىز ئوزىدە ئەزەلدىن بولۇپباقمىغان بىر خىل شېرىن تۇيغۇ ئىلكىدە يىگىتنى سۆيدى...
ئەتىسى سەھەردە قىز ئۆزىنى يىگىتنىڭ كارۋىتىدا، يەنەكېلىپ ئانىدىن تۇغما ھالتىدە كۆرۈپ ئۈن سېىلىپ يىغلىۋەتتى، يىگىت ئۇيقىدىن كۆزىنى ئېچىپ: مەن ئۆزەم قىلغان ئىشقا ئۆزەم ئىگە بولىمەن، خاتىرجەم بولۇڭ، كۆڭلىڭىزنى ھەرگىز يېرىم قىلماڭ دەپ توختىماي تەسەللى بىرەتتى.
ئۇ قانداقمۇ كۆڭلىنى يېرىم قىلماي تۇرالىسۇن، چۈنكى بۇ كېچە ئۇنىڭغا يىل ھەمراھ بولغان پاكلىقىدىن ئايرىلغان ئىدى. قىزنىڭ كۆزىدىكى ياش توختايدىغاندەك ئەمەس.
كەچۈرۈڭ، مەن ھەرگىز قەستەن قىلمىدىم، ئۆزۈمنى تۇتالماي قاپتىمەن، مەن سىزنى مەڭگۈ قەدىرلەيمەن، _دەپ توختىماي يالۋۇراتتى. قىز چۇۋۇلغان چاچلىرىنى ئاستا تۈزەشتۈرۈپ ۋاقىتسىز سالدۇرۇلغان كىيىملىرىنى ئىزلەپ ئىككى ياققا قارىدى. يىگىت ئىچ كىيىملىرى بىلەنلا تازىلىق ئۆيىگە ماڭدى، قىز بۇپۇرسەتتىن پايدىلنىپ يەنەبىر كارۋاتتىكى كىيىملىرىنى كىيدى. قىز ئورنىدىن تۇرۇپ خۇددى ئوچۇق ئاسماندا چاقماق چېقىلغاندەك بېشى قېيىپ يىقىلىپ چۈشكىلى تاسلا قالدى. چۈنكى ئاپئاق كىرلىكتە قىزىل گۈلنىڭ بەرگىسىدەك ئىككى تامچە قان خۇددى. سەن نىمە ئىشلارنى قىلدىڭ؟ دىگەندەك تىكىلىپ تۇراتتى، قىز كىرلىكنى قاماللاپ تۇتقىنىچە ئۈن سېلىپ قاتتىق يىغلاپ كەتتى. يىگىت يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ يۈگۈرۈپ دىگۈدەك تازىلىق ئۆيىدىن چىقتى، لېكىن قىزنىڭ بۇ ھالىىتىنى كۆرۈپ ئاستا قىزنىڭ مۆرىسىنى تۇتۇپ: بۇقېتىم يۇرتقا بېرىپلا ئۆيىڭىزگە ئادەم كىرگۈزىمەن، توينى دەرھال قىلايلى دىدى.
قىز ئازاپلىق كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ كىرلىكنى كۆتۈرۈپ تازلىق ئۆيىگە كىردى. بىراق نىمىشقىدۇر يۇيالماي قوللىرى تىتىرەپلا تۇراتتى، يىگىت قىزنىڭ يىنىغا كىرىپ: مەن ئۆزۈمنىڭ قىلغان ئىشىغا ئۆزۈم ئىگە، خاتىرجەم بولۇڭ دىدى دە كىرلىكنىڭ بىر بۇرجىكىنى تارتىپ قىزغا ياردەملەشمەكچى بولدى. قىزنىڭ كۆزىدىن سىرغىغان ياش قان دېغىنى سۆيۈپ ئۆتتى. كىرلىكتىكى قان دېغى پاك - پاكىز يۇيۇلدى، بىراق قىزنىڭ كۆڭۈل جاراھىتىچۇ؟ يۇيىلارمۇ؟
يىگىت قىزنىڭ بىشىنى سىلاپ تۇرۇپ: جۈرۈڭ، تاماق يەيلى، ئاندىن ئىمتاھان مەيدانىنى كۆرۈپ كىلەيلى.
-- مېنىڭ ھىچ يەرگە چىققىم يوق، بارسىڭىز ئوزىڭىز بېرىڭ دىدى. قىز قىزىرىپ ئىششىپ كەتكەن كۆزلىرىنى ئاستا يۇمۇپ.
-- ئەمسە نىمە يىگىڭىز بولسا دەڭ مەن ئەكىرىپ بىرەي.
قىز زۇۋان سۈرمەستىن بىر نوقتىغا تىكىلىپلا تۇراتتى. يىگىت ئارتۇق گەپ - سۆز قىلماستىن ئاسقۇدىكى چاپىنىنى تارتىپ ئېلىپ سىرىتقا قاراپ ماڭدى. دەل شۇ ۋاقىتتا يىگىتنىڭ يانچۇقىدىن كىچىككىنە بىر ئەينەك قۇتا چۈشۈپ قالدى، لېكىن يىگىت بۇنى سەزمىدى. قىز دەرھال قۇلىغا ئېلىپ زەن سېلىپ قاراشقا باشلىدى، تۇيۇقسىز قۇتا ئۇستىدىكى ((مى چىڭ شۈي)) دىگەن خەتنى كۆرۈپ ئۇنىڭ يۈرۈكى ئاغزىغا تىقىلىپ قالغاندەك بولدى. توۋا ئۇ مۇشۇنداق رەزىل ئىشنىمۇ قىلغانمىدۇ؟ قىز كۆز ئالدىدىكى بۇ رىيئاللىققا پەقەتلا ئىشەنگۈسى كەلمىدى. بۇ ئۇنىڭ بىر قاباھەتلىك چۈش بولىشىنى تىلەيتتى. بىراق بۇ چۈش ئەمەس
قانچىلىك ۋاقىت ئوتكەنلىكىنى قىز ئۆزىمۇ بىلمەيتتى، تۇيۇقىسىز ئىشىك ئېچىلىپ يىگىت كىرىپ كەلدى، قىز قولىدىكى قۇتىنى دەرھال ئاستىغا يۇشۇردى. يىگىت قولدىكى ناشتىلىقنى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ، ئازراق بولسىمۇ بىر نەرسە يەڭ مۇشۇ مىنۇتلاردا قىزنىڭ گېلىدىن غىزا ئۆتىشى مۇمكىنمۇ؟ قىز يىگتكە شۇنچىلىك نەپرەت بىلەن قارىدىكى يىگىتنىڭ تىنى شۈركۈنۈپ كۆزىنى ئىتتىك باشقا ياققا ئېلىپ قاچتى. قىز ئاستىغا يۇشۇرۋالغان قۇتىنى ئېلىپ تېخىچىلا ئۆرە تۇرغان يىگىتنىڭ ئالدىغا كەلدى.
-- ماۋۇ نىمە؟ ماۋۇ نىمە داۋاتىمەن؟ گەپ قىلە؟ سەن ھايۋاندىنمۇ بەتەر ئىكەنسەن.
قىزنىڭ كۆزىدىن غەزەپ ئۇچقىنى چاقنايتتى. يىگىت زۇۋان سۈرمەستىن يەردىن بېشىنى كۆتۈرمەي جىم تۇراتتى.
قىز قولىدىكى قۇتىنى يەرگە ئاتتى. _دە يىگىتنىڭ ئۇدۇل كەلگەن يەرلىرىگە مۇشلاپ يىغلايتتى، بىراق نىمىلا قىلغان بىلەن ئۆتكەن ئىش ئورنىغا كەلمەيتتى. يىگتنىڭ ئاغزىغا پەقەت كەچۈرۈڭ، مەن خاتا قىپتىمەن دىگەندىن باشقا سۆز كەلمەيتتى. قىزمۇ يىغلاپ ئۇرۇپ ھارغان ئىدى. بۇ بىر كۈننى قىز ياتاقتىن چىقماي ئازاپلىق ئۆكۈنۈش ئىچىدە دېرىزە سىرتىغا قاراپ ئۈن - تۈنسىز ياش تۆكۈپ ئۆتكۈزدى.
كەچمۇ كىردى، قىز ئۆزىنىڭ تىنىدىكى بارلىق مەينەت نەرسىلەرنى يۇيۇپ چىقىرۋېتىش ئۈچۈن تازىلىق ئۆيىگە كىردى. ئۇ شۇنچىلىك ئۇزاق يۇيۇندىكى گوياكى كۆڭۈل يارىسىمۇ بىللە چىقىپ كىتىدىغاندەك بەدىنىنى كۈچەپ يۇياتتى. يىگىت قىزنىڭ چىقمىغانلىقىنى كۆرۈپ بىر ئاز ئەنسىرگەن ھالدا ئىشىكنى چەكتى: بولدى قىلىڭ ئۆزىڭىزنى بۇنچە ئازاپلىماڭ ھەممىگە مەن ئەيىپلىك دەپ قىزنىڭ كەچۈرۋېتىشىنى ئۆتۈنەتتى. قىز ناھايتى روھسىز ھالدا چىقىپ كەلدى. _دە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماستىن كارۋاتنىڭ بىر بۇرجىكىگە كىلىپ تىزنى قۇچاقلاپ ئولتۇرۇپ ئۈنسىز ياش تۆكتى. قىز بىر كېچە كىرپىك قاقماي تاڭنىڭ تىزراق ئېتىپ ئىمتاھاننى تىزراق ئاياقلاشتۇرۇپ بۇ قاباھەتلىك چۈش كۆرگەن شەھەردىن تىزراق كىتىشنىلا ئويلايتتى. قىز مۇشۇ كەيپىياتى بىلەن نىمىلەرنى يازغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەي ئىمتاھاندىن چىقىپلا بېكەتكە قاراپ يول ئالدى. يىگىت يول بويى قىزغا تەسەللى بېرىپ كەلدى، لېكىن قىزنىڭ قۇلىقىغا ھىچ نەرسە كىرمەيتتى، قىز شۇنچە ئارزۇ قىلغان يۇرتىغا ئاخىرى قايتىپ كەلدى. بىراق كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلتىۋال دىگەندەك قىزنىڭ دادىسى مىڭىسىگە قان چۈشۈپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانلىقىنى خوشنىلىردىن ئاڭلاپ دەرھال دوختۇرخانىغا يۈگۈردى. قىز كەلگەندە دادىسى كارۋاتتا بۇرنىغا ئوكسىگىن شىلەنكىسى تىقىقلىق ھالدا كۆزىنىمۇ ئاچماي ياتاتتى، شۇ دەرقەمدە قىز ئانسىغا ئېسىلىپ شۇنچىلىك قاتتىق يىغلىدىكى. قىز ئۆزى ئۈچۈن يىغلىدىمۇ، ياكى دادىسى ئۈچۈن يىغلىدىمۇ بۇنى ھىچكىم بىلمەيتى. ئانىسى قىزنىڭ بۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا بۇنچىلىك جۈدەپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ئەنسىرەپ قالدى: قىزىم، سىزگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟
قىزنىڭ بۇ ئىشنى ھىچكىمگە بىلدۈرگۈسى يوق ئىدى. شۇڭا دەرھال كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ ئۆزىنى ئوڭشاپ دادىسىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى.
قىزنىڭ يۈرەك جاراھىتى تېخى ئۇنتىلماستىنلا دادىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشى ئۇنىڭ كۆڭۈل ئازابىنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىۋەتتى. ئۇ يىغلىدى، قاقشىدى، ھەتتا نەچچە كۈن تاماقمۇ يىمىدى. ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن تۈگۈشۈپ كەتسە بولمايتتى. ئۇ يالغۇز ئانىسنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن داۋاملىق ئىشلىمىسە بولمايتتى. يىگىت بۇ مەزگىلدە نەچچە قىتىملاپ تېلىفون قىلغان بولسىمۇ، قىز قەتئى كۆرۈشكىلى ئۇنىمىدى. تۇرمۇش بېسىمى ۋە خىزمەت ئالدىراشچىلىقىدا قىز ئۆزىنىڭ كۆڭۈل ئازابىنى ئۇنتىغاندەك بولدى.
بىر كۈنى يىگىت ئۆيىگە بالدۇرلا يېنىپ كېلىپ ئانىسىغا دەيدىغان گىپى بارلىقىنى ئېيتتى.
-- ئاپا، قارا سەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەنجۈر قېقى
-- كۈن غەرىپتىن چىقمىغاندۇ بۈگۈن، ئاغزىڭغا چىش چىقىپ تۇنجى قېتىم ئۆيگە ئەكەلگەن نەرسەڭغۇ بۇ.
ۋاي - ۋۇي ئاپا، يىگىت ئاپىسىنىڭ مۆرىسىنى ئۇۋلاپ خوشامەت قىلىشقا باشلىدى.
-- ئاپا، قارىسام كۈندە بىزگە تاماق ئىتىمەن دەپ تازا جاپا تارتىپ كىتىۋاتىسەن، بىرە ياردەمچى ئەكىلىمىزمۇ قانداق؟
ئانا ھەيرانىلىق ئىلكىدە ئوغلىنىڭ چىرايىغا قارىدى: بىرەرسى بىلەن تېپىشىپ قالدىڭمۇ نىمە؟
-- ئۇنداق بولسا بولمامدۇ؟ خان ۋالىدەم
-- دىمىسىمۇ سېنىڭ ئىشىڭنى ئويلىشىدىغان چاغمۇ كەلدى.
-- ئاپا ساڭا ئېتسام قارا، ئۇ قىز شۇنچىلىك چىرايلىق، بەكمۇ مۇلايىم، ئوقىغان، ئىشقىلىپ سېنىڭ بۇسۇغاڭدىن ئاتلىغۇچىلىكى بار.
-- سېنى بۇنچە كۆيدۈرگەن قايسى باغنىڭ گۈلىدۇ؟ بۇ يەكشەنبە ئۆيگە تاماققا ئەكەلگىن، داداڭ ئىككىمىز كۆرۈپ باقايلى؟
-- ئاپا، ئەتە ئۇنىڭ دادىسىنىڭ يەتتە نەزىرىسى ئىدى، دادام بىلەن پەتىلەپ بېرىپ كەلسەڭ.
-- نىمە...؟ دادىسى يوقمۇ؟ ئانا ھەيران بولغاندەك ئوغلىنىڭ كۆزىگە قارىدى.
-- نىمانداق قارايسەن، دادىسى كىتىپ قالسا خۇدانىڭ ئىلكىگە كەتتى شۇ. دىدى ئوغۇل غودۇرغاندەك تەلەپپۇزدا.
-- ئاپىسى نىمىش قىلىدۇ؟ ئۆيى نەدە؟ قانداق تونۇشقان؟ نەدە ئۇقىغان؟
-- قاچاندىن بۇيان دادامنىڭ ھوقۇقى ساڭغا ئۆتۈپ قالدى؟ دادامدىنمۇ ئۇستا سوتچى بولۇپ كىتىپسەن جۇمۇ؟ ئوخخو ....
-- ھەي جىنىم بالام، سەن بىزنىڭ ئۆينىڭ ئۈمۈدى، بىزگە كىلىن بولىدىغان قىزنى سۈرۈشتە قىلىش ھۇقۇقىمىز باردۇ؟
-- پەتىگە بارامسەن - بارمامسەن...؟
-- ئاۋال مەن كۆرەي
-- نەزىر ئۆگۈنلىككە، دادام بىلەن ئىكىكىڭلارنى ساقلايمەن. يىگىت بىرسىگە تىلفۇن قىلغاچ سىرىتقا ماڭدى.
ئانا شۇ ئولتۇرغان جايىدا ئولتۇرۇپلا قالدى. ئۇنىڭ تۇققانلارنىڭ يىراقلاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بىر نەۋرە ئاچىسى بىلەن پۈتۈشكەن ۋەدىلىرى نەدە قالدى؟ قانداق قىلىش كېرەك؟ ئوغلۇم چوقۇم مېنىڭ گىپىمنى ئاڭلايدۇ. _دەپ ئۆز - ئۆزىگە تەسەللى بەردى.
يىگىت بۈگۈن ئادەتتىكى ۋاقىتتىن خېلىلا بۇرۇن ئورنىدىن تۇرۇپ نەزىرگە بېرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. يىگىت ئۆزىنىڭ تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈرۈپ دوپپىسىنى ئالغاچ دادىسىغا قاراپ: سىلەرنى شۇ يەردە ساقلايمەن، مېنى يەرگە قاراتماڭلار جۇمۇ...؟ دەپ سىرىتقا ماڭدى.
يىگت قىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قولغا سۇ بېردىغان، ئاش توشىيدىغان ئۇششاق - چۈششەك ئىشلارنى تالىشىپ تۇرۇپ قىلىۋاتاتتى، ئۇ پات - پاتلا ئىشىككە قارايتتى، ئايىغى ئۈزۈلمەي كىلىۋاتقان ۋە ئۇزاپ ماڭغانلارنىڭ ئارىسىدا ئاتا - ئانىسىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. ئۇلار ئەمدى كىلىشى مۇمكىن دەپ ئۆزىگە تەسەللى بەرسىمۇ ئەمما نەزىر ئاللىقاچان ئاياقلاشقان ئىدى. ئۇ شۇنداق ھارغىن ۋە روھسىز قايتىپ كەلگەندە، دادىسىنىڭ تىلۋۇزۇركۆرۈش، ئاپىسىنىڭ تاماق ئىتىش بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق چېچىلدى.
-- مەن شۇنچە دىسەم بارمىدىڭلار، ئۆلۈم دىگەن ھەممە ئادەمنىڭ بېشىدا بار ئىشقۇ، سىلەر بۇ ئىشقا قەتئى قوشۇلمايسىلەر شۇنداقمۇ؟
دادىسى كۆز ئىشارىسى قىلىپ، ئاناڭدىن سورا دىگەندەك كۆرسەتتى.
-- ياخشى، ئۇنداق بولسا ئۆزەمنىڭ ئىشىنى ئۆزەم بىرتەرەپ قىلاي، مېنىڭمۇ بۇ ئۆيدە تۇرغىچىلىكىم قالمىدى. _دەپ ئىشىكنى قاتتىق يېپىپ چىقىپ كەتتى.
ئۇ راستىنلا بىر ھەپتىگىچە ئۆيگە قايىتمىدى. دادىسى ئوغلىنىڭ سىرىتتا يامان كىشىلەرگە ئارلىشىپ ئىش چىقىرىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ: ئۇ كەلمىگىلى بىر ھەپتە بولدى، مەن بارايلى دىسەم، سەن ئۇنىمىدىڭ، ئۇ راستىنلا قايتىپ كەلمىسە قانداق قىلمىز؟
-- ئوغۇللىرىنى بىلمەمتىلە دادىسى، ئۇ چۇ جاپا مۇشەققەت تارتىپ باقمىغان، يېنىدىكى پۇللىرى تۈگەپ ئاچ قالغاندا قايتىپ كېلىدۇ، بولدى ئەنسىرمىسىلە.
يىگىت سىرىتتىن ئادەتتىكى بىر كىچىك ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرىدۇ. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە يىگىتنى ئىدارىسىدىن خىزمەت ئىشى بىلەن يىراق يېزىغا بىر ئايلىق ئەۋەتىدۇ. كىتىدىغان كۈنى يىگىت قىز بىلەن خوشلىشىۋېلىشنى ئويلاپ تېلىفون قىلغان بولسىمۇ قىز كۆرۈشۈشنى قەتئى رەت قىلدۇ. يىگىت قاتتىق ئۇمۇدسىزلىنىپ يولغاچىقىدۇ.
قىز خىزمەتنىڭ ئادىراشچىلىقىدا بارلىق كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنۇتقاندەك بولغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە قىزدا غەيرى ئالامەت كۆرۈلدى، قىز كۆڭلىدە گۇمان قىلغانسىرى ئەندىشىسى كۈچىيىشكە باشلىدى. قىز چوڭ دوختۇرخانىلارغا بېرىپ تەكشۈرتسە بىرەر تونۇشلىرىنىڭ ئۇچىراپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، شەخسى ئاچقان كىچىك بىر ئامبۇلاتۇرىيىگە بېرىپ تەكشۈرتتى. ئۇ دىئاگنۇز قەغىزىگە قاراپ توك سوققاندەك بولۇپ ھۇشىدىن كەتتى.
قىز قولدىكى دىئاگنۇز قەغىزىنى چىڭ پۇرلىغىنىچە كاللىسىدا ھەرخىل ئويلار بىلەن نەگە مېڭىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمەي كىتىپ باراتتى، تېلىفوننىڭ تۇيۇقسىز سايرىشى ئۇنى خىيال دۇنياسىدىن رىئاللىققا ئەكەلدى. ئېكراندىكى ناتۇنۇش بۇ نۇمۇرغا قاراپ كىمدۇ دىگەنلەرنى ئويلاپ تېلىفوننى ئالدى.
-- ۋەي، تىچلىقمۇ؟
-- قانداق خېنىم، بارمۇ يە؟
-- كىمۇ؟
-- مېنى تونۇمىدىڭىزما؟ تۇۋا شەرىڭلىگە كېلىپ قويساق تۇنىماسقا سالىدىغان گەپما؟
-- قىز بىر ئاز ئويلىنىپ بۇ ئاۋازنىڭ تولىمۇ تونۇشلىقىنى ھىس قىلىپ بىر ئىشىنىپ بىر ئشەنمەي: نۇر ئەلىما؟ دىدى.
-- يائاللا، ھەرھالدا ئىسمىم بولسىمۇ ئىسىڭىزدىكەن، خۇداغا شۈكىرى.
-- بۇيەرنىڭ تېلىفون نۇمۇرى تۇرىدىغۇ؟ بۇيەرلەرگە كىلىپ قالمىغانسىز؟
-- سىزنى سغېىنىپ كەپقالدۇققۇ قانداق بولماپتىما؟
يېڭىلىققۇ بۇ؟ _دىدى قىز كۈلۈمسىرەش ئارلاش ھەيرانلىق ئاۋازدا. بۇ بىر دەقىقىدە قىز بىلەن نۇر ئەلى تەڭلا ئالي مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان چاغلىرىدا مۇھەببەتلەشكەن يېرىم يىللىق مۇھەببەت تارىخىنى ئەسلىدى.
-- چاقچاق قىلماڭ جۇمۇ يۈرەك كېسىلىم قوزغۇلۇپ قالمىسۇن يەنە _دىدى: -كۈلۈپ،
-- يىغىنغا كەلگەن، ئاران بىر كەلگەندە كۆرۈشۈپ ماڭاي دەپ تېلىفون قىلغان.
-- سىز نەدە؟ مەن باراي، بىكار يۈتۈپ كەتمەڭ يەنە
ئالي مەكتەپكە بارغان تۇنجى يىلى نۇر ئەلى بازار ئايلانغىلى چىققاندا يولدىن ئېزىپ قالغانىدى، كېيىن بۇنى قىززىقچىلىق بولسۇن دەپ قىزغا دەپ بەرگەنىدى.
-- ئەمدى چوڭ بولدۇق، يۈتۈپ كەتمەيمىز جۇمۇ مەن پىيادىلەر كوچىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا سىزنى ساقلايمەن.
قىز ماقۇللۇق بۈلدۈرۈپ تېلىفوننى قويدى.
نۇر ئەلى قىزنى كۆرۈپ بۇرۇنقى ئوتلىرى قوزغالغاندەك بولۇپ كۆزلىرى بۆلەكچە نۇرلىنىپ كەتتى.
ئۇلار ئىككىسى پاراڭلاشقاچ ئالاھىدە بېزەلگەن تىز تاماقخانىغا كىردى. دەل مۇشۇ چاغدا قىز بىلەن كۆرۈشەلمەي تاقىتى تاق بولغان يىگىت قىزنىڭ باشقا بىرسى بىلەن ماڭغىنىنى كۆرۈپ ئەرۋاھى قىرىق گەز ئۆرلىدى،__توۋا، مەن تېلىفون قىلسام ئالمايدۇ، ئەسلى باشقىلار بىلەنمۇ چاتىقى باركەندە. ۋۇي پاسكىنا رەسۋا، قاراپ تۇر، مېنى ئالدىغىنىڭغا پۇشايمان قىلغۇزىۋەتمىسەم. دىگەنلەرنى ئۇيلاپ ئۆزىنى چەتكە ئالدى.
ئۇلار تاماقنى بۇيرۇتۇپ قويۇپ ئوز پاراڭلىرىنى قىلىشقا باشلىدى.
-- ئەگەر ماڭا تەغدىر يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بەرگەن بولسا چوقۇم سىزنى قەدىرلىگەن بولاتتىم _دىدى. _دە قىزنىڭ قولىنى تۇتۇشقا ئۇرنىۋىدى قىز دەرھال قولىنى تارتىۋالدى.
-- بۇنداق قىلماڭ، مېنىڭ يىگتىم بار، بۇرۇنقى ئىشلار ئاللىقاچان ئۆتكەن، بىز ئۇنتالمىغۇدەك ھىچقانداق ئىشلار بولمىغان. ئۇ چاغدىكى مۇھەببەتنى گۈزەل چۈشنى كۆرگەندەك ھىس قىلىپ ئۇنتۇپ كېتىڭ.
-- بىراق مېنىڭ بۇ گۈزەل چۈشۈمدىن پەقەتلا ئويغانغىم يوق
-- سىز مېنى خاتا چۈشەنگەن ئوخشايسىز، بىز ئىككىمىز ئوخشمىغان دۇنياغا تەۋە ئادەملەرمىز، بۇرۇنمۇ شۇ سەۋەپتىن ئايرىلىپ كەتكەن، بۈگۈن بۇ يەردە پەقەت سىز بىلەن يىل بىر سىنىپتا ئوقىغان ساۋاقداشلىق يۈزىدىنلا ئولتۇرۇپتىمەن.
-- ياق، ماھىرە، بۇرۇن مەن خاتا قىلغان، مەن ناماقۇل، سىز نىمە دىسىڭىز مەن شۇنى قىلاي، ماڭا پەقەت بىرقېتىم بۇرۇنقى خاتالىقلىرىمنى تۈزتىدىغان پۇرسەت بېرىڭ.
-- مەن سىزگە دىدىمغۇ مېنىڭ ئوغۇل دوستۇم بار. مېنى ئادەتتىكى ساۋاقدىشىڭىز قاتارىدا كۆرسىڭىز قانداق چاغدا كەلسىڭىز مانا مەن تەييار، قولۇم كۆكسۈمدە، بىراق باشقىچە خىيالدا بولسىڭىز، كەچۈرۈڭ، مېنى بۇنىڭدىن كىيىن ئىزدىمەڭ.
بۇيرۇتۇلغان تاماق كۆڭۈلسىزلىك بىلەن يىيىلدى.
قىز بويىدا قالغانلىقىنى بىلگەندىن باشلاپ يىگىتىگە ئېيتىش ياكى ئېيتماسلىق ھەققىدە خېلىلا ئويلاندى. ئاخىرى جۈرئەتكە كېلىپ تېلىفون قىلدى.
-- ۋەي، بۇ مەن...
-- ئاڭلىدىم، ھە نىمە، بۈگۈن كۈن نەدىن چىققاندۇ؟ ھەجەپ تېلىفون قىلىپ قاپتۇققۇ؟ دىدى يىگىت توڭلۇق بىلەن.
قىز بىر ئاز ئىككىلىنىپ: سىز بىلەن كۆرىشىدىغان بىر ئىش بار ئىدى، شۇڭا...
-- نىمانداق تېلىفون قىلسام ئالمايدىغاندۇ دىسەم، يېڭىدىن بىرنى تۇتىۋاپسىز، مۇبارەك بولسۇن. قارىغاندا مەندىن بەكىرەك كۈچلۈك ئوخشايدۇ.
-- نىمىلەرنى دەپ يۈرۈيسىز؟ قىز ھىچنىمىنى ئاڭقىرالمىغان ھالدا تېلىفوننى تۇتۇپ تۇرۇپلا قالدى.
-- تاماقنى بەك كۆڭۈللۈك يەيدىكەنسىلەر، سىلەرگە شۇنچىلىك مەسلىگىم كەلدى. ھەقىقەتەنمۇ خۇدا قوشقان بىر جۈپلەردە.
يىگىتنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزىدىن ئاچچىق تەنە چىقىپ تۇراتتى.
-- شۇ ئىشمىدى؟ ئۇ مېنىڭ ئالي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم. بۇ يەرگە بىر ئىش بىلەن كەپتىكەن، كۆرۈشۈپ ماڭاي دەپ تېلىفون قىلغانكەنتۇق.
-- يەنە قايسى ئىش بولسا بولاتتى؟ مەن تېخى ئۆزۈم قىلغان ئىشقا ئۆزۈم ئىگە بولاي دەپتىكەنمەن، قارىغاندا مەن ئىگە بولمىساممۇ ئىگە بولىدىغانلار كۆپكەن، ماقۇل ئەمىسە خوش. يىگىت شۇنداق دەپلا تېلىفوننى قويىۋەتتى.
قىز خۇددى بېشىدىن بىر چېلەك سوغاق سۇ قۇيۇلغاندەك تىترەپلا تۇراتتى.
قانداق قىلىش كېرەك؟ قېنى؟ مەن ئالىمەن سىزنى بىر ئۆمۈر سۆيىمەن، بىر ئۆمۈر قەدىرلەيمەن دىگەن ۋەدىلەر؟ قېنى ۋاپادار يىگىتى؟ ۋاقىتسىز بۇزۇلغان قىزلىقنىڭ قىممىتى نەلەردە قالدى؟
قىز ئۆزىنى بىلىپ بىلمەي ئويىگە كەلدى. ئانىسىنىڭ قىلغان سۆزلىرى ئۇ قۇلىقىدىن كىرىپ بۇ قۇلىقىدىن چىقىپ كىتىۋاتاتتى. قىزنىڭ خىيالى پەقەت بۇ دۇنياغا كىلىش ئالدىدا تۇرغان ئوماق بوۋىقىدىلا ئىدى. بالام، جېنىم بالام، ئاپاڭنى كەچۈرگىن، ئاپاڭ ئامالسىز _دەپ قورسىقىنى سىلاپ ئۆز - ئۆزىگە نىدا قىلاتتى.
يىگىت تېلىغوننى قۇيۇپ، تازا بىر ئىچىپ بۇ ئىشلارنى بىراقلا ئۇنتۇپ كېتىش ئۈچۈن بىر قاۋاققا كىردى.
يىگىتكە بىللە ھەمراھ بولۇپ ئىچىشىۋاتقان خانقىز يىگىتكە توختىماي ھاراق قۇياتتى. ھەي، مەن ئەينى چاغدا ئاپام بىلەن سوقۇشۇپ سەندىن كەچسەم كىچىمەن، ماھىرەدىن كەچمەيمەن دىگەن، ئەمدىچۇ؟
يىگىت تۇختىماي سۆزلەيتتى، بىراق ئۇنىڭ گەپلىرىنىڭ بەزىلىرىنى بىلگىلى بولسا بەزىلىرىنى بىلىش تەس ئىدى. ئۇ خېلى چاغقىچە ئۆزى بىلەن ئۆزى گۇڭۇر - مۇڭۇر بىر نەرسىلەرنى دەپ ماھىرەنى تىللىغاچ دەلدەڭشىغىنىچە كەلمىگىلى بىر ئايدىن ئاشقان ئۆيىگە كەلدى.
ئۇ ئىشىكنى ئېچىپلا بۇسۇغىغا دۈم چۈشتى.
ئوغلىنىڭ بۇ ھالدا كېلىشىنى پەقەتلا خىيالىغا كەلتۈرمىگەن ئاتا - ئانا چۈچۈپ كىتىشتى. ئوغلىنىڭ ئورۇقلاپ بىر ئۇستىخان بىر تېرە بولۇپ قالغان چىرايىغا قاراپ چىدىمىغان ئانا ئوغلىنى يۆلىدى.
-- بالام ساقمۇسەن؟
-- كەچۈر ئاپا، سېنى خاپا قىلدىم، ماھىرەدىگەن بۇزۇقنىڭ كەينىگە كىرىپ سېنى كۆپ رەنجىتتىم.
يىگىت بىر نىمىلەرنى غوڭىلداپ بىر دەمدىلا ئۇخلاپ قالدى.
چوڭلار بىر نەرسىنى بىلگەندەك بولۇپ ئوغلىنى يۆلەشتۈرۈپ ياتاق ئويىگە ئەكىرىپ قويدى...
قىز ئۆزىنىڭ خاتالىقى تۈپەيلىدىن بۇ دۇنياغا بالدۇر تۆرۈلۈپ قالغان بالسىنى ئامالسىز ئالدۇرىۋېتىش قارارىغا كەلدى.
مۇ شۇ مىتۇتلاردا قىز، دىققەت قىلىڭ، بالىغا تەسىر يىتىپ قالمىسۇن، قۇۋەتلىكرەك يەڭ، ئېغىر ئىشلارنى قىلماڭ، بولدى سىز ئارام ئېلىۋېلىڭ، دىگەن دەك غەمخورلۇق، كۆيۈنۈش سۆزلىرىنى ئاڭلاشقا نەقەدەر تەقەززار ھە؟ بىراق بۇ سۆزلەرنى ئۇنىڭغا دەيدىغان ھىچكىممۇ يوق. قىز شۇلارنى ئويلاپ تاڭنى ئاتقۇزدى. قىز بۇ ئىشلارنى يەنىلا يىگىتكە دىيىشنى توغرا تاپتى.
قىز ئۆزىگە يادا بولۇپ كەتكەن نۇمۇرنى باستى. قارشى تەرەپتىن تاشمۇھەممەتنىڭ جىمى گۇناھ ئۆزەمدە دىگەن ناخشىسى ئاڭلاندى. توۋا، تېخى ئۈلۈشكۈنلا سەنسىز ياشىيالمايمەن دىگەن ناخشا چىقاتتىغۇ؟
-- نىمە؟ يەنە تېلىفون قىلىپ قاپتۇققۇ؟
قىز بۇ قېتىم كۆزىنى يۇمۇپلا؛ بۇيۇمدا قاپتۇ دەۋەتتى. يىگىت خاتا ئاڭلاپ قالدىممۇ نىمە دىگەندەك: نىمە، _دەپ قايتا سورىدى.
-- بويۇمدا قاپتۇ. ھازىر ئايلىقتىن ئېشىپتۇ.
يىگىىت ئويلىماي دېسىمۇ، قىزنىڭ باشقا بىر يىگىت بىلەن تاماق يىگىنى كۆز ئالدىغا كىلۋالدى.
-- شۇنداقمۇ؟ دىدى يىگىت پەرۋاسىزلا.
-- ئالدۇرۋىتەي دىگەن، شۇڭا سىزنى بېرىشىپ بىرەمدىكىن دەپ،
-- شۇڭا تېلىفون قىلغانما؟ دادىسىنىڭ كارى بولمىدىما؟
-- نىمىلەرنى دەپ يۈرۈيسىز؟ بۇ بالا سىزنىڭ تۇرسا،
-- ھوي خان، كاللىڭىزنىڭ دەردى بارمۇ يە؟ مەن كىمنىڭ دادىسى ئىكەنمەن؟ قانداق ساراڭ نىمە بۇ، _دەپ تېلىفوننى قويىۋەتتى.
قىزنىڭ بېشىدىن تۈتۈن چىقىشقا باشلىدى، قانداقمۇ قىلارمەن؟ نەگىمۇ بېرىپ قىلارمەن؟
قىز كۆز ياشلىرىنى سۈرتكىنىچە ساراڭلاردەك مەنزىلسىزلا مېڭىۋاتاتتى. كەچتە ئۆيگە كەلگەندە بولسا سائەتنىڭ ئاللىقاچان دىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدى. ھېلىمۇ تەلىيىگە ئاپىسى ھاممىسىنىڭ ئۆيىگە قونغىلى كەتكەنىدى.
قىز ئەتىسى سەھەردىلا دوخىتۇرخانا ئۇقۇشقىلى ماڭدى، بۈگۈن ئىشلىرىنى بىجرمىسە يەنە بىر ھەپتىگە قالاتتى. قىز شەھەر سىرتىغاراق جايلاشقان بىر دوختۇرخانىغا كەلدى. قىز تۇغۇت كارۋىتىدا يېتىپ قىزلىقى يوقالغان ئاشۇ كۈننى ئەسلەپ كۆزلىرىدىن ياش توختىماي قۇيۇلاتتى.
-- بودى كىل، بۇداك كىزلا سىزلا مۇ، كوپ كوپ كادى بۇ ياگا: _دەيتتى خەنزۇ دوختۇر ئۇيغۇرچىنى بۇزۇپ سۆزلەپ.
ئالاھەزەل سائەتتىن كىيىن دوختۇر بالىنى ئېلىپ بولدى.
-- كارا، ئوگول بالاكان.
ماھىرە دوختۇرنىڭ ئالقىنىدا تۈگۈلۈپ ياتقان بۇ كىچىككىنە ئوغۇل بوۋاقنى قولىغا ئېلىشقىمۇ مادارى يەتمەيتتى، بوتۇلكا ئاسما تۈگۈگىچە قىز تۇغۇت كارۋىتىدا نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى ئويلاپ ياتاتتى. قىز بېلىنىڭ ئاغرىقىغا چىدىمىسىمۇ چىشىنى چىشلەپ ئورنىدىن تۇردى. بايام دوختۇر قەغەزگە ئوراپ خالتىغا سېلىپ قويغان بالىسىنى ئېلىپ پۇتلىرىنى تەستە يۆتكەپ بۇ يەردىن تىزراق چىقىپ كىتىش ئۈچۈن سىرىتقا قاراپ ماڭدى. قىز سىرىتقا چىقىپلا كىرا ماشىنىسى توسۇپ ئۆيگە قاراپ يول ئالدى. قىز ئۆيگە كىرىپلا ياتاق ئۆيگە ئارام ئېلىشقا ماڭدى.
-- تاماق يىدىڭىز مۇ؟ قىز جاۋاپ بەرمىگەچ ئانىنىڭ سۆزى ھاۋادىلا لەيلەپ قالدى. قىز كارۋىتىدا ياتقاچ نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى ئويلىدى. ئالي مەكتەپ تۇرمىشى، قايتىپ كەلگەن بۇ بىر نەچچە يىللىق تۇرمۇش قىزنى خىلىلا ھالسىراتقانىدى. قىز ئاخىرى بۇ شەھەردىن ئايرىلىشنى قارار قىلدى، قىز ئۆزىنى بۇ شەھەردە يەنە باش كۆتۈرۈپ ياشاشقا يۈزۈم قالمىدى دەپ توختىماي ئەيىپلەيتتى.
ئەتىسى سەھەردىلا قىز قولىغا قەغەز - قەلەم ئېلىپ يېزىشقا باشلىدى.
مىنىڭچە بۇ خەتنى ياخىشىمۇ سىز دەپ باشلىسام تولىمۇ بىمەنىلىك بولىدۇ، _دەپ ئويلايمەن، بەلكىم سىز بۇ خەتنى كۆرگەن چېغىڭىزدا مەن بۇ يەردىن كەتكەن بولىمەن، سىز مېنى ئاشۇ كۈنى خاتا چۈشەندىڭىز، مېنىڭ بۇيەردە بۇنى سىزگە قايتا چۈشەندۈرىشىمنىڭ ئورنى يوق. چۈنكى سىز ماڭا ئىشەنمىگەندىنكىيىن چۈشەندۈرسەممۇ بەرىبىر، لېكىن ئېسىڭىزدە بولسۇنكى مەن سىز بىلەن ئارلىشىۋېتىپ باشقا بىرسى بىلەن يۈرۈش ئەمەس تىكىلىپ قاراشنىمۇ راۋا كۆرمەيتتىم، بىراق سىز مەندىن قەستەن قۇسۇر چىقىرىپ مېنى ھاقارەتلىدىڭىز، مېنى خارلىدىڭىز .....
سىزگە سەمىمىلىك بىلەن شۇنىلا دەپ قويۇشنى زۆرۈر تاپتىم. بىرنىڭ ھەققى باشقا بىرىدە قالمايدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە توي قىلغان قىزىڭىزنىڭ پاك قىز بولىشىنى تاما تاتماڭ، چۈنكى سىز مېنىڭ پاكلىقىمنى ئالغان، بىراق قەدىرلىمىدىڭىز. بۇنى سىزدىنمۇ كۆرمەيمەن، مېنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقىم سىزگە ئىشەنگەنلىگىم. سىزنى سۆيگەنلىكىم، سىزدىن نەپرەتلىنىمەن. سىزنى ئۆمۈر بويى قارغايمەن، ھەربىر قىتىم كەمسىتىلگەندە سىزگە بولغان ئۆچمەنلىك ئازابىم كۈچەيسە كۈچىيدىكىن ھەرگىز سۇسلىمايدۇ، بىر ئۆمۈر، ئايالنىڭ نىمىلىكىنى، بالىنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەي ئۆتۈپ كەتسىكەن دەيمەن
ئەلۋىدا..........
سىزگە ئاخماق بولغان ماھىرەدىن؛
قىز خەتنى چىرايلىق قاتلاپ ئەتتىگەنلىك ناشتىنى قىلدى _دە كېچىچە ئوزىگە ھەمراھ بولۇپ ياتقان بالىسىنى ئاپىسىدىن يۇشۇرۇنچە ئاق داكىغا ئورىدى.
قىز چۈشلۈك ئارام ئېلىىشقا ئاز قالغاندا يەنە بىر ئىشخانىدىكى يىگىتىگە قاراپ پەس ئاۋازدا: چۈشتە سىزگە بېرىدىغان بىر نەرسە بار ئىدى، كەتمەي تۇرۇڭ. دېدى.
چۈشتە قىز يىگىتكە داكىغا ئورالغان كىچىككىنە نارسىدەنى سۇندى.
-- بۇ نېمە؟ دېدى يىگىت پەرۋاسىزلا.
-- ئاۋال كۆرۈپ باقمامسىز؟ بۇسىزنىڭ ئۆز پۇشتىڭىز.
يىگىت بىر نەرسىنى بىلگەندەك قولىغا ئالغىلى ئۇنىمىدى.
-- مەن ھازىر بالىنى كۆمۈۋەتكىلى باراتتىم، بارغىڭىز بولسا بىللە بارايلى.
-- مېنىڭ ئىشىم ئالدىراش. ئۆزىڭىز بېىرىڭ دېدى يىگىت ئىشخانىنىڭ ئىشىكىنى قاتتىق يېىپىپ چىقىپ كەتتى. قىز چوڭقۇر نەپەس ئالدى _دە كۆزلىرىگە لىققىدە ياش كەلدى. قىز بىر ماشىنىنى كىراقىلىپ تېخى ئاي ئىلگىرى دادىسىنى دەپنە قىلغان بۇ زاراتكارلىققا ئەمدىلىكتە ئوغلىنى كۆمۈشكە كەلدى. قىز دادىسىنىڭ تۇپراق بېشىنى يىراقتىن كۆرۈپلا ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئۈن سېلىپ يىغلىدى. جېنم دادا، مەن كەلدىمغۇ دادا، ئالدىڭغا شۇنچىلىك سەت كەلدىمغۇ دادا، مېنىڭ قىلغان گۇناھلىرىمنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتامدىغانسەن دادا، ھەممىگە قادىر ئۇلۇغ ((اللھ)) دادام ماڭا قىل دەپ ئۆگەتكەن ئەمەس، ھەركىم ئۆز گۇناھىغا ئۆزى ئىگە بولسۇن ((اللھ))، ئاكامنىڭ بالىسىغا شۇنچىلىك كۆيەتتىڭ دادا، مېنىڭ بالامغىمۇ شۇنچىلىك كۆيەرسەنمۇ دادا، بۇ مېنىڭ پۇشتۇمغۇ دادا، ئۇنىڭ تۇمۇرىدىكى ئېقىش ئالدىدا تۇرغان قاننىڭ يېرىمى مېنىڭغۇ دادا، مېنى كەچۈر دادا .............
قىزنىڭ نالىسى ھىچبىر تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ئېدى، قىز دادىسىنىڭ تۇپراق بېشىغا قويۇلغان ياغاچ رىشاتكىغا ئېسىلىپ قانچىلىك يىغلىغىنىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى. قىز بىر چاغدا كۈننىڭ ئاللىقاچان ئولتۇرۇپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ داكىغا ئورالغان بالسىنى كۆمۈشكە باشلىدى، قىز قولى بىلەن كولىغاچقا تىرناقلىرى قاناپ كەتكەنىدى، قىز بالسىنىمۇ دادىسىغا ئوخشاش يىغلاپ تۇرۇپ كۆمدى
قىزنىڭ كۆزى قىزىرىپ ئىششىپ كەتكەن ئىدى. قىز ئۆزىنى خېلى تەستە تۇتىۋېلىپ كۆزى قىيمىغان ھالدا زاراتكارلىقتىن ئايرىلدى.
قىز يولدا كېلىۋېتىپ يىگىت بىلەن مۇھەببەتلەشكەن بۇ بىر يېرىم يىل جەريانىدا تۇنجى ھەم ئەڭ ئاخىرقى سوۋغىسى تېلىفونغا ئاسىدىغان كىچىككىنە قاشتېشى توشقاننى تېلىفونىسىدىن تارتىپ چىقاردى _دە ئۇنى قايتۇرۋېتىشنى ئويلىدى. قىز كۆڭلىدە بۇ قاشتېشى توشقاننى يىگىتكە بىۋاستە بەرمەي ئۇنىڭ خەت ساندۇقىغا سېلۋېتىشنى توغرا تاپتى. قىز ئۇدۇللا تاللا بازىرىنىڭ ئالدىغا كىلىپ ماشىنىدىن چۈشۈپ بىر كونۋىرت ئالدى _دە قاشتېشى توشقاننى كونۋىرتقا سالدى.
يىگىت قىزنى باشقىلار بىلەن كۆرگەن شۇ كۈندىن تارتىپ ھاراققا خۇمار بولغاندەك كۈندە توختىماي ھاراق ئىچىپ مەستلا يۈرەتتى، ئىچىپ مەس بولغانلىرىدا بولسا ماھىرە، قاراپ يۈر، مەن ھاياتلا بولىدىكەنمەن سەن باشقىلار بىلەن تويۇڭنى قىلىمەن دەپ خام - خىيال قىلما، سېنى ئۆلتۈرۋېتىمەن، بوغۇزلىۋېتىمەن قانجۇق، رەسۋا، بۇزۇق دەپ - قىزنى غايىۋانىسىغا تىللاپ قارغايتى.
قىز سەھەردىلا ئىستىپانامىسىنى ئىدارە باشلىقىنىڭ ئۈستىلى ئۈستىگە قويۇپ: ئاپامنى خوتەنگە ئاپىرىپ داۋالىتاي دىگەن، ئەھۋالدىن قارىغاندا بىر ئىككى ئاي ئىچىدە كەپ بولالمىغىدەكمەن، ئاپامنىڭ بەكمۇ تۇققانلىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قالغۇسى باركەن، مەن بۇ يەردە ئىشلىگەن قىسقىغىنە يىل جەريانىدا ماڭا بەكمۇ ئاتىدارچىلىق قىلغانتىلە رەخمەت، بۇ يىللىق توخىتام ۋاقتىمۇ توشتى شۇڭا.....دىدى قىز بېشىنى توۋەن سېلىپ. ئىدارە باشلىقى ئېغىر تىنىق ئالغاندىن كېيىن ئاستا سۆز باشلىدى: ئىپادىڭىز ھەقىقىتەن ياخشى ئىدى، بىراق ئاپىڭىزنى دەپ قىلۋاتغان بولسىڭىز بۇمۇ مەيلى، بىراق قانداق چاغدا كىلىپ توختام قىلىشنى خالىسڭىز بىز ھەرۋاقىت قارشى ئالىمىز.
قىز ئىدارە باشلىقى بىلەن خوشلىشىپ چىقىپ ئۇدۇل ئاپتۇۋۇز بېكىتىگە بېلەت سېتىۋىلىش ئۈچۈن ماڭدى، قىز يولدا كېتىۋېتىپ يىگىتىنىڭ بىنا ئالدىدىكى خەت ساندۇقىغا ئاخشام سېلۋەتكەن كونۋىرىتنى ئېسىگە ئېلىپ قولىدىكى قاشتېشى توشقان سېلىنغان كونۋېرتنى سېلىشنى ئۇنتۇلۇپ قالغانلىقىنى ئويلىدى. بولدىلا، ئۆزەملا بېرەي دېگەنلەرنى كۆڭلىگە كەچۈرۈپ تېلىفوننى قولىغا ئالدى، قىز ئەمدىلا دىيىشكە تەمشىلۋىدى بىراق تىلفۇندىن: راسۋا بۇزۇق، شەرمەندە، باشقىلار كارغا كەلمىگەن بولسا مېنى ئىزدە مەن سېنى ھوزۇرلاندۇرۇپ قوياي، دومىلە قانجۇق دەپ تىللاپلا كەتتى، قىز نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي تېلىفوننى تۇتقىنىچە يىغلىغان پېتى يولنىڭ قارشى تەرپىگە ئۆتمەكچى بولۇپ يۈگۈردى، جاڭ قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ قىز ماشىنىنىڭ چاقى ئاستىدا قالدى، تېلىفونى بولسا يول بويدىكى چىملىقنىڭ ئۈستىگە چۈشتى، ئەتراپتىكى كىشلەر ئادەم ئۆلدى، ئادەم ئۆلدى دىيىشىپ ماشىنىنى چۆرىدەشتى. بىردەمدىلا قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرتىنىڭ تەكشۈرگۈچىلىرى نەق مەيدانغا كەلدى، قىزنىڭ يېنىدىن كىملىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھىچقانداق بىر نەرسە تېپىلمىغاچ ساقچىلار چىملىققا چۈشۈپ كەتكەن تېلفوندىن پايدىلىنىپ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق تېلفوندا پاراڭلاشقۇچىنىڭ نۇمۇرىنى تېپىپ تېلىفون قىلدى، بىراق يىگىت تېلىفوننى ئالمىدى. ساقچىلار قايتا قايتا تېلىفون قىلىش ئارقىلىق ئاخىر يىگىت بىلەن ئالاقىلىشىپ: بىز قاتناش چوڭ ئەتىرتىدىن، بۇيەردە ھېلىلا بىر قاتناش ھادىسىسىدە بىر قىز قازاقىلدى، بايا سىز بىلەن مۇشۇ تېلىفوندا پاراڭلاشقان قىزنىڭ كىملىكىنى ئېيتىپ بىرەلەمسىز؟ ئۇقىز بىلەن قانداق مۇناسىۋىتىڭىز بار؟ ئېغىر كۆرمەي غالىبىيەت يولى ئايلانمىسىغا بىر كەلسىڭىز.
يىگىت تېلىفوننى قانداق تىز قويغان بولسا شۇنداق تىز يىتىپ كەلدى. قىزنىڭ ئۈستۈنكى گەۋدە قىسمى ماشىنىنىڭ ئالدى چاقى ئاستىدا قانغا مىلىنىپ ياتاتتى. يىگىت ساقچىلار بىلەن كۆرۈشۈپ بۇقىزنىڭ خىزمەتدېشى ئىكەنلىكىنى، تېخى بۈگۈنلا ئىستىپا سوراپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى، يىگىتنىڭ كۆزى بىردىنلا قىزنىڭ چىڭ تۈگۈلگەن سول قولىدىكى قەغەزگە چۈشتى، يىگىت خېلىلا كۈچەش ئارقىلىق قىزنىڭ قولىدىكى قەغەزنى ئېلىپ كۆرۈپ قىزنىڭ قولىغا ئېسىلغىنىچە ھۆڭگىرەپ يىغلاپ كەتتى. مەن ساڭا زىيانكەچلىك قىلدىم، مەن سېنىڭ قاتىلىڭ، مەن ئۆلۈمگە لايىق دەپ توختىماي ۋاقىرايتتى. ساقچىلار يىگىتنىڭ ۋارقىراشلىرىدىن بىر ئاز گۇمانلىنىپ ئۇنى بىزگە ماسلىشىپ يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەپ بېرىڭ دەپ ئېلىپ كىتىشتى. يىگىت ساقچىلارغا بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە يۈز بەرگەن. ئىشلارنى تەپسىلى دەپ بەردى. ساقچىلاريىپ ئۇچىغا ئاساسەن قىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە خەۋەر قىلدى. قىزنىڭ ئانىسى بۇخەۋەرنى ئاڭلاپ ھوشىدىن كەتتى، ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى بولمايدۇ دە، يىغلىدى، قاقشىدى، ئاخىرى يەنە قىزنىڭ دەپنە ئىشلىرىنى بىرتەرەپ قىلدى، قىزنىڭ نەزىز كۈنى يىگىت قىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ نەزىزگە قاراشتى، بىراق ئۇنىڭ كۆزىدىن توختىماي ياش قۇيۇلاتتى. قىزنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرى يىگىتكە ئەجەپلىنىپ قاراشتى. يىگىت ئۆز ئازابىنى پەقەتلا يۇشۇرالمىدى. يىگىت قىزنىڭ ھويلىسىدىن ئاستاغىنە يېنىپ چىقىپ يىقىندىلا ئۈگۈنىۋالغان قاۋاققا بېرىپ يەنە ھاراق ئىچتى، بىراق بۈگۈن ئۇ بىللە ھەمراھ بولۇپ ئىچىشىدىغان ((خانقىز)) چاقىرمىدى، ئۇ ئۆزى يالغۇز توختىماي ئىچەتتى، لەۋلىرى مىدىرلايتىيۇ بىراق نىمە دىگەنلىكىنى بىلىپ بولغىلى بولمايتى، مۇلازىملار ئىشتىن چۈشىدىغان چاغ بولدى، ئەمدى قايتىپ باشقا ۋاقىتتا كېلىڭ، دېگەن چاغدىلا ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ سىرىتقا چىقتى، قاۋاقخانا ئالدىغا توختىتىلغان موتوسىكىلىتىنى مىندى، يىگىتنىڭ قۇلىقىغا قىزنىڭ توختىماي چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى، يىگىت ئاۋاز چىقىۋاتقان تەرەپكە موتوسىكىلىتنى بولىشىغىچە ھەيدەپ كىتىۋاتقاندا تۇيۇقسىز ئالدى تەرەپتىن بىر يۈك ماشىنىسى چىقىپ قالدى، يىگىت ئۆزىنى قاچۇرۇشىغا موتودىن قاڭقىپ كىتىپ يول قىرغىقىدىكى تاشقا باش قىسمى تىگىپ شۇ يەردىلا جان ئۈزدى...
مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىدا كۈن ئاۋال يېڭىلا قويۇلغان قەبرە يېنىدا يەنە بىر قەبرە كۆپەيدى....
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |